بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 13-قىسىم (ئەپچىدە 26قىسىم)

文摘   2024-09-04 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 -بۈگۈن مەن بىلەن ھۇجرىدا يات،- ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. سوغۇق تەرلەپ كېتىپ باراتتىم. ئۇنىڭ زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

- يا.. ياق بولدى، سىز خاتىرجەم ئۇخلاڭ. مەن بالا بىلەن ياتاي..

ئۇ قولۇمدىن تارتتى.

- مەن سېنىڭ يولدىشىڭغۇ.. نېمە بولدى..

- لېكىن بۇ..

ئۇ قولۇمدىن تارتقىنىچە ھۇجرىغا ئەكىردى-دە، ئىشىكنى تاقىدى.

- مەن.. مەن.. سافادا ياتاي..

ئۇ چىراغنى ئۆچۈرۈپ مېنى كارىۋاتقا باستى. ئۇنى ئىتتىرىۋېتىش ياكى يېقىنلىشىشنى بىلمەيتتىم. شۇنچە يىللاردىن بېرى ئارىمىزدا يېقىنچىلىق بولۇپ باقمىغاچقا جىددىيلىشىۋاتاتتىم.

- بۇنداق قىلماڭ..

ئۇ قولى بىلەن يۈزۈمنى تۇتقاندا تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.

- مەندىن يەنە قورقۇۋاتامسەن؟

- ياق، ئۇنداق ئەمەس..

- راستىمنى دېسەم سەن بىلەن بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈم بار.. سېنى خورلاۋەرسەممۇ بولمايدىكەن.. سېنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن..

- ئىشىنىمەن..

ئۇ بىلكىمنى سىقىشقا باشلىدى. شۇنچە يىلدىن بېرى مېنى ئۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتتا يېنىمغا كېلىپ باقمىغان يولدىشىمنىڭ بۇنداق مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى مېنى خۇش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلماي ئىلاجىم يوق ئىدى.

- بولدى، مېنى قويىۋېتىڭ.. بۈگۈن ياخشى ئارام ئېلىڭ..

يولدىشىمنى ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن ياستۇقۇمنى كۆتۈرگىنىمچە مېھمانخانىغا چىقىپ كەتتىم. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇنى مېھمانخانىدىكى سىن ئېلىش ئاپاراتنىڭ ئالدىغا ئاپىرالايتتىم.

ئۇ ئارقامدىن چىقتى.

- مېنى رەت قىلىۋاتامسەن؟

- بىز يېقىن كەپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولدى. تۇيۇقسىز بۇنداق قىلسىڭىز مەن كۆنەلمەيدىكەنمەن..

ئەتەي سىن ئاپاراتىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇردۇم.

ئۇ يۈزۈمگە بىر شاپىلاق ئۇردى.

- ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ. مەن مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاي دەۋاتسام مېنى رەت قىلىۋاتامسەن؟

- مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق قىلىسىز.. بىلمەيلا قالدىم..

- بۇرۇن ساڭا يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغاندەك گەپ قىلىسەنغۇ..

ئۇ ئالدىمغا كەلدى، ئۇنىڭ مېنى يەنە بىرنى ئۇرىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم.

- سەن باشقىچىلا، ماڭا گەپ قىلىش ئاھاڭلىرىڭمۇ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ..

- سىزنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىڭىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ.. شۇڭا ھەيران قېلىۋاتىمەن..

- قىزىق ئىش ھە، ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق دەپ، سېنى ئۇرمىسام كۆنەلمەي قاپسەندە..

- شۇنداق، سىز تېخى تۈنۈگۈنلا ھېلىقى مۇخپىر بىلەن بىللە تۇراتتىڭىز، بۈگۈن ماڭا يېقىن كەلگىنىڭىزنى قۇبۇل قىلالمىدىم..

ئەتەي ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىۋاتاتتىم. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ مېنى ئۇرغان ھالىتىنى تېخىمۇ ئوچۇق ھالەتتە سۈرەتكە تارتقىلى بولاتتى.

- مۇخپىر مەن بىلەن فىلىم توغرىلىق پاراڭلاشقىلى كەلگەن. قانداق؟! ئەمدى مېنىڭ ئىشلىرىمغا ئارلاشقىدەك بولدۇڭما؟

- سىز مېنى ياخشى كۆرمەيسىز.. ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ..

- ھاھا.. - ئۇ گېلىمنى سىقتى،- ئۆزۈڭ ئاغزىمنى ئاچتىڭ، سېستىراغا سىنغا تارتقۇزۇپ نېمىگە ئېرىشمەكچىتىڭ؟

- مەن ئەمەس، مەن ئۇنىڭغا سىنغا تارتىڭ دېمىدىم..

- ماڭا كۈندە پۇل يوق دەيسەن، ئۇنىڭغا سىنغا تارتىش ئۈچۈن بېرىدىغانغا ھەجەپ پۇلۇڭ باركىنا.. دېگىنە بۇزۇق، ئۇ پۇلنى نەدىن تاپتىڭ..

يولدىشىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانچە ھەيران قېلىۋاتاتتىم. بۇ گەپ سېستىرانىڭ ماڭا دېگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان چىقىۋاتاتتى.

- توختاڭ. مېنى قويىۋېتىپ گېپىمنى ئاڭلاڭ. بۇ ئۇنداق ئىش ئەمەس.. ئۇ سىزنى پۇل بېرىپ مېنى ياخشى گەپ قىلغۇزدى، ياخشى ئىنكاس يازغۇزدى دېگەن..

- مەن نەدە ئۇنداق قىپتىمەن. ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە مەندىن ئۆزىنىڭ يازغان ئىنكاسى ھەم تارتقان سىنى ئۈچۈن پۇل تەلەپ قىلدى..

- مەن ئۇنىڭغا سىننى تارتىڭ دېمىدىم، ئۇ ئۆزى تارتىپتۇ، مەندىن پۇل تەلەپ قىلدى..

يولدىشىم گېلىمنى قويىۋەتكەندىن كېيىن بېشىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.

- بۇ ناكەس ئىككى تەرەپتىن تەڭ پۇل ئالماقچىكەندە.. مەن سىننى يۇيغۇزىۋەتتىم.. لېكىن ئۇ ئىپلاسنىڭ يەنە قەيەردە ساقلىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

يولدىشىمنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر نەرسىلەرنى دېمەكچى بولۇپ يەنە توختاپ قالدىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا نېمىلا دېسەم خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.

- ھەممىنى قىلغان سەن، كېسەل ياتىقىدا ھۇشۇڭ بىلەن تۇرساڭ ئۇ ئىپلاسقا بۇنداق پۇرسەت بەرمىگەن بولاتتىڭ..

- بىر ئائىلىنىڭ تېمى بوشاپ قالسا ھەرقانداق ئادەم ئۆرىۋېتەلەيدۇ..

- ماڭا ئىش ئۆگەتمەكچىما؟

- ئىككىمىزنىڭ بۇنداق ياشىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىغاندەك ھېس قىلىمەن..

- نېمە دېمەكچى، سىننىڭ باشقىلارنىڭ قولىدا چۈشۈپ قالغىنىنى بىلگەندىن بېرى ئۆزگەرگىنىڭما بۇ؟

يولدىشىمنىڭ قولىنى تۇتتۇم.

- بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز ئوڭشىساقمۇ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ..

- سەن نېمە دېمەكچى..

- ھازىر بىزدە پەقەت بىرلا ئامال بار.. ئاجرىشىپ كېتەيلى..

- سودام ئەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقاندا مېنى ۋەيران بولسۇن دەمسەن، باشقىلار بىزنىڭ ئاجراشقىنىمىزنى بىلسە توردا شۇنچە كۈچىگىنىم بىكار بولمامدۇ..

- بىز ھەرقانچە كۈچەپمۇ يالغاننى راست قىلالمىدۇق. بىر يەردىن ئوڭشىساق بىر يەردىن بۇزۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ..

- ھەممىسى سېنىڭ كاساپىتىڭ.. سەن بالىغا يامان گەپ ئۆگەتمىگەن بولساڭ بۇنداق بولمايتتى..

- بالام يامان گەپنى مەندىن ئۆگەنمىدى، كۆرگىنىنى دېدى..

- سەن بۈگۈن باشقىچىغۇ، ماڭا ھەجەپ توختىماي جاۋاب قايتۇرىسەنغۇ..

يولدىشىم چېچىمدىن تارتقاندىن كېيىن مېنى بېسىپ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئىسپات تولۇقلاش ئۈچۈن ئاغرىق ئازابىغا چىداۋاتاتتىم. ۋارقىرىيالمايتتىم، قول قايتۇرالمايتتىم.

ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن بالامنىڭ ھۇجىرىسىنىڭ چىرىقى يانغانلىقىنى كۆردۈم. لېكىن ئۇ چىقىدىغاندەك قىلمايتتى.

* * *

يولدىشىم بىلەن بالام سىرتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سىن ئېلىش ئاپاراتىنى سۆكتۈمدە مالچى ھەدەمنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدىم.

- ھەدە، ئىسپات تولۇقلاندى..

سىن ئېلىش ئاپاراتىنى مالچى ھەدەمگە سۇندۇم. ئۇ يۈزۈمدىكى كۆكنى تۇتۇپ قويدى.

- جاپا تارتتىڭىز..

- ھېچقىسى يوق. بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق..

ئۇلار ئاپاراتنى كومپىيۇتېرغا چاتقاندىن كېيىن كۆرۈشكە باشلىدى. ئۆزۈمنىڭ تاياق دېگەن ھالىتىمنى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ چىدىماي قېلىۋاتاتتىم.

- بولدى، ئىسپات تولۇق بولدى. ئەمدى سوتقا ئەرز سۇنسىڭىز بولىدۇ..

- بولىدۇ، مەن ئەرزنامىدىن بىرنى يازاي..

مالچى ھەدەم بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.

سافادا ئۇدۇلغا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپ كەتتىم، قولۇمدا ئىسپات تولۇقلانغانچە يۈرىكىمدىىكى ئەنسىزلىك بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى.

بىردەمدىن كېيىن يولدىشىم بالامنى ئەگەشتۈرگىنىچە كىردى. ئۇ قولىدا بىر خالتا نەرسە كۆتۈرىۋالغانىدى.

- بۈگۈن تاماق ئېتىپ جاپا تارتما، تاماق ئەپ كىردىم..

يولدىشىمغا قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇشۇنداق مۇئامىلىسىنىڭ ئۇزۇنراق داۋاملىشىشىنى خالايتتىم.

ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاماقنى ئىسسىتقاندىن كېيىن ئۈستەلگە قويدۇم. يولدىشىم بىلەن ئوغلۇم قوللىرىنى يۇيغاندىن كېيىن ئۈستەل ئەتراپىغا كەلدى.

يولدىشىم تاماقتىكى گۆشنى ئالدى-دە، قاچامغا سېلىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم.

- ئەمدى ئوغلۇمغا بىرنى،- يولدىشىم ئوغلۇمنىڭ قاچىسىغىمۇ بىر تال گۆشنى سېلىپ قويدى.

ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغۇم بار ئىدى. لېكىن سورىيالمايتتىم.

- ئوغلۇم، ئاپاڭنى ئېلىپ ساياھەت قىلىپ كېلەيلىمۇ؟

- مەيلى،- دېدى ئوغلۇم ئىپادىسىزلا

- سەنمۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى چارچاپ كەتتىڭ. بالىنى ئېلىپ ساياھەت قىلىپ كاللاڭنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلەيلى، مەنمۇ شۇ باھانىدە ئارام ئېلىۋالاي..

ئۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرەلمىدىم. چۈنكى ياق ياكى ھەئە دېيىشىمدىن قەتئىينەزەر ئۇ يەنىلا ئۆزى قارار قىلغان ئىشنى قىلاتتى.

بالا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن يولدىشىم يېنىمغا كەلدى.

- بالا بۇ ئىشتىن كېيىن بەك ئازار يەپتۇ، كەيپىياتىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كېتىپتۇ، مەن ئەستايىدىل ئويلىدىم، سىلەرگە ياخشى ھەمراھ بولۇپ، ئاتىلىق ھەم يولداشلىق ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلسام بولغۇدەك..

يولدىشىم شۇنداق دەپ قويۇپ ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئارقىسىدىن قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىش ئۈچۈن تۈزگەن پىلانىمنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىۋاتاتتىم.

ئەتىسى سەھەردە يولدىشىم بالىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى بىلەن يەنە مالچى ھەدەمنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كەتتىم.

- ئەرزنامىنى يېزىپ بولدىڭىزمۇ؟

يەرگە قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.

- ھېچقىسى يوق. ئۆيدە يېزىش ئەپسىز بولسا بىزنىڭ كومپىيۇتېردا يېزىڭ،- دېدى ئۇ مېنى تارتىپ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ.

كۇنۇبكا تاختىسىغا قولۇمنى ئېلىشقىمۇ پېتىنالمايۋاتاتتىم.

- نېمىش بولدى؟ خەت باسالمىسىڭىز مەن بېسىپ بېرەيمۇ؟

- ياقەي.. ئۇ ئىش ئەمەس..

- يەنە نېمە ئىش؟ ئىككىلىنىۋاتىمەن دېمەيدىغانسىز؟!

- شۇنداق، مەن ئەرز قىلماي تۇرايمكىن..

- ئەرز قىلمايمەن؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟!

- يولدىشىمغا بىر ئاز ۋاقىت بېرەيلى بولامدۇ..

- يەنە ۋاقىت بەرسىڭىز جېنىڭىزدىن ئايرىلىسىز..

- تۈنۈگۈن ئۇ ماڭا ئاران دېگەندە ياخشى مۇئامىلە قىلغانتى. مەن سىنغا ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى رەت قىلدىم..

- بۇنداق دېسەم مەندىن رەنجىمەڭ. يولدىشىڭىز بەلكى سىزگە يېقىنلىشىش ئارقىلىق باشقا مەقسەتكە يەتمەكچى بولىشى مۇمكىن..

- نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزۈمنىلا ئويلاپ، بالامنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىماپتىمەن. ھېلىمۇ مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئۇ تاياق يېدى، باشقىلاردىن ئاھانەت ئاڭلىدى..

- سىزدە ئازراقمۇ تەۋەككۈلچىلىك روھى يوقكەن..

- ماڭا بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ بولامدۇ، بىر ئاز ۋاقىت.. مەن يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشەي..

- مەن شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى سىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىسپات يىغىۋاتىمەن..

- ھەدە، بۇ نەچچە يىلدىن بېرى تۇتقان ئۆي.. كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ، يولدىشىمنى ئۆزگىرىپ قالامدىكىن دەيمەن..

- بۇ دەرىجىگە بارغان ئەرنى ئۆزگىرىپ قالامدىكىن دېگىنىڭىزگە ھەيرانمەن. ئۇ ئۆزگىرىشنى خالىسا ئاللىبۇرۇن ئۆزگىرىپ بولغان بولاتتى..

- ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكى ھالىتىگە قاراپ يەنە يۈرىكىم ئېچىشىپ قالدى.. .بىز مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان، ئۇنىڭ كۆيۈمچان ياخشى ۋاقىتلىرىمۇ بولغان..

- شۇڭا ئۇنى ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچمەكچىمۇسىز؟!

- ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىر ئاز ۋاقىت بېرەيمىكىن دەيمەن..

- ھاھا.. قىزىق گەپ بولدى، سىز ئۈچۈن شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى قىلغان ئەجرىمنى يوق قىلماقچى بولىۋاتىسىز، بىلدىڭىزمۇ؟

- ئەگەر ئۇ راستىنلا چىن كۆڭلىدىن ئۆزگىرەي دېگەن بولسا، ئاجرىشىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئۆزگىرىش يولىنى توسۇپ قويارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن..

- ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىڭىزنى بۇنچە مۇھىم ئويلىۋالماڭ. يولدىشىڭىزدەك ئەرلەر ئۆز مەنپەئەتىگە تاقاشقاندا شۇنداق يۇۋاش ھەم ئاقكۆڭۈل بولىۋالىدۇ، مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن، بۆرە تېرىسىنى قايتا كىيىدۇ.شۇنچە يىلدىن بېرى ئۆي تۇتۇپ مۇشۇنچىلىق ھەقىقەتنىمۇ چۈشىنىپ يەتمىدىڭىزما؟

- لېكىن ئۇ تۈنۈگۈن بۇرۇنقى ئەسلىمىزگە يانايلى دېدى، ئەسلى ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلماقچى ئىدى، مەن سىن تارتىش ئۈچۈن قەستەن چىشىغا تەگدىم..

مالچى ھەدەم ماڭا سىننى كۆرسەتتى.

- مانى كۆردىڭىزمۇ؟ مۇشۇ سىزنىڭ يولدىشىڭىز شۇ، ئاۋۇ تاياق يەۋاتقىنى سىز. ئۇنىڭ راستىنلا سىز بىلەن بۇرۇنقى ئەسلىگە يانغۇسى بولسا مۇشۇنداق قىينامدۇ، قانداق ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالغا تەن جازاسى بېرىدۇ. مەن راستىنلا سىزگە ھەيران قېلىۋاتىمەن..

سىنغا قاراپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم، ئۆزۈمگە قاراپ يۈرىكىم ئېچىشسىمۇ يەنە يولدىشىمنىڭ تۈنۈگۈن قىلغان ياخشى مۇئامىلىسىنى ئويلاۋاتاتتىم.

- كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ. سىزنى چوقۇم ئاجرىشىڭ دېمەيمەن. لېكىن بۇنداق ھېسسىياتچان بولسىڭىز، مەڭگۈ مۇشۇنداق خورلۇقتا ئۆتىسىز، ئادەم ھېسسىياتقا ئازىراق ئەقىلنىمۇ قوشۇپ قويۇشى كېرەك. سىزنى خورلاۋاتقىنى يالغۇز يولدىشىڭىزنىڭ قولى ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىڭىزنىڭ يۇمشاقلىقىكەن..

- كەچۈرۈڭ ھەدە، بۇ ماتېرياللارنى ساقلاپ قويسىڭىز، مەن بىر مەزگىلدىن كېيىن كېلەي، ئەگەر ئۇ ئۆزگىرىپ قالسا، بەلكى بۇ ماتېرياللارنىڭ ئىشلىتىش ئورنىمۇ يوق بولىشى مۇمكىن..

- سىز ئۈچۈن شۇنچە كۈچىسەم، بار كۈچۈمنى يوق قىلدىڭىز..

- ياق، مەن سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. چوقۇم قايتۇرىمەن..

- زادى نېمىنى ئويلاۋاتقىنىڭىزنى بىلىپ بولالمىدىم..

مالچى ھەدەم ماڭا ئارقىسىنى قىلدى. ئۇنىڭدىن ئىگىلىپ كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن شىركەتتىن قايتىپ چىقتىم.

بۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىقىنى، باشقىلارغا دەرت تۆكۈپ بولۇپ، يەنە يېنىۋېلىشنىڭ تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، يولدىشىمدەك ماڭا توختىماي دىل ۋە تەن ئازار قىلغان ئادەمنى كەچۈرۈشنىڭ مېنى تېخىمۇ ئېغىر ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن ھەممىدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ ئاجرىشىمەن دېيەلمەيتتىم. بىر تەرەپتىن جەمىيەتكە چىقمىغىلى بەش يىل بولغان ئۆزۈمنىڭ تىرىشىپ باش كۆتۈرۈشۈمنىڭ تولىمۇ قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلىسام، يەنە بىر تەرەپتىن بالامنى ئويلايتتىم، ئۇنىڭ مەندىن ئايرىلىپ ئۆگەينىڭ قولىدا خورلىنىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، دادىسىدىن ئايرىلىپ مەندەك ھېچنېمىسى يوق ئايالنىڭ يېنىدا قېلىپ قىينىلىشىدىن بولسا تېخىمۇ ئەنسىرەيتتىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章