يالغان ئەر خوتۇن 🧡 16-قىسىم

文摘   2024-09-05 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
كۆزۈمنى ئاچقان ۋاقتىدا بولسا ئۆزۈمنى بىر قاراڭغۇلۇقتا كۈردۈم، باشلىرىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ تۇراتتى. قول- پۇتلىرىم باغلانغان بولۇپ، ھەتتا ئاغزىمغىمۇ لاتا تىقىپ قۇيۇلغان ئىدى. بارا -بارا كۆزۈم قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ ئەتراپنى ئازراق ئىلغا قىلالىدىم. بۇ بىر ئۆيىنىڭ ئىچى بولۇپ ئۈستى تەرەپتىن بارماق پاتقۇدەك بىر تۆشۈكتىن سۇس يورۇقلۇق چۈشۈپ تۇراتتى. بۇ يەردە قانچىلىك ياتقىنىم نامەلۇم قورساقلىرىم ئېچىپ ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇنىڭدىن بەكرەك ئۇسسۇزلۇق قىيناپ كىتىپ باراتتى.
سانىيەنىڭ دىگىنى راست ئىكەن. ئەھۋالدىن قارىغانداخالىق قەھۋەخانىدىن چىقىپلا ئىشنى باشلىغان ئۇخشايدۇ، بۇلمىسا بۇ شەھەردە مىنىڭ ھېچكىم بىلەن ئاداۋىتىم بۇلمىسا…، ئارمانلىرىمغا يىتەلمەي مۇشۇنداقلا ئۈلۈپ كەتمىسەم بۇلاتتىغۇ،
تۈشۈكتىن چۈشۈپ تۇرغان سۇس يۇرۇقلۇقتىن قارىغاندا سىرىتتا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندەك قىلاتتى. ئەتىراپ بۇلسا تىمتاسلىققا چۈككەن بۇلۇپ. ئەنسىزلىك ئىچىدە سۇققان يۈرىكىمنىڭ تىۋىشى بىلەن. جىددىيلىك ئىچىدىكى ئېلىۋاتقان نەپەسلىرىم ئاڭلىنىپ تۇراتتى. باغلاقتىن بوشىنىش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشقان بولساممۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ئەكسىچە مېنى باغلىغان ئارغامچا پۇت- قوللىرىمنى توختىماي مىدىرلىتىش سەۋەبلىك سۈركۈشۈپ ئېچىشىپ ئاغرىشقا باشلىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشقا بولمايتى. مەن بارلىق كۈچۈم بىلەن ئۆي ئىچىدە دومىلاپ ئۆينىڭ تۆت تېمىغا ئۈسۈپ يۈرۈپ ئىشىك تۈۋىگە يېتىپ باردىم. ۋەتەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنىڭ يان تەرىپىدىكى تامنىڭ قىرىغا كەينىمچە بولۇپ قولۇمدىكى ئارغامچىنى سۈركەشكە باشلىدىم. گەرچە قوللۇرۇم سۈركىشىپ يېغىر بولۇپ چىدىغۇسىز ئاغرىق جېنىمدىن ئۆتۈپ تۇرسىمۇ. كىچىككىنە تۆشۈكتىن چۈشۈۋاتقان يورۇقلۇقتەك كىچىككىنە ئۈمىد مېنى توختىماي ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيتتى. شۇ تەرزدە بىرەر سائەتتەك ھەپىلىشىپ يۈرۈپ قولۇمدىكى باغلاقتىن ئاخىر بوشاندىم، تەلىيىمگە بۇ جەريانىدا بىرەرسىمۇ كىرىپ قالمىدى. لىكىن مەن باغلاقتىن بوشانغان بىلەن ئۆينىڭ ئىشىكى تېشىدىن قۇلۇپلانغان بولغاچقا يەنىلا سولۇنۇپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا سىرتتىن بىرنەچچە ئادەمنىڭ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان ئاياق تېۋىشى ئاڭلىنىپ ئىشىك تۈۋىگە يېقىنلاپ كەلدى. ئاياغ تىۋىشىغا قارىغاندا ئۇلار ئىككى ئادەمدەك قىلاتتى. تېزلىك بىلەن ئامال قىلمىسام ئىشىم چاتاق ئىدى. مەن ھېچنېمىنى ئويلىمايلا ئىشىك ئېچىلغان ھامانلا ئىشكنىڭ كەينىگە مۆكۈندۈم، ئىشىك ئېچىلىپ بىرسى يان تېلېفوننىڭ چىرىغىنى ياندۇرغىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇ كىرىپ بولۇشىغا ئىشىكنىڭ سىرتىغا قاراپ يۈگۈردۈم. ۋە ئىشىك ئالدىدىكى بىرسىگە قاتتىق سوقۇلۇپ ئۇنى ئوڭدىسىغا ئۇچۇرۋېتىپ ئالدىمدىكى پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا قاراپ يۈگۈردۈم. كەينى تەرىپىمدىن بىر ئايال كىشىنىڭ«ئۇنى تۇتۇۋېلىڭلارقېچىپ كەتمىسۇن. » دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن ئالدى تەرىپىمدىن يوغان بىر گەۋدە پەيدا بولۇپ مىنى بىرنى تەپكەن پېتى پەلەمپەيدىن دومىلىتىۋەتتى. پەلەمپەيدىن نەچچە دومىلاپ تېخى ئەمدىلا قېچىپ چىققان ئىشىكنىڭ ئالدىغا يىقىلدىم. بېشىم پەلەمپەينىڭ گىرۋەكلىرىگە تېگىپ يېرىلغان بولسا كېرەك. يۈزۈمگە ئىسسىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئورنۇمدىن تۇرالماي جايىمدىلا يېتىپ قالدىم.
-قاچمامسەن ھۇي؟ قېنى ئەمدى قېچىپ باقە! -دېگىنىچە ھېلىقى مىنى بىرنى تېپىپ ئۆرۈۋەتكەن ئادەم بېقىنلىرىمغا تېپىشكە باشلىدى. ئاغرىققا چىدىيالماي ۋايجانلىغىنىمچە ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم، ئۇ ئاخىرى ئۇرۇشتىن توختاپ يېنىدىكىلەرگە بۇيرۇق قىلدى.
-ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېرىپ باغلاپ قۇيۇڭلار! قالغىنىنى ئاكام كەلگەندە بىرنېمە دېيىشەيلى! ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىرسىڭلار كۈزەتتە تۇرۇڭلار!يەنە قېچىپ كىتىدىغان بۇلسا مەندىن بىرپۇڭ ئالالمايسىلەر!-ئۇ شۇ گەپنى قىلۋاتقان پەيىتتە سىرىتتا ماشىنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،
-ئاكام كەلگەن ئۇخشايدۇ. تىز ئۇنى ئەكىرىپ كىتىڭلار!-دىدى ئۇ ئىككەيلەننى ئالدىرتىپ،
ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قالغان ئىككەيلەن مىنى ئۈيگە ئېلىپ كىرىپ پۇت -قۇلۇمنى قايتىدىن باغلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. ئەمدى تەلەيگە باقماقتىن باشقا ئامال يۇق ئىدى. شۇ دەقىقىدە كاللامنى ئىشلىتىپ بۇيەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا چارە ئىزدىدىم، ۋە چاقماق تېزلىكىدە بىر ئامالنى ئويلاپ تاپتىم. لىكىن بۇ ئامالىمغا تازا ئىشىنەلمىسەممۇ تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ. »دېگەندەك ھېچقانداق ئامال قىلالماي قاراپ تۇرغاندىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
سىرتتا ماشىنىنىڭ ئاۋازى توختاپ ھايال ئۆتمەيلا پەلەمپەيدە ئۇلارنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپ ئىشىك ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى يوغان قول چىراغدىن چىققان نۇردىن كۆزلىرىمنى ئاچالمايلا قالدىم. ئۇلار قۇل چىراقنى ماڭا قارىتىپ تۇرغان بۇلغاچقا كىملەرنىڭ كىرگىنىنى ئىلغا قىلالمىدىم،
-مۇختەر سەن قېلىپ قال! قالغانلار چىقىپ سىرىتتاساخلاپ تۇرۇڭلار…. !-دىگەن تۇنۇش ئاۋاز ئاڭلانغاندىلا كەلگەن ئادەمنىڭ خالىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. ئۇنىڭ قۇلىدىكى كۈچلۈك قۇل چىراقنىڭ نۇرى ماڭا مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇ مىنى بىمالال كۈرەلىگىنى بىلەن مەن ئۇنى كۈرەلمەيتىم. مىنى ماشىنا بىلەن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى قىز بىلەن يىگىت چىقىپ كىتىپ خالىق بىلەن مۇختەرلا قېلىپ قالغان ئىدى.
-ھالىڭ شۇمىتى خۇتۇنىغا تەگكەن لەخۋا ! قەھۋەخانىدىكى نۇچىلىقىڭ قېىنى؟ شۇ يۇغانچىلىقىڭنى ئەمدى قىلىپ باقە!-خالىق شۇنداق دىگىنىچە قاڭشىرىمغا مۇش بىلەن بىرنى قۇيدى. ئۇنىڭ مۇشتى خېلىلا چىڭ تەككەن ئىدى، شۇ ھامانلا بۇرنۇمدىن ئۇقتەك قان كىتىپ كۈزلىرىمدىن چاقماق چاققاندەك ئۇت چىقىپ كەتتى، ئۈزەمنى تۇختۇتالماي يەرگە يىقىلدىم. ئۇ كەلگەن پېتى ياقامدىن سىقىپ تۇرغۇزۇپ ۋاقىردى.
-ئېيتە مەن تۇغرۇلۇق يەنە نىمىلەرنى بىلسەن ئىسپاتلار قېنى؟ ئىسپاتلارنىڭ ھھەممىسىنى ماڭا تااپشۇرساڭ ھايات قالىسەن بۇلمىسا ھايات قالىمەن دەپ خام خىيال قىلما! ئۆلۈكۈڭ مۇشۇ يەردە قالىدۇ، چىرايلىق خۇتۇنۇڭ بۇلسا قايتىدىن ئەرگە تىگىپ باشقىلارنىڭ قۇچىقىدا ئىڭرايدۇ،
ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مىنى قۇرقۇنىچ بېسىپ تۇرسىمۇ ئالدىدىن ئۇيلىۋالغان پىلانىم بۇيىچە زۇرىغا يالغاندىن ئاۋازىمنى بۇلىشىغا قۇيۋېتىپ كۈلۈپ كەەتتىم،
-ھا…ھا…ھا…!-مەن مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پىخىسىكىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشۇم كىرەك ئىدى، مۇختەرنىڭ بىزگە قارىتىپ تۇرغان قۇلچىراقنىڭ يۇرىقىدا خالىقىنىڭ ئەجەپلىنىش ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى.
-كاللاڭنىڭ دەردى بارمۇ سىنىڭ؟ «ئۆلىمەن دىسە. بىرنەرسە قىلىمەن »دىگەندەك. جېنىڭنى قۇتۇلدۇرۇش بىلەن قالماي ئۆكلىۋەتكەن چۇقىدەك ھىجىيسەن، -دىدى ئۇ مىنىڭ قانغا بۇيالغان چىرايىمغا سەسكىنىش ئىچىدە قاراپ قۇيۇپ،
-ھا…ھا…ھا. !خالىق ئەپەندىم مەندىن چۇڭ بۇلغان بىلەن ئىشلارنى بەك ئاددىي ئۇيلايدىكەنسىز، ئەمىليەتتە مۈشۈكنىڭ بۇرۇتىنى تارتقان چاشقانمۇ قاچىدىغان تۈشۈكنى كۈزلەپ قۇيىدۇ، مەن مۇشۇنداق بۇلدىغانلىقىنى باشتىلا بىلگەن، سىزنىڭچە مەن ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە بىخەستىلىك قىلارمەنمۇ، ئەمىليەتتە كۈندۈزى ماشىنىغا چىققاندىلا پەرەز قىلىپ بۇلغان، سىز تېخى مىنى بىلمەيدىغان ئۇخشايسىز، مەن كەسپى تېخنىكۇم مەكتىپىدە ئېمتىھان نەتىجەم مەكتەپ بۇيىچە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇراتتى. تۇر تېخنىكىسى جەھەتتىن ئەتراپمدىكى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئۈزەمنى «خاككىر»دەپ ئاتىسام ھەرگىز پۇ ئاتقانلىق بۇلمايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەجىبا بۇ ئىشلارنى ئالدىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلماي قالارمەنمۇ؟ مىنىڭ كۇمپىيۇتىردىكى تۇردېسكام مەن 24 تۈت سائەت ئىچىدە پارۇلۇمنى كىرگۈزمىسەم ئاپتۇماتىك ھالدا قۇزغۇلۇپ ئۇنىڭدىكى بارلىق ئىسپاتلار تۇر دۇنياسىدىكى چۇڭ تاراتقۇلارغا يۇللۇنۇپ كىتىدۇ.
ئۇنىڭدا سىزنىڭ ھۇقۇقىڭىزدىن پايدىلىنىپ قايسى شىركەتتىن قانچىلىك پارا ئالغانلىقىڭىزدىن تارتىپ تەپسىلى خاتىرلەنگەن، -مەن ئالدىدىن ئۇيلاپ قۇيغانلىرىمنى بىر باشتىن سۈزلەپ ئۇنى قايمۇقتۇرۇپ قۇيدۇم، خالىق يېنىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇشقا باشلىدى . قۇللىرى بۇلسا يىنىك تىتىرەۋاتاتتى.
قارىغاندا مىنىڭ دىگەنلىرىم ئۇنىڭغا خېلىلا تەسىر قىلغاندەك تۇراتتى،
-سەن زادى نىمە قىلماقچى؟ سىنى بۇنداق قىلىشقا كىم بۇيرىدى. تىگى -تەكتىڭنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسام ئاتا-ئاناڭدىن كىچىك قېلىپ يىتىملىكتە چۇڭ بۇپتىكەنسەن مەھەلللىدىكىلەرنىڭ ۋە پارتىيە ھۈكۈمەتنىڭ غەمخۇرلىقىدا تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇتتۇرا تېخنىكۇمغا ئېمتىھان بىرىپ ئۈتكەندىن كىيىن ھازىرقى شىركەتكە ئىمتىھان بىرىپ ئۈتكەن. خىزمەتداشلىرى بىلەن بۇلغان مۇناسىۋىتى ئاددەتتىكىچە، ھىچقانداق دۇستى يۇق، ئىشلەپ بىر يىل بۇلغاندا تەلىيى كىلىپ شىركەت لىدىرىنىڭ ئارزۇلۇق قىزىنىڭ ياقتۇرۇپ قېلىشىغا ئىرىشىپ بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا تۇي قىلىپ ئىچ كۈيئۇغۇللۇققا كىرگەن تۇغرىمۇ؟ قارىسام ھېچقانداق ئالاھىدە ئارقا كۈرۈنۈشۈڭ يۇق ئىكەن. لىكىن نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن قالىسەن؟ -دىدى ئۇ مىنىڭ تەرجىمھالىمنى خۇددى يادىلۋالغاندەك سۈزلەپ،
قارىغاندا ئۇ ناھايتى تىزلىك بىلەن مىنى ئېنىقلاپ چىققاندەك قىلاتتى.
-چۇنكى مەن ئۈز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىمەكچى، سىزمۇ دەپ ئۈتتىڭىز !مىنىڭ ھېچقانداق ئارقا تىرىكىم يۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ ئامالىنى قىلىشىم كىرەكتە! بىر ئۇمۈر ئىچ كۈيئۇغۇل بۇلۇپ ئۈتكۈم يۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر تىجارەتنىڭ پىشىنى تۇتۇش ئۈچۈن رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشكە ۋە تىجارەتتىن كىيىنكى ئىشلاردىمۇ سىزنى ئىزدىشىم كىرەككەن، شۇڭلاشقا سىزگە يىقىنلىشىش ئۈچۈن بۇ يۇلنى تاللىدىم، ئەمدىغۇ مەقسىتىمنى چۈشەنگەنسىز؟ -دىدىم بۇرنۇمدىن ئېقىىپ تېخىچە تۇختىمايۋاتقان قاننى قۇلۇمنىڭ كەينى بىلەن سۈرتۈپ قۇيۇپ،
خالىق گىپىمنى ئاڭلاپلا بىقىنىمغا كۈچەپ تۇرۇپ بىرنى تەپتىدە. …
-ھۇ ئاناڭنى كىمىڭنى قورقاتماقچى سەن؟ سېنىڭ دېگەنلىرىڭگە مېنى ئىشىنىدۇ دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ قارىغاندا مېنى بوش چاغلاپ قاپسەن. مۇختەر ئۇنىڭ بىر بارمىقىنى كېسىۋەت! -دېگىنىچە مۇختەرگە بۇيرۇق قىلدى. مۇختەر پىچىقىنى چىقىرىپ ماڭا يېقىنلاپ كەلدى. ئۇ قولۇمنى كەسمەي تۇرۇپ، قولۇمنى كەسكەندىكى ئازاپنى ئويلاپ ئىشتانغا چىقىرۋەتكىلى تاسلا قالدىم. ۋە يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.
-ئۇنداق قىلماڭ ئىدارە باشلىقى. ئەگەر مېنى قويۇۋەتسىڭىز بۇ ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەيدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىپ بېرەي. بۇ يەردە مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسىڭىز سىزمۇ قۇتۇلالمايسىز. مەن 24 سائەت ئىچىدە كومپىيوتىرغا مەخپىي شىفىرنى كىرگۈزمىسەم. ئۇ ئاپتۇماتىك قۇزغۇلۇپ ھەممە ئىسپاتلارنى تورغا يوللايدۇ. بۇ ئاۋارىچىلىقنى ھەرقانداق قىلىپمۇ يىغىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يۇقاپ كەتسەم ئىسپاتلار تورغا يوللىنىپ كەتكەن بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي. يەنە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغىمۇ يوللىنىدۇ. شۇنداقلا مېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىم ئېنىقلىنىدۇ. بۇ چاغدا ساقچىلار كىمدىن گۇمانلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە سىزدىن گۇمانلىنىدۇ. سىز بۇ مەسئۇلىيەتتىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايسىز. ياخشى كۈنلىرىڭىز ئاخىرلاشتى دىگەن گەپ. ئەگەر مېنىڭ گېپىمگە كىرىپ ئىككىمىز ئوبدان ھەمكارلاشساق. بۇ ئىشلارنى ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ دىگەن گەپ. مەن سىزدىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمىدىم، پەقەتلا بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا توسالغۇ بولمىسىكەن دەۋاتىمەن، -دىدىم يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ تەپەككۈرنى قالايمىقان قىلىپ.
-سەن مېنى قورقۇتماقچىمۇ؟ كومپىيۇتېرنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەر! بولمىسا قولۇڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن. مەخپى نومۇرنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن.
ئادەملىرىم ئۈيۈڭگە بېرىپ كومپىيوتىرىڭدىكى بۇيرۇقنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. بۇيرۇق بىكار قىلىنغاندىن كېيىن مەن سېنى قويۇۋېتىمەن. قانداق؟ تېز مەخپى نۇمۇرنى ئېيتىپ بەر!-دېدى ئۇ تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ. مۇختەر بولسا پىچاقنى ئېلىپ بارمىقىمنى كىسىشكە تەييارلاندى. بۇ ۋاقىتتا قورقۇنچۇمدا ئىشتانغا چىقىرىۋەتمىدىم دېسەم پو ئاتقانلىق بولۇپ قالىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم.
-توختاپ تۇرۇڭ ئىدارە باشلىقى! بارمىقىمنى كېسىشكە ئالدىرىماڭ! سىزگە كومپيۇتېرنىڭ مەخپىي نومۇرنى دەپ بەرسەم بولىدۇ. لېكىن ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئۆيدىكى كومپىيۇتىردىكى بۇيرۇق بىكار قىلىنغان بىلەن ئالتە سائەت ئىچىدە شىركەتتىكى كومپىيوتىر ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۆيدىكى كومپىيوتېر بىلەن شىركەتتىكى كومپىيوتىرنى بىر بىرسىگە باغلاشتۇرۇۋەتكەن.
مەن ھايات بولساملا سىز ئاندىن خاتىرجەم بولىسىز. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم.
سىزمۇ مەن بىلەن تەڭ تۈگىشىسىز. مەن بىر ئەرزىمەس ئاددىي ئادەم. ئۈلۈپ كەتسەم مېنىڭ يوقلۇقۇمدىن ھېچكىم ئازابلانمايدۇ. لېكىن مېنىڭ ئۆلۈمۈم سىزگە بالا -قازا ئېلىپ كېلىدۇ. مەن بۇ ئىشنى باشلىغاندىكىن ئەلۋەتتە قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلاپ قويۇشۇم كېرەك. بۇ مېنىڭ چىكىنىش يولۇم. ئەگەر بۇ يەردە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتسىڭىز ئۆزىڭىزگە پايدىسىز. مەن ئۆيدىن ئايرىلغىلى ئون نەچچە سائەت بولدى. ئەگەر تاڭ ئاتقۇچە ئۆيگە بېرىپ بولالمىسام كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، تاللاش سىزدە داۋاملىق ئەركىن ياشاشنى خالامسىز؟ ياكى ئىستىقبالىڭىزنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن نابۇت بولۇشنى تاللامسىز؟ -دېدىم مەن قورقۇپ تۇرساممۇ، ئۆزۈمنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ.
-ئىشەنمەيمەن. بۇنداق قىلىشىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئەجىبا سەن ئاشۇنداق دەرىجىدە قابىلىيەتلىكمۇ؟ -سورىدى ئۇ گۇمان نەزىرى بىلەن.
-مەن سىزنى ئىشىنىڭ دەپ زورلىمايمەن. مەن سىزنىڭ بەزى شىركەتلەردىن. شۇنداقلا يەككە تىجارەتچىلەردىن قانچىلىك پارا ئالغانلىقىڭىزنى قانداق بىلىۋالغانلىقىمنى ھەرگىزمۇ پەرەز قىلىپ بىلەلمەيسىز. ئۇنداق بولسا مېنىڭ بۇ ئىسپاتلارنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ! مەن بىر مەزگىل كۆزىتىش ئارقىلىق سىزنىڭ بىر نەچچە شىركەت خوجايىنلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى سەزگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ شىركەت ھېسابىغا سوقۇنۇپ كىرىپ ئېنىقلاش ئارقىلىق سىزنىڭ شەخسىي ھېسابىڭىزغا مەلۇم نىسبەتتە پايدا ئايرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ئەگەر بۇ ئىشلار ئاشكارىلىنىپ كەتسە سىزلا ئەمەس سىزگە پارا بەرگەن ئاشۇ شىركەتلەرمۇ؟ ئاۋارىچىلىققا يولۇقىدۇ. ئەمدى مېنىڭ گىپىم تۈگىدى. ئەمدى قارار چىقرىش ئۆزىڭىزدە. مەن ئۆلۈمگە ئانچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيمەن. چۇنكى مىنىڭ تارتىشىدىغان ھىچنىمەم يوق. بەلكىم «ئايالىڭغا تارتىشمامسەن؟ »دەپ سوراپ قېلىشىڭىز مۈمكىن؟ سىز ئېيتقاندەك مەن پەقەت ئۇ ئائىلىگە ئىچ كۈيئوغۇل.
مەنمۇ ئامال يوقلۇقتىن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ھېلىغىچە ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىپ ۋىجدان ئازابى تارتىپ كېلىۋاتىمەن. مېنى ئۆلتۈرسىڭىز ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويغان بولىسىز. لىكىن سىز، بىر ئۈمۈر قىلغانلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلىپ ئۆتىسىز! مېنى ھايات قالدۇرسىڭىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈنلىرىڭىز خاتىرجەم ئۆتىدۇ!

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章