قارا كۆڭۈللەر 🧡 21-قىسىم

文摘   2024-09-01 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

شادىيە سەھەردە قەيسەرنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ئىش ئورنىغا بېرىپ كومپىيوتىرنى ئېچىپ تۇرۇشىغا دىرېكتور ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئىشخانىسىغا چاقىردى.

دېرىكتور ئىشخانىسىدا بىرنەچچە خىزمەتچىسىگە ئىش ئورۇنلاشتۇرۋاتقان بولۇپ شادىيەنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ گېپىنى توختىتىپ ئۇلارنى چىقىرىۋەتتى .

- ئەمىسە سىزگە گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا دەي،- دېدى دېرىكتور شادىيەنى ئولتۇرۇشقىمۇ تەكلىپ قىلماستىن،- شىركەتتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىچىدە سىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىڭىز ھەممىدىن تۆۋەن. شۇڭا شىركەت رەھبەرلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق سىزنى ئىشتىن بوشىتىشنى قارار قىلدۇق. قولىڭىزدىكى باشقا خىزمەتچىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ شىركەتتىن ئايرىلسىڭىز بولىدۇ .

- نېمە؟

 بۇ گەپ شادىيەگە ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك بىلىندى. ئۇ دىرېكتورنىڭ بۇنچە تېز ئۆچ ئېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئاخشام ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلمىغاچقا دېرىكتورنى ناھايىتى كەلسە قىلغان ئىشلىرىمدىن قۇسۇر تاپىدۇ، مېنى گەپكە چېقىۋالىدۇ دەپلا ئويلاپ ئىشتىن بوشىتىۋېتىشى خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىدى. سېنى ئىشتىن بوشىتىمەن دەپ ماڭا قۇرۇق پوپوزا قىلۋاتىدۇ دەپ بىلگەنىدى.

- نېمىگە ئاساسەن مېنى ئىشتىن پۇشاتماقچى سىز؟ ھەر كۈنى كەچتە يېرىم سائەت رۇخسەت سورىغىنىم ھېسابقا ئالمىغاندا سىز بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئوبدانلا چىقىۋاتىمەنغۇ. شەخسىي ئىشنى دەپ مەندىن ئۆچ ئېلىش غەرىزىدە بولسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟

- مەن قايسى شەخسىي ئىشنى دەستەك قىلىپ سىزدىن ئۆچ ئالماقچى بوپتىمەن. مېنى بۇنداق قىلدى دەيدىغانغا قانداق ئىسپاتىڭىز بار؟ سىزنىڭ تۇلا رۇخسەت سۇراپ ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىڭىزنى شىركەتتىكى ھەممە ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۈزۈمى بار. كۆزۈمگە بويسۇنمىغان خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىش ھۇقۇقۇم بار. شەخسى ئىشنى دەستەك قىلىپ مېنى ئىشتىن بوشاتتى دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم. چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .

شادىيەنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى. ئۆزىگە قىلىنغان بۇ ئادالەتسىزلىك ئۇنىڭ يۈرەك- باغرىنى ئۆرتەپ خۇن قىلغانىدى. باشقىلار تەرىپىدىن تاماق قاچىسىنىڭ چېقىلىپ كېتىشىگە تەن بەرگۈسى كەلمىدى. مۇھتاجلىق ئىلكىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن دېرىكتور بىلەن ئېيتىشتى:

- ياخشىغۇ دېرىكتور، سىزنىڭ ئاشنىڭىز بولۇشقا قوشۇلمىغانلىقىم ئۈچۈن مەندىن ئۆچ ئالغىنىڭىزما بۇ؟ بىلىپ قويۇڭ. مەن ئەپتى- بەشىڭىزنى شىركەتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا جاكارلاپ چاۋىڭىزنى چىتقا يايىمەن. ئۇ چاغدا ئىشتىن بوشىتىدىغان ئادەم مەن ئەمەس سىز بولۇپ قالىسىز.

- قولىڭىزدىن كەلسە ياغ چايناڭ خېنىم. مەندەك بىر شىركەتنىڭ دېرىكتورىنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىش قولىڭىزدىن كەلسە مەن سىزنى ئاپا دەيمەن. ئەمدى چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ،- دىرېكتور ئىشىكنى ئىما قىلدى .

 شادىيە دىرېكتورغا پۈتۈن غەزەپ نەپرىتى بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.

 ئۇ مىشىلداپ يىغلىغىنىچە شىركەت لىدىرنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى. لىدىر ئىشخانىسىدا بىرسى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇ شادىيەنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇڭ دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلىپ قويۇپ گېپىنى قىلىۋەردى.

- قېشىمغا نېمە ئىش بىلەن كىرگەن ئىدىڭىز،- دېدى ئوتتۇز نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئىگىز بويلۇق كىلىشكەن لىدىر.

- لىدىر، دىرېكتور مېنى ئىشتىن بوشىتىۋەتتى،- شادىيە لېدىرغا ئارلىقتىكى بولغان ئىشلارنى ئوچۇق دېيىشكە تىلى كۆيدى.

- شادىيە، بىر شىركەتكە دېرىكتور بولغان ئادەم بىرەرسىنى سەۋەبسىزلا ئىشتىن بوشىتىپ يۈرمەيدۇ. بۇ ئىشتا بەلكىم سىزنىڭمۇ شىركەتنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلمىغان يەرلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. سىز سەۋەنلىكنى دېرىكتوردىن ئىزدىمەي ئۆزىڭىزدىن ئىزدەپ بېقىڭ .

- لىدىر، دىرېكتورنىڭ مېنى ئىشتىن بوشىتىشىدا شەخسىي غەرىزى بار. شۇڭا ماڭا ئىگە بولۇپ قويىشىڭىزنى سۇرايمەن،- دېدى شادىيە كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي .

- مەن بۇ شىركەتنىڭ لىدىرى بولساممۇ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشتىن بوشىتىش ئىشلىرىنى دىرېكتور ئۆزى بېجىرىدۇ. مەن بۇنداق ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارغا ئارىلىشىۋالسام باش دىرېكتورنىڭ شىركەت ئىچىدە ئىناۋەت بولماي قالىدۇ. شۇڭا گېپىڭىز بولسا دىرېكتورنىڭ قېشىغا چىقىپ دەڭ. چىقسىڭىز بولىدۇ .

- لىدىر، سىز بۇ ئىشلارنى ياخشىراق تەكشۈرۈپ بېقىڭ. مېنى مۇشۇنداقلا ئىشتىن بوشىتىۋەتسەڭلار ماڭا ئۇۋال قىلغان بولىسىلەر.

- خېنىم، مەن سىز توغرۇلۇقمۇ خېلى گەپلەرنى ئاڭلىغان. ئاڭلىسام سىز شىركەتنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى كۆزگە ئىلماي ئىشقا كېچىكىپ كېلىپ بالدۇر ئىشتىن چۈشۈۋالىدىكەنسىز. بۇنداق قىلسىڭىز بىز شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانداق باشقۇرىمىز؟ سەۋەنلىك ئۆزىڭىزدە تۇرۇپ يەنە دېرىكتورغا ئارتىپ قويغىنىڭىز نېمىسى؟

 شادىيە گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ لىدىرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنىمۇ خالىماي دەرمانسىزلانغان ھالدا شىركەت دەرۋازىسىدىن چىقتى. ئۇنىڭ يەنە قەلەندەردەك باشقىلارنىڭ ئىشىكىگە تەلمۈرۈپ يۈرىدىغان كۈنلىرى باشلانغانىدى. ۋۇجۇدىدا ئەلەم ۋە ھەسرەت ئەلەڭگىيتتى. جەمئىيەتتە ئاتا- ئانىسىدىن باشقا ھېچقانداق مۇناسىۋەت دائىرسى يوق بۇ ئايالغا يىڭى خىزمەت تېپىش ئىشى ئۇڭايغا توختايدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. بەختىيار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەت چەمبىرىكى كىچىكلەپ بارا-بارا يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. دوستلىرى ئۇنى توغۇلغان كۈن سورۇنلىرىغا، قاتار چايلارغا تەكلىپ قىلسا ئۇ بارمىغانىدى. بۇنداق سورۇنلارنىڭ چىقىملىرىغا سەرپ قىلغۇدەك پۇل ئۇنىڭدا نەدە تۇرۇپتۇ؟ ئۇ تۈرلۈك ئادىمىگەرچىلىك سورۇنلىرىدىن قېلىۋەرگەچكە بۇرۇنقى دوستلىرىمۇ ئۇنى ئىزدىمەس بولغان ئىدى. پەقەت ئىزدىشىدىغانلىرى بولسا ئاتا- ئانىسى ئىدى. ئىش ئورنىدا بولسا خىزمەتداشلىرى بىلەنلا خىزمەت توغرۇلۇق پاراڭلىشاتتى. مۇشۇنداق تۇرسا تەييار خىزمەت ئۇنىڭغا نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز ؟

جەمئىيەتتە ھېچقانداق كىشىلىك مۇناسىۋىتى يوق ئادەمگە نىسپەتەن شەھەردە تىرىكچىلىك قىلىپ نېنىنى تېپىپ يىيىش ئانچە ئاسانغا توختايدىغان ئىش ئەمەس. زىممىسىدە بىر ئۆينىڭ تۆگىمەس چىقىملىرى گەجگىسىدىن بېسىپ تۇرۋاتقىنى ئاز كەلگەندەك ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزمەكتە ئىدى. ئۇ نېمىنى خاتا قىلدى زادى؟ خەقنىڭ تۈكرۈكلىرى ئاستىدا قېلىپ ئاشنىدىن ئىبارەت ھاقارەتلىك ئاتاقنى ئېلىشنى رەت قىلىشى ئۇنىڭ خاتالىقىمۇ؟ دۇرۇس يول بىلەن پۇل تېپىپ تىرىكچىلىك يولىغا قەدەم ئالاي دېسە چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرىسا ئۇنىڭ ئىچى ئاچچىق بولماي تۇرالىسۇنمۇ؟ ئۇ يانچۇقىدىكى ئازغىنا پۇلنى تىجەپ قېلىش ئۈچۈن چۈشتە يىگىلى ناۋايخانىدىن نان ئېلىپ ئاندىن ئۆيىگە قايتماقچى بولدى. ناۋايخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يانفونى سايرىدى. تېلېفون قىلغىنى زاھىر ئىدى. ئۇ تېلېفۇننى ئېلىپ «ۋەي» دەپلا يىغلىغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى .

- شادىيە نېمە ئىش بولدى؟ يىغلاپسىزغۇ،- سورىدى زاھىر ئۇنىڭ يىغلىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ .

- ھېچ ئىش يوق. كېيىن كۆرۈشەيلى خوش.

- شادىيە تېلېفوننى قويىۋەتمەڭ؟ سىزگە زادى نېمە ئىش بولدى ؟

 شادىيەنىڭ زاھىرىغا بولغان ئىشلارنى دېگۈسى كەلمىسىمۇ لېكىن يىغلىغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى. ھەمدە زاھىر كوچىلاپ سوراۋەرگەچكە راست گەپنى دېدى:

- مەن…… ئىش ئورنۇمدىن قالدۇرۇلدۇم……،- شادىيەنىڭ گەپلىرىگە يىغا ئۇلىشىپ ئاخىرىنى دېيەلمىدى.

- ھە، شۇنچىلىك ئىشمىتى؟ ھېچقىسى يوق، يىغلىماڭ ھە. مەن ھازىرلا قېشىڭىزغا باراي. سىز نەدە ؟

- مېنىڭ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشكۈم يوق، ھازىر ئۆيگە قايتىمەن.

- ئەمىسە مەن ئۆيىڭىزگە باراي .

 شادىيە گەپ قىلماي تېلېفوننى قويىۋەتتى.

***************************

شۆھرەت بۈگۈن چۈشتە گۈزەلئاي بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغان ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن كېلىپ تاماقخانىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ تۇردى. گۈزەلئاي بۈگۈن سائەت ئونلار بىلەن شۆھرەتكە بىرگە تاماق يىيىشكە ۋاقتى بارلىقىنى ئېيتقانىدى. قىزنىڭ مۇبارەك دىدارىنى كۆرۈشكە بىتاقەت بولغان شۆھرەتنىڭ قولىمۇ تۈزۈك ئىشقا بارمىدى. سائەتنىڭ توشۇشىنى كۈتمەيلا بۇرۇنلا كېلىۋالغان ئىدى. ئۇ تاماقخانىنىڭ ئالدىدىكى مەيىن شامالدا لەرزان يەلپۈنىۋاتقان گۈللەرنى تاماشا قىلىۋاتقاندا قۇلاق تۈۋىدە يېقىملىق بىرئاۋازنىڭ« ياخشىمۇ سىز» دېگىنىنى ئاڭلاپ يېنىغا قارىدى. كۆز ئالدىدا قاپقارا بوستان چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرغان ئاق كوپتا، قارا ئىشتان كىيگەن، كۈلۈپ تۇرغاچقىمىكىن، ئىككى مەڭزىدە زىناق پەيدا بولغان، كۆزلىرى يوغان، ئاق پىشماق گۈزەل بىر قىز تۇراتتى. شۆھرەت بۇ گۈزەل چىرايغا قاراپ جىددىيلىشىپ دەماللىققا ئېغىزى گەپكە كەلمىدى.

- كەچۈرۈڭ ھە، سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم،- دېدى قىز يەنە يېقىملىق ئاۋازدا .

- ھېچقىسى يوق. بىردەم ساقلىغانغا نېمە بولاتتى؟ قېنى ئىچىگە كىرەيلى.

ئىككىسى يېقىملىق مۇزىكا سايراپ تۇرغان ھەشەمەتلىك تاماقخانىنىڭ چوڭ زالىدىنلا ئورۇن ئالدى. شۆھرەت گۈزەل ئاينى باشلاپ ئايرىمخانىغا كىرىپ كەتكۈسى بولسىمۇ لېكىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن بولغاچقا ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن دەپ چوڭ زالدىنلا ئورۇن ئېلىشتى.

- قېنى، ئەمىسە تاماق بۇيرۇتۇڭ،- دېدى شۆھرەت تاماق تىزىملىكىنى قىزنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويۇپ .

- سىزدىن كەلسۇن،- دېدى گۈزەلئاي ئەدەپ بىلەن .

- يەنىلا سىز بۇيرۇتۇڭ. سىزنىڭ قانداق تۈردىكى تاماقنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى مەن بىلمەيمەن.

 گۈزەلئاي تاماق تىزىملىكىگە قارىماي تۇرۇپ دېدى:

- ئاچچىق لەغمەنگە ئۆچ بولمىسىڭىز شۇنى يەيلىمۇ .

- مەيلى، مەن ئانچە تاماق تاللاپ كەتمەيمەن.

 گۈزەلئاي يېنىدا تۇرغان كۈتكۈچىگە دېدى:

- ئەمىسە بىزگە ئاچچىق لەغمەندىن ئىككىنى، مۇز قايماقتىن ئىككىنى ئەكىلىپ بېرىڭ،- گۈزەلئاي ئاندىن شۆھرەتكە قاراپ دېدى،- مۇشۇنچىلىك بۇيرۇتساق بولارمۇ ؟

- كۆڭلىڭىز تارتقان بىرنەرسىنى بۇيرىتىۋىرىڭ.

- بولدىلا، مۇشۇلار بولسۇن. بەك كۆپ بۇيرۇتساق ئېشىپ قېلىپ ئىسراپ بولىدۇ.

شۆھرەت زۇلپىيە بىلەن تاماق يىگەن چاغلىرىنى ئويلىدى. زۇلپىيە بىلەن بىر ۋاخ تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى يۈز يۈەننىڭ بېشىغا سۇ قويۇشقا توغرا كېلەتتى. زۇلپىيەنىڭ تاماقنىڭ ئېشىپ قېلىشى بىلەن كارى يوق ئىدى. ئۇ نەچچە قېتىم بۇيرۇتقان تاماقلارنى ئىچىدىن بىر چۇكا سالماي ئاشۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن چاغلىرىمۇ بولغان ئىدى.

- زۇلپىيە، ماۋۇ چوكا سالمىغان تاماقلارنى بولسىمۇ ئۆيگە ئالغاچ كېتەيلى. بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلساق قانداق بولىدۇ؟- دېگەنىدى شۆھرەت بىر قېتىم .

 زۇلپىيە ئۇنىڭغا بۇرنىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ:

- قارىڭە مەتۇلىقىڭىزنى، ئېشىپ قالغان تاماقلىرىنى سۈپۈرۈپ ئېلىپ كېتىپ يۈرسەك خەق بىزنى زاڭلىق قىلمامدۇ؟ سۆلىتىڭىزگە قاراپ بېقىپ گەپ قىلمايدىكەنسىز. ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ،- دېگەنىدى.

 مانا بۇ قىز زۇلپىيە بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىدى. قىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، گۈزەل چىرايى زۇلپىيەدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدىكى ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايتتى. زۇلپىيە سەل ئۇستىخانلىق، بۇ قىزنىڭ جۇغى كىچىك ئىدى. زۇلپىيەنىڭ ھەر بىر ئېغىز گەپلىرىدىن تەكەببۇرلۇق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بۇ قىز بولسا شۇنچىلىك مۇلايىم كىچىك پىئىل ئىدى. شۆھرەتنىڭ كۆڭلىدىكى زۇلپىيەنىڭ ئوبرازى بارغانسېرى خۇنۈكلىشىپ، گۈزەلئاينىڭ ئوبرازى يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.

- سىزنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىڭىز مۇشۇ شەھەردىمۇ؟- سورىدى، شۆھرەت ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ .

- ھەئە. مەن بۇ شەھەرگە يەرلىك.

- مال سېتىش سىزنىڭ مۇقىم كەسپىڭىزمۇ؟

- ھەئە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپلا مۇشۇ شىركەتكە ئىشقا چۈشكەن.

- نېمە؟ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دېدىڭىزما؟- سورىدى شۆھرەت ئەجەبلىنىپ .

ئۇ گۈزەلئاينىڭ سەييارە مال سېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۇنى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ قېلىپ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئامالسىز مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتقان قىز ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.

- ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ۋاكالىتەن مال ساتقۇچىلارنى ئانچە كۆزگە ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن مەن بۇ ئىشنى ياقتۇرىمەن. ئۆز ئىقتىدارىمىزغا، ئەمەلىي ئىش ئۈنۈمىگە قاراپ پۇل تاپقاندىكىن پەقەت بېسىم يوق. يەنە بىر نەچچە يىل تىرىشسام مېنىڭمۇ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىكىم بار بولىدۇ. شىركەت قۇرۇپ خوجايىن بولىدىغان ۋاقتىمغا ئاز قالدى .

- ھە مۇنداق دەڭ، سىزدەك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ستۇدېنتنىڭ مال ساتقۇچى بولغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرىشىم،- دېدى شەۋكەت يەنە ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي .

- تېخى سىز كۆرمىگەن ئىشلار جىق. بۇنىڭغا ئەجەبلىنىش كەتمەيدۇ.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章