قارا كۆڭۈللەر 🧡 20-قىسىم

文摘   2024-08-31 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-مۇشۇ گەپنى سەن دەۋاتامسەن؟ مەن تېخى سەندەك تۇزكورلۇقتا چېكىگە يەتمىدىم.

- ئولتۇرە،- شاۋكەت مىرزاتنىڭ قولىنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ دېدى:

- ئاداش، بۇ قېرىلارنىڭ بىر نەچچە يىللىقلا ئۆمۈر قالدى. ئۇلارنىڭ پۇلىنى مەن ئىشلەتمىسەم ئۇلار ئۆلسە ئۈچ قېرىنداش تەڭ بۆلىشىدىغان گەپ. شۇڭا مېنىڭ ئۆز نەپسىمگە چوغ تارتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ .

- سەنمۇ قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا شاۋكەت. ئېتىزغا نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن. بۇغداي تېرىپ قوناق، قوناق تېرىپ بۇغداي ئالمايسەن. ئاتا- ئاناڭغا قىلغانلىرىڭ كېيىنچە ئۆز پەرزەنتىڭدىن ساڭا يانماي قالارمۇ؟ ئەڭ ياخشىسى سەن بۇ يامان نىيىتىڭدىن يان.

- سېنىڭ قېشىڭغا ماڭا نەسىھەت قىلسۇن دەپ كەلمىدىم. ماڭا ياردەم قىلامدىكىن دەپ كەلدىم. بۇ ئىش پۈتسە سېنى ئوبدان رازى قىلىمەن. دۇنيادا پۇلغا ئۆچ ئادەم يوققۇ دەيمەن. سەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .

- ماڭا بېرىدىغان پۇلۇڭنى چېكەنگە تاڭ. مەن سەندەك تۇز بەرگەننىڭ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان ناھايىتى ئەمەس. سەن ئاتا- ئاناڭغا قىلماقچى بولغان رەزىللىكنى كىشىلەر دۈشمىنىگىمۇ قىلمايدۇ. كۆزۈمدىن ھازىرلا يوقال. مېنىڭ سەندەك دوستۇم يوق .

- مىرزات، ھاياجىنىڭنى بېسىۋېلىپ گېپىمنى ئاڭلا ئاداش. مەن ئاتا-ئانامنىڭ پۇلىنى خەجلىگىنىمنىڭ نەرى يامان. قىلماقچى بولغىنىم سەن ئەيىبلەپ كەتكۈدەك ئۇنچە يامان ئىشمۇ ئەمەس.

- نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنىڭ قارا نىيىتىڭنى بىلمەي دوست بولۇپ يۈرگىنىمگە ھەيرانمەن. ياخشىلىقچە بۇ نىيىتىڭدىن يان شاۋكەت. كېيىنكى كۈنلەردە سەن قىلغىنىڭغا ھامان بەدەل تۆلەپ قالىسەن. ھازىر بۇ نىيىتىڭدىن يانساڭمۇ كېچىكمەيسەن.

- ۋاي بولدى قىلە، مەن پەقەت ئاتا- ئانامنىڭ پۇلنى خەجلەي دېدىم شۇ. گەپ قىلمىسام تىللاپ كەتتىڭغۇ مېنى. ياردەم قىلمىساڭ مەيلى. بۇچۇ قارا، ھەممە ئادەمنىڭ قولى ئالدىغا ئىگىلىدىغان جاھان. ۋاپادارلىققا، ئاقكۆڭۈللۈككە ھېچكىم بىرتىيىن بەرمەيدۇ.

- ۋاي بىر يوقالغىنا، خوتۇنىنىڭ سىزغان سىىزىقىدىن چىقمايدىغان يۇمشاقباش.

 شاۋكەت مىرزاتنىڭ ئۆيىدىن يەتكۈچە ئىزا-ئاھانەت ئاڭلاپ قايتىپ چىقتى. لېكىن بۇ ئىشلارنى قېڭىغا ئېلىپ قويمىدى. ئاچكۆزلۈكى ئەقلىنى كەسكەن بۇ نادان ئىنسان ئولتۇرسا-قوپسا ئاتا-ئانىسىنى بابلاپ پۇل ئېلىشنىڭ كويىدا ئىدى.

***************************

شۆھرەت كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا سىرتقىمۇ چىقماستىن مال ساتقۇچى قىزنىڭ ئۈندىدارىغا خەت يازماقچى بولدى. ئۇ ئۈندىدارنى ئېچىپ ھېلىقى قىزنىڭ تېخىچىلا ئۆزىنى قوشمىغانلىقىنى بىلىپ سەل كۆڭلى يېرىم بولدى. قىزنىڭ پەقەت مېلىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا ئۆزىنى ئۈندىدارغا قوشماقچى بولغان قىياپەتكە كىرۋالغىنىدىن سەل ئەپسۇسلاندى. شۇنداقتىمۇ قىزغا يەنە بىرقېتىم قوشۇش ئۇچۇرى ئەۋەتتى. ئارىدىن ئىككى مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ قىز ئۇنى قوشمىدى. ئۆزىنىڭ كىچىككىنە بىر قىز تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ئويلاپ تېخىمۇ بىئارام بولدى. ئۇ قىزغا ئالدانغانلىقىنى بىلىپ بۇ قىزنى تېزلا خىيال دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. شۆھرەتنىڭ خىيالى بىردىنلا زۇلپىيەگە يۆتكەلدى .

زۇلپىيەنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئەلەم بولغانىدى. تۆت يىل مۇھەببەتلىشىپ كۆڭۈل قەسىرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بۇ ئاي يۈزلۈك جانان ئۇنىڭغا قىلچىمۇ يۈز بەرمەي ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشىش ئۈچۈن ئېغىر شەرتلەرنى قويىۋاتاتتى. ئۇ قويغان شەرتلەرنى ئۇرۇنلاشقا شۆھرەتنىڭ ئۆمرى يەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. شۇنداق تۇرسا ئۇنى ھەرقانچە ياخشى كۆرگەن بىلەنمۇ ئاقىۋەتتە يەنىلا داغدا قالىدىغان گەپ.

 يانفونىغا «تىرىڭڭىدە» ئۇچۇر كېلىشى بىلەن شۆھرەت يانفۇنىغا قارىدى. ھېلىقى مال ساتقۇچى قىز ئۇنى قوشقان ئىدى. قىز ئۈندىداردىكى باش سۈرەتكە بىر جۈپ قىزىل گۈلنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويغان بولۇپ ئۈستىگە دۆلەت تىلىدا ئوماق مەلىكە دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئىدى. قىز ئۇنى ئايرىم قوشۇپلا ئىككى تال گۈل بىلەن بىر پىيالە قەھۋەنىڭ ئىپادىسىنى يوللاپ قويغانىدى.

 شۆھرەت ئالدىراپلا قىزغا خەت يازدى .

- ياخشىمۇ سىز؟

 قىز ئالدىراش بولۇپ قالدىمىكىن، شۆھرەتنىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرمىدى. شۆھرەت قىزنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ كۆزى تۆت بولغاندا قىزدىن جاۋاب خەت كەلدى.

- ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟

- مەنمۇ ياخشى.

- كەچۈرۈڭ، ئالدىراش بولۇپ قېلىپ سىزنى ۋاقتىدا قوشۇلماي قالدىم،- قىز خەتنىڭ كەينىگە خىجىل بولغانلىق چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قويغانىدى.

- ھېچقىسى يوق .

- چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟

 شۆھرەت چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىمۇ قىزغا يالغان ئېيتتى .

- ھەئە ئىشلەتتىم. ئۈنۈمى بەك ياخشى ئىكەن. چېچىم شۇنداق جانلىق بولۇپ قالدى.

- سىزگە ئەرزىگەن بولسا مەنمۇ خوش بولدۇم. ئەمىسە دوست- بۇرادەرلىرىڭىزنىمۇ كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن .

- ماقۇل، ھە راست، ئىسمىڭىز نېمىتى؟

- گۈزەلئاي .

- ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدەك چىرايلىق ئىكەن.

- رەھمەت،- قىز خىجىلچىلىقتىن قىزارغان چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قويدى.

 شۆھرەت ئەمدى قىزغا نېمە دېسەم بولار دەپ بىر ھازا ئويلىنىپ نېم دېسەم بۇلار دەپ تۇرغاندا قىزدىن خەت كەلدى:

-شىركىتىمىز ئىشلەپ چىقارغان بوستان چاچ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىدىن يەنە دانىخورەك يوقىتىش يۈز يۇيۇش سوپۇنى، قورۇق يوقىتىش يۈز چاپلىقى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى قاتارلىقلار بار. ناۋادا بۇ مەھسۇلاتلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئىتىبار باھادا سېتىپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن.

- سىز دېگەن مەھسۇلاتلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي يەنە سىزگىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدىغاندەك قىلىپ تۇرىمەن.

قىز كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قويۇپ:

- چاقچاققا بەك ئۇستكەنسىز،- دېگەن خەت كەلدى.

- راست دەۋاتىمەن گۈزەلئاي. سىز بىلەن دوست بولغۇم كېلىۋاتىدۇ. خالىسىڭىز ئىككىمىز پات- پات ئۇچرىشىپ تاماق يىگەچ سىردىشىپ ئۆتسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن.

 قىزدىن خېلى ئۇزۇنغىچە خەت كەلمىدى. شۆھرەت قىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى بىر قاتار ئاختۇرۇپ چىقتى. قىز ئاساسلىقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا مال سېتىش جەريانىدىكى خېرىدارلىرىنىڭ ئىنكاس سۆزلىرىنى، قىزىل بولاق ئاتقان جايلىرىنىلا چىقىراتتى. شۆھرەت بۇ قىزنىڭ مەخسۇس مال ساتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.

 ھەمدە قىزغا خەت يازدى .

- گەپ قىلمايسىزغۇ. مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىمامسىز .

- ياقەي، ئۇنداق ئەمەس، ئالدىراش بولۇپ قالدىم،- دېدى قىز بىر ئازدىن كېيىن .

- ۋاقتىڭىز بولسا ئەتە چۈشتە بىرگە تاماق يېسەك قانداق؟

 خېلى ئۇزاققىچە جىمىپ قالغاندىن كېيىن دېدى .

- قانداق بۇلار؟

- ئۇبدان بولىدۇ.

- قالغىنىنى، مەن ئەتە ئەھۋالغا قاراپ بىر نەرسە دەي. ھازىر كىسىپ بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. شىركەتتىن خالىغان چاغدا خادىملارنى چاقىرىپ يېغىن ئاچىدىغان ئىشلىرى بار. ھازىر سىزگە ماقۇل دەپ قويۇپ كىيىن ئىشتا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا ئالدىڭىزدا يالغانچى بولۇپ قالىمەن.

- مەيلى ئەمسە مەن ئەتە خۇشخەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن.

- ماقۇل. سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟

- ئىسمىم شۆھرەت.

ئىككىسى ئۈندىداردا تۈن يېرىمغىچە پاراڭلىشىپ ئاندىن ئۇخلاپ قېلىشتى.

*****************************

شاۋكەت روھى چۈشۈپ كەتكەن ھالدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

قايسى كۈنى ئۇ ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەتنىڭ دىلىنى رەنجىتىپ قويغاچقا ئۇلار شاۋكەتكە ئۇچۇق-چىراي ئاچمىدى.

 ياقۇپ سوغۇقلا سورىدى .

- بۈگۈن يەنە نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ بىر ھاجىتىڭ چۈشمىسە ھەرگىزمۇ قېشىمىزغا كەلمەيتتىڭ.

- بىر مەزگىل سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا تۇرۇپ قالىدىغاندەك قىلىمەن،- دېدى شاۋكەت بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا .

- نېمىشقا ئەمدى؟ خوتۇنۇڭ بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالدىڭما؟- سورىدى ھۆرىيەت .

- دەپ كەلسەم گەپ تولا. ئىككىمىز ئاجرىشىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز .

- نېمە؟ ئىككى بالىلىق بولغاندا نېمە بالا يەتتى ئەمدى؟ تويدىن ئىلگىرى بىز قوشۇلمىساقمۇ گۈلگىنەنىڭ بوسۇغۇسىدا يېتىۋېلىپ ئاشۇنى ئالمىسام ئۆلىمەن دەپ بىزدىنمۇ تانغىلى تاسلا قالغانىدىڭغۇ،- دېدى ھۆرىيەت.

- گەپ قىلمامسەن؟ نېمىگە ئاجرىشاتتىڭ؟ ماڭە خوتۇنۇڭنى ئېلىپ كېلىپ ئىككى بالاڭنى، بىر ئۆيدە باقىدىغان ئىشنى قىل،- دېدى ياقۇپ.

- سىلەر بىلمەيسىلەر؟ قايسى كۈنى مەن قېشىڭلارغا يۈز مىڭ كوي پۇل دەپ كەلدىمغۇ. سىلەرنىڭ قاپىقىڭلار تارتتىمۇ بىلمىدىم، ماڭا بەرمىدىڭلار. كېيىن مەن بىر ئاغىنەمدىن يۈز مىڭ سوم سۇراپ بىر شىركەتكە پاي قاتقان ئىدىم. لېكىن ئۇلار ئالدامچىلار ئىكەن. بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يۈز مىڭ كوي پۇلمۇ يوق بولدى. گۈلگىنە بۇ ئىشنى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن سەن بىلەن ئاجرىشىپ كېتىمەن دەپ چاپىنىنى تەتۈر كىيىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. كېيىن ئۇ پۇل قەرز بەرگەن ئاغىنەم ھەر كۈنى ئۆيۈمگە كېلىپ پۇل سۈيلەۋېرىپ ئارامىمدا قويمىدى. شۇڭا مەن بىر مەزگىل مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇشنى ئويلاشتىم .

- ھەي ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ھاڭۋاقتى. قاراپ تۇرۇپ خەقكە يۈز مىڭ كويمۇ قويۇلۇپ كېتەمسەن؟ بوينۇڭنىڭ ئۈستىدىكى كاللىمۇ ياكى قاپاقمۇ؟ نېمانداق كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ سېنىڭ ؟……

 ياقۇپ ئوغلىنى بىر ھازا تىللىدى.

- ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسەن؟ يۈز مىڭ كوي پۇل دېگەن ئاز پۇل بولمىسا يە؟

- قانداق قىلاتتى ئانىسى؟ ئالغان مائاشىدىن بىر تىيىن خەجلىمەي خەقتىن ئالغان يۈز مىڭ كوي پۇلىنى تۆلەيدۇ. بۇ ئۆيگە كەلگەن ئىكەن يەپ- ئىچىشى بىزدىن بولىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا كىچىك دەپ باقتۇق. مانا ئەمدى ئىككى بالىغا دادا بولغاندىمۇ بىز باقىدىغان ئوخشايمىز.

- بولدى كايىماڭ دادىسى. شۇ تاپتا شاۋكەتمۇ خىجىلچىلىقتا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇۋاتسا……

- مەن ساڭا باشتا دەۋالاي، قەرز ئىگىلىرى بۇ ئۆيگە پۇل سۈيلەپ كەلسە مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان بىر تىيىن پۇلۇم يوق. ئۆزۈڭ تېرىغان ئىشنىڭ شالتىقىنى ئۆزۈڭ ئادالا. ئەمدى بىز شۆھرەتنىڭ غېمىنى قىلىپ ئۇنى ئۆيلەپ قويمىساق بولمايدۇ. سېنىڭ خاپىلىقىڭنى بىز بۇرۇن تارتىپ بولغان.

- گەپ قىلمىسام نېمانداق كوتۇلداۋېرىسەن؟ مەن سېنىڭ قېشىڭغا پۇل دەپ كەلمىدىم. ئۆيۈڭدە بەك تۇرغۇزغۇڭ كەلمىگەن بولسا كېتەي بولدى مەن،- شاۋكەت دادىسىغا قېيداپ سىرتقا ماڭدى.

- خوتۇن كىشىدەك قېيدىماي كىرە بۇياققا؟ بىرەر ئېغىز گەپ قىلغىلىمۇ بولمامدۇ يا ساڭا. سەن دېگەندەك بىر نەچچە كۈن بۇ ئۆيدە تۇرغىن. خوتۇنۇڭنىڭ ئاچچىقى يانغاندا بىز ئۇنى ئەكىلىپ بېرەيلى. قانداقلا بولمىسۇن ئىككى بالاڭلار بار ئەمەسمۇ.

- بولدى قىلە دادا، گۈلگىنەنىڭ ئەلپازى بىلەن مەندىن ئاجراشمىغۇچە بولدى قىلمايدىغاندەك قىلىدۇ.

- قانداق گەپ بۇ؟ سەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈمدىكەن. ئۆمۈرلۈك ئەر- ئاياللار دېگەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇش كېرەكتىغۇ. ئۆزۈڭگىمۇ ئاز. دەسلەپتە بىز ساڭا نېمە دېگەن؟ گۈلگىنە ساڭا ئاش بولمايدۇ دېسەك ئۇنى تېپىلماسنىڭ خورمىسى بىلىپ يىرىمدەك چاپلاشقان ئىدىڭ……

 ياقۇپ ھۆرىيەتنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىپلا دېدى:

- بولدى بالام كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما. بىر نەچچە يىل تېجەشلىك بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرسەڭ بۇنچىلىك قەرزنىمۇ بېرىپ بولىسەن. سېنىڭ، بالىلىرىڭغا چىقىمىنىمۇ بىز كۆتۈرىمىز. سەن بۈگۈندىن باشلاپ قەرزىڭنى بىرىشنىڭ كويىغا چۈشكىن. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئوغۇل بالىنىڭ بېشى دېگەندە نى كۈنلەر بار .


 نى بالالار كېلىدۇ،

 ئوغۇل بالىنىڭ باشىگە.

 سايدا تۈگمەن چۆرگىلەيدۇ،

 كۆزدىن ئاققان ياشىگە.


 دەيدىغان بىر ناخشا بار. ئەر كىشى دېگەن دەرت-ئەلەم ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. بۇ ئىشلارنى بەك ئىچىڭگە ئېلىپ كەتمىگىن.

ئاق كۆڭۈل ئاتا- ئانىلار شاۋكەتنىڭ ھىيلە ئىشلەتكىنىدىن بىخەۋەر ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىۋاتاتتى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章