بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 10-قىسىم (ئەپچىدە 20قىسىم)

文摘   2024-09-01 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

يولدىشىم كېسەل كارىتىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ياستۇقۇم تەتۈر ئۆرۈلگەن بولۇپ، مالچى ھەدەم بەرگەن ئۈسكۈنىلەر ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى غەزەپكە تولغان بولۇپ، يېنىغا بارسام ئۇنىڭ قولىدا تۈگىشىشىم ئېنىق ئىدى. پۇتلىرىم تىترەپ نەپسىم سىقىلاتتى. ئۇنىڭ ئالدىغا بارالماي تۇرۇپ قالدىم.

- كەلمەي تۇرىسەنغۇ..

- مەن.. مەن.. زالغا چىقىپ كىرەي..

 ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. لېكىن پۇتۇم ماغدۇرسىز ئىدى. يولدىشىم ئارقامدىن كېلىپ ئاغزىمنى تۇتتى-دە، مېنى كارىۋات تەرەپكە سۆرىدى.

 ئۇنىڭغا يالۋۇرغۇم بار ئىدى، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ گەپ قىلالمايۋاتاتتىم.

 ئۇ مېنى كارىۋاتقا باسقاندىن كېيىن، گېلىمنى سىقتى.

- بۇنى كىمگە بەرمەكچىتىڭ، ئاۋازغا ئېلىپ نېمىش قىلماقچىتىڭ؟

- مەن.. مەن بىلمەيمەن..

- سەن مېنى ياشىغىلى قويمايسەن شۇنداقمۇ، ئەمدى ئاقلانغان ۋاقىتتا نېمىش قىلماقچىتىڭ؟

- ياق. بۇ نەرسىنى كىمنىڭ قويۇپ قويغىنىنى بىلمەيمەن..

ئۇ گېلىمنى تېخىمۇ چىڭ سىقىشقا باشلىدى.

- ئۆتۈنۈپ قالاي. تىنالماي قالدىم. ھازىر ئۆلۈپ قالسام، سىز تېخىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاقلىيالمايسىز..

ئۇ قولىنى قويۇپ بەرمىدى. سېستىرانىڭ كىرىشى بىلەن ئۇ قولىنى بوشىتىپ چېچىمنى ئوڭشاشقا باشلىدى.

سېستىرا كۈلۈپ قويدى.

- ئايالىڭىزغا بەك كۆيۈنىسىز جۇمۇ. ھەركۈنى چاچلىرىنى ئوڭشاپ..

سېستىرا ماڭا مىيىقىدا كۈلۈپ قاراپ قويغاندىن كېيىن يانغا بىر ۋاراق قەغەزنى قويدى.

- ماۋۇ تۈنۈگۈنكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ قەغىزى..

- بولدى چېچىم ئەسلىگە كەپمۇ قالغاندۇ، مەن تۇراي.. .

ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم، يولدىشىممۇ سېستىرانىڭ ئالدىدا چاندۇرمىدى.

- ئاكا، كارتاڭلارنىڭ ھەققى تۈگەپتۇ، ھازىر مەن بىلەن چىقىپ پۇل تاپشۇرىۋەتسىڭىز، مەن تالون كېسىپ كەچلىك دورىنى تەييار قىلىپ بېرەي..

- بولىدۇ، سەل تۇرۇپ چىقاي، ساقلاپ تۇرۇڭ..

- ئاكا، مەن سەل تۇرۇپلا ئالمىشىمەن. شۇڭا ھازىر قىلىۋېتەيلى..

- مەيلى ئەمىسە،- يولدىشىم ماڭا قاراپ قويدى،- سىز بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، مەن ھازىرلا كىرىمەن..

ئۇنىڭ قاراشلىرى «ساقلاپ تۇر، ھېلى جېنىڭنى ئالىمەن» دېگەندىنلا دېرەك بېرىۋاتاتتى.

 سېستىرا ماڭا مەنىلىك قاراپ قويغاندىن كېيىن يولدىشىمنى ئېلىپ زالغا چىقىپ كەتتى. پۇتلىرىم تىترەپ بەدىنىم ماغدۇرسىزلىنىۋاتاتتى.

«قانداق قىلىش كېرەك، بۇ يەردە تۇرسام ئۇ قايتىپ كىرىپ يەنە مېنى خورلايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك»

تېلىفوننى كۆتۈردۈم-دە، كېسەل كىيىمىنىڭ ئۈستىگە چاپاننى كىيىپ دوختۇرخانا زالىغا قاراپ ماڭدىم.

پەلەمپەي زالىغا كېلىپ بار ماغدۇرۇمنى يىغىپ پەسكە قاراپ يۈگۈردۈم ۋە مالچى ھەدەمگە تېلىفون ئۇردۇم.

- ھەدە، ئۆتۈنۈپ قالاي.. ماڭا ياردەم قىلىڭ. مەن تۈگەشتىم..

- نېمىش بولدى؟ تېز دەڭە..

- يولدىشىم ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى كۆرۈپ قالدى، مەن تۈگەشتىم.. ئۇ مېنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغان بولدى..

- ئۇنداق بولمايدۇ. قورقماڭ.

- ياق. بايا ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدى.. مەن ياتاققا قايتسام بولمايدۇ..

- ئاۋال قايتىڭ. مەن ئامال قىلىمەن.. ھازىر قېچىپ چىقسىڭىز ھېچنېمە قىلالمايسىز، ئۇ تېخىمۇ ئازابلايدۇ. شۇڭا قايتىپ كېتىڭ. قالغىنىغا مەن ئامال قىلىمەن..

 ئۇنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى. ھازىر ھەممەيلەن مېنى تونۇيدۇ، بۇ ھالەتتە قېچىپ چىقسام، ئۆزۈمگىمۇ يولدىشىمغىمۇ پايدىسىز ئىدى. يەنە كېلىپ، مەندەك يارىماس دادىسىدىن باشقا تۇققىنى يوق، يېنىدا ئۇنچە كۆپ پۇلى يوق ئايال ئايال نەگىمۇ بارالايتتىم.

ئېغىر پۇتلىرىمنى سۆرەپ ياتاققا قايتىپ كىردىم. ياتاق ئىشىكى ئېچىلغان بولۇپ ئىچىدە ئاق كىيىملىك ئىككەيلەن بىر نەرسە چېچىۋاتاتتى.

ياتاق ئىچىگە كىرمەكچى بولغاندا بىرەيلەن بىلىكىمگە ئېسىلدى. ئۆرۈلۈپ سېستىرانى كۆردۈم.

- ھەدە، كىرمەڭ. دېزىنفېكسىيەلەۋاتىمىز. ھازىر كىرسىڭىز بولمايدۇ..

- ما.. ماقۇل، يو.. يولدىشىمچۇ؟- تىترەپ گەپنىمۇ راۋان قىلالمايۋاتاتتىم.

- ئۇنى ياتاققا كىرگۈزمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كەتتى.. .

ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك تۇراتتىم.

- ئە.. ئەمىسە مەن نەدە تۇراي، بەك ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم..

- مەن بىلەن مېڭ،- دېدى سېستىرا بىلىكىمدىن تارتىپ.

سېستىراغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى.

- بۇ ھالىتىڭىزدىن قارىغاندا قېچىشقا تۇتۇنۇپسىزدە..

- ياقەي، زالدا بىردەم ھاۋالىناي دەپ..

- بولدى ھەدە، مەندىن يوشۇرماڭ. مەن ھەممە ئىشنى بىلىمەن..

- سىز يولدىشىمنىڭ ئادىمىمۇ؟ راست گەپ قىلىڭ..

- شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ، ئۇنداق ئەمەس دېسەممۇ بولىدۇ..

ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم.

- بۇ؟ قانداق بولۇپ. ماڭا سۆزلەپ بېرىڭە..

- يولدىشىڭىز سىزگە قاراشقا ۋە سىزنى ماختاش، ياخشى ئىنكاس يېزىشقا مېنى ئورۇنلاشتۇرغان.

- دوختۇرخانىنىڭ خەۋىرى بارمۇ؟

- يوق. بۇنى بىز ئايرىم دېيىشتۇق. بەرىبىر مەن مۇشۇ نەچچە ياتاققا مەسئۇل. بۇ مېنىڭ خىزمىتىم..

- ئەمىسە نېمىشقا ئۇنى ئورۇنلاشتۇرغان دەيسىز..

- ئۇ سىلەرنى ماختىشىم، ياخشى ئىنكاس يېزىشىم ئۈچۈن ماڭا پۇل بەردى..

ئۈمىدسىزلىكتىن بوشىشىپ كەتتىم. ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۇ قىزنىڭ پۇل ئۈچۈن قىلغان مۇلازىمىتى مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرىۋاتاتتى.

- ھەي. پۇل. يەنە شۇ پۇل..

- ھەدە، ماڭا ئىشىنىڭ، يولدىشىڭىز ماڭا پۇل بەرگەندە ئۇنىڭ سىزنى خورلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. مەن پەقەت ياخشى ئىنكاس يازسام كۆرگەندە ماختاپ قويساملا بولىدۇ دەپتىمەن..

- توردىكى خەۋەرنى كۆرگەن بولغۇيتتىڭىز..

- ياق، خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا كۆرمەپتىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىسىدا دېيىشىپ بولغاندىن كېيىن كۆردۈم. خىزمەتداشلىرىم كۆرسەتتى..

- بالامنىڭ گېپىگە ئىشەندىڭىزمۇ ياكى يولدىشىمنىڭكىگىمۇ؟

- مەن باشتا توردىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بالىڭىزنى يالغان سۆزلىدىمىكىن دېگەن، چۈنكى يولدىشىڭىزغا قانداقلا قارىسام سىزگە كۆيۈنىدىغاندەك..

- ھەي، ئەگەر راست شۇنداق بولغان بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى..

ئۇ تېلىفونىنى ئالدى-دە، ماڭا بىر نەچچە سىننى كۆرسەتتى. سىنغا يولدىشىمنىڭ گېلىمنى سىققان ۋە مېنى قىينىغان ھالىتى ئېنىق تارتىلغانىدى.

- بۇ.. بۇ قانداق بولۇپ؟

- بۇنى مەن يوشۇرۇن تارتىۋالدىم.. ياتاققا كامىرا ئورنىتىپ قويغان.. سىزگە پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن..

- شۇ.. شۇنداق، بۇنى ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز..

ئۇ كۈلۈپ كېتىپ ئورنىدىن تۇردى.

- ھەدە، قاراپ تۇرۇپ بۇنداق دېسىڭىز بولماس، ئۇدۇل يوللاپ بەرسەم مېنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بۇنى تارتقىنىمنىڭ نېمە پايدىسى..

- سىز نېمە دېمەكچى، چۈشىنەلمەي قالدىم.

- ئاجرىشىمەن دەيدىكەنسىز، ئەمەلىي ئىسپات توپلىشىڭىز كېرەك..

ئۇ ماڭا مەقسەتلىك قارىدى.

- سىز تەييارلىغان ئىسپات يوق بولدى، ھازىر ئىسپات پەقەت مېنىڭ يېنىمدىلا بار..

- سىزگە نېمە كېرەك؟

- ماڭا 20مىڭ يۈەن بېرىسىز، بۇ ئىسپاتنى سىزگە بېرىمەن..

- 20مىڭ؟ نېمانچە كۆپ.. .

- مېنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇم يوق. لېكىن بۇ نەرسىنى قولغا چۈشۈرۈش ئاسان ئەمەس. مەن يولدىشىڭىزنى چۈشىنىپ قالدىم. ئۇ سىزنىڭ ھېچقانداق ئىسپات توپلىشىڭىزغا يول قويمايدۇ. لېكىن ئۇ مېنى كونترول قىلالمايدۇ. مەن پەقەت كۈندە سىزنى ماختاپ بەرسەملا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپەم ئادا بولىدۇ. لېكىن ئۇ مېنىڭ يوشۇرۇن تارتىش ئەركىنلىكىمنى توسۇپ قالالمايدۇ.. ھاھا.. .

- ئۇنداق قىلماڭ سىڭلىم. سىزمۇ ئايالكىشى، بىر ئايالنىڭ شۇنداق قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ياردەم قىلماي، پۇل تەلەپ قىلغىنىڭىز نېمىسى.. .

- ماڭىمۇ ئامال يوق ھەدە، مەنمۇ ياشىشىم كېرەك.. مۇشۇنداق مۇھىم نەرسىنى تەييار قىلىپ بەرگىنىم ئۈچۈن ئازىراق نەپكە ئېرىشىشىم كېرەك.. .

- لېكىن مەندە نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن.. .

- بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. پۇلنى تەييار قىلسىڭىز، سىننى سىزگە بېرىمەن. بولمىسا تورغا يوللايمەن. شۇنىڭ بىلەن يولدىشىڭىز قارلىنىپ يەنە سىزگە ئازاب سالىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنى ئاقلىيالمايسىزھەم ئۇنىڭدىن ئاجرىشالمايسىز..

 ئۈمىدسىزلىكتىن بوشىشىپ كەتتىم.

- سىزنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.. كەسپىڭىزگە نامۇۋاپىق ئىشنى قىلغىنىڭىزدىن ئۈمىدسىزلەندىم..

- ئامال يوق. بۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز، مەن سىزنىڭ تۇققىنىڭىز ئەمەس. ئەر- ئايالنىڭ ئىشىغا ئارلىشىشنىمۇ خالىمايمەن. مەن پەقەت بۇنى تارتقان ئەجىر ھەققىمنى ئالساملا بولدى..

- بۇنى ھېچكىمگە بەرمەي تۇرۇڭ. مەن پۇلغا ئامال قىلاي..

- بولىدۇ. سىزگە بىر ھەپتە ۋاقىت بېرەي..

ئاستا مېڭىپ زالغا چىقتىم، يولدىشىم ياتاقنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى.

- نەگە باردىڭىز جېنىم، ئادەمنى ئەنسىرىتىپ.. سىزنى بەك ئىزدەپ كەتتىم..

- ھە، بىردەم ھاۋالاندىم، ئەنسىرمەڭ..

- سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئەمەس، بۇنداق مېڭىپ يۈرمەڭ..

يولدىشىم بىلىكىمنى سىقىپ قويدى.

- ۋىيەي ئاكا، يەڭگەمگە بەك كۆيۈنىسىز جۇمۇ.. بىردەم يوقاپ كەتسە ئەنسىرەپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ..

 سېستىرا كۈلگىنىچە ئالدىمىزغا كەلدى. ئۈچىلىمىز بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق. لېكىن ئۈچىلىمىز بىلىدىغانلىقىمىزنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرمەسلىككە تىرىشاتتۇق.

- ئاكا، ياتاققا ئەمدى كىرسەڭلار بولىدۇ، دېزىنفېكسىيەلەش ئاخىرلاشتى..

- ماقۇل سىزگە كۆپ رەھمەت،- يولدىشىم بىلىكىمدىن سۆرەپ ياتاققا ئېلىپ ماڭدى. بۇ كىرىشىمنىڭ يەنە بىر قېتىملىق جان قىينىلىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. سېستىراغا نىدالىق قارىدىم. ئۇ مىيىقىدا كۈلىۋاتاتتى.

 يولدىشىم مېنى كارىۋاتتا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىشىكنى ياپتى. بارلىق ئۈمىدىم يوق بولغانىدى. ھازىر پەقەت ئۇنىڭ مېنى جازالىشىنى قۇبۇل قىلىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى.

ئۇنىڭ بىر شاپىلىقى بىلەن كارىۋاتقا يىقىلدىم، ئۇ يېنىمغا كېلىپ يۈزۈمنى بىر قولى بىلەن سىقىمدىدى.

- مېنى ۋەيران قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويغانمىتىڭ.. .

- يا.. ياق، ئۇنداق ئەمەس..

- نېمىشقا ئاۋازىمنى ئۈنگە ئالىسەن.. ئاپامنىڭ ئاۋازىمۇ باركەن..

- مەن.. بىلمەيمەن.. ئۆتۈنۈپ قالاي بۇنداق قىلماڭ..

- مەن ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىدىممۇ؟ دېگىنە..

- ياخشى مۇئامىلە قىلدىڭىز..

- مېنىڭ كەسپىمنى ۋەيران قىلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچىتىڭ..

- ھېچ.. ھېچنېمىگە..

- مېنى ۋەيران قىلساڭ داداڭمۇ تەڭ تۈگۈشىدۇ.. ئۇنىڭ قەرزىنى مەن سۈيلىمىگەچكە ياشاۋاتىدۇ.. سۈيلىسەم ئۇ تۈرمىگە كىرىدۇ.. بىلەمسەن..

- بىلىمەن.. .مېنى كەچۈرۈڭ..

- سېنى ئادەم بولدىمىكىن دەپتىكەنمەن.. يەنە ئادەم بولماپسەن..

- ئۇنداق ئەمەس. مېنى كەچۈرۈڭ، ئۆتۈنەي، بۇنداق قىلماڭ..

ئۇ قولىنى قويىۋەتتى.

مەن ھۆتەلگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇردۇم.

- ساڭا دېسەم، بۇنداق ئاۋارە بولما، سەن بەرىبىر مېنىڭ رەقىبىم بولالمايسەن.. قانداقلا ئىسپات تەييارلىساڭ مەن يوق قىلالايمەن..

- ئۆتۈنۈپ قالاي، قەرزىڭىزنى مەن قايتۇراي، مېنى ئاجراشقىلى قويۇڭ، بولامدۇ..

- ماقۇل، ھازىر قايتۇر، ھازىرنىڭ ئۆزىدە قايتۇرساڭ، مەن ئاجرىشىشقا قوشۇلىمەن. قايتۇرالامسەن.. .

بېشىم يەنە ساڭگىلاپ كەتتى.

- ساڭا پەقەت مېنى ياخشى دەپ ئاقلاشتىن باشقا يول يوق. ئۆزۈڭنى قىينىما..

ئۇنىڭغا گەپ قىلىش يولۇم يوق ئىدى، نېمىلا دېسەم ئۇ ئوخشاشلا ماڭا رەددىيە بېرەتتى.

ئۇ قولىنى ماڭا تەڭلىدى، قولۇمنى ئاستا ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە قويدۇم.

- تېلىفوننى دەۋاتىمەن. چىقىرە..

- ئۇنداق قىلماڭ. تېلىفونۇم بولمىسا بىز ئالاقىلىشالمايمىز..

- چىقار دەۋاتىمەن..

ئامالسىز تېلىفوننى ئېلىپ ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە قويدۇم. ئۇ تېلىفوننى دەرىزىدىن سىرتقا قارىتىپ ئاتتى.

يىغلاشقا باشلىدىم، لېكىن ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتەلمەيتتىم.

 ئۇ يېنىدىن بىر تېلىفوننى چىقىرىپ ماڭا سۇندى. ئۇ تېلىفون كۇنۇبكىلىق بولۇپ سۈرەتكە تارتقىلى، ئۈندىدارغا چىققىلى بولمايتتى..

- مۇشۇنى ئىشلەت، ئۈستىدە مېنىڭ نومۇرۇم بار.. مەندىن باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىڭغا رۇخسەت يوق.

تېلىفوننى قولۇمغا ئالغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. بۇ تېخىمۇ يامان كۈنگە قالىدىغانلىقىمدىن، ھەتتا مالچى ھەدەم بىلەنمۇ ئالاقىلىشالماسلىقىمدىن دېرەك بېرەتتى.

- ئەتە ياتاقتىن چىقىپ كېتىسەن.. تەييارلىق قىلىپ قوي.. ئەمدى بۇ يەردە يېتىۋەرمەيسەن..

 يولدىشىم چىقىپ كەتتى. دەرىزىدىن پەسكە قارىدىم، تېلىفونۇمنىڭ نەگە چۈشكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئۇ مېنىڭ بارلىق ئەركىنلىكىم ۋە ئۈمىدىمنى ئېلىپ كەتكەنىدى.

 تۇيۇقسىز ئىشىكتىن بىرەيلەن كىردى.

- سىزنىڭ پوسۇلكىڭىز كەلدى،- ئۆرۈلۈپ مالچى ھەدەمنىڭ ياردەمچىسىنى كۆردۈم. ئۇ قولىدا تەشتەكلىك گۈلنى كۆتۈردى-دە، ماڭا تەڭلىدى.

تەشتەكنىڭ يان تەرىپىنى تۇتتۇم.

- بۇ تەشتەكنى ئاستىدىن تۇتمىسىڭىز بولمايدۇ..

تەكشەكنىڭ ئاستىدا قولۇمغا ئۇرۇنغان بىر نەرسىنى بايقاپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

ئۇ ماڭا مەنىلىك بىرنى كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

تەشتەكنىڭ ئاستىغا قارىيالمايتتىم. چۈنكى ياتاقنىڭ يەنە قايسى بۇلۇڭىدا ماڭا توغۇرلاقلىق تېلىكامىرا بارلىقىنى بىلمەيتتىم.

تەشتەك ئاستىدىن قولۇمغا ئۇرۇنغان كۇنۇبكىنى بېسىپ قويۇپ، پەردە بىلەن يوشۇرۇپ قويدۇم.

سېستىرا كىردى-دە ماڭا قارىدى.

- يولدىشىڭىز چىقىپ كېتىپتۇ-دە..

- شۇ.. شۇنداق..

- ئۇ چوقۇم يەنە سىزنى قىينىدى..

- ئۇنداق ئەمەس.. ئۇ بۇ قېتىم ئۇنداق قىلمىدى..

سېستىرا كۈلۈپ كەتتى.

- ئۇنى ئاقلىماڭ ھەدە، مەن ھەممىنى بىلىمەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن قويۇشقا بەك ئۇستىكەنسىلەر..

- سىز مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئارلاشماڭ بولامدۇ.. دېگىنىڭىزگە ئامال قىلىۋاتىمەن.. تاپساملا ئىسپاتنى ئالىمەن..

- بولىدۇ، مەن سىزگە بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن.. پۇلنى تەييار قىلمىسىڭىز بۇنى تورغا يوللايمەن.. يولدىشىڭىزمۇ، سىزمۇ تەڭ تۈگىشىسىڭىز..

- سىز شۇنداق ياخشى كەسىپنى قىلىدىغان ئادەم تۇرۇپ نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز..

- چۈنكى سىزنىڭ ئىسپاتىڭىز قانداق تىرىشسىڭىزمۇ يوق بولىۋاتىدۇ.. مەن سىزگە ياردەم قىلاي دېدىم..

- لېكىن بۇ ياردەم ئەمەس.. سېستىرا كېسەلنى يوشۇرۇن سۈرەتكە تارتسا توغرا بولمايدۇ..

- بىلىمەن. لېكىن مەن يوشۇرۇن تارتمىسام كىم سىزگە ئىسپات توپلاپ بېرىدۇ..

- سىزنى خېلى ياخشى قىزمىكىن دەپتىكەنمەن..

- مەن ياخشى. بىز سودا قىلىۋاتىمىز.. سودىنىڭ ياخشى يامانلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. سىز ماڭا پۇل بېرىسىز. مەن سىزگە مال بېرىمەن..

ئۇ دەرىزىنىڭ يېنىغا كەلدى-دە، پەردىنى ئاچتى.

- بۇ گۈل ھەجەپ چىرايلىقكەن،- ئۇ تەشتەكنى ئېلىشى بىلەن يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章