بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 12-قىسىم (ئەپچىدە 24قىسىم)

文摘   2024-09-03 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-بالام.. مېنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ ماڭا گەپ قىلمايسەنغۇ..

بالام ماڭا غەزەپ كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، مېنى ئىتتىرىۋېتىپ قىيىن ئاپامنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ئۆيگە كىردى.

- ئاپا ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

- مەنمۇ ئېسىڭىزدە باركەنمەن ھە.. - قېيىن ئاپام ماڭا ئالىيىپ قويۇپ سافادا ئولتۇردى.

بالامنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز ماڭا گەپ قىلماس، قاپىقىنى ئاچماس بولۇپ قالغىنىنى بىلمەيتتىم.

ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاماق ئەكەلگەندىن كېيىن ئۇدۇلىدا ئولتۇردۇم.

- ئاپا، بالامغا نېمىش بولدى؟ مىجەزى يوقمۇ؟ تۇيۇقسىز گەپ قىلماس بولۇپ قاپتۇغۇ..

- توردىكى بالىنى تىللىغان گەپلەرنى كۆرگەنسىز.. ھەممە ئادەم ئۇنى تىللاپتۇ..

- لې.. لېكىن بالام خەت ئوقۇيالمىسا..

- ئۇ ئوقۇيالمىسا باشقىلارمۇ ئوقۇيالمامدىكەن..

بالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ بېشىنى سىيلىدىم، بالام قولۇمنى سىلكىۋەتتى.

- مەن ساڭا ئۆچ. سەن مېنىڭ ئاپام ئەمەس..

- بالام. گېپىمنى ئاڭلا بولامدۇ.. .

- ئۆزۈڭ ماڭا كىچىك بالا يالغان سۆزلىسە بولمايدۇ دەپ.. راست گەپ قىلسام باشقىلارغا بالام يالغان سۆزلىدى دەپسەن.. مەھەللىدىكى دوستلىرىممۇ مېنى يالغانچى دەپ تىللاۋاتىدۇ..

بالام يىغلاشقا باشلىدى. بالامنى قۇچاغلىدىم.

- جېنىم بالام، سەن دۇنيا بويىچە ئەڭ راستچىل ئەڭ ياخشى بالا..

- مەن ساڭا ئۆچ. ئەمدى سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىمايمەن..

ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى تاقىدى.

- بۇ ئادەملەر نېمانچە ئەسكىدۇ.. نېمىشقا كىچىك بالىلارغا شۇ گەپلەرنى دەيدۇ..

- ھازىر دېگەن تور دەۋرى، بۇنداق ئائىلە سەتچىلىكى تورغا ئىتتىك تارقىلىدۇ.. بالىلار ئاتا ئانىلىرىدىن ئاڭلايدۇ.. شۇڭا توغرا خاتانى بىلمەي زاڭلىق قىلىدۇ..

- ھەي. بالامنى خوشال ھالەتتە كۆرەرمەن دېسەم..

- قانداق؟! مەن بالىڭىزنى خورلاپ قويۇپتىمەنما..

- ياق ئاپا، بۇنداق دېمەكچى ئەمەس.. بالامغا توختىماي كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بېرىۋاتىمەن.. ئەسلى ئۇ راست گەپ قىلغان، لېكىن ئۆزۈم بالامنى يالغانچىغا چىقاردىم..

- شۇڭا ئەمدى نېمە دېمەكچى؟ بالىڭىز ئەسلى مېنى ئۇرغانتى. بالامغا ئاران شۇ گەپنى ئۆگەتسەم سىلەر دېگىلى قويمىدىڭلار دېمەكچىما؟

- ئۇنداق ئەمەس ئاپا..

- قاراڭ. سىزگە دېسەم يولدىشى پۇل بەرمەي تۇرۇپ يەنە توختىماي تايىقىنى يەيدىغان ئاياللار بار، مېنىڭ ئوغلۇم سىزنى ئۇرغان بىلەن يەنە پۇل بېرىدۇ.. دادىڭىزنىڭ پۇلىنى شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالمايمۇ يەنە ساقچىغا مەلۇم قىلماي كەپتۇ.. مېنىڭچە مۇشۇ يېتەرلىك.. ھەم ئۇرمايدىغان ھەم پۇل بېرىدىغان ئىشلىمىسىڭىزمۇ سىزنى باقىدىغان ئەرنى نەدىن تاپاتتىڭىز..

- شۇ.. شۇنداق.. مەن يولدىشىمدىن رەنجىمەيمەن ئاپا..

- سىلەرنىڭچۇ، جېنىڭلار بەك ئاجىز.. بىزنىڭ دەۋرىمىزدىمۇ خورلىنىدىغان ئاياللار باتى.. لېكىن ھەممىسى چىشىنى چىشلىۋەتكەن.. شۇلارمۇ ئۆلۈپ قالماي ياشاپ كەتتى. سىزنى ئازىراق ئۇرۇپ قويسا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك قىلىدىكەنسىز.. يەنە خەلىق ئالەمگە جاكارلاپ ئۈلگۈرۈپسىز.. ئەجەپ زىيارەتتە مېنىڭ بىر يارىماس دادام باتى، يولدىشىمدىن پۇل ئالغان بىز يالاڭتۈشلەر پۇلنى قايتۇرمىدۇق. يولدىشىم شۇڭا مېنى ئۇرىۋاتىدۇ دېيەلمەپسىزغۇ..

بۇ جۈملە يۈرىكىمنى تېشىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.

- بىلىمەن ئاپا.. بىلىمەن.. دادام شۇ پۇلنى ئالمىغان بولسا بەلكى بۇنچە بولۇپ كەتمىگەن بولاتتى..

- شۇڭا ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ. يا پۇلنى قايتۇرۇڭ، يا بالامغا ماسلىشىپ خەقنىڭ ئالدىدا يۈزىنى تۆكمەي ياشاڭ.. بىلدىڭىزما؟

- بىلدىم ئاپا.. ئاۋايلاپ مېڭ..

قېيىن ئاپام سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى. ئىچىدىن تاقالغان بالامنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپ قالدىم. ئىچىگە كىرىشكە ئامالسىز ئىدىم.

- بالام، ئاپاڭدىن خاپولدۇڭما؟ بۇ ياققا چىق بولامدۇ؟ ساڭا ئوخشىتىپ تاماق قىپ بېرەي..

- ياق يېمەيمەن. دادام كەلگەندە چىقىمەن.. سېنى كۆرگۈم يوق..

- جېنىم بالام. مەندىن خاپا بولما بولامدۇ؟ مەن بەك ئامالسىز..

- مەن دادامغا ئامراق ساڭا ئۆچ.. سەن ئەمدى ماڭا گەپ قىلما..

ھۇجرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالدىم. بۇ ئائىلىدىكى بىردىنبىر تۇققىنىممۇ مەندىن رەنجىۋاتاتتى.

 ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ يولدىشىم يوغان بىر ئويۇنچۇقنى كۆتۈرگىنىچە كىردى.

- بالام، بۇياققا چىقە.. ساڭا نېمە ئەكەلدىم..

بالام ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ مەندىن ئەگىپ ئۆتۈپ دادىسىنىڭ يېنىغا كەلدى.

- ۋاھ.. ئاپتوموبىلكەنغۇ.. بەك پەيزىكەن.. رەھمەت دادا..

ئۇ دادىسىنىڭ يۈزىگە سۆيۈپ قويدى. ئۇنىڭ ماڭا مۇتلەق قارىماس بولۇپ كەتكىنىدىن يۈرىكىم ئېچىشىۋاتاتتى.

ئاستا تۇرۇپ تاماق ئېتىشكە كىرىشىپ كەتتىم. يۈرىكىم تىغ بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتىپ باراتتى. ئاغرىقىغا چىدىمىساممۇ ياشىماي ئىلاجىم يوق ئىدى.

«جېنىم بالام، بىر كۈنلەردە ئاپاڭنىڭ خىجىلچىلىقىنىمۇ چۈشىنەرسەنمۇ؟!»

تاماقنى تەييار قىلغاندىن كېيىن ئۈستەلگە ئېلىپ كەلدىم.

- بالام ئەڭ ئامراق تاماقلارنى قىلدىم.. ئالە بالام..

قوشۇققا ئالغان تاماقنى بالامغا تەڭلىدىم، ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن دادىسىغا ئۆرۈلدى.

- دادا، ماڭا سەن يېگۈزۈپ قوي..

يولدىشىم تاماقنى ئالغاندىن كېيىن بالامنىڭ ئاغزىغا سالدى. ئىككىسى خوشال ئىدى. مەن بولسام قوشۇقنى تۇتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. يات ئادەمگە ئوخشاش قېلىۋاتاتتىم.

ئىككىسى تاماقنى يەپ بولۇپ بالامنىڭ ھۇجرىسىدا ئويناشقا باشلىدى. يولدىشىم ئەزەلدىن بالام بىلەن بۇنداق ئېچىلىپ ئويناپ باقمىغانىدى. ئۇلارنىڭ ياخشى ئويناۋاتقىنىغا قاراپ خوش بولساممۇ، لېكىن بالامنىڭ ماڭا بۇنچە ئۆچ بولۇپ كەتكىنىدىن ھەيران بولىۋاتاتتىم.

قاچىلارنى يۇيغاندىن كېيىن، ئەخلەتنى ئېلىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدىم.

- قەيەرگە بارىسەن؟

- ئەخلەتنى تۆكىۋېتىپ چىقاي..

يولدىشىمنى گۇمانغا سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن تېلىفوننى ئۆيدە قويدۇم-دە، ساپما كەشنى كىيىۋالدىم. ئەخلەتنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ماشىنا توسۇپ تۈنۈگۈنكى ئادرىسقا ماڭدىم.

- ھەدە.. قانداق بولدى؟ نەتىجىسىنى قانداق بولغاندۇ دەپ بىر كۈن ئۇخلىيالمىدىم..

- سېستىرانىڭ قولىدىكى ئىسپاتنى يولدىشىڭىز قولىغا چۈشۈرۈپ بوپتۇ..

- ھە؟!- ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم،- بۇ.. قانداقسىگە..

- بىز يولدىشىڭىزدىن بىر قەدەم كېيىن قاپتىمىز..

- ئۇ قىز ئىسپاتنى يولدىشىڭىزغا بەرمەيمەن دېگەنتىغۇ..

-سىزدىن پۇل چىقىشىغا كۆزى يەتمىگەن ئوخشايدۇ، يولدىشىڭىزدەك بايغا ساتسا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدۇ ئەمەسمۇ..

- ئۇ ماڭا بەش كۈندىن كېيىن مېنى ئىزدەڭ دېگەنتى..

- ئۇ نەرسىنى ئىككىڭلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ زادى كىمنىڭ ئىتتىك پۇل چىقىرىپ ئالالايدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچىكەنتۇق.. يولدىشىڭىز سېتىۋاپتۇ..

- دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئادەملەر بولىدىكەن ھە..

- شۇنداق. لېكىن ئۇ ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ. مەن ئاۋازغا ئالغىنىمىزنى ئۇنىڭغا دېمىدىم، ئۇدۇل دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇپ بەردىم.. ئۇ بەلكى خىزمەتتىن ھەيدىلىشى مۇمكىن..

- لېكىن ئىسپات يەنە ئۇنىڭ قولىدا قالدى-دە..

- يولدىشىڭىز پۇل بېرىپ بارلىق ئىسپاتنى تولۇق يۇيغۇزىۋېتىپتۇ.. ئۇ ئۆزى شۇنداق دېدى.. لېكىن مەن يەنە باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ قويغان قويمىغانلىقىنى بىلمەيمەن..

- ئەسلى دوختۇرخانىغا ئەرز قىلماي ئايرىم رازى قىلساق بولاتتى. خىزمەتتىن ئايرىلىدىغان بولدى.. ياش قىزكەنتۇق..

- نېمىشقا ئىچىڭىزنى ئاغرىتىسىز.. ئادەم دېگەن بەزىدە باغرى تاشراق بولىشى كېرەك. ئۇنى بىز يىغۇشتۇرمىساق يەنە باشقا بىمارلارنى قاقتى سوقتى قىلىدۇ.. بۇنداق ئادەملەر سېستىرا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس.. شۇڭا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك..

- مەن ئۈچۈن ئۇنى ئەرز قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ھەدە..

- يولدىشىڭىز نېمە دەيدۇ.. يەنە ئازار بەرمىگەندۇ..

- ئۇنىڭ مۇئامىلىسى بەكلا غەلىتە، تۇيۇقسىز مۇلايىم بوپ قالدى. يەنە تېخى ساياھەتكە چىقايلى دەيدۇ..

- ھاھا.. دېمەك ئۇ پەخەس بولۇشقا باشلاپتۇ..

- قانداق دەيسىز..

- سېستىرانىڭ فىلىم تارتقىنىنى كۆرۈپ سىزنىڭمۇ فىلىم تارتىپ ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ.. بىر ھېساپتا بۇمۇ بوپتۇ.. ئۇ تامنىڭمۇ كۆزى بارلىقىنى بىلىشى كېرەك..

- بۇنداق يالغان ياشاشتىن تولىمۇ زېرىكتىم..

- بۇنداق ياشاش دېمىسىمۇ بەك قىيىن، لېكىن ماسلاشماي ئامالىڭىز يوق..

- ھېچ بولمىسا بالام ماڭا ئامراقتى، ھازىر بالاممۇ ماڭا ئۆچ بوپ كېتىپتۇ.. ماڭا گەپ قىلماي دادىسى بىلەن چوڭ ئاپىسىغىلا گەپ قىلىۋاتىدۇ..

- سىزگە دېسەم يولدىشىڭىز بەك ئەقىللىقكەن، ئۇ سىزنىڭ ئۆزىنى ئەرز قىلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ ھەرخىل ئامال چارىلەرنى تېپىپ بوپتۇ..

- بىلمەيمەن. گاڭگىراپلا قالدىم، ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە يات ئادەمگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن..

- ئۇلار بالىنى يېنىغا تارتسا تۇيۇقسىز بىرەر ئىش بولۇپ ئاجرىشىدىغان ئىش بولسا بالا سىز تەرەپتە تۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنى تارتىۋالالايدۇ. يەنە كېلىپ بالا دادىسىنى ياخشى دېسە توردىكىلەر بۇنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى بالىنى ئاپىسى يامان قىپتىكەن دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يولدىشىڭىز كۆيۈمچان ئەر، ياخشى دادا ئوبرازىغا ئۆتىدۇ. سىز قارلىنىسىز..

بېشىمنى تۇتۇپ يىغلاشقا باشلىدىم.

- قانداق قىلىشنى بىلمەيلا قالدىم ھەدە.. قورقۇپ كېتىۋاتىمەن.. ئاجرىشىشتىن قورقىمەن. ئاجراشماي داۋاملىق خورلىنىشتىنمۇ قورقىمەن. ئاجرىشىپ كەتسەم بالامنى ئالالماي قېلىشتىن قورقىمەن. بالامنى ئەپ قېلىپ جاپادا قويۇشتىنمۇ قورقىمەن.. كۈنلىرىم قورقۇنۇش ئىچىدىلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ..

مالچى ھەدەم مۆرەمنى تۇتتى.

- باتۇر بولۇڭ. ئادەم ئەڭ ناچار كۈنگە قالغاندا ئاندىن ئىشلار ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭارمىش..

- قاچانمۇ ياخشىلىنار، ئاڭغىچە مېنىڭ ئۆمرۈم يار بېرەرمۇ..

- بىز سېستىرانىڭ قولىدىكى ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرەلمىگەن بولساق، دېمەك قولىمىزدا خورلىغانلىق سىنى يوق دېگەن گەپ.. ئاۋازلىق ئىسپات يەنىلا كۆرۈنۈشتەك كۈچكە ئىگە ئەمەس..

- ھازىر ئۇ يالغاندىن ماڭا كۆيۈنگە قىياپەتكە كىرىۋالدى.. مەن ئىسپات توپلىيالمايمەن..

- ئۇنىڭغا يەنە ئامال قىلايلى. لېكىن يولدىشىڭىز بۇ سەۋەبلىك سىزنى خورلىمىسا بۇمۇ بىر ياخشى ئەھۋال.. دېمەك بۇرۇنقىدەك قىينالمايسىز..

- ئۇ بالام ئارقىلىق مېنى قىيناۋاتىدۇ.. بۇ تەن جازاسىدىنمۇ بەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ..

مالچى ھەدەم مېنى قۇچاغلىدى.

- سىزگە ئىچىم ئاغرىيدۇ، لېكىن سىزگە غەيرەت بېرىشتىن باشقىنى قىلىشقا ئامالىم يوق.. بىخەتەر بولمىسىمۇ سىزگە بۇنى بېرەي.. يولدىشىڭىزغا بىلدۈرۈپ قويماي ئىشلىتىڭ..

مالچى ھەدەم قولۇمغا كىچىك سىن تارتىس ئاپاراتىنى تۇتقۇزدى.

- ئازاپ تارتىدىغان بولدىڭىز، لېكىن يولدىشىڭىز سىزنى ئۇرمىسا بىز ئىسپات توپلىيالمايمىز..

مالچى ھەدەمگە ئۈمىدسىز كۆزلىرىمنى تىكتىم.

- سىز مېنى يەنە بىر قېتىم تاياق يەڭ دېمەكچىمۇ؟

- كەچۈرۈڭ سىڭلىم. سىزنى بۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىمىسام بولاتتى. ئەگەر راستىنلا ئاجراشقۇڭىز بولسا بىز ئىسپات توپلىشىمىز كېرەك.. ئاۋازلىق ئىسپات بىلەن سىن ئىسپات تولۇق بولغاندا ئاندىن يولدىشىڭىزنى تولۇق ئەرز قىلالايمىز..

- بولىدۇ. مەن ئامال قىلاي..

- لېكىن يولدىشىڭىز پەقەت بايقاپ قالمىسۇن..

مالچى ھەدەم بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئىشىك ئالدىغا كەلدىم. ياردەمچى يىگىت يەنە ماڭا ئەگەشتى. لېفىتكە چىققاندىن كېيىن ئۇ ماڭا قارىدى.

- گەرچە نېمىش بولغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن سىزگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى..

- سىزنىڭ ئۆيىڭىز بارمۇ؟

- ياق. مەن توي قىلمىدىم.. ئاۋۇ ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتىم.. ئادەتتە بۇنداق خەۋەرلەرنى كىنولاردا، دېلو پراگرامملىرىدىنلا كۆرىدىغان.. .

- ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇ ئاۋازلارنى ھېچكىمگە ئاڭلاتماڭ..

- ھەدەمنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىنى چوقۇم ياخشى ساقلايمەن. خاتىرجەم بولۇڭ، ھېچيەرگە تارقاتمايمەن..

- مېنى ئەچۈشۈپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت..

يىگىت بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ماشىنا توسۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.

ئىشىكتىن كىرىپ سافادا قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇرغان يولدىشىمنى كۆردۈم.

- ئەخلەتنى بەك ئۇزۇندا تۆكىدىغان بولۇپ قالدىڭغۇ..

- قوشنا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. شۇڭا بىردەم پاراڭلىشىپ..

يولدىشىم كۈلدى.

- شۇنداقمۇ، يېقىندىن بېرى سەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان قوشنا بەك جىق بوپ كېتىپ بارىدۇ ھە..

يولدىشىم ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمغا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىمدىكى كىچىك سىن تارتىش ئاپاراتىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ تۇراتتىم.

ئۇ ماڭا قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كۈلدى.

- بوپتۇ. قوشنىلار بىلەن ياخشى ئارلىشىپ تۇر.. پەقەت ئارلاشمىساڭمۇ قاملاشمايدۇ..

يولدىشىم كۈلۈپ قويۇپ سافادا ئولتۇردى. ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغانسىرى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقۇپ تۇراتتىم.

بالام يۈگۈرگىنىچە ھۇجرىسىدىن چىقتى-دە، يولدىشىمغا ئېسىلدى.

- دادا. مېنى باغچىغا ئاپىرىمەن دېگەنتىڭغۇ..

- ئاپىرىمەن. ئەلۋەتتە ئاپىرىمەن بالام..

- بۈگۈن بارايلى بولامدۇ، مېنىڭ باغچىدا ئوينىغۇم بار..

يولدىشىم بالىنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىك ئالدىغا كەلدى.

- باغچىغا بېرىپ كېلەيلى، سەنمۇ بىرگە بارامسەن؟

- ئاپام بارسا مەن بارمايمەن.. - دېدى بالام ماڭا ئالىيىپ.

- بولدى. مەن بارماي، سىلەر بېرىپ كېلىڭلار..

يولدىشىم بالىنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىشى بىلەن يانچۇقۇمدىكى سىن تارتىش ئۈسكۈنىسىنى مېھمانخانا ئۆيدىكى تېلىۋېزورنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويدۇم.

جايىمدا ئولتۇرۇپ يولدىشىم بىلەن بالامنى ساقلاشقا باشلىدىم. ئۆزۈمنىڭ يولدىشىمنى باپلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقىنىمنى ئويلىساملا ئازابلىناتتىم. چۈنكى مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلاردا بىركۈنى بۇنداق بوپ كېتىشىمىزنى، يولدىشىم بىلەن باشقىلار ئالدىدا يالغان ئاشىق مەشۇق بولۇپ ئۆيگە كىرگەندە دۈشمەنگە ئايلىنىشىمىزنى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ مېنى ئۇرماسلىقنى قارار قىلغاندا ئۇنىڭ مېنى ئۇرىشىنى كۈتۈشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. توي ۋە تۇرمۇش ئادەمنى راستىنلا مەيدانى يوق، غورۇرى يوق ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قوياتتى. بىرىمىز ئۆينى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن ھەرخىل ئامال چارىلارنى ئىشلىتەتتۇق، يەنە بىرىمىز ئۆينى بۇزۇش ئۈچۈن ھەرخىل ھىيلە مېكىر ئىشلىتەتتۇق. ئۆزۈمنىڭ زادى قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتىم. يولدىشىمنىڭ تاياق ۋە ئاھانىتىگە چىداپ يەنە ئۆي تۇتۇش بىلەن ئۇنىڭ ئەتتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بىراقلا ئاجرىشىشنىڭ قايسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم.

بىردەمدىن كېيىن يولدىشىم بالىنى كۆتۈرگىنىچە كىردى.

- ۋوي، نېم بولدى، ئېزىلىپلا كېتىپتۇغۇ..

- ماشىنىدا ئۇخلاپ قالدى..

يولدىشىم بالىنى ھۇجرىغا ئەكىرىپ كارىۋاتتا ياتقۇزدى. مەن بالىنىڭ يېنىدا ياتماق بولۇپ تۇرغاندا ئۇ قولۇمدىن تارتتى.

- بۈگۈن مەن بىلەن ھۇجرىدا يات،- ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. سوغۇق تەرلەپ كېتىپ باراتتىم. ئۇنىڭ زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章