بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 4-قىسىم (ئەپچىدە 10قىسىم)

文摘   2024-08-26 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

تېلىفونۇم سايراپ، ئېكراندىكى يولدىشىمنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ چىرايىمدىكى كۈلكە ئۆچتى.

ئاستاغىنە قۇبۇل قىلىش كۇنۇبكىسىنى باستىم.

- سەن نەدە؟ بالىچۇ؟

- سىرتتا، بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشكەن..

- ئۆيگە كەلسەم تاماقمۇ يوق.. نېمە قىلىپ يۈرىسە.. قايتىپ كېلىپ تاماق ئېتىپ بەر.. قورسۇقۇم ئاچتى..

- ماقۇل،- تېلىفوننى ئاستا قويدۇم.

- يولدىشىڭىزمۇ؟

ئاستاغىنە باش لىڭشىتتىم.

- بولدى، سىزنى ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرماي، ئۆيگە قايتىڭ. خالىسىڭىز ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشسىڭىز بولىدۇ..

- بولىدۇ ھەدە،سىزگە كۆپ رەھمەت. مەن كەچتە سىزگە خەۋىرىنى بېرەي..

«مالچى ھەدەم» بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئوغلۇمنى يېتىلىگىنىمچە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.

ئىشىكتىن كىرىپ سافادا قاپقىنى تۈرگىنىچە ئولتۇرغان يولدىشىمنى كۆردۈم. ئۇ قولۇمغا قارىدى.

- نەگە باردىڭ؟

- بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشكەن..

- قايسى دوستۇڭ؟ دوستلىرىڭ بىلەن ئارلاشما دېگەنتىمغۇ..

- يېڭى تونۇشۇپ قالغانتىم..

- نېمىشقا مەن تېلىفون ئۇرغان ھامان كەلمەيسەن؟

- ئاپتوبوس كەلمەي..

- قورسۇقۇم ئېچىپ كەتتى.. تاماق قىل.. قالغىنىنى ھېلى دېيىشىمەن..

ئوغلۇم دادىسىنىڭ يېنىغا باردى.

- دادا، مېنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ مېنى قۇچاغلىمايسەنغۇ..

- سېغىندىم بالام..

ئۇ بالىنى قۇچاغلىغىنىچە سافادا ئولتۇردى، ھېچ بولمىسا بۈگۈن ئېغىر گەپ قىلمىغىنىدىن خوشال ئىدىم.

- بۇ خالتىدا يېڭى تاماق بار، قورسىقىڭىز ئاچقان بولسا مۇشۇنى يەپ تۇرامسىز يا..

ئۇ ماڭا غەزەپ بىلەن قارىدى.

- مەن سەندىن ئاشقان تاماقنى يەمدىم؟ تاماق ئېتىش خوشياقمايۋاتامدا؟

- ئۇ.. ئۇنداق ئەمەس.. بۇ تاماقلار خېلى يېڭى..

يولدىشىم ئورنىدىن تۇرغاندا ماڭا قول تەككۈزىشىدىن قورقۇپ، جىددىيلىشىپ ئاشخانا تەرەپكە ماڭدىم. ئۇ بالىنى ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ يېنىمغا كەلگەندە توڭلاتقۇنىڭ قانىتىنى ئاچقان قولۇم تىترەپ كەتتى.

- نېمانچە تىترەيسەن؟ مەندىن يوشۇرۇن بىرەر ئىش قىلغان ئوخشىمامسەن؟

- يا.. ياقەي.. تىترىمىدىم..

- بۈگۈن كىم بىلەن تاماق يېدىڭ؟

- بىر دوستۇم بىلەن؟

- قايسى دوستۇڭ؟

- يېڭى تونۇشۇپ قالغان دوستۇم..

- سەن دېگەن ئېرى بار ئايال.. بىرسى بىلەن تونۇشۇپلا تاماققا چىقتىڭما؟- ئۇ چېچىمنى تارتتى.

- بۇنداق قىلماڭ، بالا ئاڭلاپ قالىدۇ..

- ئۇ كىم؟ ئەرمۇ ئايال؟

- ئۇ ئايالكىشى.. قايسى كۈنى مېلىنى توشۇشۇپ بەرگەنتىم، شۇڭا بۈگۈن تاماققا تەكلىپ قىلدى..

- مېلىنى توشۇپ؟ مېنىڭ ئايالىم تۇرۇپ مال توشىدىڭما؟

- ئۇ يالغۇز قاپتىكەن شۇڭا..

- ساڭا تېشىدا باشقىلارغا كۆرۈنمە دېمىگەنمىتىم..

- بالىنى ئەچىقىپ بىردەم ئايلاندۇرغانتىم..

- نېمە پاراڭلاشتىڭلار؟ دەردىڭنى تۆكتۈڭ شۇنداقمۇ؟- ئۇ چېچىمنى كۈچەپ تارتتى.

- ئۇنداق ئەمەس.. ئۇ ماڭا يېڭى بىر خىزمەت تونۇشتۇرۇپ قويدى، شۇ توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق.. چېچىمنى قويىۋېتىڭ، بالا كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ..

ئۇ چېچىمنى قويىۋەتكەندە ئېغىر سىلكىنىپ توختاپ قالدىم.

- ساڭا دەپ قوياي، مېنىڭ شۇنچە قەرز بىلەن سېنى خوتۇن قىلىپ ئۆيدە تۇرغۇزغىنىم، داداڭ دېگەن يالاڭتۈشنى سوتقا ئەرز قىلمغىنىمنىڭ ئۆزى بىر دۆلەت.. باشقىلارغا مېنى بىر ئېغىز يامان قىلساڭ ئىتتىن بەتتەر كۈنگە قالىسەن.. بىلدىڭمۇ؟

- بىلدىم..

- نېمە خىزمەت؟ نېمە خىزمەتكە تونۇشتۇردى؟

- كاتىپلىق.. شىركىتىدە كاتىپلىق خىزمىتىگە ئادەم كېرەكككەن..

- بالىنى تۈنۈگۈن ئەكېلىپ بۈگۈن ئىشلەيمەن دەپ باھانە تاپتىڭما؟ بالا بېقىشمۇ ئېغىر كېلىۋاتامدا؟

- بالىنىڭ يەسلىگە بېرىشىغا ئاز قالدى،ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىشقا ئېپ كېتىمەن.. سىزگە ئېغىرچىلىق سالمايمەن..

- ئۆيگە كېلىپ قورسۇقۇم ئاچقاندا تاماق ئالدىمغا كەپ بولۇشى، مەن كەلمە دېگەندە ئۆيگە كەلمەسلىكىڭ كېرەك، سىرتتا باشقىلارغا مېنىڭ قىلچىلىك يامان گېپىمنى قىلساڭ داداڭ ئىككىڭنى تەڭ ئەرز قىلىپ تۈرمىدە ياتقۇزىۋېتىمەن.. شۇ چاغدىكى گۇۋاھلىق سۆزى ھازىرمۇ يېنىمدا بار.. .

ئۇ تېلىفوننى ئېلىپ ماڭا ئاۋازنى ئاڭلاتتى.

«بالام، پۇلىڭىزنى بىر يىلدا قايتۇرىمەن، قايتۇرالمىسام مېنى نېمە دېسىڭىز مەيلى.. »

- ئاڭلىدىڭما؟ داداڭ بىر يىلدا قايتۇرىمەن دەپ مانا بەش يىل بولدى، بىرمو پۇلىنى كۆرمىدىم. ئەمدى سېنىڭكىنى ئاڭلىتىپ قوياي..

«پۇلنى قايتۇرۇپ بولغۇچە ھېچقانداق ئادەمگە سىز توغرىلىق تىنمايمەن، كىم بىلەن ئارلاشسىڭىز نېمە قىلسىڭىز تۇرمۇشىڭىزغا ئارىلاشمايمەن، سىز ئاجرىشىمەن دېمىگۈچە ئاجراشمايمەن، سىز رۇخسەت قىلمىغۇچە دوستلىرىم بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقمايمەن، سىز قوشۇلمىغۇچە سىرتتا خىزمەت قىلمايمەن»

ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى.

- بىلىمەن.. مەن ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلدىم..

- داداڭ ماڭا 300مىڭ قەرز.. مۇشۇ ۋاقىتقىچە 1000كوي پۇلىنى كۆرۈپ باقمىدىم.. ھېچقانداق كۈيئوغۇل قېيىنئاتىسىغا بۇنداق قىلمايدۇ..

- بىلىمەن. ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز..

- دوستلىرىم بىلەن رۇخسەتسىز كۆرۈشۈشكە چىقمايمەن، سىز قوشۇلمىغۇچە سىرتتا خىزمەت تاپمايمەن دېگەن گەپنى.. . ئېنىق ئاڭلىغانسەن؟

- مېنى توغرا چۈشىنىڭ بولامدۇ، تۇرمۇشقا خىراجەت كېتىدۇ، سىزدىن سوراشقا خىجىل بوپ قالدىم، سىزمۇ پۇلنى ئاسان تاپمايسىز، ھېچ بولمىسا ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى بولسىمۇ تاپاي..

گېپىم تۈگىمەيلا يۈزۈمگە بىر شاپىلاق تەگدى.

- يەنە پۇلنىڭ گېپىما؟ مەن سېنى باقسام بولامتى؟

- ياق.. مەن شۇ ئۆزۈمنى ئۆزۈم باقاي دېگەن.. ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىر قېتىم ئىشلەش پۇرسىتى بېرىڭ بولامدۇ؟!

- مەن دېگەن شىركەت دېرىكتورى، خەق سېنىڭ بىر يەردە ئىشلىگىنىڭنى كۆرسە ئايالىنى سىرتتا ئىشلىگۈزۈپتۇ دېمەمدۇ.. نامىم ئەمدى چىقىۋاتقاندا ئىشىمنى بۇزاي دەمسەن؟

- مەن قانداق قىلسام بولىدۇ، پەقەتلا بىلەلمەي قالدىم.. ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىر يولنى دەپ بېرىڭ.. ھازىر مېنى ئالدى كەينىگە ماڭغىلى بولمايدىغان يولغا ئەكېلىپ قىستاپ قويىۋاتىسىز؟

- ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ.. مېنىڭ پۇلۇمنى دېمىگەن بولساڭ ماڭا تەگمەيتىڭ، داداڭ دېگەن يالاڭتۈشمۇ مېنىڭ پۇلۇمنى ئويلاپ سېنى ماڭا بەرگەن.. نىيىتىڭ قارا بولغاچقا مۇشۇ كۈننى كۆرىۋاتىسەن..

- ئەينى ۋاقىتتا سىز ماڭا مۇھەببەت بەرگەچكە بۇ تويغا قوشۇلغان، ماڭا بۇنداق ھاقارەت قىلماڭ.. .

- ھاھاھا.. شۇنداقمۇ؟ مەن ئىشەندىم.. بەك تەسىرلىنىپ كېتىۋاتىمەن..

ئۆرۈلۈپ كۆكتات ئاقلاشقا باشلىدىم. ئۇ يېنىمغا كەلدى.

- مەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئادەم.. سېنىڭ سەۋەبىڭدىن تەرەققىيات يولۇم توسۇلۇپ قالسا بولمايدۇ.. ئەگەر شۇنداق قىلىدىكەنسەن.. مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسەن..

ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

- ئەمىسە سىز ماڭا دەڭ، سىز دېگەندەك قىلاي..

ئۇ يانچۇقىدىن نەچچە يۈز يۈەننى چىقىرىپ يۈزۈمگە ئاتتى.

- ئالىدىغىنىڭ مۇشۇغۇ.. مۇشۇنى خەجلەپ سىرتتا ئىشلەيمەن دېگۈچى بولما.. ھازىر بىر نەچچە تور بەت مېنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ.. سەن تېشىدا ئىشلىسەڭ مېنىڭ يۈزۈم تۆكۈلىدۇ..

يەردىكى پۇلغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم، بۇ پۇلنى ئالسام ئالمىسام ئوخشاشلا زىيان تارتاتتىم. ئالسام غورۇرۇم دەپسەندە بولاتتى، ئالمىسام يەنە تىل ئاھانەت ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرايتتىم.

- ئالە.. تۇرىسەنغۇ.. نەچچە كۈندىن بېرى پۇلۇم يوق دەۋاتمامتىڭ؟

ئامالسىز ئىگىلىپ يەردىن پۇلنى تېرىشكە باشلىدىم. ئۇ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ كۈلدى.

- ھاھا.. ھالىڭ مۇشۇنچىلىك.. تېخى سېنىڭ پۇلۇڭنى ئەمەس،مۇھەببىتىڭنى دەپ توي قىلغان دەيسەن.. پۇلنى كۆرسەڭ يەنە ئوخشاش ئىگىلىسەن.. ساڭا دېسەم ھازىرقى ھالىتىڭدە بىر يەرگە بارساڭمۇ ئىشلىيەلمەيسەن.. شۇڭا يۈزۈمنى تۆكمەي ئۆيدە ئولتۇر..

يولدىشىم سافادا ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرۈشكە باشلىدى. پۇلنى تۇتقانچە تۇرۇپ كەتتىم. بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنىڭ مېنى بۇ دەرىجىدە بىچارە ۋە خار ھالەتكە ئەكېلىپ قويىدىغانلىقىنى، تىلىمنى كېسىك قىلىپ، بارچە ۋىجدان غورۇرۇمنى ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئويلىساملا ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تاتلىق گەپلىرى، رومانتىك ئىشلىرىغا ئىشىنىپ تويغا قوشۇلغان ئۆزۈمنى ئۇرغۇم كېلەتتى.

كالپۇكۇمنى چىشلىدىم.

يولدىشىمغا تاماق ئېتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەخلەت تۆكۈش باھانىسىدە مەھەللىنىڭ يان تەرىپىدىكى قەھۋەخانىغا قاراپ ماڭدىم، مېڭىش جەريانىدا قولۇمغا ئۇرۇنغان نەرسىنى ئېلىپ قارىدىم. بۇ تىڭشىغۇچ ئىدى.

ئۇنى جايىغا سېلىپ ئايالنىڭ يېنىغا كەلدىم.

- نېمىش بولدى؟ بەك جىددىي گەپ قىپسىز..

- ھەدە، مەن ئىشلىيەلمەيدىغان بولدۇم..

«مالچى ھەدەم» چىرايىمدىكى خىجىلچىلىقنى بايقىدى.

- يولدىشىڭىز ئۇنىماپتۇدە..

ئۇنىڭ قولىنى سىقىمدىدىم.

- ھەدە، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن دېگەن گەپلەرنى ھېچكىمگە دېمەڭ، بولامدۇ؟ يولدىشىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ، قاراڭ، ئۇ ماڭا پۇل بەردى.. مەن بايا ئاچچىقتا شۇنداق دېگەن..

يانچۇقۇمدىكى پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.

«مالچى ھەدەم»ماڭا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى.

- سىڭلىم، سىزگە تۇيۇقسىز نېمە بولدى؟

- ئۇ بايا تېخى مېنى ياخشى كۆرىمەن دېدى.. تۇرمۇشتا قىينالسىڭىز ماڭا دەڭ مەن پۇل بېرىمەن دېدى..

زورلاپ كۈلدۈم.ئايال ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا قايتا تىكىلدى.

- يولدىشىڭىز شۇنداق دە دېدىما؟!

- ياق.. چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ دېدىم.. ئۇ مېنى مەجبۇرلاپ باقمىدى.. ئايال كىشى ئاچچىقتا نېمە دېمەيدۇ.. بايا ئاچچىقتا شۇنداق دەپ قاپتىمەن.. مەن يولدىشىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇمۇ شۇ، ئەر-ئايال دېگەن ئانچە-مۇنچە ئۇرۇشۇپ قالىدۇ..

- سىڭلىم ئەتراپىمىزدا ئادەم يوق.. ئۇنداق قىلماڭ.. ئۆزىڭىزنى بۇنداق قىينىماڭ..

- ياق ھەدە، راست دېدىم.. بىز ئاياللار بەك ھېسسىياتچان، بەزىدە ھاياجانلىنىپ يولدىشىمىزنى تىللاپ قالىدىكەنمىز.. مېنى توغرا چۈشىنىڭ..

ئايالنىڭ كۆزىگە ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتىم، نالەمنى كۆزۈم ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېيتىۋاتاتتىم.

- يارىشىپ قالغانلا بولسىڭىز بولدى، مەن سىزگە دېگەنغۇ ئەركىشى بەزىدە ئاچچىقلانغان بىلەن ئايالىدىن ۋاز كەچمەيدۇ دەپ..

ئايال ماڭا بىر ۋاراق قەغەزنى بەرگەندىن كېيىن كۆزۈمگە قارىدى.

قەلەمنى ئېلىپ قەغەزگە يازدىم.

«يولدىشىم كىيىمىمگە تىڭشىغۇچ ئورنىتىپ قويۇپتۇ. ئۇ مېنى خىزمەت قىلىشتىن توسىۋاتىدۇ، ماڭا ئامال تېپىپ بەرسىڭىز، سىرتتا مۇقىم خىزمەت قىلالمايدىغاندەك قىلىمەن، قەرزنى قايتۇرۇپ ئاجرىشىپ كەتسەم بولاتتى.. »

ئايال قەغەزنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئاستىغا يېزىپ قويدى.

«مېنىڭ خەۋىرىمنى كۈتۈڭ» ئايالغا كۈلۈپ قويۇپ، قەغەزنى يىرتىۋەتكەندىن كېيىن، يۈگۈرگىنىمچە ئۆيگە كىردىم.

كىيىمىمنى ئالماشتۇرغۇچە يولدىشىم يېنىمغا كەلدى.

- ئەخلەتنى بەك ئۇزۇن تۆكتۈڭغۇ..

- مەھەللىدىكىسى توشۇپ كېتىپتىكەن.. شۇ.. شۇڭا.. يىراققا ئاپىرىپ تۆكتۈم..

- بارغانسىرى گەپ ئاڭلايدىغان بوپ كېتىپ بارىسەن، قارا، مۇشۇنداق قىلساڭلا باشقا ئىش يوق..

يولدىشىمغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم.

- كىيىمىڭىزنى تەييار قىلىپ قويسىڭىز يۇيۇپ بېرەي..

- ئىشكاپقا قاراپ ئۆزۈڭ تاللاپ يۇيساڭ بولىدۇ..

ئۇ چىقىپ كەتكەندە بايىدىن بېرى چىقىرالمىغان ئېغىر تىنىقىمنى چىقىرىۋالدىم.

نازارەت ئاستىدا قالغان جىنايەتچىگە ئوخشايتتىم.

يولدىشىم بىلەن بالىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ قويغاندىن كېيىن بالىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم.

- ئاپا، مەن بىلەن ياتىسەنغۇ ھە..

- ھەئە، بۇندىن كېيىن سەن بىلەن ياتىمەن،- ئوغلۇمنى قۇچاغلىدىم.

ئوغلۇم يۈزۈمنى سىيلىدى.

- ماۋۇ يۈزۈڭگە نېمە بولدى؟

- بايا لازا ئاقلىغان قولۇم بىلەن تۇتۇپتىمەن، شۇڭا قىزىرىپ قالدى..

- بۇندىن كېيىن لازىنى مەن ئاقلىشىپ بېرەي..

- ياق بالام، ئۆزۈم ئاقلايمەن..

ئوغلۇم ئورنىدىن تۇرۇپ تارتمىسىدىن كىچىك بىر پەلەينى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.

- ئاپا، ماۋۇنى ساڭا بېرەي، لازا ئاقلىغاندا كىيىۋال، ئاندىن يۈزۈڭ ئېچىشمايدۇ..

ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم، كىچىك تۇرۇپ ماڭا ماسلىشىۋاتقان، ئۆز يېشىدىن بۇرۇن ئوغۇللۇق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان ئوغلۇم ئۈچۈن يۈرىكىم ئېچىشىۋاتاتتى.

- ماقۇل بالام، مەن كىيىۋالاي.. ئەمدى لازىنى مۇشۇ پەلەيدە تۇتىمەن..

بالامنىڭ كىچىك پەلىيىنى قولۇمغا ئېلىپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم.

كۆزۈم ئۇيقۇغا بېرىشى بىلەن يولدىشىمنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

- بۇ ياققا چىق.. دەيدىغان گەپ بار..

بالىنىڭ قۇلىقىنى يۆگەپ قويغاندىن كېيىن مېھمانخانىغا چىقتىم.

يولدىشىم بىر خالتىنى ماڭا سۇندى.

- بۇ نېمە؟

- ماۋۇ كىيىم،- ئۇ خالتىدىن بىر كۆينەكنى چىقاردى،- ماۋۇ ئاياق..

ئۇنىڭ ماڭا تۇيۇقسىز ئاياق بىلەن كىيىم ئېلىپ بەرگىنىدىن ھەيران ئىدىم.

- بۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

- قىزىقكەنسەنغۇ.. ساڭا بۇ تۇنجى قېتىم نەرسە ئەپ بېرىشىمما؟ ھەيران قېلىۋاتىسەنغۇ.. .

ئۇنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇن ۋە تويدىن كېيىنكى دەسلەپكى كۈنلەردىن باشقا ۋاقىتتا ماڭا كىيىم ئېلىپ بەرگىنىنى ئەسلىيەلمىدىم، ھەممىسىنى ئۆزۈم ئانچە مۇنچە ساقلاپ قالغان پۇللارغا ئالاتتىم، ياكى كونىلىرىنى كىيەتتىم.

- رەھمەت، بەك چىرايلىقكەن.. - كىيىمنى قاتلاپ قولۇمغا ئالدىم.

- يەنە ماۋۇ،- ئۇ ئالدىمغا بىر تال قەغەز يېشىكنى قويدى.

قولۇمغا ئېلىپ ئىچىدىكى گىرىم بويۇمىنى كۆردۈم.

- ۋوي، ئادەتتە گىرىم قىلىشىمنى ياقتۇرمايتتىڭىزغۇ؟!

- ھە.. سەنمۇ ئايال كىشى بولغاندىن كېيىن گىرىم قىلىپ قوي..

ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان ياخشى مۇئاملىسىدىن ھەيران ئىدىم، قائىدە بويىچە بۇلارنى كۆرۈپ خوشال بولىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن يۈرىكىم قورقۇنۇچتىن ئەنسىز سوقىۋاتاتتى.

- رەھمەت.. بۇلار بەك قىممەتتۇ ھە..

- باھاسى بىلەن ھېسابلاشما، بەرگەندىن كېيىن ئالساڭلا بولدى..

ئۇ بەرگەن نەرسىلەرنى ھۇجرىدىكى ئىشكاپقا قويغاندىن كېيىن قايتا يېنىغا چىقتىم،ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق قىلىشىنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر شەرت بارلىقىنى بىلەتتىم.

- ئەتە تاراتقۇلار ئۆيگە زىيارەتكە كەلمەكچى، سەن بىلەن مېنى ئىناق ئەر- ئاياللار دەپ خەۋەر يازىدۇ.. ئۇلار كەلگەندە مۇشۇ كىيىمنى كىيىپ، گىرىمنى چىرايلىق قىل، ماۋۇ سورىلىدىغان سۇئاللار، تەييارلىق قىلىپ قوي.. چاتاق چىقارساڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلىسەنغۇ..

ئۇ سورىلىدىغان سۇئاللار بېسىلغان ۋاراقنى ئۈستەلگە قويۇپ، ھۇجرىغا كىرىپ چىراغنى ئۆچۈردى. مەن بولسام ۋاراقنى تۇتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章