يولدىن چىققان ئايال 🧡 13-قىسىم (ئەپچىدە 24-قىسىمغىچە)

文摘   2024-08-27 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-كەچۈرۈڭ-، دېدى قەيسەر ئىلاجىسىز، ئەمما گۈلزىرە بۇ بىر ئېغىز كەچۈرۈم بىلەن  توختاپ قالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئارىدىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما گۈلزىرە يەنىلا توختىماستىن يىغلاۋاتاتتى.  قەيسەر گۈلزىرەنىڭ يېنىغا بېرىپ گۈلزىرەنىڭ كەينىدىن ئۇنى قۇچاقلاپ بېشىنى مەيدىسىگە قويدى، گۈلزىرە قەيسەردىن يەنە مۇداپىئە قىلىپ ئۆزىنى ئېلىپ قاچماقچى بولدى، ئەمما قەيسەر:

-قورقماڭ، مەن سىزگە چېقىلمايمەن-، دېدى.

 قەيسەر گۈلزىرەنى بىردەم قۇچاقلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن گۈلزىرەنىڭ پەس كويغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى بالدۇر ئۇخلاشقا دەۋەت قىلدى ۋە ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى. گۈلزىرە ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن سۇخانىغا كىرىپ يۈزلىرىنى يۇيدى. ئۇ ئەينەك ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ ئىلاجىسىز ھالىتىنى كۆرۈپ ئۆز-ئۆزىگە«ئۈچ يىل، يەنە ئۈچ يىل بەرداشلىق بەرسەم، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ»دەپ مەدەت بەردى. گۈلزىرە  ئۆزىنىڭ بۇ كېمىدە بىر ئۆمۈر تۇرۇشىنى  خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.  ناھايىتى تېزلا چارشەنبە كۈنى يېتىپ كەلدى. قەيسەرنىڭ تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى  چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىغا ئانچە كۆپ مېھمانلار  چاقىرىلمىغان ئىدى. دوست يارەن ۋە يېقىن تۇغقانلاردىن بۆلەك قالغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن سۇدا ھەمكارلىقى بار شېرىكلەر ئىدى.  ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن شوپۇر ئەلدارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى، قەيسەر بولسا ئايروپىلان ئىستانسىسىدىن مومىسى ۋە تاغىلىرىنى ئۆيگە ئەكەلدى. بۇ چاغدا گۈلزىرە ئۆيدە كىتاب كۆرۈۋاتاتتى.  چۈشكە يېقىن گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئۆزىگە ئەۋەتكەن گىرىمچىكىنى رەت قىلىپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىيىمنى كىيىپ ناھايىتى سۇس گىرىم قىلدى. ئەينەككە قاراپ ئۆزىنىڭ ھازىرقى تەققى- تۇرقىدىن رازى بولۇپ كۈلۈمسىرەپ قويدى، شوپۇر كەلگەن ۋاقىتتا گۈلزىرەنىڭ تەييارلىقلىرى ئاللىقاچان پۈتۈپ بولغان ئىدى. گەرچە قەيسەر ئىككەيلەن توختاملاشقان بىر جۈپلەر بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن گۈلزىرە ئۇنىڭ ئائىلدىكىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىسىلا بىر ئاز جىددىيلىشىۋاتاتتى. ئىشىك ئالدىدا مۇلازىم گۈلزىرەنىڭ قولىدىن يۆلىگىنىچە  ئۇنى، ماشىنىدىن چۈشۈردى ۋە تەكەللۇپ بىلەن:

-ياخشىمۇ سىز خانقىز-، دەپ گۈلزىرەنى  يۆلىگىنىچە مۇراسىم زالى ئىچىگە ئەكىردى. مۇراسىم زالىنىڭ ئىچىگە كىرىپ  ھەيرانلىقتىن ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالدى. ھەيۋەت خىروستال ئاسما چىراقلار، قولدا توقۇلغان ھەر خىل نەقاشلىق گىلەملەر، تاملارغا ئېسىلغان بېزەكلەر،  قاراشتىنلا باشقىچە ھوزۇر بېرەتتى. شۇ دەقىقىلەر ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسەر بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقىلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. -ئەلفىرە-، دېگىنىچە قەيسەر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.  قەيسەر گەرچە گۈلزىرەنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى ئۇنىڭ مۇراسىم كۆينىكى ئۇنى باشقىچە جەلىپكار قىلىۋەتكەن ئىدى.

-بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز. مېنىڭ قىز دوستۇم  بولغاندىن كېيىن نېمە كەيسىڭىزمۇ  يارىشىدۇ دە-، قەيسەر ئېغىزى-ئېغىزىغا تەگمەي گۈلزىرەنى ماختاپ كەتتى. ياندا تۇرغان ئىلھام ئۇنىڭ ماختاشلىرىدىن ھەيران بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىنى قايتىدىن تونۇغاندەك بولىۋاتاتتى.

-قەيسەر ئەلفىرە كەلگەن ئوخشىمامدۇ، تېز بۇياققا كېلىڭلار-، دېدى قەيسەرنىڭ مومىسى ئۇلارغا قاراپ قولىنى  پۇلاڭلىتىپ.  

قەيسەر دەرھال گۈلزىررەنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى ۋە مومىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، قەيسەر گۈلزىرەنىڭ چىرايىدىكى جىددىيچىلىكنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ  يېنىدا پىچىرلاپ:-قورقماڭ يېنىڭىزدا مەن بار -، دىدى.  مۇشۇ دەقىقىدە گۈلزىرەنىڭ  يۈرىكى يەنە بىر قېتىم ئىللىقلىقتىن ئېرىپ كەتتى.

-موما، يېنىمدىكى بولسا مېنىڭ قىز دوستۇم ئۇنىڭ ئىسمى ئەلفىرە. بايا تېخى سىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن قىز-دەل  مۇشۇ شۇ-، دېدى قەيسەر گۈلزىرەنى مومىسىغا تونۇشتۇرۇپ ۋە ئارقىدىنلا گۈلزىرەگە قاراپ:

-ئەلفىرە بوياق بولسا مېنىڭ مومام-، دىدى.  گۈلزىرە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ مومىسىغا قاراپ  يېنىك بېشىنى لىڭشىتىپ:

-موما ياخشىمۇ سىز-، دىدى.

-ياخشى ، ياخشى بالام. مېنىڭ نەۋرەمنىڭ  ھەقىقەتەنمۇ كۆزى مال تونۇيدۇ، نېمە دېگەن چىرايلىق قىز بۇ!-دېدى موماي  خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي.  موماينىڭ ماختىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گۈلزىرەنىڭ يۈزلىرى ئالمىدەك  قىزىرىپ كەتتى. گۈلزىرە موماي بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن مۇلازىمەتچىلەر ئېلىپ كەلگەن پېچىنە پىرەنىكلەرنى يېيىشكە باشلىدى.

-قەيسەر ئوغلۇم ئىككىمىز بىرلىكتە ئارام ئېلىش ئۆيى تەرەپكە بېرىپ كېلەيلى. ئەلفىرە قىزىم سىز مۇشۇ يەردە بىردەم ئايلىنىپ تۇرۇڭ، ھەرگىز تارتىنماڭ-، دېدى موماي.  قەيسەر گۈلزىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغاپىچىرلاپ، -سىز بىردەم مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن بىردەمدىلا يېنىپ كېلىمەن-دېدى

 قەيسەر بىلەن موماي ئىككىسى ئارام ئېلىش ئۆيى تەرەپكە كىرىپ كەتتى.

-بىرەر مۇھىم ئىشىڭىز بارمىدى موما؟

-قەيسەر بالام، بۇ قىز سەن ئىلگىرى ماڭا دېگەن سەن ساقلاۋاتقان قىز شۇمۇ؟

-ياق موما-، دېدى قەيسەر بېشىنى چايقىغىنىچە.

-كىم بولۇشىدىن قەتىينەزەر، مېنىڭ ساڭا دېمەكچى بولغىنىم كېلەر يىلدىن بۇرۇن توي  ئىشلىرىڭنى بىر تەرەپ قىلغىن. بولمىسا مەن ساڭا ئۆزۈم لايىق تونۇشتۇرىمەن. ئىلگىرى سېنى توي ئىشلىرىغا مەجبۇرلىماسلىق سەۋەبىم سېنىڭ كۆڭلۈڭدە بىر قىزنىڭ بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئاللىبۇرۇن ساڭا مۇناسىپ كېلىدىغان لايىقنى ئويلىشىپ بولغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ سېنى ئالدىراتمىغان ئىدۇق.

 - ماڭا مۇناسىپ كېلىدىغان لايىق ؟ -قەيسەر ھەيران بولدى، -كىمنى دەيسىز موما؟

-خالمۇرات گۇرۇھىنى دېمەكچىمەن. بۇرۇنلاردا خالمۇرات داداڭلارنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىزنىڭ ئالاقىمىز بىر قەدەر قويۇق ئىدى. سودا ئىشلىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىزمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كەلگەن. خالمۇراتنىڭ بىر قىزى بار بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى گۈلزىرە ئىدى. ئەينى يىلى ئىككى ئائىلىدىكىلەر  گۈلزىرەنى چۇقۇم  قەيسەر گۇرۇھىنىڭ كېيىنكى ۋارىسىغا ياتلىق بولىدۇ دەپ پۈتۈشكەن  ئېدۇق. ئەمما خالمۇرات بىر ئائىلە كىشىلىرى توققۇز يىلنىڭ ئالدىدا ئىز دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ توي ئىشىنىمۇ قەتىيئېغىزغا ئاممىغان ئىدۇق. لېكىن سەن مانا ھازىر ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىردىڭ. ئەمدى سېنىڭ توي ئىشلىرىڭنى كەينىگە سۈرۈشكە بولمايدۇ. شۇڭا، بوۋاڭ ئىككىمىز سېنىڭ توي ئىشىڭنى كېلەر يىلدىن بۇرۇن قىلىۋەتسەك دېگەن ئۈمىدتە.

-ئەمىسە سىلەرنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭلار، ناۋادا گۈلزىرە قايتىپ كەلسە، مەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىم كېرەك، شۇنداقمۇ؟

-شۇنداق، ناۋادا ئۇ قايتىپ كەلسە بىز ئەينى يىلدىكى ۋەدىمىز بويىچە ئىككىڭلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويىمىز-، دېگىنىچە موماي سومكىسىدىن گۈلزىرەنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى رەسىمىنى چىقىرىپ قەيسەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.  قەيسەر رەسىمنى قولىغا ئېلىپ كۆرگەندىن كېيىن چۆچۈپ كەتتى، چۈنكى رەسىمدە تۇرغىنى دەل شەمسىيە ئىدى. گەرچە بۇ رەسىمدىكى شەمسىيەنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرى بولسىمۇ، ئەمما شەمسىيىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش يوق ئىدى.

-موما، سىز بۇ رەسىمدىكى قىزنىڭ گۈلزىرە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ -قەيسەر تېلېفوندىن شەمسىيەنىڭ ئىلگىرىكى رەسىملىرىنى ئىزدىمەكچى بولۇپ يانچۇقىنى سىلىدى. ئەمما قەيسەرنىڭ يان تېلېفونى يېنىدا ئەمەس ئىدى.  دەل مۇشۇ چاغدا، گۈلزىرە قەيسەرگە يان تېلېفوننى  ئەكىرىپ بەرمەكچى بولۇپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ باياتىن بېرى موماي بىلەن قەيسەرنىڭ دېيىشكەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان ئىدى. گۈلزىرە چىرايىدىكى ھەيرانلىقنى باسالماي قالدى.  شەمسىيەنىڭ قەيسەر بىلەن توي كېلىشىمى بارمىكەن؟ بۇ ھاياتنىڭ ماڭا قىلغان چاقچاقلىرىمۇ قانداق؟ باشتا جالال مېنى تاشلىۋەتتى ھەم كەينىدىن توختىماستىن ماڭا ئازار بەردى. ھازىر شەمسىيەنىڭ قەيسەر بىلەن توي كېلىشىمى  بار ئىكەن. ناۋادا قەيسەرنىڭ ئۆيدىكىلىرى مېنىڭ بىر بالامنىڭ بارلىقىنى بىلسە ھەمدە يەتتە يىل ئاۋالقى ئىشلارنىڭ ھەمىسىدىن خەۋەر تاپسا، ئۇنداقتا مېنىڭ نام ئابرويۇم يەر بىلەن  يەكسان  بولۇپ باشقىلارنىڭ   كۈلكىسىگە قالمامدىم؟ ياق، ئۇنداق بولسا ھەرگىز بولمايدۇ، -دېگەنلەرنى  ئويلىدى گۈلزىرە ئىچىدە.

-ئەلفىرە چىرايىڭىز نېمانچە تاتىرىپ كەتتى؟ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ھە؟

-ياق، ھېچ ئىش بولمىدى. سىز بايا يان تېلېفونىڭىزنى سافاغا قويۇپ قويۇپسىز، سىزگە بايا بىر تېلېفون كەلگەن ئىدى-، دېگىنىچە  زورىغا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تېلېفوننى قەيسەرگە سۇندى.

-سىزگە راستىنلا ھىچ ئىش بولمىدىمۇ؟ -قايتۇرۇپ سورىدى قەيسەر، گۈلزىرە  يەنە  زورىغا كۈلۈپ:-راستىنلا ھېچ ئىش بولمىدى.

-ماقۇل، گەپ ئاڭلاڭ ھە-، قەيسەر گۈلزىرەنىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئالدى ۋە ئۇنىڭ بېشىنى ئەركىلىتىپ سىلاپ قويدى.  گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئارام ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ كەيپىياتىنى بىر ئاز ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئارقا ھۇيلىغا چىقىپ تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بايا قەيسەر بىلەن مومىسىنىڭ دېيىشكەن گەپلىرىنى قايتا ئەسلىدى. ناۋادا يەتتە يىل ئاۋۋالقى كېلىشمەسلىك بولمىغان بولسا، دېگەنلەرنى ئويلىغىنىدا گۈلزىرە ئازابتىن تولغۇنۇپ كەتتى.

-ياخشىمۇ سىز مەرىكە زالىغا قاياقتىن كىرىمەن؟ ئۆزىگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان ئاۋازنى ئاڭلىغان گۈلزىرە بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ جالالىغا قارىدى.  گۈلزىرە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مۇراسىم زالىغا كىرىپ كەتمەكچى بولدى، ئەمما جالال ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇنى توختىتىۋالدى:

-گۈلزىرە بۇ سىز شۇنداقمۇ؟

-جالال ئەپەندىم، سىز مېنى بىرسىگە ئوخشىتىپ قالغان ئوخشايسىز قولۇمنى قويۇۋېتىڭ!-گۈلزىرە جالالنىڭ قولىنى سىلكىۋەتمەكچى بولدى، ئەمما ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىدى. ئارقىدىنلا جالال ئۇنىڭغا:

-گۈلزىرە، سىز گۈلزىرە دەل ئۆزى شۇ. سىز نېمىشقا مەندىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچىسىز؟

-جالال ئەپەندىم،  مېنى خاتا تۇنۇپ قالدىڭىز، مېنى قويىۋېتىڭ. مەن ئەلفىرە، سىز دەۋاتقان گۈلزىرەنى مەن تونۇمايمەن، -دېگىنىچە جالالنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى.

-گۈلزىرە ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ بولامدۇ، مېنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى خاتالىقلىرىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلىشىمغا بىرلا قېتىم پۇرسەت بەرسىڭىز بولدى سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي.

-سىز ئەينى ۋاقىتتا مېنى تاشلىۋەتكەنغۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا سىز مېنى تاشلىۋەتكەندە، مەن شۇنداق بىئارام بولغان، مېنىڭ سىزگە بولغان كۆڭلۈم دەل شۇ كۈنى دەل سىزنىڭ چاي ئىچىش مۇراسىمىمىزدا ئۆلگەن!

-گۈلزىرە مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. گەرچە مەن يەتتە يىلدىن بۇيان سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولمىساممۇ، مەن كېيىنكى ھاياتىم بىلەن سىزگە  مەن يوق ۋاقىتتىكى شۇ يەتتە يىلنى تولۇقلاپ بېرىشكە تىرىشىمەن. مېنى كەچۈرۋېتىڭ بولامدۇ؟

-بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىشلار بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملاشمايدۇ ھەم داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

-نېمىشقا نېمىشقا مۇمكىن ئەمەس؟  مۇشۇ يەتتە يىل ۋاقىت ئىچىدە، مەن راستىنلا سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، ئەمما مەن شەمسىيە بىلەن توي قىلمىدىم بىز...

-ئەمما مەن توي قىلدىم، مېنىڭ بالاممۇ بار. سىز مېنىڭ بالامنى قوبۇل قىلالامسىز؟ سىزنىڭ ئۆيدىكىلىرىڭىز بالىسى بار بىر ئايال بىلەن توي قىلىشىڭىزنى قوبۇل قىلالامدۇ؟ ئۇيقۇڭىزنى ئېچىڭ جالال ئەپەندىم.  

جالال بايا  گۈلزىرەنىڭ  ، -توي قىلدىم بالام بار، -دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تىترەپ كەتتى. گۈلزىرە كەينىگە ئۆرۈلۈپ مۇراسىم زالى ئىچىگە كىرىپ كەتمەكچى بولدى، ئەمما ئۇ تۇيۇقسىز يان تەرەپتە تۇرغان قەيسەرنى كۆرۈپ قالدى. گۈلزىرە تولىمۇ ھەيران قالدى، قەيسەر زادى قاچاندىن باشلاپ بۇ يەردە تۇرغان بولغىيتتى؟

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章