بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 6-قىسىم (ئەپچىدە 14قىسىم)

文摘   2024-08-28 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 -دادام مېنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن مەن ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇ ئۆيگە كەچ كېلىدۇ، كەلسىلا ئاپامنى ئۇرىدۇ.. تىللايدۇ، چېچىنى تارتىدۇ.. ئاپامغا پۇل بەرمەيدۇ.. ئاپامنى ماشىنىسىغا چىقارمايدۇ.. دادام ئاپامنى ئۇرغاندا ئۆيدىن چىقالمايمەن،دادامدىن قورقىمەن.. - ئوغلۇم ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدى.

- كۆپچىلىك ئېلاندىن كېيىن كۆرىشەيلى..

مۇخپىر ئېكرانغا قاراپ سۆزلىگەندىن كېيىن بالىغا قارىدى.

ئوغلۇمنى يانغا تارتتىم.

- ۋاي بالام نېمە دەۋاتىسەن.. نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن..

 سۆزلىگەنسىرى تىترەپ كېتىپ باراتتىم، بېشىمنى كۆتۈرۈپ يولدىشىمنىڭ چىرايىغا قاراشقا پېتىنالمىدىم، قارىماي تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ غەزەپكە تولغان چىرايىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم.

- بالا ياخشى ئۇخلىماي قالدىمۇ نېمە،- دېدى مۇخپىر يېنىمىزغا كېلىپ.

- شۇنداق.. بايىقى گەپلەرنى يۇيىۋەتكىلى بولارمۇ؟

- ياق.. ئۇ تارقىلىپ بولدى، ھازىر قايتىدىن زىيارەت قىلىپ بۇ ئىشنى ئوڭشىشىمىز كېرەك.. بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق..

- بالام، نەدىكى گەپنى قىلما.. داداڭ ماڭا شۇنداق ئامراق.. ساڭا دېدىمغۇ.. ئۇ مېنى ئۇرۇپ باقمىدى..

- دادام ئۇرمىسا بوينۇڭدىكى كۆك نەدىن كەلدى؟ دادام ئۇرمىسا نېمىشقا كەچتە ئۇخلىغاندا ئۇ يەر بۇيەرلىرىڭ ئاغرىيدۇ.. سەن ماڭا كىچىك بالا يالغان سۆزلىسە بولمايدۇ دېگەنغۇ..

- بالام ئۇنداق قىلما.. داداڭ مېنى ئۇرۇپ باقمىدى.. - پۇت قولۇم تىترەشكە باشلىدى.

بېشىمنى كۆتۈرۈپ يولدىشىم بىلەن مۇخپىر قىزنىڭ يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. ئۇلار زىيارەتنىڭ ئاخىرىنى قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.

ئۇلار قايتىپ چىققاندىن كېيىن يولدىشىمنىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆزى بىلەن زىيارەتنى ئاياقلاشتۇردى-دە، قايتىپ كەتتى.

يولدىشىمنىڭ كۆزلىرى غەزەپتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ بالىنىڭ قولىدىن تارتتى.

- مەن ساڭا مۇشۇنداق دە دېدىمما؟

ئوغلۇم يىغلاشقا باشلىدى.

- قولۇم بەك ئاغرىپ كەتتى دادا.. قويىۋەت..

- ئۇنداق قىلماڭ، بالا تېخى كىچىك.. ئۇ ئىش بىلمەيدۇ.. - يولدىشىمنىڭ قولىغا ئېسىلدىم.

ئۇ بالىنى ياتاق ئۆيىگە سۆرەپ كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى تاقىدى.

- ئاپا.. ئاپا.. - ياتاق ئۆي ئىچىدىن بالىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

مەن بولسام ئىشىكنى توختىماي ئۇراتتىم، ئۇنىڭغا يالۋۇراتتىم.

- ئۇنداق قىلماڭ.. ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئۇرۇڭ.. مېنى ئۆلتۈرىۋەتسىڭىزمۇ مەيلى.. بالىنى ئۇرماڭ.. .

ئۇ ئۆيدىن چىققاندا بۇرنىدىن قان چىققان ئوغلۇمنى كۆرۈپ ئالدىغا يۈگۈردۈم.

- ئاپا،- ئوغلۇم مېنى قۇچاغلاش ئۈچۈن ئالدىمغا كەلگەندە يولدىشىم چېچىمدىن سۆرەپ ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى.

- سەن ئۆگەتتىڭ شۇنداقمۇ؟ ھۇ پاسكىنا..

ئۇ يۈزۈمگە ئۇرۇشقا باشلىدى.

- ئۇنداق ئەمەس.. مەن ئۆگەتمىدىم، ئۇنىڭغا داداڭنىڭ ياخشى گېپىنى قىل دېگەنتىم..

- سەن قەلەندەرنىڭ ھەممە نەرسەڭنى قىلىپ بەردىم، داداڭنى قوشۇپ باقتىم، تۇرىدىغان جاي بەردىم، نېمىشقا مېنى قەستلەيسەن..

- مەن قەستلىمىدىم، ئۇنداق قىلماڭ..

ئۇ پۇتى بىلەن مېنى دەسسەشكە باشلىدى. پۈتۈن خىيالىم ئىشىكنىڭ سىرتىدا يىغلاپ نالە قىلىۋاتقان ئوغلۇمدا ئىدى.

ئۇ چېچىمدىن تۇتۇپ ئالدىغا تارتتى.

- بۇ بىۋاستە تارقىتىش، نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ بولدى، ھېلىلا تورغا چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، قانداقلا قىلساڭ بۇ ئىشنى ئوڭشا.. مېنىڭ چوڭ سودام مۇشۇ زىيارەتكە قاراشلىق.. ئەگەر بۇ ئىش بۇزۇلسا، داداڭ ئىككىڭ تۈگىشىسەن.. .داداڭنى تۈرمىگە سولۇتۇپ، سېنى ئىتتەك خاركۈنگە قويىمەن.. مېنى قىلالمايدۇ دەپ قالما..

- ماقۇل.. ماقۇل.. دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن..

ئۇ ئىشىكنى جاڭڭىدە ياپقاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى، بايىلا ئۇنىڭ ماختىشى بىلەن ئىللىپ قالغان كۆڭلۈم سوۋۇپ مۇزغا ئايلانغانىدى، ئۇ ئېلىپ بەرگەن ئېسىل كىيىم ئاغزىمدىن چىققان قان بىلەن بويالغانىدى. ئېغىر بەدىنىمنى كۆتۈرۈپ يەردە يىغلاپ ئولتۇرغان ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كەلدىم.

- ئاپا.. - ئوغلۇم مېنى قۇچاغلاپ يىغلاشقا باشلىدى.

قەغەز بىلەن بالىنىڭ بۇرنىدىكى قاننى سۈرتتۈم.

- ئاپا، ھەممىنى قىلغان مەن.. مەن دېمىگەن بولسام دادام سېنى ئۇرمايتتى..

- ياق بالام، ھەممىنى قىلغان مەن.. مېنى كەچۈر..

ئوغلۇمنى قۇچاغلىدىم.

يانفونۇم سايراپ ئۈستىدىكى قېيىن ئاپامنىڭ نومۇرىنى كۆردۈم.

- خەۋەردىكى نېمىش؟ بىلمەيلا قالدىمغۇ..

- ئاپا.. ئۇلار يالغان.. ئىشەنمەڭ..

- چوڭ ئاپا، مېنى ئەكەت.. دادام مېنى ئۇردى.. مېنى ئەكەت بولامدۇ.. - ئوغلۇم تېلىفوننى ئېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.

- ئاپا، ھېچ ئىش يوق، سىز ئەنسىرىمەي ساياھىتىڭىزنى قىلىۋېرىڭ.. - يانفوننى ئوغلۇمنىڭ قولىدىن تارتىۋالدىم.

- مەن تېخى ماڭمىدىم، ئەتىنىڭ ئايروپىلانى ئىدى.. مەن ھازىرلا باراي..

ئوغلۇم ئىككىمىز يۈز كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇپ بولغۇچە قېيىن ئاپام ئىشىكنى چەكتى.

ئىشىكنى ئېچىشىم بىلەن ئوغلۇم قېيىن ئاپامغا ئېسىلدى.

- چوڭ ئاپا.. .مېنى ئەكەت..

قېيىن ئاپام ئوغلۇمنىڭ چىرايىنى سىيلاشتۇرغاندىن كېيىن ماڭا قارىدى.

- خەۋەرگە چىقىپ كەتكۈدەك زادى نېمىش بولدى؟

- ھېچ ئىش بولمىدى ئاپا،- قېيىن ئاپامنى سافاغا باشلىغاندىن كېيىن ئالدىغا چاي ئەكەلدىم.

- بايا بىۋاستە تارقىتىشتا نەۋرەمنىڭ دېگەن گېپىنى كۆردۈم، بۇ گەپلەر راستمۇ؟ نېمىشقا كىچىك بالىنى خەۋەرگە چىقىرىسىلەر.. ئۇنىڭ دېگەنلىرى راستمۇ؟

ئۇنىڭغا راست گەپنى قىلغۇم بولسىمۇ، لېكىن ئېغىز ئاچالمايتتىم. چۈنكى قايسى كىيىمىمنىڭ ئىچىدە تىڭشىغۇچ بارلىقىنى بىلمەيتتىم.

- ياق ئاپا.. ئۇنداق ئىش يوق.. بالام كىنودىن ئۆگىنىۋاپتۇ.. ئۇ مېنى ئۇرۇپ باقمىدى.. راس.. لا..

گەپ قىلىۋېتىپ ماغدۇرسىزلىنىپ يانغا يىقىلدىم.قېيىن ئاپام مېنى يۆلەيدىغاندەك قىلمايتتى. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياتاق ئۆيگە كىردىم، قېيىن ئاپام ماڭا ئەگەشتى.

- چوڭ ئاپا.. دادام ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ، مۇشۇ يەردە ئاپامنى ئۇردى.. مېنى ئاۋۇ ئۆيدە ئۇردى..

قېيىن ئاپام يەردىكى قان دېغىنى كۆرۈپ ماڭا قارىدى.

- ھازىرقى ئاياللارنىڭ جېنى نېمانچە بوشتۇ.. كىچىككىنە قىيىنچىلىقنىمۇ كۆتۈرسەلمىسەڭلار.. بىرەر قېتىم قولى تېگىپ كەتكەنگە بۇنچە قىلسىڭىز بولماس..

- كەچۈرۈڭ ئاپا، ماغدۇرسىزلىنىپ قاپتىمەن.. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ..

- كىچىك بالىنىڭ ئاغزىنى باشقۇرۇشنى بىلمەمسىز.. ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ، يەڭ ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولاتتىغۇ.. قانداق گەپ بۇ.. زىيارەتكىمۇ بالىنى شۇنداق گەپ قىلغۇزغان بارمۇ..

- ئاپا، مەندىن كېتىپتۇ، كەچۈرۈڭ، ئالدىراشچىلىقتا بالىغا نېمىنى دېيىش نېمىنى دېمەسلىكنى ئۆگەتمەپتىمەن.. كېلىپ ئاۋارە بوپسىز، قايتىپ كېتىڭ..

- قاراڭ، نېمىلا قىلمىسا ئوغلۇم سىزنى بېقىۋاتىدۇ.. ئۇ كېلىشكەن، نامىمۇ، پۇلىمۇ بار.. ئايالكىشى دېگەن ئېرىشكەنگە قانائەت قىلىشى كېرەك، قەستەن يۈزىنى تۆكسىڭىز قاملاشمايدۇ دە..

- ئاپا، مەن قەستەن قىلمىدىم.. مەنمۇ بۇنداق بولارىنى ئويلىمىغان.. كىچىك بالا بىز دېگەنگە ئۇنىمايدىكەن.. مەنمۇ بەك ئازابلاندىم..

- بۇنداق دېسەم مېنى بەك رەھىمسىزكەن دەپ قالماڭ، ئەركىشى دېگەننىڭ ئانچە مۇنچە ئاچچىقى بولىدۇ. كەيپىياتى ناچار ۋاقتى بولىدۇ.. بىز ماسلىشىشىمىز كېرەك.. كەسپىنى قوللىشىمىز كېرەك..

قېيىن ئاپام چىرايىم ۋە كەيپىياتىمدىن ئوغلىنىڭ مېنى خورلىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى، لېكىن ئۇ ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايتتى، بالىسىنىڭ خاتالىقىنى، مېنىڭ ئامالسىزلىقىمنى، نەۋرىسىنىڭ گېپىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، ھېچنېمىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايتتى، بەزىدە «ئاياللار ئاياللارنىڭ قاياشى» دېگەن جۈملىدىن گۇمان قىلىپ قالاتتىم.

- جېنىم ئاپا.. مەن يولدىشىمنىڭ ھەرقانداق ئېغىرلىقىنى كۆتۈرىمەن، كەسپىنى قوللايمەن، بۈگۈنكى ئىشتا مەن كەم ئەقىللىق قىپتىمەن.. بىزنى يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت.. ئەتە يولغا چىقىسىز، قايتىپ تەييارلىق قىلىۋېلىڭ.. بىزگە ھېچ ئىش بولمىدى..

- بۇ گېپىڭىز قاملاشمىدى، مېنىڭ بالامنىڭ قانداق ئېغىرلىقى بولسۇن، پۇل تېپىپ ئەكىرىپ بېرىۋاتىدۇ.. سىزنى سىرتتا ئىشلەشكە زورلاپ باقمىدى، بالىسىغىمۇ شۇنداق كۆيۈنىدۇ..

- بىلىمەن ئاپا.. بىلىمەن.. مەن خاتالىشىپتىمەن..

مەن غورۇرى يوق ئايالكىشى ئىدىم. يولدىشىمنىڭ بولمىغۇر تەلەپلىرىگە قوشۇلاتتىم، قېيىن ئاپامنىڭ ئورۇنسىز ئاغرىنىشلىرى ۋە ھاقارەتلىرىگە چىدايتتىم. مۇشۇنداق ۋاقىتتا مېنى بۇ كۈنگە قويغان دادامغا، ئەڭ مۇھىمى تىلىمنى كېسىك قىلىۋاتقان شۇ «پۇل» غا نەپرىتىم كېلەتتى.

- ئۇماق نەۋرەم، چىقىپ تېلىۋېزور كۆرۈپ تۇرغىن ھە،- قېيىن ئاپام بالىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ماڭا يېقىن كەلدى،- ماڭا راست گەپ قىلىڭە.. سىز كەچۈرگۈسىز بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويدىڭىزمۇ؟! ماڭا شۇنداق بىلىنىۋاتىدۇ.. راست دەڭە..

- ئاپا نېمىلەرنى دەۋاتىسىز؟

- ئايالكىشىدىن ئۆتۈپ كەتمىسە، ئەركىشى بۇنچە قىلمايدۇ.. ..

- ئاپا، مەن كۈندە ئۆيدە، بالىنى ئالغىلى چىقمىسام، سىرتقىمۇ كۆپ چىقمايمەن.. بىلىسىزغۇ..

- مەنمۇ ئايالكىشى، ماڭا راست گەپ قىلىڭ.. ئۇ سىزنىڭ بىرەر ئاجىزلىقىڭىزنى تۇتىۋالدىمۇ؟

- ئۇ سىزگە شۇنداق دېدىما؟

- ياق، مېنىڭ ئوغلۇم ئەزەلدىن سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلىپ باقمىدى.. شۇڭا سىزنى ئۇرغىنىغىمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ..

چىرايىمدىكى تاياق ئىزى، بالىنىڭ سۆزلىرى ھەممىنى ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، قېيىن ئاپام بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايتتى.

- ئوغلىڭىز مېنى ياخشى كۆرىدۇ ئاپا.. باشقا گەپ يوق.. بەلكى بەك ياخشى كۆرگىنىدىن شۇنداق قىلىدىغاندۇ..

مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆزۈمنى ئاقلاشمۇ ھوقۇقۇم يوق ئىدى. يولدىشىمنىڭ بارلىق خاتالىقلىرىنى مۇھەببەتكە يۈكلەيتتىم. مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزۈم ۋە باشقىلارنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرەتتىم.

- راست گەپ قىلىڭ.. مەن قاراپلا بىلدىم.. ئوغلۇم سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزنى تۇتىۋاپتۇ.. ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ قويۇپ تۇتۇلۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟

- ئاپا، مېنىڭ ئادىمىيلىكىمگە ھاقارەت قىلماڭ بولامدۇ.. ئوغلىڭىز مېنىڭ تۇنجى يىگىتىم ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم..

- ئەمىسە زادى نېمىش؟ دەڭە.. مېنىڭ ئوغلۇم ئۇنچە ناچار ئەر ئەمەس، سىزدىن ئۆتمىسە ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ..

- مېنى بۇنداق قىستىماڭ ئاپا..

- ئېتىراپ قىلمايسىز شۇنداقمۇ؟! مەن ئۆزۈم سۈرۈشتە قىلىپ تاپسام ياخشى بولماسمىكىن..

ئاخىرى چىدىماي ئۇنىڭغا راست گەپنى قىلدىم.

- دادام بەش يىل بۇرۇن ئوغلىڭىزدىن 300مىڭ يۈەن قەرز ئالغان.. مەن گۇۋاھچى بولغان.. ئۇنىڭ ھەرقانداق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈشكە، تۇرمۇشىغا ئارلاشماسلىققا، ئاجرىشىماسلىققا، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمەسلىككە ۋەدە بەرگەنتىم..

- 300مىڭ؟

قېيىنئاپام جايىدا تۇرۇپ قالدى.

- كەچۈرۈڭ ئاپا.. دادام مەست بوپ قېلىپ باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويغاچقا..

- دادىڭىز چوپچوڭ بوپ قالغاندا نېمىشقا باشقىلارنى يارىلاندۇرىدۇ، مەن ئەينى ۋاقىتتىلا سىلەرنىڭ تويۇڭلارغا قوشۇلمىغان، دادىڭىزنىڭ نامىنى جىق ئاڭلىغانتىم.. مەن ئويلىغاندەك بوپتۇ ئەنە..

- ئاپا، بۇ قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن.. .بۇ خاتالىق بىزدە..

- مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە نومۇس قىلماي بالامدىن ئاغرىنىدىكەنسىز ھە.. قىزىق ئىشتە بۇ.. بىز تويلۇقىڭىزنى جايىدا بەردۇق، ئۆي سېتىۋالدۇق، ئوغلۇمنىڭكىنى خەجلەۋاتىسىز، يەنە دادىڭىزغىمۇ قەرز ئەپ بەرگىنىڭىز نېمىسى..

- ئاپا كەچۈرۈڭ، ئۇ ئىش بەكلا تۇيۇقسىز بولۇپ قالدى.. مەن تولىمۇ خىجىل..

- بەش يىلدىن بېرى مۇشۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ كەپسىز.. يامانكەنسىز جۇمۇ.. مەن سىزگە ئاددىي كۆزدە قاراپ قاپتىمەن..

- ئۇنداق ئەمەس ئاپا.. مەن ئۇنىڭغا شۇنداق ۋەدە بەرگەن..

- ئوغلۇمنىڭكىنى سىز خەجلىسىڭىز ھە بوپتۇ ئايالى دېسەم، دادىڭىزمۇ قوشۇپ خەجلەپتۇدە.. نومۇسمۇ قىلمايدىكەنسىلەر..

- مەن پۇلنى چوقۇم قايتۇرىمەن ئاپا.. ماڭا ۋاقىت بېرىڭ بولامدۇ..

- گېپىڭىزنىڭ چوڭلىقىنى.. سىز نېمىڭىز بىلەن قايتۇرىسىز؟ سىزنىڭ خىزمىتىڭىز يا پۇلىڭىز بولمىسا؟! قىزىق ئىش..

- ئاپا، مەن خىزمەت قىلاي دېگەن ئوغلىڭىز قوشۇلمىدى..

- ئوغلىڭىز قوشۇلمىدى؟بىكار يەپ يېتىش ماڭا خوشياقتى دەڭە..

- مەن بىكار يەپ ياتمىدىم ئاپا.. ئۇنداق دېمەڭ.. مېنىڭمۇ ئىشلىگۈم بار، لېكىن تاپقان خىزمىتىم ئۇنىڭغا يارىمىدى، بولمىسا بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بولغان بولاتتىم..

- نېمىشقا يارىمايدۇ بىلەمسىز؟ چۈنكى سىز بۇ يېشىڭىزدا تۈزۈك يەردە ئىشلىيەلمەيسىز.. سىزدەكلەرگە قانداق خىزمەت چىقاتتى، يا كۈتكۈچىلىك، يا مۇلازىملىق چىقىدۇ..

- كۈتكۈچىلىك بىلەن مۇلازىملىقنىڭ نەرى يامان..

- ئوغلۇم دېگەن چوڭ شىركەتنىڭ دېرىكتورى، شۇنداق يەردە ئىشلىسىڭىز يۈزىمىز تۆكۈلمەمدۇ..

- مەن قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم ئاپا.. بۇنداق قىلماڭلار..

- ھەممىنى ئۆزىڭىزدىن، ئاۋۇ يارىماس دادىڭىزدىن كۆرۈڭ..

بەدىنىم ئاغرىقتىن، يۈرىكىم ئازابتىن ئۆرتىنىۋاتاتتى.

- ئاپا، دادامنىڭ خاتا قىلغىنىنى بىلىمەن، مېنى نېمە دېسىڭىز مەيلى،لېكىن دادامنى تىللىماڭ، مەن ياخشىلىقىڭلارنى چوقۇم قايتۇرىمەن..

- مەن ئەزەلدىن ئوغلۇم ئىككىڭلارنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ باقمىغان.. لېكىن بۇ قېتىم بەك ئاشۇرىۋېتىپسىلەر.. . 5 يىلدىن بېرى قەرزنى قايتۇرماي، يەنە ماڭىمۇ دېمەپسىلەر..

- مەن دېيىشنى ئويلاشقان، لېكىن قانداق دېيىشنى بىلمىدىم..

- خەۋەرنى كۆرۈپ سىزگە ئىچىم ئاغرىغانتى، ئەمدى قارىسام شۇ گەپنى بالىغا قەستەن دېگۈزگەندەك قىلىسىز، قەرزنى قايتۇرالماي بالامنى ۋەيران قىلماقچىكەنسىزدە..

- ئاھ، ئاپا، ماڭا بۇنداق ھاقارەت قىلماڭ.. ئۆتۈنۈپ قالاي..

- ھازىر توردا ھەممە ئادەم مېنىڭ ئوغلۇمنى تىللاۋاتىدۇ.. خوش بولدىڭىزمۇ؟

- ياق. مەنمۇ ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەۋاتىمەن..

- سىزگە ۋاقىت بېرىمەن.. ئوغلۇمنى ئاقلاڭ، بولمىسا سىزنىڭ قانداق ئادەملىكىڭىزنى دەپ تورغا تارقىتىۋېتىمەن..

- ئاپا، ئۇنداق قىلماڭ.. مەن چوقۇم ئامال قىلىمەن.. مېنى تورغا چىقارسىڭىزمۇ ھېچكىم تونىمايدۇ، لېكىن ئوغلىڭىزنى تونۇيدۇ، مېنى قارلاشنىڭ ئەمەس، ئوغلىڭىزنى ئاقلاشنىڭ ئامالىنى قىلايلى..

- مەيلى، بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن، ئوغلۇمنى ئاقلاڭ. بولمىسا سىزنى بوش قويىۋەتمەيمەن..

- چوڭ ئاپا، كېتەمسەن؟

قېيىن ئاپام بالامنىڭ قولىدىن يېتىلىدى.

- ماڭ، سېنىمۇ ئەپ كېتىمەن.. بۇ ئۆيدە تۇرما..

- ئاپامچۇ؟

- ئاپاڭ قالىدۇ.. كىيىملىرىڭنى يىغۇشتۇر.. ساياھەتكىمۇ چىقالمىدىم..

- كەچۈرۈڭ ئاپا.. بالىنى مەن ئەكېلىۋالىمەن..

- بولدى، بالا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرسا دادىسىنى تىللاشنى ئۆگىنىدىكەن.. بۇ ئۆيدە تۇرمىسۇن..

قېيىن ئاپام ئوغلۇمنىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىچە ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئۆيدە تىكەندەك يالغۇز قالدىم.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا يولدىشىم قايتىپ كەلدى.

- مەن دېگەن ئىشنى قانداق قىلدىڭ؟

- ھازىرلا ھەل قىلاي.. بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ..

چىرايىمدىكى كۆكنى گىرىم بىلەن ياپقاندىن كېيىن تېلىفوننىڭ يۈز تېرىسىنى گۈزەللەشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئېچىپ ئېكرانغا يۈزلەندىم.

- كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن زىيارەتتىكى بالىنىڭ ئاپىسى.. ئوغلۇمنىڭ دېگەنلىرى راست ئەمەس.. يولدىشىم مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، مېنىڭ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىم بار، يولدىشىم ئادەتتە بوينۇمنى تۇتۇپ قويىدۇ، ئوغلۇم شۇنى كۆرۈپ قاپتۇ.. يولدىشىم ياخشى دادا، ياخشى ئەر..

فىلىمنىڭ كەينىگە يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ كۈلۈپ ئوينىغان ۋە ئۈچىمىزنىڭ تاماق يېگەن كۆرۈنۈشلىرىنى قىستۇرۇپ تورغا يوللاپ قويغاندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىپ كارىۋاتقا يىقىلدىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章