قارا كۆڭۈللەر 🧡 18-قىسىم

文摘   2024-08-29 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇنىڭ كۈلۈشىنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن زۇلپىيە ھەيران بولۇپ سورىدى .

- نېمانداق ساراڭدەك كۈلىۋېرىسىز؟ خەقلەر قارىشىۋاتىدۇ بىزگە؟

- ئەجىبا سىزنىڭ قىممىتىڭىز پۇل بىلەن ئۆلچىنەمدۇ؟ بىلەمسىز زۇلپىيە. دۇنيادا پۇلدىن قىممەتلىك نەرسىلەر بار. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس .

- سىز شۇنداق دەپ ئۆزىڭىزنى خوش قىلىپ ئولتۇرىۋېرىڭ. توغرا دەيسىز پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس. لېكىن پۇل بولمىسا سىز ھېچكىمگە لازىم ئەمەس.

شۆھرەت ئۈندىمىدى.

ئىككىسى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاشخانا سىرتىغا چىقتى.

- ئەگەردە يۈز مىڭ يۈئەن يەتمەيدۇ دەپ قارىسىڭىز مەن دادام - ئاپاملار بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىپ يەنە ئون يىگىرمە مىڭ يۈەن قوشۇپ بېرىشكە كۆندۈرەي،- دېدى شۆھرەت.

-شۆھرەت، سىز مېنى قەستەن ئەخمەق قىلىۋەتمەيدىغانسىز. ھازىر شەھەر ئىچىدىن سەكسەن كۋادرات مېتىرلىق ئاددىيراق بېزىلگەن ئۆي سېتىۋالساقمۇ ئىككى يۈز مىڭ يۈەنگە بېرىپ قالىدۇ. مەن سىز دېگەن ئەللىك كۋادرات مىتىرلىق قۇشقاچ كامىرىدەك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان قىز ئەمەس. ماشىنا سېتىۋالساقمۇ نىمكەش ماشىنا سېتىۋالمايمىز. چۇقۇم داڭلىق ماركىدىكى ماشنىلارنى سېتىۋالىمىز. ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە يۈز مىڭ يۈەن پۇل كېتىدۇ. تويلۇقۇمغا سېرىق سىنىتىسى كەم ئەمەس يۈزمىڭ كوي نەق پۇل قويىسىز. مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم تۈگىدى .

- بۇلارنىڭ ھەممىنى تويدىن ئىلگىرى ئۇرۇنلىشىم شەرتما.

- ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك شۆھرەت. جۇڭگو نۇپۇسى تەۋەلىكىدىكى ھەربىر يىگىت ئۆيلەنمەكچى بولسا ئۈچ شەرتنى ئادا قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن مۇقىم خىزمىتى بولۇشى، ئىككىنچىدىن ئۆي بولۇشى، ئۈچىنچىدىن ماشىنىسى قىلىش شەرت. سىز پەقەت بىر شەرتنى ئادا قىلدىڭىز. قالغان ئىككى شەرتنى ئادا قىلسىڭىزلا توينى قىلىۋەتسەك بولىدۇ .

- قېنى ئولتۇرۇڭ زۇلپىيە، ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى،- دېدى شۆھرەت پىيادىلىكلەر يولىنىڭ قاسنىقىدىكى قارىغاي تۈۋىگە جايلاشقان بىتون ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ،- سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك مەن پەقەت بىر شەرتكىلا چۈشىمەن. قالغان ئىككى شەرتنى تويدىن كېيىنگە قالدۇرۇپ قويايلى .

- نېمانداق ئەقىللىق سىز شۆھرەت،- دېدى زۇلپىيە ھازىرلا ئولتۇرغان ئورۇندۇقتىن چاچراپ تۇرۇپ،- دېمەك سىز تويدىن كېيىن ئىككمىزنىڭ مائاش كارتىسىغا ئۆي بىلەن ماشىنا ئالماقچى، شۇنداقمۇ؟ ھىم، قارىغاندا مەن بىلەن توي قىلىشقا سەل ئالدىراپ قالغاندەك قىلىسىز. مەن سىزگە بىر مەزگىل ۋاقىت بېرەي شۆھرەت. سىز يەنە بىر نەچچە يىل تويغا ئوبدانراق تەييارلىق قىلىڭ. مەن كەتتىم خوش .

- زۇلپىيە، بۇنداق يولسىزلىق قىلماڭ. سىز دېگەندەك ئىككى يۈز مىڭ يۈئەنگە ئۆي ئالساق يۈز مىڭ يۈئەنگە ماشىنا ئالساق، تويلۇقىڭىزغا يۈز مىڭ يۈئەن كەتسە، مەن بۇ تۆت يۈز مىڭ يۈەن پۇلنى نەدىن تاپىمەن؟- دېدى، شۆھرەت زۇلپىيەنىڭ ئالدىنى توسۇپ .

- مەن سىزگە يولسىزلىق قىلدىمما شۆھرەت. سىز بۇ جەمئىيەتكە ئوبدان نەزەر سېلىپ بېقىڭ. قايسى بىر شەھەرلىكنىڭ كەڭرى ھەم ئازادە بىنا ئۆيى، داڭلىق ماركىدىكى ماشىنىسى يوقكەن؟ سىزنىڭچە مەن يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالغاندىمەنمۇ؟ يەنە بىر گەپ مېنى تولا سوراققا تارتىپ تۆت يۈز مىڭ يۈئەن پۇلنى نەدىن تاپىمەن دەپ بەرمەڭ. پۇلنى نەدىن تېپىشىڭىزنى مەن بەلگىلەپ بېرەلمەيمەن سىزگە.

 زۇلپىيە گېپىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قالدى. شۆھرەت تۇرغان يېرىدە قاققان قوزۇقتەك قېتىپلا قالدى. زۇلپىيەنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ چاقىرىپمۇ يۈرمىدى. ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ قارا بىساتىنى ساتسىمۇ زۇلپىيە دېگەن تۆت يۈز مىڭ يۈەنگە چىقىش قىلالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى .

« ئا بولدىلا، ئالمىسام ئالماپتىمەن بۇ نايناقنى. نېمە چوڭچىلىق ئۇ؟ مەن يا مىليونىرنىڭ ئوغلى بولمىسام تۆت يۈزمىڭ كويغا خوتۇن ئالىدىغان. ناھايىتى كەلسە بىر مەزگىل ئازاپ تارتىمەنغۇ شۇ. ئەمدى قاراپ تۇر زۇلپىيە. بۈگۈندىن باشلاپ يۈرىگىمگە تاشنى قويدۇم. سەن تېلېفون قىلىپ ئىزدىمىگۈچە مەن سېنى ئىزدىمەيمەن. تېخى ماڭا شەرت قويۇپ كىتىشلىرىڭنى قارا. بىلىپ قوي مەن سېنىڭ شەرتىڭگە ئەمەس، سەن مېنىڭ شەرتىمگە كۆنسەڭ ئاندىن قىلىمىز بۇ توينى»

شۆھرەت ئۆز-ئۆزىگە غوتۇلدىغىنىچە پىيادىلەر يولىدا كېتىۋاتقاندا

ئالدىدا چىرايلىق بىر قىز ئۇچرىدى :

- ئاكا ياخشىمۇ سىز؟

- ياخشى ئۆزىڭىزچۇ. سىز مېنى تونۇمسىز؟- سورىدى شۆھرەت چىرايلىققىنا بىرقىزنىڭ تۇساتتىنلا ئىللىق چىراي ئېچىپ گەپ قىلغىنىغا ھەيران بولۇپ.

- ئاكا، مەن بوستان چاچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋاكالىتەن مال ساتقۇچىسى بولىمەن. شىركىتىمىز يىڭىدىن ئىشلەپ بازارغا سالغان بوستان چاچ ماركىسىدىكى چاچ يويۇش سويۇقلۇقىمىز چاچ چۈشۈشنى توختۇتۇش، كىپەك يوقىتىش، چاچنى جانلىق قىلىش، چاچ قۇرغاقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چاچ يىلتىزىنى چىڭىتىش قاتارلىقلارغا بىر قېتىم ئىشلىتىش بىلەنلا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ. مەھسۇلاتىمىز ئىشلەپ چىقىرىلىپ نەچچە ئاي ئىچىدىلا كەڭ خەلق ئامىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ھەم ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى. قىسقىسى مەنمۇ بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن چېچىم شۇ قەدەر جانلىق ھەم پارقىراق،- دېدى قىز ئەركىن قۇيىۋىتىلگەن چاچلىرىنى قولىغا ئېلىپ شۆھرەتكە كۆرسىتىپ تۇرۇپ. قىزنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك چىرايى، بۇلاقتەك كۆزلىرى، چۆچۈرىدەك كىچىككىنە بۇرنى ئويماقتەك ئېغىزى بىلەن ئۇستا بىر رەسسامنىڭ قولىدا پۈتۈن چىققان نادىر ماي بۇياق رەسىمگە ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ شۇنچىلىك يېقىملىق بولۇپ گۈلزارلىقتىكى ناۋاكەش بۇلبۇلنى ئەسلىتەتتى، - مەھسۇلات شۇنچىلىك ئىشەنچىلىك، سۈپىتى يۈز پىرسەنت كاپالەتكە ئىگە،- قىز ئۆزىگە يەۋەتكۈدەك تىكىلىپ تۇرغان يىگىتنى مېلىمنى ئېلىشتا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى دەپ ئويلىدىمۇ يەنە توختىماي سۆزلەشكە باشلىدى، - بۇ چاچ يۇيۇش سويۇقلۇقنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى بولسا جىگدە يىلىمى، شاپتۇل مېغىزى، تۇخۇم، قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ھەممىسى ساپ تەبىئي مەھسۇلاتلار. بىرەرنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقسىڭىز چۇقۇم رازى بولىسىز. ئەگەردە بىرلا قېتىمدا ئۈچ تال چاچ يويۇش سويۇقلۇقى سېتىۋالسىڭىز سىزگە يەنە ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز بار. شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان خۇشپۇراق ماركىسدىكى بەدەن سوپۇنى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ.

قىز گېپىنى تۆگىتىپ شۆھرەتكە قارىدى.

-ئاكا، مەھسۇلاتىمىز سىزگە ياققان بولسا بىرەرنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشنى خالامسىز؟ ئاكا……

شۆھرەت نەچچە ئون دەقىقە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئېسىگە كىلىپ دېدى :

- قىزچاق، سېتىۋاتقىنىڭىزنى چاچ يۇيۇش سويۇقلۇقلۇقى دېدىڭىزما؟

قىز شۇنچە گەپلىرىنى ئاڭلىماي ھاڭۋېقىپ تۇرغان يىگىتكە قاراپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى .

- ئاكا مەن شۇنچە كۆپ گەپ قىلسام بىر ئېغىزمۇ ئاڭلىمىدىڭىزما، - دېدى قىز كۈلكىسىنى باسالماي.

- ھە…شۇ… نېمىتى…ھېلىقى… ساتقان نەرسىڭىزنى مەن سېتىۋالاي،- دېدى شۆھرەت قىزنىڭ گۈزەل چىرايىدىن مەستخۇش بولغان ھالدا.

- ھېلىقى نەرسە ئەمەس… بوستان چاچ ماركىسىدىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى دەيمىز. … نېمە دەي؟ ئەمدى سىزنى… شۇنچە قىلغان گېپىمنىڭ ئارىسىدىن مۇشۇ ئىككى ئېغىز گەپنى بولسىمۇ ئېسىڭىزدە تۇتىۋالالمىغىنىڭىزغا نېمە دەي؟

- قىزچاق، بۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قانچە پۇل ؟

- بىرسى توقسان توققۇز كوي ئاكا. ناۋادا ئۈچ تال سېتىۋالسىڭىز بايا مەن دېگەندەك مۇكاپاتى بار .

 قىزنىڭ گۈزەل جامالىغا مەپتۇن بولۇپ قالغان شۆھرەت ئۇ قىزدىن مال سېتىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى. بۇرۇنلاردا كوچىلاردا مال ساتقۇچىلارنى ئۇچرىتىپ قالسا ئۇلاردىن مال سېتىۋېلىش تۈگۈل قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كىتەتتى. بۈگۈن نېمىشقىكىن بۇ ئوماق قىزنىڭ ئالدىدا ئەقلى-ھۇشى لال بولۇپ ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغانىدى.

- مەن ئىككى تال سېتىۋالاي.

- ماقۇل ئاكا، رەھمەت قوللىغىنىڭىزغا،- قىز ئىككى قۇتا چاچ يۇيۇش سويۇقلۇقىنى سۇلياۋ خالتىغا ئوراپ بەردى.

شۆھرەت قىزىل بولاق ئاتماقچى بولۇپ يانفۇنىنى چىقاردى. قىزمۇ بوينىغا ئېسىۋالغان ئىككىلىك كودنى تەڭلىدى. شۆھرەت قىزنىڭ ئىككىلىك كودىغا ئىككى يۈز يۈەن پۇل ئېتىپ بەردى .

- ئاكا، جېق ئاتتىڭىز. مەن سىزگە نەخ پۇل قايتۇراي،- قىز پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سالدى .

- بولدى قايتۇرماڭ. ئەگەر مېلىڭىز ياخشى بولسا سىزدىن يەنە داۋاملىق مال سېتىۋېلىشىم مۇمكىن. شۇڭا ماڭا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولامدۇ.

- ئەلۋەتتە بولىدۇ ئاكا. مەھسۇلاتىمىز ناھايىتى ئىشەنچىلىك. ئىشلەتسىڭىز چۇقۇم رازى بولىسىز. ئالاقىلىشىشىمىزغا قۇلاي بولۇش ئۈچۈن سىز مېنىڭ ئۈندىدارىمنى قوشىۋېلىڭ. مەن ۋاكالەتچى بولۇپ سېتىۋاتقان باشقا مەھسۇلاتلارمۇ بار. قالغىنى چەمبىرىكىمدىن كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەردە بۇ قېتىم سېتىۋالغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىن رازى بولسىڭىز دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

- ئەلۋەتتە بولىدۇ.

شۆھرەت قىزنىڭ ئۈندىدارنى قوشۇۋېلىپ كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى. ئۇ ئۆزىدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقان قىزنىڭ كەينىدىن قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردى .

« نېمە دېگەن چىرايلىق قىز ھە بۇ. ئاۋازىمۇ شۇنداق يېقىملىق، ئاڭلىغانسېرى ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ. زۇلپىيەدەك چوڭچى، ھاكاۋۇر ئەمەسكەن. ئاپلا،. ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سورىۋالماپتىمەن. بولدىلا، ئۈندىدارىنى قوشىۋالدىم ئەمەسمۇ. شۇنىڭدىن سورىۋالارمەن»

*************************

 شادىيە خىجالەت ئىلكىدە دىرىكتورنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھەركۈنى كەچتە يېرىم سائەت رۇخسەت سوراش ئۈچۈن دىرىكتورنىڭ ئالدىغا كىرىشكە تىلى قىسىلسىمۇ ئامال يوق ئىدى. ئوغلى قەيسەرنى ھەركۈنى كەچ سائەت بەشتىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە قويۇۋىتىدىغان بولغاچقا دىرىكتورنىڭ قېشىغا بېرىپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۈشىدىغانغا رۇخسەت سوراشقا مەجبۇر بۇلاتتى. شادىيە دەل سائەت بەش يېرىمدا ئىشتىن چۈشەتتى. ئۇ چاغدا قەيسەرنى ئەكەلگىلى بارسا قەيسەرنىڭ قاپىقى قېلىن چىرايىدىن بۇران چىقىرىپ تۇرىدىغان ئەر مۇئەللىمى ئۇنى گەپتە چېقىۋالاتتى.

- قانداق ۋاقىت قارىشىڭىز يوق ئايالسىز. بالىلارنى بەشتىن ئون بەش مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەندە قويۇپ بىرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بەشتىن قىرىق مىنوت ئۆتكەندە ئالغىلى كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ قارىڭە، باشقا ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىپ بولدى. مەن سىزنىڭ بىر بالىڭىز ئۈچۈن يىگىرمە مىنۇت ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ تۇرىمەنما بۇ يەردە. ياكى بىزنى مەكتەپتىن بالىلارنى بىرمۇ-بىر ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ بەرمىگۈچە كەتكىلى قويمىسا.

- كەچۈرۈڭ مۇئەللىم، مەن ھەر كۈنى سائەت بەش يېرىمدا ئىشتىن چۈشىمەن. بالىلارنى قويۇپ بېرىدىغان ۋاقىتقا مېنىڭ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىم ئۇدۇل كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى خوجايىندىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۈشىدىغانغا رۇخسەت سوراپ بولالمايدىكەنمەن. شۇڭا مېنىمۇ توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىز،- دېدى شادىيە مۇئەللىمگە ئۆتىنىش نەزىرى بىلەن قاراپ .

- ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق شادىيە. كېچىكسىڭىزمۇ سائەت بەشتىن يىگىرمە مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولۇڭ. ئەگەر بۇنىمۇ قىلالمايمەن دېسىڭىز، بالىڭىزنى يۆتكەپ باشقا مەكتەپتە ئوقۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ شادىيە شۇ كۈندىن باشلاپ دىرىكتوردىن قاتتىق گەپ ئاڭلىسىمۇ ھەركۈنى كەچتە يېرىم سائەت بۇرۇن رۇخسەت سورىماي ئامالى يوق ئىدى. ئاتا- ئانىسىغا قەيسەرنى ئېلىپ كىلىشنى ھاۋالە قىلىپ قۇياي دېسە ھېلىمۇ كىچىك قىزى گۈزەلنۇرنى بېقىۋاتقان بۇ جاپاكەشلەرگە ئېغىرچىلىقىنى سېلىۋىرىشنى خالمىدى. شادىيە دىرىكتورنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ئىشكنى چەكتى.

ئىچىدىن «كىرىڭ» دېگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن شادىيە قورۇنۇپقىنا ئىچىگە كىردى.

- ھە، يەنە سىزمۇ، نېمە ئىشىڭىز بار؟- سورىدى خام سىمىز كەلگەن دىرىكتور چېقىر كۆزلىرىنى شادىيەگە تىككىنىچە.

- دېرىكتور، بالامنى مەكتەپتىن قويۇپ بىرىدىغان چاغ بولدى شۇڭا……

شادىيە گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي يۇتىۋەتتى. ھەرقېتىم رۇخسەت دەپ كىرسە دېرىكتورنىڭ ئۇنىڭغا نەشتىرىنى سانجىيدىغانلىقى ئايان ئىدى. شادىيە ئۇنىڭ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتە ئۆتەيلى دېگىنىگە قوشۇلمىغان بولغاچقا دىرېكتور ئۇنى ھە، دېسىلا گەپتە چېقىۋېلىپ چەتكە قاقاتتى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章