بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 9-قىسىم (ئەپچىدە 20قىسىم)

文摘   2024-08-31 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۈسكۈنىنى يەنە ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدۇم.

بىردەمدىن كېيىن يولدىشىم كىردى.

- بۈگۈن بىر كۈن ياتساڭ ئەتە چىقىپ كېتىمىز..

- لېكىن سالامەتلىكىم..

- قانداق؟! بۇ ئېسىل ئايرىم ياتاقتا ئايرىم يېتىۋېرەيمىكىن دېگەنمىتىڭ.. پۇلنى ئۆزۈڭ چىقىرامسەن؟

- ياق.. ياق.. مەيلى، چىقىپ كەتسەك مەيلى..

- تولا يالغاندىن ئاجىز كۆرۈنىۋالما.. سېنىڭ جېنىڭ ئۇنچە بوش ئەمەس.. خېلى تاياقنى كۆتۈرگەن ئادەم سەن..

- دېمەك بۇ قېتىم مېنى ئەكېلىشىڭىز پەقەت سىنغا ئېلىش ئۈچۈنكەندە، - ئەتەي ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىۋاتاتتىم.

- ۋوي، گەپلىرىڭ باشقىچىغۇ.. ئەمىسە نېمە سەۋەبتىن بولسا بولاتتى.. تاياق يېگەنگە دوختۇرخانىغا ئەكېلىپ داۋالاتسام بولامتى..

- يا.. ياقەي.. سوراپ باقتىم..

- بۈگۈن بىركۈن تۇرىۋال.بەرىبىر بۈگۈننىڭكىنى تاپشۇرۇپ بولغان. ئەتە چىقىپ كېتىمىز..

يولدىشىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغىنى ئۈچۈن خوشال بولىۋاتاتتىم. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا مەن ئۇنىڭ مېنى خورلىغانلىقىغا ئائىت ماتېريال توپلىيالايتتىم.

- توختاڭ. بىر ئىشنى ئۆتۈنسەم بولارمۇ؟

- نېمە ئىش،- دېدى ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلمەي.

- يەنە ئىككى كۈن تۇرسام بولاتتى..

ئۇ ئاچچىقتا ئارقىسىغا ئۆرۈلدى.

- چىشىمنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ قويسام گەپلىرىڭ ئېشىپ كېتىپ بارىدىغۇ.. دوختۇرخانىدا ياتسام ئۆي ئىشى قىلماي ئارام ئالىدىكەنمەن دەپ شۇنداق قىلىۋاتامسەن.. -دېدى ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا.

- ياقەي، ھەددىممۇ، مەن ئىككى كۈن تۇرۇپ دوختۇرخانىدا ياخشىلىنىۋاتقان ھالىتىمنى تارتىپ تورغا چىقىراي دېگەن. شۇنداق قىلسام سىزگە ياخشى ئىنكاسلار كۆپرەك چۈشكۈدەك.

يولدىشىم بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

- ئەمدى كاللاڭ ئىشلىدى. مەيلى. شۇنداق قىل. ئىككى كۈن جىقراق نەرسە تارتىپ تورغا يوللا. مېنى ئاقلىمىساڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ..

- بىلىمەن. خاتىرجەم بولۇڭ، مۇمكىن بولسا..

- نېمە؟ يەنە نېمە گەپ؟ نېمانداق تەلىپىڭ جىق؟

- يېنىمغا كەلسىڭىز، ئىككىمىز بىرگە بىر سىن تارتايلى قانداق؟

يولدىشىم بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئەمەس ئۆزىنىڭ ئاقلاش نىيىتىدە يېنىمغا كەلگەنلىكىنى بىلەتتىم.

تېلىفوننىڭ كامىراسىنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈزىنى تۇتتۇم.

- كۆپچىلىك ياخشىمۇ، يولدىشىم ئىزچىل يېنىمدا ماڭا قاراۋاتىدۇ. مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىۋاتىدۇ.. كۆپچىلىكنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت..

يولدىشىم ئېكرانغا قاراپ كۈلدى. ئۇنىڭ ئادەتتە ئېچىلمايدىغان قاپىقى كامىراغا قارىغاندىلا ئېچىلاتتى.

ئىككىمىز تېلىفون ئېكرانىغا قاراپ ئامراق ئەر ئاياللاردەك گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن، تېلىفوننى قويدۇم.

- بۇنى ئۆزۈمنىڭ سىن نومۇرۇمغا چىقىرىپ قوياي..

- مەيلى. ماڭىمۇ يوللاپ قوي. مۇخپىر قىزغا يوللاپ بەرسەم.. ئۇ خەۋەرگە چىقىرىپ قويسۇن..

- مەن شۇ قىزنى قوشىۋالاي.. ئۆزۈم يوللاپ بەرسەم ئېنىق نۇسقىسى يوللىنىدۇ..

يولدىشىم ماڭا سەت قارىدى.

- قانداق؟! ئۇنىڭغا باشقا ئىشلارنى دەي دېگەنمىتىڭ؟

- ياقەي. شۇ..

- ئىشىڭ تۈگىدىمۇ؟ مەن قايتىمەن.. سىننى ماڭا يوللىۋەت.. - يولدىشىم چىقىپ كەتتى.

ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ قالدىم.

بايا ئۇ يېنىمغا كەلگەندە، يالغاندىن بولسىمۇ ماڭا ماسلىشىپ كۈلگەندە يۈرىكىم يېڭى يۈرىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدىكىدەك ئىللىپ قالدى. ئۇنىڭ ماڭا مۇھەببىتى قالمىغانلىقىنى بىلسەممۇ، يەنىلا بۇ يېقىنچىلىقنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىشنى خالايتتىم. گەرچە ئۇ مېنى توختىماي خورلاپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم يوقاپ كەتمىگەنىدى.

تۇيۇقسىز ياش ۋاقتىمىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

* * *

ئۇ چاغلاردا چېچىمنى يۈزۈمگە چۈشۈرىۋالاتتىم. شۇنداق بولغاندىلا باشقىلار مېنىڭ يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن چىرايىمنى كۆرمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم.

ئۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى ئەڭ ئېگىز تاغقا چىقتۇق. تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ پەسكە قاراپ باقتىم. ئەتراپ شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى. ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن تېلىفونۇمنى چىقاردىم.

- نېمە قىلىۋاتىسىز؟- دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.

- سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن بۇنداق چىرايلىق يەرگە كېلەلمىگەن بولاتتىم. خاتىرە قالدۇرىۋالاي..

تېلىفوننىڭ ئېكرانىدىكى ئۆزگىرىۋاتقان چاچ پوسۇنۇمغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.

- نېمە قىلىۋاتىسىز.. چېچىمنى بوغماڭ..

- ئىككىمىز يۈرۈپ چىرايىڭىزنىڭ ئوچۇق ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىدىم. چېچىڭىزنى بوغىۋالسىڭىز شۇنداق چىرايلىق بوپ كېتىدىكەنسىز..

ئېكراندىكى ئۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. چېچىمنى بوغىۋالسام راستىنلا باشقىچە جانلىق ھەم چىرايلىق بولۇپ قالىدىغىنىمنى تۇنجى ھېس قىلىۋاتاتتىم.

- چاچ بوغقۇچنى نەدىن تاپتىڭىز؟

- سىز ئۈچۈن سېتىۋالدىم،- ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى.

ئىككىمىز يېقىن تۇرۇپ بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن تاغنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدۇق.

- سىز بۇرۇن بۇنداق يەرگە كېلىپ باقمىغانمۇ؟

- ياق. ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان. چۈنكى مېنىڭ ماشىنام يوق. سىز مېنى ماشىنىدا ئەكەلمىسىڭىز، مەن ھەرگىز بۇنداق يەرلەرگە كېلەلمەيتتىم..

ئۇ قولۇمنى تۇتتى.

- بۇندىن كېيىن سىزنى دائىم ئەكېلىمەن.. دائىم مۇشۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ تۇرىسىز..

ئۇنىڭغا مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.

- توي قىلىپ قالساق ھەرخىل ساياھەت قىلىمىز. ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىمىز..

- ئىشىنىمەن. سىزگە تەگسەم چوقۇم بەختلىك بولىمەن..

ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قاراپ قويدۇم. بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە رومانتىك بىر كۈن ئىدى.

* * *

شۇ چاغدىكى رومانتىك ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بۈگۈنكىدەك يىرىك مۇناسىۋەتكە دۇچار بولىشىنى كىممۇ ئويلىغان. مۇشۇنى ئويلىسام توينىڭ زادى ئادەمگە نېمە بېرىدىغانلىقىغا جاۋاب تاپالماي قالاتتىم.

مۇھەببەت ساپ نەرسە، لېكىن مۇھەببەتكە پۇل ۋە مەنپەئەت قوشۇلغاندا ئۇ ساپلىقىنى يوقۇتۇپ پەقەت پۇل ۋە مەنپەئەت ئۈچۈنلا خىزمەت قىلاتتى. ئوتتۇرا ياشقا بارغان بىز بۇ ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلماي ئامالىمىز يوق ئىدى.

تۇيۇقسىز مالچى ھەدەمنىڭ ئۈندىدارى سايرىدى.

ئېچىپ ئۇ يوللىغان خەتنى كۆردۈم.

«ئۆزىڭىزنىڭ يارىسىنى سۈرەتكە تارتىپ ماڭا يوللاپ بېرىڭ. يوللاپ بولۇپ بۇ ئۇچۇرنى يۇيىۋېتىڭ»

تېلىفوننى قولۇمغا يارامنى سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يوللىۋېتىپ تېلىفوندىكى ئۇچۇرلار ۋە سۈرەتنى يۇيىۋەتتىم.

سەھەردە سېستىرانىڭ گەپ قىلىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم.

- ئويغاندىڭىزمۇ ھەدە، ئوكۇلىڭىز تۈگىدى.. بۈگۈن پەقەت دورا سۈرسىڭىزلا بولىدۇ..

- شۇنداقمۇ،- تەسلىكتە بېشىمنى كۆتۈرۈپ دەرىزىگە قاراپ باقتىم. قوياش چىقىپ بولغان بولۇپ ئېغىر ئۇخلاپ كەتكەنىدىم.

- توردا ئىككىڭلار بەك قىزىق تېما بوپ كېتىپسىلەر، ھەممەيلەن يولدىشىڭىزنى ماختاۋاتىدۇ.. - سېستىرا ماڭا باشقىچە قاراپ قويدى. قائىدە بويىچە ئۇ يولدىشىمىز ئىككىمىز ئوتتۇرىدىكى پاراڭنى ئاڭلىمىغانىدى، لېكىن ئۇ يەنە بىر ئىشلارنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى.

مۇخپىرنىڭ سىن قانىلىنى ئېچىپ ئىنكاسلارغا قاراپ باقتىم. بۇ قېتىم ناچار ئىنكاسلار پۈتۈنلەي يوق بولغان بولۇپ ھەممەيلەن يولدىشىمنى ماختاشقا چۈشۈپ كەتكەنىدى.

- كىچىك بالا دېگەن بەزىدە شۇنداق سۆزلەپ قالىدۇ..

- بۇ ئادەمنى تىللاپ ئۇۋال قىلغاندەك تۇرىمىز، راستىنلا ياخشى ئادەمكەن..

- ئايالى جېنىدا ھەممىنى قۇبۇل قىلىپ يولدىشىنى ياخشى دەۋاتسا بىز نېمە دېيەلەيتتۇق..

- قىزىق ئىش. ئايالى كەچۈرىۋەتسە تورداشلارنىڭ كەچۈرمىگىنى قىزىقتە.. باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كەلگەندە ھەممىمىز قەھرىمان ھە..

بۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ يۈرىكىم جايىدا چۈشتى، مېنىڭ سىن قانىلىقىمغىمۇ ئادەملەر قوشۇلغاندەك قىلاتتى.

ھېچ بولمىسا بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتىم. ئېغىر بىرنى تىنىپ قويغاندىن كېيىن تېلىفوننى ياندا قويدۇم.

- ھەدە، مەنمۇ يولدىشىڭىزنىڭ يامان ئادەملىكىگە ئىشەنمەيمەن.. ئۇ سىزنى بەكلا ئاسرايدىكەن..

- شۇ.. شۇنداق،- زورىغا كۈلۈپ قويدۇم.

- شۇڭا، مەنمۇ ياخشى ئىنكاس يېزىپ قويدۇم.. ئاستىغا سۈرسىڭىز، مېنىڭ ئىنكاسىممۇ چىقىدۇ..

ئىنكاسلارنى ئاستىغا سۈرۈپ سېستىرانىڭ ئىنكاسىنى كۆردۈم.

- مەن بۇ ئايالغا قاراۋاتقان سېستىرا، بۇ ئاكام ئايالىغا راستىنلا كۆيۈنىدۇ. گەپلىرىمۇ مۇلايىم. كۆپچىلىكنىڭ كىچىك بالىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ياخشى ئادەمنى قارىلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۇنيا يولدىشىمنى ئاقلاۋاتاتتى، قىزىق يېرى ئۇلارنىڭ ئاقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغىنى باشقىلار بولماستىن زىيانكەشىلىككە ئۇچرىغۇچى مەن ئىدىم.

- چۈشەندىم سىڭلىم رەھمەت سىزگە.

- ماۋۇ دورا. يەۋېلىپ قەغىزىنى تاشلىۋېتىڭ..

ئۇ ماڭا بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى. دورىنى ئېچىپ قەغىزىگە يېزىلغان خەتنى كۆردۈم.

«مەن ئاراڭلاردىكى ئىشلارنى بىلىمەن. مېنى ئايرىم ئىزدەڭ، سىزنىڭ ئاجرىشىشىڭىزغا ياردەم بېرىمەن»

خەتكە قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. سېستىرانىڭ ئارىمىزدىكى قايسى ئىشلارنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. لېكىن ئاڭلىغانسىرى تېنىم شۈركىنىۋاتاتتى. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بىزگە ھەۋەس قىلغان رولنى ئېلىۋاتقان سېستىرانىڭ ئاددىي ئادەم ئەمەسلىكىنى ئويلاپ تېخىمۇ قورقۇۋاتاتتىم.

قەغەزنى يىرتىپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىغاندىن كېيىن دورىنى ئاغزىمغا سالدىم-دە، قايناقسۇنى ئىچىۋەتتىم. دورىنى ئاچچىق بىلەن تەڭ يۈتىۋاتاتتىم.

دەرىزە ئالدىغا كېلىشىم بىلەن يولدىشىم بىر خالتا نەرسىنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىكتىن كىردى. بۈگۈن ئۇ خوشالدەك كۆرۈنەتتى.

- خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ؟- ئۇ خالتىنى يېنىمدىكى ئىشكاپقا قويدى.

- يا.. ياخشى بوپ قالدىم.. ئۆزىڭىزچۇ.. - گەپنى ئاران قىلىۋاتاتتىم.

- تۈنۈگۈنكى سىننىڭ ئۈنۈمى بوپتۇ، بىر ھەمكارلاشقۇچۇم توختامنى ئەسلىگە كەلتۈردى..

- شۇ.. شۇنداقمۇ؟! بەك ياخشى بوپتۇ..

- بالدۇرراق مۇشۇنداق قىلغان بولساڭ، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ئەمەسمۇ..

- مەن بالدۇر ئويلاشماپتىمەن. كەچۈرۈڭ..

- بۈگۈن يەنە بىرنى تارتايلىمۇ.. ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا تارتايلى..

- بولىدۇ مەيلى..

مەن تېلىفوننىڭ كامىراسىنى ئاچتىم. ئۇ ئىشكاپ ئۈستىدىكى ناشتىلىقنى كارىۋات ئۈستىلىگە قويدى.

- سۆيۈملۈك ئايالىم، ناشتىلىق قىلىۋېلىڭ..

تېلىفوننىڭ كامىراسىغا قاراپ تۆكۈلۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتىم. بۇنىڭ راست بولىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن بۇ راست ئەمەس ئىدى.

ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماق يېگەن جەرياننى تارتقاندىن كېيىن تورغا يوللىۋېتىپ تېلىفوننى ئۆچۈردۈم.

يولدىشىم تېلىفون ئۆچۈشى بىلەن ئورنىدىن تۇردى.

- يەۋېلىپ ئانچە مۇنچە بىر نەرسە يېزىپ ماڭا يوللاپ بەر، مۇخپىرغا يوللاپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەرنى ئۈزمىسەك بولمايدۇ.. بەك جىق چىقىرىپ كەتسەك باشقىلاردا گۇمان پەيدا قىلىپ قويىمىز..

- بولىدۇ. شۇنداق قىلىمەن. چوقۇم خەۋەر يازىمەن..

يولدىشىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تېلىفوندا يولدىشىم توغرىلىق ماقالە يېزىشقا باشلىدىم. ئامالنىڭ بارىچە ئۇنى ئاق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشاتتىم. يولدىشىمنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز بالامنى يالغانچىغا چىقارغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئۆچ بولۇپ كېتىپ باراتتىم. ماقالىنى يوللىۋەتكەندىن كېين سىن قانالغا قارىدىم. مۇخپىر باشتىن تارتىپ بولغان ئىشلارنى يىغىپ بىر سىن يوللىغان بولۇپ بالامنىڭ سۆزلىگەن ھالىتىگە خاتا بەلگىسى ئۇرۇلۇپ يالغانغا چىقىرىلغانىدى. سەۋەبى دادىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولالمىغاچقا ئۇ مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق دادىسىنىڭ دېقىتىنى قوزغىغان دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. ئىنكاسلار كۆپ بولۇپ بۇ قېتىم ھەممەيلەن بالامنى تىللاۋاتاتتى.

- مۇشۇ بەزى كىچىك بالىلار ئاتا- ئانىسىنى دۈشمەن قىلىپ قويىدۇ. شۇنداق ئىناق ئەر ئايالكەنغۇ، بۇ كىچىك بالا يالغان سۆزلەپ نېمە قىلىدۇ دەيمە..

- مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئاپامنى قوغدايمەن دەپ دادامغا ئۆچلۈك قىلىپ تولا يالغان سۆزلەيتتىم. بۇ بالىمۇ شۇنداق قىپتۇدە..

- دادىسى خىزمەتتە ئالدىراش بولغاچقا مۇشۇنداق قىلىپ مەۋجۈتلۇق تۇيغۇسى ئىزدەۋېتىپتۇ..

- مۇشۇنداق كىچىك بالىلارغا مەن بەك ئۆچ. يالغان سۆزلەپ باشقىلارنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ..

يۈرىكىم تېخىمۇ ئېچىشىشقا باشلىدى. بىچارە بالامغا راست سۆزلىمەسلىكنى ئۆگىتىپ يەنە يالغانچىغا چىقىرىپ قويغان ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنەتتىم.

 يولدىشىمنىڭ خاتالىقىنى يېپىپ، ماڭا كۆيۈنىدىغان بالامنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى يالغانغا چىقىرىشنىڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. لېكىن ئامالسىز ئىدىم.

«بالام. بىر كۈنى مېنى توغرا چۈشىنەرسەنمۇ؟! ئاپاڭ بەكلا ئامالسىز»

تېلىفونۇم سايرىشى بىلەن ياشلىرىمنى سۈرتتۈم. قېيىن ئاپامنىڭ نومۇرى ئىدى.

- ۋەي ئاپا. ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

- ئاپا، بۇمەن، سەن ياخشىمۇ؟ سېنى سېغىنىپ كەتتىم..

ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يىغامنى زورىغا تۇتۇپ لېۋىمنى چىشلەۋاتاتتىم.

- مەن ياخشى بالام. مەنمۇ سېنى سېغىندىم..

- مېنى كۆرگۈڭ كەلمىدىمۇ؟! نېمىشقا كەلمەيسەن..

- بارىمەن جېنىم بالام.. بارىمەن..

- دادام سېنى ئۇرىۋالمىغاندۇ.. ماۋۇ ئۆيگە كەل. شۇ چاغدىلا دادام سېنى ئۇرالمايدۇ..

- ياق بالام، داداڭ مېنى ئۇرمىدى.. سېنى چوقۇم كۆرگىلى بارىمەن. چوڭ ئاپاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا ھە..

خوش دېمەيلا تېلىفوننى قويىۋەتتىم. يىغلاپ سېلىشتىن قورقاتتىم.

تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالدىم. بالام ھازىر كىچىك، توردىكى ئىنكاسلارنى چۈشەنمەيدۇ. ئۆزىنىڭ يالغانچىغا چىقىرىلغىنىنى بىلمەيدۇ. بىر كۈنلەردە چوڭ بولۇپ شۇ خەۋەرنى كۆرگىنىدە، قانداق ھېسسىياتقا كېلىپ قالار، داۋاملىق راست سۆزلەشكە ئۈندەپ، يەنە راست گېپىنى يالغان قىلىۋەتكەن، ھەقىقەتنى يوشۇرغان مەندەك ئاپىسىنى كەچۈرەرمۇ؟!

 سېستىرا يېنىمغا كىردى.

- ھەدە، دورىنى يېدىڭىزمۇ؟

- شۇنداق. رەھمەت..

- يىغلاپسىزغۇ.. كۆزلىرىڭىز قىزىرىپ كېتىپتۇ..

- ياقەي، كۆزۈمگە بىر نەرسە كىرىپ كەتتى،- ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۇخانىغا كىرىپ كەتتىم. شۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ كۆزىدىن قۇتۇلالايتتىم.

سۇخانىدا ئۇزۇن تۇرۇپ سېستىرانىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۈتتۈم. شۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ بولمىغۇر سۇئاللىرىدىن قۇتۇلالايتتىم. ئۇنىڭ مەن بىلەن پاراڭلىشپ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى.

سىرتتىكى تاراق تۇرۇق ئاۋازلار تۈگەش بىلەن سۇخانىدىن چىقتىم. سېستىرا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، يولدىشىم كېسەل كارىتىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ياستۇقۇم تەتۈر ئۆرۈلگەن بولۇپ، مالچى ھەدەم بەرگەن ئۈسكۈنىلەر ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章