يولدىن چىققان ئايال 🧡 17-قىسىم (ئەپچىدە 30-قىسىمغىچە)

文摘   2024-08-31 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدىن كېيىن قەيسەر گۈلزىرەنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ داچىسىغا قايتىپ كەلگەن ئىدى.

 ئۆيگە كېلىشىگىلا،  ئەلدار يۈگۈرۈپ چىقىپ گۈلزىرەنى قۇچاقلاپ:

- سېنى بىر كۈن كۆرمەي سېغىنىپ كەتتىم، -دېدى.

 قەيسەر ئۇنىڭغا مۇنداقلا قاراپ قويدى.

 ئۇ گۈلزىرەگە قاراپ:

-قورسىقىم ئېچىپ كەتتى،  ماڭا تاماق ئېتىپ بېرىڭ، -دېدى.

 گۈلزىرە ئۇنىڭ سىرتتا تۈزۈك تاماق يېمىگىنىنى ھەم ئەلدارنىڭمۇ قورسىقى ئاچقانلىقىنى ئويلاپ،  تەييار تۈگۈرىنى پىشۇرۇپ چىقتى.

 تۈگرە چىقىپ بولغۇچە، قەيسەر بىلەن ئەلدار تالىشىپ يەپ، بىردەمدىلا تەخسىنى پاك پاكىزە قىلىۋەتتى.

- ئەمەلىيەتتە تاماق ئەتكەن ئادەم باشقىلارنىڭ تامىقىنى تالىشىپ يەپ بولغىنى كۆرۈشنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇنداق يەۋېرىپ سەمرىپ كەتمەڭلار،  كىچىك بالىغۇ ئۆسۈۋاتىدۇ لېكىن، قەيسەر سىز…

 قەيسەر قىز دوستىنىڭ ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزلىرىنى يېرىم قىسقىغىچە گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا كەلدى.

 گۈلزىرە ئارقىغا بىر قەدىم چېكىنسە، قەيسەر ئۇنى بىر قەدەم قىستايتى.

ئاخىرى گۈلزىرە قاچىدىغان يەر تاپالمىدى.

-ھې ھې،  قەيسەر سىزنىڭ فىگورىڭىز بەك چىرايلىق!- دېدى گۈلزىرە يالغاندىن كۈلۈپ تۇرۇۋېلىپ.

 قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى كاپ قىلىپ تۇتۇپ:

- سىلاپ باقمىسىڭىز نەدىن بىلىسىز؟ -دېدى.

- بۇرۇن كۆرگەن.

 قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆكرىكىگە قويۇپ:

- مېنى يەنە يېگەنگە سەمىرىپ كېتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ -دېدى.

-ياق!- گۈلزىرە توختىماستىن بېشىنى چايقىدى.

قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى بەدىنىگە چاپلاپ تۇرۇپ، ئاستا-ئاستا پەسكە سېيرىپ:

-ياقتۇردىڭىزمۇ؟ -دەپ سورىدى.

 بۇ ناھايىتى تەس سوئال بولدى.

 ياقتۇرمىدىم دېسە ئۇ چۇقۇم نارازى بولىدۇ، ئاچچىقى كېلىپ قالسا ئۇنى قانداق جازالايدۇ تېخى.  ياقتۇردۇم دېسە چۇقۇم باشقا گەپلەر ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ قالىدۇ.

 گۈلزىرە تېز سۈرئەتتە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى قەيسەرگە قاراپ، قىلچە  پىسەنت قىلمىغان ھالدا:

- ھە، ياخشى ئىكەن، داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ! داۋاملىق مۇشۇ ھالەتنى ساقلاڭ!- دېدى چوڭلارنىڭ تەلەپپۇزىدا.

 لېكىن، ئۇنىڭ بۇ سۆزى كەيپىياتنى بۇزۇپ قويمىدى. چۈنكى قەيسەر شۇ تاپتا ئۆزىنىڭلا ھېسسىياتىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى،  شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۈگۈنكى كۈندۈزدىكى سۆيۈشنى ئويلىدى.

 ئۇ گۈلزىرەگە قاراپ تۇرۇپ:

ئەلفىرە سىزنى سۆيگۈم كېلىۋاتىدۇ!-دېدى.

-ھە؟ -گۈلزىرە قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى.

 تازلىق ئۆيىدىن چىققان ئەلدار قەيسەرنىڭ گۈلزىرەنى بىر بۇلۇڭغا  ئاپىرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئاپامنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى.

 ئۇ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ قەيسەرنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ:

- ئەلفىرەنى قويۇۋەت!-دېدى.

 كەيپى ئۇچقان قەيسەر  كۆكىركېچىلىكمۇ بويى يوق شۇمتەككە قاراپ قوشمىسىنى تۈرۈپ:

- قىز دوستۇمنى سۆيسەم سېنىڭ نېمە كارىڭ؟  ئۆزۈڭنىڭ قىز دوستۇڭنىڭ يېنىغا بار!-دېدى.

 گۈلزىرە دەرھال ئاچچىقلىنىپ:

- كىچىك بالىنى يامان ئۆگەتمەڭ!-دېدى.

 ئوغلى ئۇنىڭ جېنى ئىدى،  ئۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوغلىنى بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇرالمايتتى.

- قانداق يامان ئۆگىتىپتىمەن ؟ - قەيسەر بۇ ئايالىنىڭ كىچىكىنى بالىنى دەپ ئۆزىگە بىرىنچى قېتىم ۋارقىرىغىنىغا نارازى بولدى.

- ئۇ گەرچە سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولمىغان بىلەن، لېكىن ئۇ بۇ يەردە تۇرىدۇ سىز چوڭ بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن گەپ سۆزىڭىز ھەرىكىتىڭىزگە دىققەت قىلىپ ياخشى بىر ئۈلگە بولۇشىڭىز كېرەك!-دېدى گۈلزىرە  ئەستايىدىللىق بىلەن.

 ئەلدار ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى قوغدىغىنىدىن بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى دېمەك ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنىلا ئۆزى ئەڭ مۇھىم ئىكەن.

 قەيسەر يۈزى چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ، ئارقىغا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

 گۈلزىرە بۇ كىچىكىدىن ئۆيدىكىلىرى ئەتىۋارلاپ ئۆگىتىپ قويغان بەگزادىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدۇممۇ دەپ ئويلاپ جايىدا تۇرۇپ قالدى.

 لېكىن ئوغلى ئۈچۈن ئۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشتىن قورقمايتتى.

 قەيسەر ئاچچىقنى چىقىرىدىغان يەر تاپالماي توڭلاتقۇنى ئېچىپ گۈلزىرە تۈگۈپ سېلىپ قويغان تۈگۈرىنى كۆردى-دە،  توردىكى ئېتىش ئۇسۇلى بويىچە تۈگۈرنى پىشۇردى.

 تۈگۈرنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى پۇرىغان ۋاقىتتا، ئۇ بۇ دۆت ئايال بىلەن تەڭ بولماسلىقنى ئويلىدى.

 كەيپىياتى ياخشى بولۇپ قالغان قەيسەر ئاشخانىدىن ئايرىلىپ، ئىككىنچى، قەۋەتكە چىقتى.

 ئۇ گۈلزىرەنىڭ ھۇجرىسىنىڭ تېخىچە يورۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر ئاز ساقلاپ ئاۋاز چىقمىغاندىن كېيىن كۈتۈپخانىغا ھۆججەت كۆرگىلى كىرىپ كەتتى.

 ۋاقىت تۇيدۇرماستىن ئۆتۈۋاتاتتى.

 قەيسەر نەچچە دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈن تەبرىك سۆزلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىر مەسىلىنى ھېس قىلدى!

 گۈلزىرە ئۇنىڭ قىز دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى!

 ئۇ ھۆججەتنى يېپىپلا گۈلزىرەنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى.

 گۈلزىرە ئەمدى ئەلدارنى ئۇخلىتىپ قويغان ئىدى.

  قەيسەرنى كۆرۈپ گۈلزىرەنىڭ ئېسىگە بايىقى ئىش كېلىپ ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى.

  يامىنى كەلسە ئوغلۇمنى ئېلىپلا كېتىمەن دەپ ئويلاۋاتاتتى ئۇ كۆڭلىدە.

 قەيسەر سافاغا كېلىپ، گۈلزىرەدىن نېمە دەپ سوۋغات ئالسام بولار دەپ ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى،  نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ چوڭ بولۇپ مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگۈچە بىرەرسىدىن سوۋغات تەلەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى.

 لېكىن بىر نەچچە مىنۇت ئولتۇرۇپمۇ گۈلزىرەنىڭ ئۇنىڭغا گەپ قىلمىغانلىقىنى، ھەتتا ئاغزىنى ئۇچلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ  سەل ھەيران بولدى.

 دېمەك…… ئۇ  خاپا بولۇپ قالدىمۇ؟

  بايا ماڭا تەنبىھ بېرىپ ئەمدى ئۆزى خاپا بولۇپ قالغىنى نېمىسى؟

 ئايال كىشى خاپا بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

 ئۇ دوستىنىڭ : قىز بالا خاپا بولۇپ قېلىپ كەت دېسە ھەرگىز كەتمە.  ئايال كىشىنىڭ ياق دېگىنى ھەئە دېگىنى، خاپا بولۇپ قالسا سۆيۈپ قۇچاقلاپ قويساڭلا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى.

 ئۇ گۈلزىرەنىڭ يېنىغا باردى.

قەيسەر كۈلكىلىك ھېس قىلدى،  يەنە تۇيۇقسىز گۈلزىرەگە ئىچى كۆيدى.

ئۇ دوستىنىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا دېگىنى بويىچە، ئالدى بىلەن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ گۈلزىرەنى سۆيۈپ قويدى.

گۈلزىرە يانغا قارىۋالدى، قەيسەرنىڭ سۆيۈشى ئۇنىڭ مەڭزىگە چۈشتى،  ئۇنىڭ يۈزىمۇ ناھايىتى يۇمشاق ئىدى.

 بۇ يۇمشاق يۈزمۇ ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

ئۇنداقتا، ئىككىنچى قەدەمدە قۇچاقلاپ قويۇش كېرەك.

قەيسەر بىلىكىنى سوزۇپ،  گۈلزىرەنى قۇچاقلىدى.

ئۇ ئاخىرى ئازراق ئىنكاس قايتۇرۇپ:

-مېنى قويىۋېتىڭ!-دېدى.  

ئاياللارنىڭ ھەممىسى كۆڭلدىكىنىڭ ئەكسىچە دەيدۇ، شۇڭا ئۇ قانچە قويۇپ بەر دېسە، شۇنچە قويۇپ بەرمەسلىك كېرەك.

قەيسەر گۈلزىرەنى قۇچاقلاپ،  پۇتىدا ئولتۇرغۇزدى.

ئۇ قانچە تىركىشسە،  ئۇ تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى.

ئاندىن مۇلايىم ئاۋازدا:

-ئەلفىرە،  خاپا بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.

 خىجىل بولماي سوراۋاتقىنىنى!

ئۇ گۈلزىرەنى قوينىغا ئېلىپ،  ئۇنىڭ بېشىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە باستى.

ئۇ ئۇنىڭ بېشىغا ئېڭىكىنى قويۇپ، داۋاملىق بەزلەپ:

-خاپا بولماڭ، ھە؟ -دېدى.

بۇ بايۋەچچە مېنى بەزلەۋاتامدۇ؟ ! دېگەنلەرنى ئويلىغان گۈلزىرە تۇرۇپلا قالدى.

قەيسەر تۇيۇقسىز تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىنىڭ تېخى قولىغا چۈشمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.

قەيسەر تېز سۈرئەتتە سائىتىگە قاراپ، سائەت 12 گە پەقەت ئىككى سائەتلا قالغانلىقىنى بايقىدى،  ئەگەر ئۇ تېخى ئۇنىڭغا سوۋغا تەييارلىمىغان بولسا،  ئۇ قۇرۇق قالمامدۇ!

ئۇ گۈلزىرەنى سافاغا قويۇپ،  قولىنى سوزۇپ:

تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى، -دېدى.

-نېمە؟

-دۆت قىز،  بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، سىز قىز دوستۇم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ماڭا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى  تەييارلىشىڭىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ - دېدى.

گۈلزىرەنىڭ ئەمدى ئېسىگە كەلدى.

بۇرۇن، ئۇ ئويلاپ باققاندەك قىلغان،  بىراق بايۋەچچىنىڭ ھېچنىمىسى كەم ئەمەس،   سېتۋالغۇدەك پۇلىمۇ يوق، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزى بەرگەن يۈز مىڭ يۈئەنگە بىر نەرسە سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ياراتماسلىقى مۇمكىن؟

بۇ كەچتە، ئۇ قەيەرگە بېرىپ ئۇنىڭغا سوۋغات ئېلىپ كېلىدۇ؟

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ تەييارلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ :

-دۆت قىز،  سىز تۇغۇلغان كۈنىدە سوۋغات بېرىش كېرەكلىكىنى بىلمەمسىز؟ !-دېدى.

گۈلزىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:

-مەن بۇرۇن نەدىمۇ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ باققان دەيسىز، ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغىلى نۇرغۇن يىل بولدى، -دېدى.

ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆتكۈزۈپ باققان.

مەسىلەن،  ئەلدار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان،  ئىككىيلەن تۇغۇلغان كۈن تورتى سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمىسىمۇ،  ئەلدار ئۇنىڭغا بىر تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ بېرەتتى،  ئاندىن ئۆزى سىزغان رەسىمنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىپ: -چىرايلىق ئاپا، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!-دەيتتى.

پەقەت شۇ چاغدىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر ياش چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتى.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بىردىنلا كۆڭلى يېرىم بولدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ قىز دوستى تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئىكەن!

ئۇ دەرھال:

-سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز قاچان؟ -دەپ سورىدى

گۈلزىرەمۇ ئەينى چاغدا ئەلفىرە دەپ ئۆزگەرتكەندە، تۇغۇلغان كۈنىنى باشقا ۋاقىتقا ئۆزگەرتىشنى ئويلىغان ئىدى.

بىراق،  بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئۆزى بىلەن، راستىنلا ھېچقانداق ئالاقىسى قالمايتتى.

شۇڭا، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تۇغۇلغان كۈنىنى تىزىملاتتى.

12- ئاينىڭ 6 - كۈنى.

ئۇ قەيسەرگە قاراپ:

-يەنە ئۈچ ئاي بار، مەن 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تۇغۇلغان، - دېدى.

-شۇ كۈنى مەن سىزگە بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بېرەي!

قەيسەر سوۋغات يوقلىقىنى ئويلاپ، يەنىلا سەل ئۈمىدسىزلەندى ۋە تولۇقلاپ: -يەنە مەن سىزگە سوۋغات بېرىمەن!-دېدى.

گۈلزىرە بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى ئەيىبلەپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز مېھمانخانىدا قويۇلغان پىئانىنونى كۆرۈپ قالدى.

 -بولمىسا، سىزگە ناخشا ئېيىتىپ بېرەي، -دېدى.

قەيسەرنىڭ كۆڭلى بىردىنلا يايراپ:

 -بولىدۇ، -دېدى.

شۇنىڭ بىلەن گۈلزىرە پىئانىنونىڭ ئالدىغا كېلىپ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن چېلىشقا باشلىدى.

يېقىملىق مۇزىكا ئاۋازى قەيسەرنىڭ يۈرەكىلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ،  بىر ئورۇندۇقنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى، ئاندىن قولىنى كۆتۈرۈپ، ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇزىكا ئورۇنلىدى.

ئۇ تۇيۇقسىز كەلدى،  ئۇنىڭ دىققىتى چېچىلىپ بىر ئاۋازنى خاتا قىلىپ قويدى، ئارقىدىنلا ناھايىتى تېزلا ئۇدارنى تاپتى.

ئاخىرلاشقاندا،  قەيسەر بېشىنى بۇراپ گۈلزىرەغا قارىدى،  كۆزلىرىدە ئوت لاۋۇلداپ تۇراتتى.

-ئەلفىرە،  سىز سوۋغا قىلغان بۇ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىنى بەك ياقتۇردۇم!-دېدى.

نېمىشقىكىن، گۈلزىرەنىڭ ئۇنىڭغا بۇنداق تىكىلىپ قاراشلىرىدىن مەڭزىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ئۇ لېۋىنى چىشلەپ:

-سىز ياخشى كۆرسىڭىزلا بولدى!-دېدى

قەيسەر ئۇنىڭ بېلىدىن قۇچاقلاپ

: -يەنە نېمە چالالايسىز؟ -دېدى.

گۈلزىرە ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

-يەنە ئاددىيراق مۇزىكىلارنى چالالايمەن-دېدى.

-ھەممىسىنى ئاڭلىغۇم بار، -دېدى قەيسەر تەقەززالىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ.

ئۇ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بۇ چىراي ئىپادىسىنىڭ بالىلاردەك سەبىي،  ئوماق ئىكەنلىكىنى،  ئەلدارغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章