يالغان ئەر خوتۇن 🧡 9-قىسىم

文摘   2024-08-29 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-قىزىم! ئىككىمىز ئاشخانىدا پاراڭلاشقاچ تاماقنى تەييار قىلايلى! يولدىشىڭىز بىلەن دادىڭىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تۇرسۇن!-زىلەيخان شۇنداق دېگىنىچە ئىنتىزارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.

-قېنى چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇڭ!-دېدى سادىق بىر پىيالە چاينى ئالدىمغا قويۇپ.

مەن« رەھمەت» دەپ پىيالىنى قولۇمغا ئېلىشىمغىلا ئۇ گەپ باشلىدى.

-ئاڭلىسام سەھرادىن ئىكەنسىز. ئاتا- ئانىڭىز، ھەتتا ھېچقانداق ئۇرۇق -تۇققانلىرڭىزمۇ يوق ئىكەن. شۇنداق تۇرۇپ قانداقسىگە ئىنتىزارقىزىمىز سىزنى ياقتۇرۇپ قالغاندۇ؟ قارىسام ئۆزىڭىزغۇ خېلى يامان ئەمەس. يىگىتتەك قىلىسىز. قارىغاندا ئۇنىڭ مال- دۇنياسىنى كۆزلەپسىز دەڭە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتنىڭ ئادەتتىكى ئىشچىسى ئىكەنسىز. ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك نەتىجىڭىزمۇ يوقكەن …

ئۇنىڭ تۇيۇقسىز «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك. » پوسۇققىدە بۇ گەپنى قىلىشى نېرۋا تومۇرلىرىمغا تېز سۈرئەتتە تەسىر قىلىپ بەدەنلىرمىنى تىترەك بېسىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ قولۇمدىكى بىر پىيالە چاينى كۆتۈرۈپ ئىچىۋېتىپ بېشمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇردۇم. ئۇ يەنە گىپىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى.

-قارىغانداكونىلارنىڭ «قېلىنلىق يېرىم دۆلەت. »دىگەن ماقال- تەمسىلىنى ئوبدان ئۆگىنىپتىكەنسىز دەڭە. بولمىسا كاللىڭىز خېلى ئىشلەيدىكەن. سىزدىن سوراپ باقاي! يەتتە ئەزاسى تولۇق بىر ئەركەك تۇرۇغلۇق خوتۇن كىشىگە تايىنىپ جان بېقىشتىن نومۇس قىلمامسىز؟ -دىدى ئۇ يۈز قارىماستىن. دىگەندەك بۇئادەمنى تۇنجى قېتىم كۈرگەن چېغىمدىلا كۈزۈمگە سىغمىغان ئىدى، يەنە بىر قېتىم سەزگۈسىنىڭ تۇغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم،

-كەچۈرۈڭ تاغا سىز مىنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز، ئەمىليەتتە ئىنتىزار بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرسىمىزنى ياخشى كۈرشىمىز! بۇ يەردە مەنپەئەت مەسىلىسى ياكى ئالداش دىگەن ئىش يوق. پەقەت بىر-بىرسىمىزنى ياخشى كۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا …

-قۇرۇپ كەتسۇن ئاشۇ ياخشى كۆرۈش. ئۆز ۋاقتىدا ئاچاممۇ. مەرداننى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ بىزنىڭ قارىشى تۇرغۇنىمىزغا ئۇنىماي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ئىدى، ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ شىركەتنىڭ كاتىپى بىلەن ئاشنا ئويناپ سىرتتىن بالا تېپىپ بىر ئائىلىنىڭ ۋەيران بۇلىشىغا سەۋەپچى بۇلدى، مەن قىزىم ئىنتىزارنىڭمۇ ئاپىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ قېلىشىنى خالىمايمەن، ئەگەر تۇيدىن بۇرۇن بىلگەن بۇلسام بۇ تۇينى تۇسۇپ قالاتتىم!-دىدى ئۇ چالۋاقىغىنىچە گىپىمنى تارتىۋېلىپ.

-بۇنداق دىمەڭ تاغا! بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكى ئۈچۈن ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھەيدىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ -دېدىم مەن ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ.

-ئەمەلىيەتتە نامراتلارنىڭ ھەممىسى تېزلا باي بولۇشنى ئويلايدۇ. ئۇلار ھەر خىل يوللار بىلەن ۋاسىتە تاللىماي. پۇلدارلارغا يىقىنلىشىدۇ. سىزگە دەپ قوياي يىگىت. مەن يەرنىڭ ئاستىدىكى يىلاننىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىيالايمەن. ئەگەر يامان نىيەتتە بولغان بولسىڭىز بۇ نىيىتىڭىزدىن توختاپ قېلىڭ! بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ ئىگىلىگى سىلەردەك ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ. ئويلاپ باقسام ئەمدى مېنىڭ ئوتتۇرغا چىقىدىغان ۋاقتىم كەلگەن ئوخشايدۇ، -ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. قارىغاندا ئۇ مېنىڭ تېگى- تەكتىمنى ئېنىقلاپ بولغاندەك قىلاتتى. لىكىن شۇنداقتىمۇ ئۆيىگە كەلگەن مېھمانغا بۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلىشى توغرا ئەمەستە؟ ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى ھەقىقەتەن غۇرۇرۇمىغا تەگكەن ئىدى. ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ گەپ قىلمايلا سىرىتقا ماڭدىم.

ئۇمۇ مىنى تۇتۇپ قالمىدى، ماشىنىنى تاشلاپ قۇيۇپ داچىدىن چىقىپ چۇڭ يۇلدا مەخسەتسىزلا ئالدىمغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم، ئىچ -ئىچىمدىن چىقىۋاتقان خۇرلۇقنىڭ تەسىرىدىن پۈتۈن بەدەنلىرىم تىترەپ مۇشتۇمۇم خۇددى ھازىرلا بىرسىنى ئۇرۇپ چاپلىۋىتىدىغاندەك تۈرۈلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ مىنى شۇنچىۋىلا پەس كۈرگىنىگە ئاچچىقىم كىلىپ ئاچچىقتىن يېرىلايلا دەپ قالغان ئىدىم، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا بىرسى ماڭا گەپ قىلسا كۈڭلىگە ئازار بىرىشىم تۇرغانلا گەپ ئىدى،

مۇشۇ ياشقا كېلىپ ئەزەلدىن بۇنداق خورلۇققا ئۇچراپ باقمىغان ئىدىم، كۆڭلۈم ئاچچىق بىر نەرسىنى تارتىپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز« ئاچچىقنى ئاچچىق كېسىدۇ»دىگەن گەپ ئېسىمگە كېلىپ دەسلەپكى قېتىم تۇرسۇنئاي بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى كەيپىياتىم ئېسىمگە كەلدى. بۇ ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم كەيىپ قىلىپ بېقىشىم ئىدى. ئەنە شۇ چاغدىلا ھاراقنىڭ كەيپىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئىچىشكە پۇرسەت بولمىغان بۇلۇپ ئىچىشنى ئانچە بەكمۇ خالاپ كەتمىگەن ئىدىم. لىكىن نىمىشقىدۇر بۈگۈن ئىچىپ بېقىشقا كۆڭلۈم تارتىپ تۇراتتى. سادىق دىگەن ئۇغرىنىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇراتتى. ئىنتىزار بىلەن بولغان توي ئىشىدا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىش قىلغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم. لېكىن ئەمدى كەينىمگە يېنىشقا مۇمكىن بولمايتتى. چۈنكى بۇئىش ئىنتىزارنىڭ ۋە مىنىڭ ئابرۇيۇمغا بېرىپ تاقىلاتتى. «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش»دېگەن بۇ ماقال- تەمسىل ئەمدىلىكتە مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ئىدى. ھازىر مەن شۇنداق جىمجىت بىر مۇھىتقا تەشنا بولدۇم. ئەزەلدىن كەيىپ- ساپا سورۇنلىرىغا كىرىپ باقمىغان بولغاچقا، قايەردە مۇھىتى ئازادە، ھازىرقى كەيپىياتىمغا ماس كەلگۈدەك ئۇرۇن ئىزدەپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم. مىنىڭ بىلىدىغانلىرىم پەقەت توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم ئىنتىزار بىلەن كۆرۈشكەن ھېلىقى يەر ئىدى. لېكىن ئۇ يەرگە باراي دېسەم سانىيەگە يولۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتىم. مەن ئاخىرى يول بويىدىكى دۇكان ۋە ئاشخانىلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن يەنىلا ئاشۇ يەرگە بىرىشنى لايىق تاپتىم. « نېمە بولسا بولمامدۇ؟ سانىيە مېنى كېلىدۇ دەپ ساقلاپ تۇرامتى»مەن شۇلارنى ئويلىغىنىمچە ئالدىمغىلا كېلىپ قالغان كىرا ماشىنىسىنى توسۇپ چىقىپ ئولتۇرۇشۇمغا ئىنتىزاردىن تېلىفون كەلدى. ئۇنىڭ نېمە دىيىشى ماڭا ئېنىق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ تېلېفوننى ئالدىم.

-قېنى سىز. تاماق تەييار بولۇپ قالدى. تېز قايتىپ كېرىڭ!- ئۇنىڭ ئاۋازىدىن مەندىن رەنجىگىلى چىقىپ تۇراتتى. قارىغاندا تاغىسى ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى دېمىگەن بۇلىشى كېرەك؟

-بولدى. سىلەر يەۋېرىڭلار! مېنىڭ جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى كەچتە ئۆيگە بارغاندا كۆرىشەيلى! ماشىنا ئىشىكى ئوچۇق ئاچقۇچ ماشىنىنىڭ ئىچىدە، -دېگىنىمچە ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا تېلېفوننى ئۈزىۋېتىپ تېلىفوننى پۈتۈنلەي ئېتىۋەتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ كەينى-كەينىدىن تېلېفون قىلىپ پاراكەندە قىلىشنى خالىمايتتىم. بۇرۇن ئۇنىڭغا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ئۇنىڭ مۇشۇنداق ماڭا تېلىفۇن قىلىشلىرىنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم. گەرچە بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكەن بىلەن مەن ئارزۇ قىلغان ھېسسىيات بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايتتى.

قېرىشقاندەك ماشىنىدىن چۈشۈشۈمگىلا خۇددى مېنى ساقلاپ تۇرغاندەك يېنىمدا سانىيە پەيدا بولدى.

- ئوھۇ يېزنە، سىزنى بۇ يەرگە قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى؟ قارىغاندا بىر قارارىغا كەپسىز دەڭا؟ -دېدى ئۇ سۇسقىنا كۈلۈمسىرەپ. ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى ماڭا خۇددى مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭدىن قېچىپ يۈرۈپ يەنە ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالغىنىمغا ئىچىمدە بىرمۇنچە غۇدۇراپ يالغانلاردىن چىرايىمنى كۈلكىگە زورلىدىم.

-ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. سانىيە! مىنىڭ ئۇ توغرۇلۇق پاراڭ قىلغۇم يوق. مېنى پەقەت بۇ ئارامگاھقا كەلگەن بىر خېرىدار دەپ بىلىڭ! مەن ھازىر جىمجىتلىققا موھتاج باشقىلارنىڭ مىنى پاراكەندە قىلىشىنى خالىمايمەن. ئەگەر بۇ تەكلىپىمگە قوشۇلمىسىڭىز باشقا يەرگە بارساممۇ بولىدۇ، -دېدىم مەن چۈشۈپ بولغان ماشىنىغا قايتا چىقماقچى بولۇپ.

-توختاڭ يېزنە! قارىغاندا كەيپىياتىڭىز تازا ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ. ئۆيدىكىلەر بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ ھېچقىسى يوق مەن سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن. بۇ يەردە قانچىلىك كۆڭۈل ئاچىمەن دېسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى. لىكىن يالغۇز ئولتۇرسىڭىز تازا ياخشى بولماسمىكىن. مۇنداق قىلايلى! مەن سىزگە ھەمراھ بولدىغان قىزلاردىن بىرنەچچىنى چاقىرىپ بېرەي!

-بولدى. لازىمى يوق! مەن پەقەت كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىزدەيمەن.

-بولىدۇ. قېنى مەرھەمەت. ھېچكىم سىزگە دەخلى قىلمايدۇ، بىخرامان ئولتۇرۇڭ!-سانىيە شۇنداق دېگىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇرغان بىر مۇلازىمنى چاقىرىپ بىر نىمىلەرنى دېگەندىن كىيىن مېنى ئارامگاھ ئىچىگە باشلاپ قۇيۇپ. نەلەرگىدۇ كېتىپ قالدى.

يەنىلا شۇ ھېلىقى ئايرىمخانىغا كىرىپ بىر نەچچە خىل قورۇما بۇيرۇتقاندىن كېيىن مۇلازىمەتچىگە ھېلىقى چاغدا تۇرسۇنئاي بىلەن ئىككىمىز ئىچكەن قىزىل ھاراقتىن بىر قۇتا بۇيرۇتتۇم. مۇلازىمەتچى سوغۇق ئىچىملىك ۋە مۇز بىلەن تەڭشەپ ئېلىپ كەلدى. ئاچچىقىم تېخىچە بېسىقمىغان بۇلغاچقا رۇمكىغا لىقلاپ قۇيۇپلا بىرنى ئىچىۋەتتىم، گەرچە بۇ ھاراق ئاچچىق بۇلمىغىنى بىلەن قاڭسىق بۇلۇپ تىز ئىچىۋەتكەن بولغاچقا ئۆپكەمگە كىتىپ قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتىم. ئەگەر بۈگۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا خورلۇق تارتمىغان بولسام. بۇنداق ئىچىپ جاننىى قىيناپ نىمە قىلاتتىم دەيمەن، لىكىن ئىنتىزارنىڭ تاغىسى سادىقنىڭ ماڭا قىلغان ئاھانەتلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەي نېرۋا سەزگۈلىرىمنى جىددىيلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلغاندىكى ھاكاۋۇر تۇرقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا بەدىنىمدىكى تۈكلەر تەتۈرسىگە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا بۇلغان ئۈچمەنلىكىم ھەسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى. «خەپ تۇختاپتۇر! سىنى چۇڭ سۈزلەتكەن ئاشۇ بايلىقىڭغۇ؟ بىركۈنلەردە مۇشۇ قىلغانلىرىڭغا پۇشايمان قىلدۇرۋەتمىسەم زىيا بۇلماي كىتەي! »-مەن خۇددى ئالدىمدا ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋاتقاندەك جوزىغا بىرنى مۇشتلاپ قۇيۇپ توشقۇزۇپ تۇرۇپ يەنە بىر رۇمكا ئىچىۋەتتىم، ئەمىليەتتە ئاغزىمدا شۇنداق دىگەن بىلەن قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا ئۈزەمنى كۈرسۈتۈپ قۇيۇشنى بىلمەيتىم، كاللام قۇپقۇرۇقلا ئىدى، مەردان لىدىرنىڭ تۇيدىن كىيىن تارماق شىركەتنى مىنىڭ باشقۇرشۇمغا ئۈتكۈزۈپ بىرىدىغان ئىشىنى مۇشۇ بىرنەچچە كۈننىڭ ئىچىدە بىر قارارغا كىلىشى مۇمكىن !گەرچە تۇيدىن بۇرۇن بۇ ئالەمچە خۇشاللىقتىن شىرىن چۈش كۈرۈپ يۈرگەن بۇلساممۇ. بۈگۈن سادىقنىڭ دىگەن گىپىدىن ئازراق ئەقىل تاپتىم، چۇنكى مەنمۇ بىر ئۇغۇل بالا بۇلغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەنمەي ئۈزەمنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىشىم كېرەككەن. لىكىن قۇرۇق قۇل قانداق ئىگىلىك تىكلەيمەن، لىكىن ئىگىلىك تىكلىيەلمىسەممۇ ھېچقىسى يوق، پەقەت ئۇلارغا تايانمىساملا بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرشۈم كىرەك،

ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىنتىزار بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم ئۇقمايدۇ. بۇلار بىزنى ھەقىقىي ئەر -خوتۇن دەپ ئويلايدۇ.

توغرا! مەن دەل مۇشۇ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىشم كېرەك؟ ھازىر مېنىڭ بۇ شەھەردىكى نامى بار شىركەتنىڭ خوجايىنىغا كۈيئوغۇل بولغىنىمنى خېلى جىق ئادەملەر بىلىپ كەتتى. ئەلۋەتتە مۇشۇ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىشىم كېرەك؟ ئەلۋەتتە بۇ ئارقىلىق سىرتتىن كادرلىققا ئېمتاھان بېرىشىم كېرەك. تەلىيىم كېلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۇپ قالسام ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىزمەت ئۇرنىغا ئىشقا چۈشەلىسەم تەلەي دىگەن شۇ، ئۇ چاغدا ئالدىمدا چۇڭ گەپ قىلغىنىنى كۈرۈپ باقاي! ھەي!!! لىكىن ئىغىزدا دىگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئاسان ئەمەستە.

گەرچە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتسەممۇ، يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان گەپ. ئۇنىڭدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىر مەزگىل تەربىيىلىنىدىغان گەپ، لېكىن بۇنىڭغىمۇ پۇل كېتىدۇ-دە؟ مەندە ھازىر بۇنچىلىك پۇل نەدە تۇرۇپتۇ؟ توختا! پايچەك ئويناپ باقسامچۇ…؟

قانداق قىلىش توغرۇلۇق ھەر خىل چىگىش خىياللار بىلەن بىر قۇتاھاراقنى ئىچىپ بولۇپ يەنە بىرنى بۇيرۇتتۇم. باشتىكى بىر قۇتا ھاراق مېنى خېلى ئوبدانلا مەست قىلغان بولسىمۇ بۇ مەن ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. بۈگۈن ھۇش كاللامنى بىلمىگۈدەك مەست بولغۇم بار ئىدى. ئاخىرىدا بۇيرۇتقان ھاراقتىن ئىككى رومكا ئىچىپلا بېشىم قېيىپ كۆزلۈرۈم غۇۋالاشقىلى تۇردى. بەلكىم ھوشىنى بىلمىگۈدەك مەست بولۇشۇمغا خېلى باردەك قىلاتتى. چۈنكى ھازىر ئۆزەمنىڭ نىمىش قىلۋاتقانلىقىنى بىلەلەيتتىم، تۇيۇقسىز كىچىك تەرىتىم قىستاپ ئورنۇمدىن قوپۇپ تازىلىق ئۆيىگە چىقماقچى بولۇپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ ئىشىكنى ئاچىمەن دەپ. قولۇمنى سۇنۇشۇم بىلەنلا ئۆزەمنى كونترول قىلالماي پالاققىدە قىلىپ يىقىلىپ چۈشتۈم. ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تىرىشقان بولساممۇ. پەقەتلا تۇرالمىدىم، دەل شۇ ۋاقىتتا ئايرىمخانىنىڭ ئىچىدە ئىنتىزارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ كىملەردۇ مېنى يۆلەشكە باشلىدى. ئىنتىزارنىڭ مېنى قانداق قىلىپ تېپىلغانلىقى ماڭا نامەلۇم. ھەر ھالدا ئۇنىڭ مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن خۇش بولدۇم.

بىلمەيمەن يەنە كىملەردۇ مېنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى. ماشىنىدا ئۆيىگە بارغۇچە ئىنتىزارنىڭ قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپ ياتتىم. نىمىشقىكىن ئۇ بۇگۇن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن توختىماي بەدەنلىرىمنى سىلايتتى. ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقى مېنى تېخىمۇ مەست قىلىۋەتكەن ئىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章