يولدىن چىققان ئايال 🧡 16-قىسىم (ئەپچىدە 30-قىسىمغىچە)

文摘   2024-08-30 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

شۇ تاپتا قەيسەر بىلەن گۈلزىرە مېۋە يەپ ئولتۇراتتى.

- مەن بانان يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، - دېدى گۈلزىرە.

- مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن،  شۇڭا سىزنى ياخشى كۆرىدىكەنمەندە، -دېدى قەيسەر ئوتتەك كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ.

 گۈلزىرە ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن سەل خىجىل بولۇپ، دەرھال چەتكە قارىۋېلىپ:

- قەيسەر، سىز مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانمۇ؟ - دەپ سورىدى.

 تۈنۈگۈن ئۇ ئىچى پۇشۇپ توردىن قەيسەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ باققان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ مۇھەببەت توغرۇلۇق ھېچ بىر ئۇچۇرى كۆرۈلمىدى.

 قەيسەر گۈلزىرەگە قاراپ دەرھال چىرايى ئۆزگىرىپ:

- ئەلفىرە، ئەمسە سىز مۇھەببەتلىشىپ باققانمۇ؟ -دېدى ئاندىن گۈلزىرەنىڭ چىرايىغا قاراپ،  ئاچچىقى بىلەن- ئۇ كىم؟ - دەپ سورىدى.

 گۈلزىرە مۇھەببەتلىشىپ باقمىدىم دېسە قەيسەرنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىپ دەرھال:

- بۇرۇن يۇرتىمىزدىكى چاغدا  قوشنىمىزنىڭ قاسساپ بالىسى سەمەت بىلەن ئىككى كۈن مۇھەببەتلەشكەن، كېيىن ئۇلار مېنى نامراتىكەن، دەپ ياراتماي مەھەللىدىكى 200قويى بار قاسىم باينىڭ قىزىنى ئالدى……

 گۈلزىرەنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتىنىڭ قاسساپلىقىنى ئويلاپ قەيسەرنىڭ چىرايلىرى كۆكىرىپ كەتتى.

 لېكىن ئۇ ئەرنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان نىيىتىدىن يېنىپ قالدى.

  ئۇ بىر قاسساپ بىلەن تەڭ بولماسلىقنى، يەنە كېلىپ بۇ ئەرنىڭ خوتۇن ئېلىپ بولغانلىقىنى ئويلاپ قالغان ئىدى.

- ئۇنىڭ كۆزى كور ئىكەن، - دېدى ئۇ بىر ئازدىن كېيىن.

 بۈگۈن ئۇ ساھىبخان بولغاچقا گۈلزىرە بىلەن بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن مېھمانلىرى بىلەن پاراڭلاشقىلى قوپۇپ كەتتى.

 قەيسەرنىڭ بايىقى چىراي ئىپادىسىنى ئويلاپ گۈلزىرەنىڭ كۈلگۈسى كېلىپ كەتتى.

 ئۇ ھازىر تۇيۇقسىز قەيسەرنىڭ كىبىرلىك بايۋەچچە ئەمەس، بەلكى بەزىدە  بىر نادان، ئوماق يىگىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى.

 لېكىن ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۇھ تارتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ قەيسەر ھەمدە جالال بىلەن بىرگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

 يەتتە يىل بۇرۇنقى شۇ كېچىدىن كېيىن،  ئۇ بۇنداق باي ئائىلىگە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغان، ھەتتا توي قىلىشنىمۇ ئويلاشمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.

 ئۇنىڭ ھازىر قىلىدىغىنى قەيسەرنىڭ يېنىدا ئۈچ يىل بەلەن ياشاپ،  مۆھلەت توشقاندا ئۆزىنى ۋە بالىسىنى باققۇدەك پۇل تاپقاندا بۇ يەردىن ئايرىلىش.

 ئۇ تېلېفوننى ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولغاندا تېلېفوننىڭ ئېكرانىغا بىر ئۇچۇر چىقىپ قالدى.

 جالال بەگزادىنىڭ كېسىلى قايتا قوزغىلىپ قايتا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، ئاتا ئانىسى ۋە قىز دوستى ئوپېراتسىيەخانا سىرتىدا جىددىيلىك بىلەن ساقلاپ تۇرماقتا…

گۈلزىرە ئۇنىڭ بايىقى ئۇچۇرنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن يازغانلىقىنى ئويلاپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن:

- سالامەت بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن، - دەپ يېزىپ قويۇپ مىكروبىلوگدىن چېكىنىپ چىقتى.

 ئوپېراتسىيەخانىنىڭ سىرتىدىكى ئىشكاپقا سېلىنغان جالالىنىڭ تېلېفونى تىترىدى، ئەمما ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ياتاتتى.

 ۋاقىت ئاز- ئازدىن ئۆتۈپ كەتتى، سىرتتىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى ناھايىتى جىددىيلىك بىلەن ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى.

 ئوپېراتسىيە ئىشىكى ئاخىرى ئېچىلدى.

جالالىنىڭ ئاتا ئانىسى ھەمدە شەمسىيە دەرھال چىققان دوختۇرنى ئورىۋېلىپ:

- دوختۇر جالال قانداقراق؟ - دەپ سورىدى.

 دوختۇر ئۇھ تارتىپ:

- ئوپېراتسىيە خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۇيۇپ قالغان قانلارنى پاكىز ئېلىۋەتتۇق، لېكىن جالال ئەپەندىمنىڭ ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى ناھايىتى ئاجىز،  ھازىرچە ھۇشسىز ياتماقتا، تېخى خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتمىدى، -دېدى.

 جالالىنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگىرىپ:

- ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى ناھايىتى ئاجىز دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟  ئۇ ۋاز كەچمەكچىمىكەن؟ -دېدى.

- شۇنداق، شۇڭا سىلەرنىڭ بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئويغىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەسىلەن، ئۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم ياكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

-ماقۇل…- شەمسىيە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، - ئەمىسە ئۇنى قاچان كۆرگىلى كىرسەك بولىدۇ؟ -دېدى

- ناھايىتى تېزلا ئالاھىدە كېسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز.

 ئۇزۇن ئۆتمەي جالال كېسەلخانىغا يۆتكەلدى،  شەمسىيە  ئۇنىڭ كارىۋىتى يېنىدا ئولتۇرۇپ يىغلىغىنىچە:

- جالال سىز يەتتە يىلدىن كېيىن چۇقۇم مېنى  خوتۇنلۇققا ئالىمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ؟ مەن سىزنىڭ ھۇشىڭىزغا كېلىشىڭىزنى ئىزچىل ساقلاۋاتىمەن، نېمىشقا ۋاز كېچىسىز؟ دوختۇر دېدىغۇ پەقەت ياخشى ئارام ئالسىڭىز كۆزىڭىز  ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ……- دەۋاتاتتى.

-بالام داداڭ ئىككىمىزنىڭ پەقەت سەنلا بىر تال بالىمىز بار، بىزدىن ئايرىلىشقا چىدامسەن؟

 كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دەيدىغىنى دېدى، لېكىن جالال ھوشىغا كېلىدىغاندەك قىلمايتتى.

 ھەتتا شەمسىيەنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ كەلدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە تەدبىر ئويلىدى، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، جالال يەنىلا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قان بېسىمى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى.

 بۇ چاغدا شەمسىيەنىڭ ئاپىسى شەمسىيەگە كۆز ئىشارىتى قىلىپ ئۇنى تازىلىق ئۆيىگە ئىشارەت قىلدى.

- شەمسىيە،  بايا دوختۇر جالالغا ئەڭ مۇھىم نەرسە بىلەن تەسىر كۆرسىتىڭلار دېگەن ئىدىغۇ، بىر ئادەم ئېسىڭگە كەلمىدىمۇ؟

 شەمسىيە دەرھال چۈشەندى ۋە چىرايلىرى تاتارغان ھالدا:

- ئاپا، ئۇ ئادەم ئۆلۈپ كەتتى!-دېدى

- ئۆيدە ئۇنىڭ  ئۈنگە ئېلىۋالغان ئاۋازى بار، مەن بېرىپ ئېلىپ كېلەي.

- ئاپا، ساراڭ بولدىڭىزمۇ!  ئەگەر جالال بۇلارنى ئاڭلاپ ئەينى يىلدىكى ئىشلارنى ئېسىگە ئالسا قانداق قىلىمىز؟ - دېدى شەمسىيە ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ.

- ئېسىگە ئېلىش ئالماسلىقى نامەلۇم، لېكىن ئۇ ھازىر ئۆلۈپ كەتسە، سەن ھەممە نېمەڭدىن ئايرىلىسەن!

شەمسىيەنىڭ يۈرىكى تىترەپ كەتتى، ئاندىن ئاستا ئاپىسىنىڭ قولىنى قويىۋېتىپ:

- ماقۇل، ئاپا، تېز بېرىپ ئېلىپ كەل!-دېدى.

 ئۇزۇن ئۆتمەي شەمسىيەنىڭ ئاپىسى بىر ئۈن ئالغۇ قەلىمىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا قايتىپ كەلدى.

 ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازنى قويغاندا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتتى. شەمسىيەنىڭ ئاپىسى جالالنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئاۋازنى قويدى.

 ئىچىدىن قىزچاقنىڭ خۇشال ئاۋازى كەلدى.

- جالال، قاراڭە كۆينىكىم چىرايلىقمىكەن؟

- جالال،  ئەتە سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇنلايمەن، سەل جىددىيلىشىپ قېلىۋاتىمەن.

-جالال……

 ئالغۇدىن پەقەت گۈلزىرەنىڭ ئاۋازى كەلدى،  ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملىنى جالال ئېيتقان ئىدى.

- گۈلزىرە سىز نېمە كىيسىڭىز يارىشىدۇ؟

- ئەمىسە بايا نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟

- مېنىڭ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار، كۆپرەك سۆزلىگىنىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار……

  ئاۋاز شۇ يەردە توختاپ قالدى.

 لېكىن، شەمسىيەنىڭ ئاپىسى ئاۋازنى يەنە بىر قېتىم قويدى.

 ئاستا ئاستا ئېكراندىكى قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشى ئەسلىگە كېلىپ نورمال ھالەتكە ئۆتتى.

 جالالنىڭ بارماقلىرى سەل تىترىدى.

 بۇنى كۆرگەن جالالىنىڭ ئاپىسى دەرھال خۇشال بولۇپ دوختۇرنى چاقىرىپ:

- دوختۇر تېز كېلىپ كۆرۈڭ جالال ھوشىغا كەپتىمۇ؟ -دېدى.

 دوختۇر ھەيران قالدى -دە، دەرھال تەكشۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

- شۇنداق،  ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى ئەسلىگە كېلىۋېتىپتۇ، بايىقى ئۇسۇلنى يەنە ئىشلىتىپ ئۇنىڭ نېرۋېسىنى غىدىقلاڭلار ، -دېدى.

 ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋاز دوختۇرخانىدا توختىماي قويۇلۇۋاتاتتى، شەمسىيەنىڭ تىرناقلىرى بولسا ئالقىنىغا پېتىپ كەتكەن ئىدى.

 ئۇ جالالىنىڭ قىز دوستى تۇرۇپ بايا قانچە يىغلىغان، ئۇنىڭغا ئىككىسىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى  نۇرغۇن سۆزلەرنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا قىلچە ئىنكاس بولمىغان ئىدى.

 مانا ئەمدى گۈلزىرە دېگەن خوتۇننىڭ نەچچە يىل بۇرۇن ئېيتقان بىر نەچچە جۈملە سۆزلا ئۇنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈۋاتىدۇ!

 شەمسىيە بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالماي قىلىۋاتاتتى.

 ئەمما، شەمسىيەنىڭ ئاپىسى كۆرۈپ قالدى دە، ئۇنىڭغا دەرھال ئىشارەت قىلدى.

 توغرا، ھازىر دېگەن خۇشال بولىدىغان ۋاقىت.

 ئۈنئالغۇ توختىماستىن ئەتىسى سەھەرگىچە قويۇلدى، جالال بولسا كىرپىكلىرى يېنىك تەۋرىنىپ، ئاخىرى كۆزىنى ئاچتى.

 ئۇنىڭ كۆزى ئەڭ ئاخىرىدا شەمسىيەنىڭ يۈزىگە چۈشتى.

 شەمسىيە خۇشاللىقىدىن:

- جالال، ئاخىرى ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز بىزنى بەك قورقىتىۋەتتىڭىز دېدى.

- شەمسىيە، -جالال ئۇنىڭغا قاراپ تەسلىكتە گەپ قىلدى، ئەمما تەلەپپۇزى ناھايىتى تىنچ ئىدى.

-مەن بار.

- سىزگە دەيدىغان گېپىم بار.

- جالال نېمە گەپ ئىدى، شۇنچە ئالدىراپ كەتكۈدەك؟ - شەمسىيە ئۇنى توي تەكلىپ قويارمۇ دەپ خۇشال بولۇپ كېتىۋاتاتتى.

- بىز ئايرىلىپ كېتەيلى.

 گەرچە كۆڭلىدە ئازراق بولسىمۇ تەييارلىق  قىلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن جالالىنىڭ ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەن سۆزىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان ۋاقىتتا، شەمسىيە قۇلىقىغا ئىشەنمىدى.

 ئۇ جالالىغا قاراپ مۇلايىم ھالدا كۈلۈمسىرەپ:

- جالال، نېمە دەۋاتىسىز ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم،  -دېدى.

 جالال ھازىر ناھايىتى تەسلىكتە گەپ قىلىۋاتاتتى،  شۇنداقتىمۇ بىر جۈملە بىر جۈملىدىن تەكرارلاپ:

- شەمسىيە،  ئايرىلىپ كېتەيلى، -دېدى.

- جالال ھېرىپ قالغان ئوخشايسىز، - شەمسىيە ئۇنىڭ يوتقىنىنى ئوڭشاپ قويۇپ، - ھازىرچە ياخشى ئارام ئېلىڭ، ھوشىڭىزغا كەلگەندە دوختۇردىن نېمە يەيدىغىنىڭىزنى سوراپ ئاندىن ئېتىپ بېرەي، -دېدى.

- مەن ھەممىنى ئېسىمگە ئالدىم، گۈلزىرەگە قىلغىنىڭىزنى،  بۇرۇنقى بارلىق ئىشلارنى، - دېدى جالالى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ.

- جالال، بۇنداق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ……- شەمسىيەنىڭ كۆز ياشلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

 ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، شەمسىيە دەرھال ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى.  

 دېمەك جالال ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن باشقا توختامنى بىكار قىلماقچى ئىكەن.

 ئۇنداقتا ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۆيدىكىلىرى قانداق قىلىدۇ ؟

 ئۇ بۇ تۇيۇقسىز خەۋەرنى قوبۇل قىلالماي، ۋاقتىنچە تەدبىر ئويلاپ چىقالمىدى.

 ئۇ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭۈلدىكى ئەندىشىسىنى بېسىپ جالالىغا قاراپ:

- جالال،  ئەمدى ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز، ياخشى ئارام ئېلىڭ، ئىشىمىزنى ئەسلىڭىزگە كەلگەندە ئاندىن دېيىشەيلى ماقۇلمۇ؟ -دېدى.

 جالالمۇ چارچاپ تۇرغاچقا ماقۇل دەپ قويدى.

 چۈشتە شەمسىيە ئاخىرى پۇرسەت تېپىپ جالالىنىڭ گېپىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن ئاپىسىغا ئېيتىپ بەردى.

 شەمسىيەنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆزىدە  نەپرەت ئوتى پەيدا بولدى.

 ئەينى يىلى ئۇ گۈلزىرەنىڭ ئاپىسىنى پەقەتلا ياقتۇرمىغان ئىدى، ئەمدى بۇ جۇۋاينىمەك ئۆلگىلى يەتتە يىل بولۇپ، يەنە قىزى بىلەن ئەر تالىشىۋاتىدۇ.

 ئۇ زالدا تۇرۇپ خېلى ئۇزۇن ئويلىشىۋەتكەندىن كېيىن بىر ئېغىر ئاياغ ئايالىنى كۆرىدى- دە، تۇيۇقسىز كۆزلىرى يورۇپ كەتتى.

- شەمسىيە، ئامال تاپتىم!- ئۇ شەمسىيەنى تارتىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرىلدى.

 ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، شەمسىيەنىڭ يۈزلىرى بىر قىزىرىپ بىر تاتىرىپ:

- ئاپا، بۇ ئامالغۇ بولۇپ قالىدىكەن،  لېكىن ئۇ مەندىن نەپرەتلىنەرمۇ؟ -دېدى.

- نېمىدىن قورقىسەن؟  پەقەت ئۇنىڭ بالىسى بولسىلا ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىرگە باغلىنىپ قالىسەن. ئۇ بالىنى ئالماسلىققا، جەمەتىنىڭ پۇشتىنى ئۆلتۈرۈشكە چىدامتى؟  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى يىلى گۈلزىرە غايىپ بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالمىغان كېيىن بىرەيلەن ئۇنىڭ جەسىتىنى تېرىۋالدۇق دېدى، لېكىن ئۇ كۆيۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بىز قەيەردىن بىلىمىز،  ناۋادا ئەگەر ئۇ ھايات قايتىپ كەگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ مىجەزىگە قارىغاندا، جالال ئىككىڭلارنىڭ بالىسى بولسا سېنىڭچە  ئۇ يەنە جالالىنى قوبۇل قىلارمۇ؟

 شەمسىيەنىڭ كۆزلىرى يورۇپ:

- ئاپا، بۇ ئامالىڭ بىر چامىدا ئىككى پاختەك بولىدىكەن!-دېدى.

- شۇڭا ئۆزۈڭنى تۇتىۋال پۇرسەت تېپىپ ھەرىكەتكە كەل ئۇقتۇڭمۇ؟ - دېدى شەمسىيەنىڭ ئاپىسى.

- ماقۇل، ئاپا، مەن بىلدىم!- شەمسىيەنىڭ كۆزلىرىدە تەقەززارلىق نۇرلىرى لاۋۇلدىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章