قارا كۆڭۈللەر 🧡 17-قىسىم

文摘   2024-08-28 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇ نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەي بىرھازا قارىسىغا لاغايلاپ يۈردى. قاچانلا قارىسا جىدەل پۇراپلا تۇرىدىغان ئۆيىگە ئۇنىڭ پەقەتلا قايتقۇسى يوق ئىدى. كۆز ئالدىغا گۈلگىنەنىڭ سۆرۈن تەلەتى كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇ جىلە بولۇشقا باشلىدى .

« تېپىلماسنىڭ خورمىسىدەك ئالغىلى خوتۇن چىقمىغاندەك ئىزدەپ- سوراپ بېرىپ ئاپتىكەنمەن دېسە بۇ ھازازۇلنى. ئادەمنىڭ ياشلىقىنى زە. نى-نى سەتەڭ قىزلار تۇرسا شۇلارنى ئالماي مۇشۇ خوتۇننى ئېلىپ جېنىمغا ئىكەگ سېلىپ يۈرگىنىمنى قارىمامدىغان »

شاۋكەتنىڭ يادىدىن بۇنىڭدىن يىگىرمە نەچچە يىل ئاۋالقى ئىشلار كەچتى.

ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئالتۇندەك ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان تازا قىران چاغلىرى ئىدى. ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا مۇھەببەتلىشىش تازا ئەۋج ئالغان مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا « ئۈرۈك، ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك ئۇنىڭ كۆڭۈل قەسىرىدىنمۇ ئايبەر ئىسىملىك ناھايىتى شوخ، قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك چىرايلىق بىر قىز ئورۇن ئالدى. ئايبەر ئىككىسى پاراللىل ئوقۇيدىغان بولۇپ سىنىپلىرى بىر-بىرىگە قوشنا كىلەتتى. ئىككىسى مەلۇم بىر ساۋاقدىشىنىڭ توغۇلغان كۈن سورۇنىدا چىقىشىپ قالغانىدى. توغۇلغان كۈنى بولغان ساۋاقدىشى تىلەك تىلەپ يوغان تورتنىڭ ئەتراپىغا سانجىلغان شاملارنى ئۆچۈردى. كېيىن ھەممىسى بىر پارچىدىن تورتقا ئېغىز تېگىشكەندىن كېيىن دىلشات ئىسىملىك بىر ساۋاقداش گىتتار چېلىپ ئوقۇغان شوخ ناخشىغا قىز-يىگىتلەر ئۇسسۇلغا چۈشتى. شاۋكەت ئۇسسۇل ئويناۋېتىپ كىيكتەك چامداپ لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئايبەر ئىسىملىك قىزنىڭ ئەتراپىدىن چىراق تۈۋىدىكى پەرۋانىدەك بىر قاراشقا باشلىدى. قىز ۋاي دېگۈدەك گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ ئۇنىڭ تال چىۋىقتەك بوستان چاچلىرى بىلەن ئەۋرىشىم كەلگەن زىلۋا قامىتى ئاللىبۇرۇن شاۋكەتنىڭ كۆڭلىنى ئۇۋلاپ قارمىقىغا ئېلىندۈرۈپ بولغان ئىدى. ئايبەرمۇ چاچلىرى قويۇق، ئۇلىما قاش كەلگەن بۇ يىگىت ئەتراپىدىن پىرقىراۋاتقاندىلا دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئىككىسى ئۇسسۇل ئويناۋىتىپ بىرنەچچە قېتىم كۆز بېقىشۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى تەنەپپۇس ۋاقتىدا بىر- بىرىنى ئىزدىشىدىغان بولىۋالدى. شاۋكەت تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈپ ئۇ قىزدىن ئوقۇش ماتىريالى ئارىيەت ئالغان بولۇپ گەپ پاراڭلىشىشقا پۇرسەت تاپتى. بىر كۆرۈشۈپ، ئىككى كۆرۈشۈپ، ئىككىسى ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ قالدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، شاۋكەت يەنە بىر شەكىلە

ئىسملىك بىرقىزدىنمۇ سۆيگۈ مەكتۇپى تاپشۇرۇۋالدى. ئايبەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلىغان شاۋكەت شەكىلەنىڭ سۆيگۈ مەكتۇبىنى ئايبەرگە كۆرسەتتى. ئايبەر غەزەپلىنىپ خەتنى پارە - پارە قىلىۋەتكەندىن كېيىن شەكىلە ئىسىملىك قىزنى ئىزدەپ تېپىپ ماڭا قەستەن سوقۇلدۇڭ دېگەننى باھانە قىلىپ بۇ قىزنى ئۇبدانلا ئۇچۇغداپ قويدى. شاۋكەتنىڭ ئىككى يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئوقۇشتىن باشقا ئايبەر بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ ئۆتتى. ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە ئارىغا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشى گۈلگىنە ئىسىملىك قىز قىسىلۋالدى. بۇ شاۋكەتنىڭ ئايبەردىن تازا زىرىكىپ تۇرغان چاغلىرى بولغاچقا گۈلگىنەنىڭ ئۆزىگە جىلمىيىپ قاراشلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ تېزلا ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئىزھار قىلدى. ئايبەرنىڭ يېلىنىپ - يالۋۇرۇشلىرى شەۋكەتكە قىلچىلىك كار قىلمىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شەۋكەت گۈلگىنە بىلەن توي قىلدى. تويدىن كېيىن گۈلگىنە شەۋكەتنىڭ تومۇرىنى تۇتۇۋېلىپ ھازازۇللۇق قىلىپ يۈرۈپ ئائىلىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقتى. مانا ھازىر شاۋكەت ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ ئۆزىنىڭ گۈلگىنەنى تاللاپ ناھايىتى خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى .

- شاۋكەت…

 شاۋكەت ئۆزىنى چاقىرغان تەرەپكە قارىدى. يولنىڭ قاسنىقىدىكى قارىغاي دەرىخىنىڭ سايىسىدا بىر تونۇش چىراي ئۇنى چاقىرىۋاتاتتى. ئۇنى چاقىرغىنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ئەكبەر ئىدى. ئەكبەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇشتىن چىكىنىپ باققالچىلىق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۋاتاتتى. شاۋكەت قارىغاي دەرىخىنىڭ شايىسىدا قويۇلغان ئۈچ چاقلىق ھارۋىسىدا مىۋە-چىۋە سېتىۋاتقان ئەكبەرنىڭ يېنىغا كەلدى .

- بارمۇ سەن ھەي ساۋاقدىشىم؟- دېدى ئەكبەر شاۋكەتكە قولىنى تەڭلەپ قىزغىنلىق بىلەن .

 ئەكبەر بىلەن شەۋكەتنىڭ يېشى جىق پەرقلەنمىسىمۇ ئەكبەرنىڭ كۈسەيدەك قارىداپ كەتكەن جۈدەڭگۈ چىرايى شەۋكەتتىن خېلىلا چوڭ كۆرسىتىپ تۇراتتى.

- ھال- ئوقىتىڭ قانداقراق ئاداش؟- سورىدى شاۋكەت ئەكبەر بىلەن ئېسەنلىك سورىشىپ بولغاندىن كېيىن .

- يامان ئەمەس ئاداش، سەندەك ھەر ئايدا تۈمەن- تۈمەنلەپ مائاش ئېلىۋاتمىساقمۇ كۈنلىرىمىز قەدىر ئەھۋال ئۆتىۋاتىدىغۇ؟

- ئاجايىپ ئادەملەردە سىلەر. خۇددى مائاشلىق ئادەملەرنىڭ غېمى يوقتەك ئېغىزىڭلارغا كەلگەننى دەۋېرىدىكەنسىلەر. سىلەرچە ئاشۇ مائاش ئۇڭايلىقچە كېلەمدا بىزگە؟ ئەتىگەندىن- كەچكىچە خەقنىڭ قاپىقىغا قاراپ نەچچە قېتىم ئىزا-ئاھانەت ئاڭلاپ تۈرلۈك تۈمەن بېسىم ئاستىدا خىزمەت قىلىپ ئاندىن قولغا كېلىدىغان نەرسە ئۇ مائاش دېگەن. ماڭا قارىغاندا سېنىڭ كۈنۈڭ قاتتىقتەك قىلغان بىلەن ماڭا قارىغاندا سەن ئەركىن. بىرسى ساڭا ھازىرغا قەدەر ئىشقا كېچىكىپ قالدىڭ. خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ قالدى دەپ بىر ئېغىز بىر نەرسە دەپ باقتىما؟ جاپا تارتساڭمۇ، پۇلنى ئاز تاپساڭمۇ خاندەك ياشاۋاتقان ئادەم سەن .

- ئۇنى دېسىغۇ راست، خىزمەت قىلماقمۇ ئوڭاي ئەمەس. قارىسام سەل پەرىشان كۆرىنىسەن. ئائىلەڭدە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمىگەندۇ.

 شاۋكەت دەردىنى ئېيتارغا ئادەم تاپالماي قالغاندا ئۇچرىغان بۇ ساۋاقدىشىغا بارلىق دەرت-ھەسرىتىنى تۆكۈپ باشلىدى .

- ساڭىمۇ تەڭلىك بوپتۇ ئاداش،- دېدى ئەكبەر شاۋكەت بەرگەن تاماكىنى پۇرقۇرىتىپ شورىغىنىچە،- مەن ساڭا دېسەم ئاداش، سەن ئايالىڭنىڭ دېگىنىدەك قىل. ئۇنداق دېسە مېنى ئاتا-ئاناڭغا ۋاپاسىزلىق قىل دېمەكچىمۇ سەن دېيىشىڭ مۇمكىن. لېكىن ئويلاپ باقمامسەن، ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەلگەندە ساڭا ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا ئايالىڭ. ئەمدى شۇ…ئاتا-ئاناڭغا كەلسەك سېنى كىچىگىڭدە بېقىپ چوڭ قىلىپ ئۆيلەپ قويغاندىن باشقا ئىشلار بىلەن ئاساسەن كارى يوق. سەن ئۆيدە يالغۇز ئوغۇل بولغان بولساڭ بۇنىڭ يولى باشقا ئىدى. بەرىبىر ئاتا- ئاناڭدىن قالسا ساڭا قالاتتى. لېكىن سەن ئۈچ قېرىنداش. ئاتا-ئاناڭنىڭ قول ئىلكىدە بارىنى ئۆز يېنىڭغا تارتقاچ تۇرمىساڭ ئۇلار ئۆلۈپ كەتسە مال- مۈلۈكنى ئۇلار بىلەن تەڭ بۆلىشىدىغان ئىش چىقىدۇ. شۇڭا كاللاڭنى ئىشلەت ئاداش. ھازىر سەن ۋاپاسىز دەپ ئاتاقنى كۆتۈرۈشتىن قورقۇپ ئاتا- ئاناڭنى ئاۋايلاپ پۇل سورىغۇڭ كەلمەيدۇ. ناھايىتى كەلسە ئاتا-ئاناڭ شۇ شەۋكەت بالام ئىنساپلىق بالا بوپتۇ دەپ بىر نەچچە ئېغىز ماختاپ قويۇشنى بىلىدۇ. سەن ئۇلار بىلەن تىركىشىپ تۇرۇپ پۇلنى ئېلىۋالساڭ ۋاي ۋاپاسىز دەپ بىر ئىككى ئېغىز تىللىۋالىدۇ. ياكى ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلالمايدۇ. بەرىبىر سەن ئۇلارنىڭ بالىسى بولغاندىكىن. ۋاقىت ئۇزارسا ئاتا- ئانا دېگەن بۇنچىلىك كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ……

- ئۇستام ئاۋۇ ئالمىللىرىنىڭ كىلوسىنى نەچچە پۇلدىن ساتتىلا؟- سورىدى بىر خېرىدار ئەكبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ.

- ئالمىنىڭ بىر كىلوسىنى ئون كوي ساتتىم مانا ماۋۇ خالتىغا خىللىۋېلىڭ، - دېدى ئەكبەر خىرىدارنىڭ قولىغا سۇلياۋ خالتىدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ.

ئەكبەر ئالمىسىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى.

- كونىلاردا قونجۇڭدا بولسا قوۋزۇڭغا تۆكىلەر دەيدىغان گەپ بار. ھەممە ئادەمنىڭ قولى ئىچىگە ئىگىلىدۇ. تېشىغا ئىگىلمەيدۇ. ئايالىڭ ساڭا يامان بولۇپ ئاتا- ئاناڭدىن پۇل سورا دېگەن گېپىنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق. ئاشۇ پۇلنى كېيىن ئىككىڭلار خەجلەيسىلەر. شۇڭا ئاتا- ئاناڭنىڭ كۆزىنىڭ ئوچۇقچىلىقىدا ئۆز يېنىڭنى توملاشقا تىرىشقىن. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قالىدىغان مىراستىن ئۈمىد كۈتمە. خەق مېنى ۋاپاسىز دەرمىكىن دەپ ئاۋۇيخورلۇق قىلىپ ئولتۇرساڭ بىر ئۆمۈر ئۆي قەرزى بىلەن ماشىنا قەرزىدىن قۇتۇلالماي ئۆتۈپ كېتىسەن. مېنىڭ دەيدىغىنىم شۇ ئاداش قالغىنى ئۆزۈڭ بىلىپ بىر ئىش قىلارسەن.

شاۋكەت ئەكبەر ھەقسىز بەرگەن بىرنەچچە كىلو مىۋە-چىۋىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتماقچى بولدى. ئۇ كېتىۋېتىپ ئويلىغانسىرى ئەكبەرنىڭ گېپىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى.

«دېمىسىمۇ راستقۇ. ئۇ قېرىلار تاپقان پۇللىرىنى گۆرىگە ئېلىپ كېتەلەمتى؟ تېخى مېنى ئۇنداق باقتىمەي، بۇنداق باقتىمەي دەپ كېتىشلىرىدىن ئۆرگىلەي. بالىسىنى جاپا تارتىپ بېقىۋاتقانلار مېنىڭ ئاتا-ئاناملا ئەمەسقۇ. جاھاندىكى بارلىق ئاتا- ئانىلار شۇنداق قىلىدۇ. تاسلا قاپتىمەن ئاپامنىڭ ئىككى ئېغىز گېپى بىلەن تەسىرلىنىپ كېتىپ ئۇلارغا پۇل دېيىشتىن يالتىيىپ قالغىلى. قارىغاندا بوش تۇرسام پۇل چىقىدىغان چىراي ئەمەس بۇلاردىن»

شاۋكەت ئۆيگە كىرگەندە گۈلگىنە گۆش قاچىلىغان تاغاردەك سىمىز بەدىنىگە ئۇخلاش كىيمىنى كىيىپ گۆشگىردىدەك كۆپۈپ چىققان يۈزلىرىگە كىچىلىك ماي سۈرۈپ ئولتۇراتتى.

- قارىسام ئىشىكتىن خېلى روھلۇق كىرۋاتىسىز. چوڭاملار پۇل بېرىشكە قوشۇلغان ئوخشىمامدۇ؟ يا ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ پۇلنى .

- نەدىكىنى، بۇ قېرىلاردا بار يوقى يۈزمىڭ كوي پۇل بارمىش. ئۇ پۇلنى كىچىك شۇمنىڭ تويلۇقىغا ئىشلىتەرمىش،-بۇرۇنلاردا ئاتا-ئانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان شاۋكەت بۈگۈن ئۇلارنى راسا سېسىتىپ خوتۇنى تەرەپكە ئۆتىۋالدى.

- شۇنداق قىلىپ چوڭاملارنىڭ پەيلى يامانكەن دەڭ. ئەمدى قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز ؟- دېدى گۈلگىنە ئىرىگە مەنىلىك قاراپ.

- مەنمۇ بىلمىدىم جۇمۇ. يا بۇلارغا تەھدىت سېلىپ پۇل ئالغىلى بولمىسا. تاززىمۇ بىر باش قېتىنچىلىقى بولدى دە بۇ.

گۈلگىنە ئېرىنىڭ گېپىگە جاۋاپ بەرمەي چوڭقۇر ئويغا چۆمدى .

****************************

نېمە بولدىڭىز شۆھرەت بۈگۈن ئەجەپ قاپىقىڭىز ئېچىلمايدىغۇ؟ گەپ سورىساممۇ «ھەئە»«ياق»دەپلا گەپنى تۆگىتىسىز .

- سورىغانكەنسىز، گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي دەۋىرەي. ئاتا- ئانام ماڭا پەقەت يۈزمىڭ كويلا ئاتاپ قويۇپتۇ. ئاشۇ يۈزمىڭ كويغا تويۇمنى قىلىپ قۇيارمىش. ئاشۇ يۈزمىڭ كوي پۇلنى يەتكۈزۈپ توي قىلىپ ئۆي ماشىنا ئېلىپ ئولتۇرساق قانداق دەيسىز؟

زۇلپىيەنىڭ قولىدىن تاماق يەۋاتقان چوكا يەرگە چۈشۈپ كەتتى .

- ھەي بۇ قانچىنچى يىلى؟- سورىدى زۇلپىيە تاماق يەۋاتقان چوكىنىڭ چۈشۈپ كەتكىنى بىلەن كارى بولماي.

- نېمە بۇلارنى مەندىن سۇراپ يۈرىسىز؟- دېدى شۆھرەت زۇلپىيەنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشىنەلمەي .

- بەلكىم ئىككىمىز يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا توي قىلماقچى بولغان بولساق يۈز مىڭ كوي پۇلىڭىز توي قىلىشىمىزغا يىتىپ ئېشىپمۇ قالاتتى. لېكىن ھازىر مال باھاسى ئۇ چاغدىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئۆستى. يۈز مىڭ كوي، پۇلىڭىز توي چىقىمىنىڭ يېرىمىغا يىتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىز مېنى چىكىپ باقماي مەن دېگەندەك قىلىڭ.

- مېنىڭمۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ زۇلپىيە. سىز دېگەندەك يۈز مىڭ كوي پۇلنى يەتمەيدۇ دەپ قارىساق چۇقۇم يەتمەيدۇ. يېتىدۇ دەپ ئويلىساق يېتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادچانلىقىمىزغا باغلىق ئىش. مەسىلەن ئۆي ئالماقچى بولساق ئەللىك كۋادرات مىتىرلىق ئۆيلەر يىگىرمە نەچچە مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ماشىنا سېتىۋالماقچى بولساق نىمكەشرەك بولسىمۇ داڭلىق ماركىدىكى نىسسان ماشىنىنى ئوتتۇزمىڭ يۈەنگە سېتىۋالالايمىز. تىجەشچانراق بولساق قالغان ئەللىك مىڭ يۈەن پۇل توي قىلىشىمىزغىمۇ يىتىپ قالىدۇ.

- پاھ، ھېساب- كىتابقا نېمانچە ئۇستا سىز. ئەسلىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇسىڭىز بوپتىكەن؟ مەن قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىلەمسىز؟ ئىچكىرىي ئۆلكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋىرستتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر بىر ئايدا ئالتە مىڭ يۈەن مائاش ئالىمەن. يەنە بىر نەچچە يىل ئىشلىسەم مائاشىمنىڭ ئون مىڭ يۈئەنگە ئۆسۈشىدە گەپ يوق. ئەگەردە يۈزمىڭ يۈەنگە چۇشلۇق قىز بىلەن توي قىلىشنى ئويلايدىغان بولسىڭىز يېزا تەرەپلەرگە ئۆتۈپ بېقىڭ. ئاشخانىلاردا كۈتكۈچى، سەيپۇڭخانىلاردا تىككۈچى، سودا سارايلىرىدا مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قىزلارغا ئەللىك مىڭ يۈەن تويلۇق ئەمەس ئوتتۇز مىڭ يۈئەن تويلۇق بەرسىڭىزمۇ كەينىڭىزدىن تۆت پۇتلۇق بولۇپ يۈگرەيدۇ. بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ شۆھرەت.

شۆھرەت تاماقخانىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە قارىشىۋاتقىنى بىلەن كارى بولماي ئۈنلۈك ئاۋازدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章