بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 7-قىسىم (ئەپچىدە 16قىسىم)

文摘   2024-08-29 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم


بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-يولدىشىم ياخشى دادا، ياخشى ئەر..

فىلىمنىڭ كەينىگە يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ كۈلۈپ ئوينىغان ۋە ئۈچىمىزنىڭ تاماق يېگەن كۆرۈنۈشلىرىنى قىستۇرۇپ تورغا يوللاپ قويغاندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىپ كارىۋاتقا يىقىلدىم.

كۆزۈمنى ئاچقاندا بولسا ئۆزۈمنى دوختۇر كارۋىتىدا كۆردۈم. بۇ كېسەلخانا يالغۇز كىشىلىك كېسەلخانا بولۇپ، ئالدىغا سافا قويۇلغانىدى.

- مەن بۇ يەردە نېمە قىلىمەن؟

سېستىرا ئوكۇل ئاسقاچ ماڭا قارىدى.

- بەك بەختلىككەنسىز ھەدە، كۆيۈمچان يولدىشىڭىز باركەن، ئۇ سىزنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى، سىزنى ئەڭ ئېسىل ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. بايىدىن بېرى سىز ئۈچۈنلا پايپېتەك بولدى.

ئۆزۈمنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيتتىم.

- يولدىشىم قەيەردە؟

- بايا بىر نەچچە ئادەم كەلگەن، ئۇزاتقىلى چىقىپ كەتتى، ھازىر قايتىپ كىرەمدىكىن..

ئۇنىڭ بىلەن كەلگىنىنىڭ زادى نېمە ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. بەدىنىم ماغدۇرسىز ئىدى.

- ئويغاندىڭىزمۇ؟- يولدىشىم كۈلگىنىچە كارىۋات ئالدىغا كېلىپ قولۇمنى تۇتتى. ئۇ ئادەتتە باشقىلار ئالدىدىلا مۇشۇنداق قىلاتتى.

- ئاكا، ماۋۇ ئوكۇل تۈگىگەندە مېنى چاقىرىڭ ھە.. - سېستىرا كېسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

يولدىشىم قولۇمنى قويىۋەتتى.

- مېنى نېمىشقا دوختۇرخانىغا ئەكەلدىڭىز؟

- ئايلىنىپ قالدىڭ، شۇڭا ئەكەلدىم..

- جاپا چەكتىڭىز..

ئۇ يانفوننى ئالدىمغا ئەكەلدى.

- ئۆزۈڭ كۆرۈپ باق..

يولدىشىمنىڭ تېلىفونىدا ئۆزۈم بايا سۈرەتكە ئالغان سىننى كۆردۈم. لېكىن ئىنكاسنىڭ ھېچقايسىسى ياخشى ئەمەس ئىدى. كۆپچىلىك مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە ئىشىنىدىغاندەك قىلمايتتى.

- كىچىك بالا يالغان سۆزلىمەيدۇ. بىز بالىنىڭ گېپىگە ئىشىنىمىز.

- سىزگە يولدىشىڭىز تەھدىد ئىشلەتتىمۇ، نېمىشقا راست گەپ قىلمايسىز..

- ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق دېگەن شۇ، بۇ خوتۇننىڭ ئۆزىدىمۇ بار..

- بايغا تەگكەن خوتۇنلار مۇشۇنداق بولىدۇ، پۇلىنى دەپ ۋاز كېچەلمەيدۇ.. تاياق يەپمۇ يەنە ئېرىنى ئاقلاپ كەتكىنىنى..

ئۇ تېلىفوننى يىغۇشتۇردى.

- ئىككى خېرىدار مەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختاتتى..

- مېنى كەچۈرۈڭ، بۇ ئىشنى ئوڭشايمەن دەپ بۇزۇپ قويىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىمەن..

- مۇشۇنداق بولىشىنى بىلگەن ئادەم بالدۇر ئامالىنى قىلساڭ بولاتتى..

- كەچۈرۈڭ، مەندىن ئۆتۈپتۇ.. بالىغا جاۋابنى دەپ بەرمىگەن خاتالىق مەندە..

- بۇ ئىشنى ئاپامغىمۇ دېدىڭ.. مەن ساڭا ھېچكىمگە دېمە دېگەن.. سېنىڭ يۈزۈڭنى ئاپامنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ قوغداپ قالاي دېسەم، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ..

- ئۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ئۆزى كەپتىكەن.. مەن ئامال قىلالمىدىم.. بالام ئىككىمىزنىڭ يۈز كۆزىگە قاراپ بىلدى..

ئۇ يېنىمغا كېلىپ يۈزۈمنى تۇتتى.

- سەن ئايالكىشى، يۈزۈڭ بەك مۇھىم.. كۈندە يۈزۈڭگە تاياق يەپمۇ يەنە گەپ ئاڭلىمامسەن..

- ماۋۇ دورىنى كەچتە ئىككى تال يەيسىز،- سېستىرا ئىشىكنى ئېچىپ كىردى.

- يۈزىڭىز تاتىرىپ كېتىپتۇ جېنىم،- يولدىشىم شۇئان گېپىنى ئۆزگەرتتى.

سېستىرا بىزگە قاراپ كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى. يولدىشىمنىڭ يۈزۈمنى تۇتقان قولى گېلىمگە سۈرۈلدى.

- ئۇنداق قىلماڭ، مېنىڭ جېنىم ئازلا قالدى، مەن بالىڭىزنىڭ ئاپىسى.. ئۇنداق قىلماڭ..

نەپسىم سىقىلىشقا باشلىدى.

- نېمىلا قىلساڭ كارىم يوق، تورغا چىقىپ مېنى ئاقلايسەن، ئەگەر ئاقلىيالمىساڭ، ھەركۈنى بۇنىڭدىنمۇ بەك قىينىلىپ ياشايسەن..

- مەن، مەن چوقۇم سىزنى ئاقلايمەن.. ماڭا ئىشىنىڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويىۋېتىڭ.. نەپسىم يېشىتمەي قالدى..

ئۇ قولىنى قويىۋەتتى. قاتتىق ھۆتۈلۈپ كەتتىم.

ئۇ يانفونۇمنى قولۇمغا تۇتقۇزدى.

- تورغا نېمە يوللاش ئۆزۈڭنىڭ تاللىشى.. . ناچار ئىنكاس تۈگىگۈچە يوللاپ مېنىڭ نامىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك..

- ماقۇل، مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن..

يولدىشىم چىقىپ كەتتى. ئۆزۈمنى قەپەز ئىچىدىكى قۇشتەك ھېس قىلماقتا ئىدىم، قانىتىم بار ئىدى، ئۇچالمايتتىم، سايراش ۋاقتىممۇ، سايراش ئاۋازىممۇ باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.

سىن قانالنى ئېچىپ خەۋەردىكى ئوغلۇمنى كۆردۈم. كىشىلەر ئاستىغا ھەرخىل ئىنكاسلارنى قالدۇرغانىدى.

- بىچارە بالىنىڭ يىغلاشلىرىدىن قانچىلىك قورقۇپ كەتكىنى چىقىپ تۇرۇپتۇ..

- بۇ ئادەم تورغا ياخشىلىق قىلدىم، ئىئانە قىلدىم دەپ چىقارسا ئېسىل ئادەممىكىن دەپتىكەنمەن.. بۇنداق قورقۇنۇشلۇق ئادەم دەپ ئويلىماپتىمەن..

- مەن ئايالىنىڭ سۆزلىگەن ھالىتىدىنمۇ بىرخىل غەمكىنلىق ھەم قورقۇنۇچنى بايقىغان.. بۇنداق ئەر بىلەن ياشاش چوقۇم بەك قورقۇنۇچلۇق..

ئاستىغا سۈرۈپ يەنە بىر سىندە ئۆزۈمنى كۆردۈم، لېكىن مەن ئۆرە ئەمەس يېتىقلىق ئىدىم، يولدىشىم مېنى يۆلىگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى، ئاندىن دوختۇرلار ئارقىلىق مېنى ئېسىل ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداق، مەن ئايلىنىپ قالغاندىن تارتىپ، دوختۇرخانىغا كېلىپ كارىۋاتقا ئورۇنلىشىش جەريانى ئۈچىنچى كىشى تەرىپىدىن يوشۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىنغانىدى.

تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى بىلگەندەك بولدۇم.

- قانداقلا قارىسام ئەسكى ئادەمدەك قىلمايدۇ.. ئايالىغا شۇنداق كۆيۈنىدىكەنغۇ..

- ئايالىنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ قويدىمۇ تېخى..

- قىزىق ئىش بولدى، بۇ زادى قانداق گەپ، بۇ ئادەم زادى ياخشى ئادەممۇ يامان ئادەممۇ..

بىر ئادەمنىڭ ئىنكاسىغا نۇرغۇن يۈرەك چۈشكەن بولۇپ مۇنداق يېزىلغانىدى.

«بۇ دېرىكتور ماڭا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلغان ئاكام، ئۇ بەكلا ئېسىل ئادەم، ئايالىنىڭ قان ئازلىق كېسىلى بار، تۇرۇپ تۇرۇپلا ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەر قېتىم ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بۇ سىننى مەن يوشۇرۇن تارتىۋالدىم. كۆپچىلىك ياخشى ئادەمگە ئۇۋال قىلماڭلار. مەن ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا گۇۋاھچى.. »

يولدىشىمنىڭ كاللىسىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم، مېنىڭ ئۇنى ئاقلاش ئۇسۇلۇم، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قوللانغان ۋاستىسى ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى.

بىر كۈن ئىچىدە ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئايالدىن، قان ئازلىق كېسىلى بار ئايالغا ئۆزگىرىپ قالدىم، ئەزەلدىن ماڭا كۆيۈنمەيدىغان يولدىشىم تەرىپىدىن زورلاپ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالاندىم. ئۇ بولسا ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىدىغان ئەردىن، ياخشى ئەرگە ئۆزگەردى. مەن بىر قورچاق ئىدىم. نېمە قىلىشىم، نېمە دېيىشىم، ھەتتا تەن سالامەتلىكىممۇ ئۇ تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.

ئاچچىق كۈلگىنىمچە يانفوننى ئۆچۈرۈپ دەرىزىگە قارىغىنىمچە يەنە خىيالغا پېتىپ كەتتىم.

بۇ ئىشلارنىڭ بالدۇرراق ئاياقلىشىشىنى، ئۆزۈمنىڭمۇ باشقا ئاياللاردەك ئەركىن ياشىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن ئۇ كۈننىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

تۇيۇقسىز يانفونۇم سايرىدى. دادامنىڭ نومۇرى تۇراتتى.

ئاستا قۇبۇل قىلىش كۇنۇبكىسىنى باستىم.

- ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ بالاڭغا شۇنداقمۇ گەپ ئۆگىتەمسەن؟ يولدىشىڭ شۇنداق كۆيۈمچان تۇرسا.. يەنە نېمىگە رازى بولمايسەن..

- دادا، مەن دوختۇرخانىدا، سەن بولسىمۇ مېنى خىجىل قىلمىغىن بولامدۇ..

- كۈيئوغلۇم شۇنداق ئېسىل، خەققە ئۇنى يامان قىلماي، ئۇنى قەدىرلە.. خىزمىتىنى قىل.. سېنى ئۇنىڭدەك ئادەمنىڭ ئالغىنى بەختىڭ..

يۈرەك ئاغرىقى بەدىنىمنىڭ ئاغرىقىنى بېسىپ چۈشتى، لېكىن دادامغا جاۋاب قايتۇرغۇدەك ھالىم يوق ئىدى، چۈنكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياخشىچاق يولدىشىمغا دادام مەندىن بەكرەك ئىشىنەتتى، دادامغا نىسبەتەن يولدىشىمنىڭ بەرگەن قەرزى ئالدىدا مەندەك قىزىنىڭ تاياق يېگەنلىكىنىڭ راست يالغانلىقى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىمەيدىغان مەسىلە ئىدى.

- بىلدىم دادا.. گېپىڭ تۈگىگەن بولسا قويىۋەتتىم..

- قويماي تۇر، ساڭا دېسەم ئەركىشى دېگەننىڭ ئانچە مۇنچە ئاچچىقى بولىدۇ، كۆتۈرۈشۈڭ كېرەك..

- مەن كۆتۈرىۋاتىمەن، ھېچنېمە دېمىدىمغۇ..

- توردا ئوغلۇڭنىڭ «دادام ئاپامنى ئۇرىدۇ» دېگەن گېپى بىر كېتىپتۇ.. بالاڭغا ياخشى تەربىيە قىل.. قالايمىقان گەپ قىلمىسۇن، يولدىشىڭ دېگەن يۈزى بار ئادەم، بۇنداق يۈزىنى تۆكمە، ئۇنىڭ يۈزى تۆكۈلسە سەنمۇ ياخشى كۈن كۆرمەيسەن..

- دادا، سېنىڭ بالاڭ مەنمۇ ياكى ئۇمۇ؟

- سەن مېنىڭ بالام بولغىنىڭ ئۈچۈن دەۋاتىمەن، ھېچقانداق ئەركىشى قېيىنئاتىسىغا ئۇنداق قىلمايدۇ.. ئۇ قىلدى.. سېنى ئىشلەتمەي بېقىپ كەلدى.. يەنە قانچىلىك قىلسا بولاتتى..

- بولدى دادا، ماڭا گەپ قىلمىغىن ئۆتۈنۈپ قالاي..

تېلىفوننى قويىۋېتىپ يوتقاننى بېشىمغا پۈركەپ يىغلاشقا باشلىدىم. ئۆز دادامنىڭ قىزى تاياق يېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە مېنى بېسىۋاتقانلىقىدىن ھەيران ئىدىم. ئۇ مېنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئالدىغا بارغانلىقىمنى، نېمىشقا يېنىمدا پۇل قالمىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە پۇلى بار كۈيئوغۇلنىڭ بولىشى مەندەك قىزىنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىدىن مۇھىم ئىدى. نېمىشقا بۇنداق كىشىنىڭ قىزى بولۇپ قالغانلىقىمغا جاۋاب تاپالمايتتىم، بەزىدە ئاپامنىڭ بۇنداق ئەرنى تاپقانلىقىدىن رەنجىپ، خىيالىمدا ئاپامغا قاخشاپمۇ قوياتتىم.

دۇنيا راستىنلا غەلىتە، ئۇ بىزگە بەزىدە بىر يولدىكى ئەمەس، مىجەزى، دۇنيا كۆزقارشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان لېكىن «قانداشلىق»تىن ئىبارەت بۈيۈك مۇناسىۋىتى بار بەزى كىشىلەرنى ھەمراھ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىزگە پالاكەتچىلىك ۋە ئازاب بېرىشتىن باشقا چوڭ ئالاھىدىلىكى يوق، لېكىن دەل «قانداشلىق» دېگەن ئىسكەنجە تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن رەنجىيەلمەيمىز، يۈز ئۆرىيەلمەيمىز، خاتالىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ تۈزىتىشكە ئامالىمىز يوق.

- مۇشۇ ياتاق شۇ.. -سېستىرانىڭ ئاۋازىنى ئىشىككە قاراپ«مالچى ھەدەم»نى كۆردۈم. ئۇ بىر خالتا نەرسە كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، ئاستا يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.

- قانداقراق تۇرىسىز؟

كۆزلىرىمدىكى ياشلىرىمنى يوشۇرۇپ قالالمىدىم.ئۇ بېشىمنى سىيلىدى.

- قەيسەر سىڭلىم، بۇ ئىشلار چوقۇم ياخشى بوپ كېتىدۇ.. كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ..

- بۇ يەرنى قانداق تېپىپ كەلدىڭىز؟

- يولدىشىڭىز چىقارغان سىننى كۆردۈم، شۇنىڭدا دوختۇرخانا بىلەن ياتاق نومۇرى قوشۇپ تارتىلىپتۇ.. شۇڭا كەلدىم..

- مېنى كەچۈرۈڭ ھەدە.. سىزگە ئىشلەپ بېرىمەن دەپ ئويلىغانتىم. لېكىن يەنە بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم.. مەن ئىشلىيەلمىگۈدەكمەن..

- مەن چۈشىنىمەن.. قىيىنچىلىقىڭىزنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن.. بىز يەنە باشقا ئامال تاپساق بولىدۇ..

- قانداق ئامال تاپىمەن ھەدە.. مەن ئاجرىشالمايمەن.. ئاجراشسام تېخىمۇ چوڭ دەرتكە قالىمەن..

- ئۇنداق ئويلىماڭ. بۇنداق ياشىغاندىن كۆرە تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشكە ئامال ئىزدەڭ.. چىرايىڭىزمۇ تاتىرىپ كېتىپتۇ.. سالامەتلىكىمىز داۋاملىق تۇرىۋەرمەيدۇ.. پالاكەتچىلىك يېنىمىزدا ئەگىپلا يۈرىدۇ. تۇيۇقسىز تاياقتىن تۇرالماي كېتىپ قالسىڭىز، بالىڭىز قانداق قىلىدۇ..

بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدىم.

- ئېغىر بولسىمۇ دەپ قوياي، ئەركىشىنىڭ بىرىنچى خاتالىقىنى كەچۈرىۋەتسىڭىز، ئارقىدىن سىزگە ئازابنى قورقماي سېلىۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ كەچۈرىۋېتىدىغىنىڭىزنى بىلىدۇ..

- قانداق قىلىمەن، ئۇنى كەچۈرىۋەتمىسەم، يەلكەمدە بىرمۇنچە قەرز بار تۇرسا..

- قەرزىڭىزگە مەن ياردەم قىلاي.. لېكىن بۇنداقلا ياردەم قىلمايمەن، سىزمۇ كۈچىشىڭىز كېرەك..

- قانداق كۈچەيمەن.. ماڭا دەڭە ھەدە..

- ئىسپات توپلاپ ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ..

- ياق، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن.. ئۇنداق قىلسام ئۇنىڭ بارلىقى يوق بولىدۇ.. بولمايدۇ.. ئۇ بالامنىڭ دادىسى..

- شۇڭا مەڭگۈ ئۇنىڭ قورقۇتۇشى ۋە بېسىمى ئاستىدا ياشىماقچىمۇ؟

- نۇرغۇن ئاياللار بالا ئۈچۈن يولدىشىنىڭ كەمچىلىكىنى كۆتۈرىدۇ، مەنمۇ قىلالايمەن..

- نادانلىق قىلماڭ، مىجەزدىكى كەمچىلىكىنى كۆتۈرۈش بىلەن تاياقنى كۆتۈرۈش باشقا گەپ.. تاياق جېنىڭىزنى ئېلىشى مۇمكىن، بىلدىڭىزمۇ؟ نېمانچە نادانسىز..

- مەن قىلالمايمەن، كەچۈرۈڭ..

- مۇشۇ ياتاق شۇمۇ..

ئاپارات كۆتۈرگىنىچە كىرگەن ھېلىقى مۇخپىر قىز بىلەن خىزمەتداشلىرى كارىۋىتىمنىڭ ئالدىغا كەلدى.

- ھەدە، سىزدىن سورايدىغان نەچچە سۇئال بار ئىدى. راست گەپ قىلىپ بەرسىڭىز..

- بۇ بىۋاستە تارقىتىشمۇ؟

- شۇنداق، ھازىر ھەممەيلەن سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ.. .

بۇلارنى يولدىشىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ مېنى ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا زىيارەت قۇبۇل قىلىشقا زورلىغىنى، ماڭا مۇقىم جاۋابنى بەرگۈزۈش ئۈچۈن ئىدى.

زورلاپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ مېكروفونغا ئاغزىمنى تەڭلىدىم.

- كۆپچىلىك، مەن بالىنىڭ ئاپىسى، يولدىشىم ياخشى ئادەم، مەن قان ئازلىق كېسىلى بولغىلى ئۇزۇن بولدى، پاتپاتلا ئايلىنىپ قالىمەن، ئۇ ھەرقانچە مۇھىم خىزمىتى بولسىمۇ ماڭا قارايدۇ، مېنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىقتىساددىن قىسماي، ھەتتا ئائىلەمدىكىلەرگىچە قاراپ كەلدى.. بالامنىڭ دېگەنلىرى راست ئەمەس.. بالا كىچىكلىكتە شۇنداق دەيدۇ.. يولدىشىم مېنى ئۇرۇپ باقمىدى، ئانچە مۇنچە بويۇن ئومۇرتقامنى تۇتۇپ قويغاندا بالا كۆرۈپ قالغان.. شۇڭا شۇنداق دەيدۇ.. يولدىشىم ياخشى ئادەم..

ئۇلار ئاپراتلىرىنى يىغۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇخپىر قىز يېنىمغا كەلدى.

- مېنىڭچە بۇ قېتىم ئۈنۈمى بولىدۇ.. خېلى ياخشى ماسلاشتىڭىز..

قىز مېنىڭ سالامەتلىكىم ۋە ئىشنىڭ راست يالغانلىقىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ خەۋىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغاندەك قىلاتتى.

- تۈگىدىمۇ؟- دېدىم بوش ئاۋازدا.

- تۈگىدى، ئۈنۈمى بوپ قالسا كەلمەيمىز، ناچار ئىنكاس بولسا يەنە كېلىشىمىز مۇمكىن..

مۇخپىر قىز خىزمەتداشلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. «مالچى ھەدەم» يېنىمغا كەلدى.

- ھەي، بۇ قىز ئايالكىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىمۇ بىلمەيدىكەن، سىزنىڭ مۇشۇ ھالدا تۇرغىنىڭىزنى كۆرۈپمۇ يەنە خەۋەرنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولىۋاتىدۇ..

- بۇ قىز ياش ھەدە، بەلكى مەندەك دەرت تارتىپ باقمىغاندۇ..

«مالچى ھەدەم» قولۇمنى تۇتتى.

- سىزگە قاراپ بەكلا يۈرىكىم ئېچىشىۋاتىدۇ.. قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى ۋەيران قىلىۋاتىسىز..

- مېنىڭمۇ بۇنداق ياشىغۇم يوق ھەدە، لېكىن قەرز يەلكەمنى باستى..

- ئەسلى قانۇن يولى بىلەن ھەل قىلسىڭىز بولاتتى، قەرز دېگەن قەرز، ئائىلە زوراۋانلىقى ئايرىم سورىلىدۇ.. بۇنداق ئۆينى تۇتماي ئاجرىشىپ كەتكىنىڭىز ياخشى..

- مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، لېكىن ئاجراشسام نەگە بارىمەن؟ ئۆز دادام جېنىدا بۇ خاتالىقنى مەندىن كۆرىۋاتىدۇ، ئۇ مېنى يولدىشىڭنىڭ تايىقىنى كۆتۈر دەيدۇ.. قېيىن ئاپاممۇ مېنى ئوغلىنى ئاقلاشقا زورلاۋاتىدۇ..

- مەن ئەزەلدىن باشقىلارنى ئاجرىشىشقا زورلاپ باقمىغان، لېكىن سىزنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.. چۈنكى سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز بەكلا ئالاھىدە..

- بەزىدە ئۇنىڭ تايىقى ئاستىدا ئۆلۈپلا كەتسەم دەيمەن.. شۇنداق بولسا جېنىم بۇنچە قىينالمىغان بولاتتى.. روھىي بېسىمنىڭ ئازابى جىسمانى بېسىمدىنمۇ ئېغىركەن..

- دۇنيا سىزنى تېخىمۇ باتۇر بولسۇن دەپ دەرت بېرىدۇ.. بۇنداق قىلماڭ..

- باتۇر بولساممۇ نېمە پايدىسى، يا يولدىشىمغا يا ئوغلۇمغا خوشاللىق بېرەلمىدىم، يا دادامنىڭ مېھرىگە ئېرىشەلمىدىم..

- ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ مېھرىگە ئېرىشىشىڭىز كېرەك.. ئۆزىڭىزنى بۇنداق تاشلىۋەتسىڭىز، ھېچكىم قەردىڭىزنى قىلمايدۇ..

- زادى قانداق قىلىشىم كېرەك ھەدە، بېشىمنىڭ ئىچى تېشى قاتتى..

- قەددىڭىزنى رۇسلاڭ، مەن سىزگە ياردەم قىلاي.

«مالچى ھەدەم» قولۇمنى تۇتىشى بىلەن يولدىشىم ئىشىكتىن كىردى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章