يولدىن چىققان ئايال 🧡 22-قىسىم (ئەپچىدە 38-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-05 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

بۇ مۇخبىر بايا شەمىسيەنىڭ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەڭ سىرتىغا قىسىلىپ قېلىپ، سەل ئىچى پۇشۇپ قالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇلۇپ باشقا سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى.

ئۇ يان تېلېفونىنى ئېلىپ، مىكرو بىلوگقا مۇنداق بىر ئۇچۇر يوللىدى:

-قەيسەر گۇرۇھى  مەيدانىدا شەمىيسە خانقىز تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ئۇلاردىن 20مېتىر يىراقلىقتىكى جايدا، بىر جۈپ ئاشىق ـ مەشۇقلار  سۆيۈشۈپ ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتىدۇ.

گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەدەن شەكلىدىن قارىغاندا، ناھايىتى قاملاشقان ئىدى.

بۇ مىكرو بىلوگ، تۇيۇقسىز قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى.

كېسەلخانىدا جالال مىكرو بىلوگنى ۋاراقلاۋاتاتتى، ئويلىمىغان يەردىن يۇقىرىقى سۈرەتلەر ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

نېمە ئۈچۈن، بۇ سۈرەتنى كۆرگەن تۇنجى دەقىقىدە، ئۇ بۇ زىلۋا ئايالنىڭ سىماسىنى تونۇشتەك ھېس قىلىدۇ؟

بىراق، جالال ئىككىنچى قېتىم قارىغان چاغدا، ئالدى بىلەن كۆرۈنۈشتىكى ئەرنى تونۇۋالدى.

ئۇ قەيسەرنىڭ سائىتىنى كۆردى.

بۇ يەر شارى بويىچە چەكلىك نۇسخا بولۇپ،بۇ شەھەردە پەقەت قەيسەردىلا بار ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئەرنىڭ بويى ئېگىز، گەۋدىلىك بولۇپ،ئېنىقلا قەيسەر ئىدى.

ئۇ كىم بىلەن سۆيۈشىۋاتىدۇ، ئەزەلدىن قىزلار بىلەن خەۋىرى چىقمايدىغان ئادەم، قاچاندىن باشلاپ بۇنداق قىزغىن بولۇپ كەتتى؟!

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ ئىششىپ كەتكەن لەۋلىرىگە قاراپ:

-ئەلفىرە، سىز بەك تاتلىق پۇرايدىكەنسىز،- دېدى.

ئۇ دەرھال ئالىيپ، ئۇنىڭغا قاراپ:

-مېنىڭ قورسىقىم ئېچىپ كەتتى،- دېدى.

-يۈرۈڭ، نېمە يىگۈڭىز بولسا ئېلىپ بېرىمەن.

-ئەلدارنىڭ مەكتىپكە بارايلى ماقۇلمۇ؟ ئۇ تەرەپتە بەك ياخشى ئاشخانىلار بار.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ قانداق چوت سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدى.

گۈلزىرە تىلىنى چىقىرىپ:

-مەكتەپ ئىشىك ئالدىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر بەك تەملىك،- دېدى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھەر كۈنى ئىشقا بارىدۇ، ئوغلىنى بىر قېتىم ئالغىلى بېرىش ھەقىقەتەن تەس.

قەيسەر ئۇنىڭغا قاراپ:

-بولىدۇ، سىزگە ھەمراھ بولاي!- دېدى.

گۈلزىرە ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى، كۆز ئالدى پارقىراپ تۇراتتى.

يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئىككىيلەن قەيسەرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئەلدارنىڭ مەكتەپ ئالدىدا پەيدا بولدى.

بۇ چاغدا بالىنى ئالغىلى كېلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قاغان، شۇڭا نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئىدى.

ئىككىيلەن ياندىكى يولدا ماشىنىنى توختىتىپ، قول تۇتۇشۇپ كەلگەن چاغدا، بىردىنلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

قەيسەر سالاپەتلىك، قامەتلىك، كېلىشكەن، يېنىدىكى ئايال بولسا كاستۇم ـ بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، گەرچە بويى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن بەك ئاددىي ئىدى.

بۇنداق سېلىشتۇرۇش بەك چوڭ بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

لېكىن دەل مۇشۇنداق پەرق سەۋەبىدىن، ئەكسىچە قەيسەر ياخشى ئەر دەپ تەرىپلىدى.

بەزى ئاتا - ئانىلار:

-قاراڭ، ئۇ ئەر شۇنداق كېلىشكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى شۇنداق ئادەتتىكىچە، مەن مۇھەببەتكە ئىشەندىم!- دېيىشتى.

-شۇنداق، مېنىڭ ئۆيۈمدىكى ئەر بۇ يىگتنىڭ  يېرىمىچىلىك بولسا ياخشى بولاتتى!

-قايسى بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىدۇ؟ سەل تۇرۇپ دىققەت بىلەن قاراپ باقايلى!

سۆزلەۋاتقاندا، بالىلار مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆچرەتتە تۇرۇپ چىقتى.

ئىلدار ئۈچىنچى سىنىپتا بولۇپ،بۈگۈن ئۇلارنىڭ سىنىپى بىرىنچى بولۇپ چىقتى.

گۈلزىرە يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ:

-ئەلدار، بۇ ياقتا!- دېدى.

ئەلدار مۇئەللىمگە خوش دەپ قويۇپ، گۈلزىرەگە قاراپ يۈگىرەي دەپ تۇرۇشىغا قەيسەرنى بايقاپ قالدى.

ئۇ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇ نېمىشقا ئۇنى ئالغىلى كېلىدۇ؟

ئۇ پەقەت ئۇنىڭ چىرايلىق ئاپىسىنى بۇلاشنىلا بىلەتتىغۇ؟

بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا:

-ئۇ سېنىڭ داداڭمۇ؟-دېدى.

-بەك كېلىشكەن ئىكەن!

-سەن بۇرۇن دادام سۇ تۇربىسى ياسايدۇ دېگەنتىڭ.

-مەن داداڭنى قۇچاقلاپ قويسام بولامدۇ؟

-داداڭ بەك ئېگىزكەن ......

-ئۇنىڭ بۇنداق چىرايلىق بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن، ئەسلىدە دادىسىمۇ چىرايلىق ئىكەن!

بىر توپ كىچىك بالىلار ۋىچىر - ۋىچىر قىلىپ مۇنازىرىلەشمەكتە ئىدى، ئۇلارغا قاراپ ھەممىسى ھەۋەستە قالغان ئىدى.

ئەلدار ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم، ئەگەر ئۇ راستىنلا مېنىڭ دادام بولغان بولسا، ئەجەپ ياخشى بولاتتى ...

بىراق، ئاپامنىڭ دېيىشىچە دادام بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن ...

شاكىچىكنىڭ كۆزلىرى بىر پەس پەرىشان بولۇپ، ئاندىن گۈلزىرەگە قاراپ ماڭدى.

گۈلزىرە بايا كىچىك بالىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالدى، ھەتتا بىر نەچچە بالا مەخسۇس قەيسەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ :

-تاغا- دەپ چاقىردى.

شۇڭا، ئۇ ئەلدارنىڭ يۈزىنى تۆكمەسلىك ئۈچۈن، قەيسەرنىڭ قولىنى قويۇۋەتتى،ئاندىن ئەلدارنى ئۇنىڭ بىلەن قەيسەر ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ، قەيسەرگە:

-ئۇنىڭ قولىنىمۇ تۇتمامسەن،- دېدى.

قەيسەرنىڭ ئەزەلدىن كىچىك بالىلارنى يېتىلەيدىغان ئادىتى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەلدارنى كىچىك لامپۇچكا دەپ قارايتتى، شۇڭا مىدىرلىمىدى.

گۈلزىرە ئۇنىڭ مىدىرلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى تۇيۇقسىز يېرىم بولدى.

شۇنداق، بۇ پەقەت بىر ساختا كۆرۈنۈش، قەيسەر ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇ نېمىشقا ماسلىشىدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە،  چۈش يەنىلا چۈش، ھامان بىر كۈنى ئويغىنىدۇ.

بەلكىم ئويغانغاندا، ئەزەلدىن ئىگە بولمىغاندىنمۇ بەكرەك ئازابلىق بولۇشى مۇمكىن؟

شۇڭا، ئۇ بېشىنى بۇراپ ئەلدارغا قاراپ كۈلۈپ:

-ئەلدار، مەن بۈگۈن سېنى ئالغىلى مەخسۇس كەلدىم، ماڭايلى!-دېدى.

ئۇنىڭ قىز دوستى بايا« مەن»دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى« بىز» ئەمەس.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ يۈزىگە قارىدى، گەرچە ئۇ كۈلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل چۈشكۈن كەيپىياتنى ھېس قىلغاندەك قىلاتتى.

ئەلدارنى يېتلىمىگەچكە شۇنداق قىلۋاتامدۇ؟

ئۇ ئەمدىلا بويى بېلىدىن ئاشقان بالىغا قاراپ، سەل ئىككىلىنىپ قالدى، گەرچە ئۇ باشقىلارنىڭ تېگىشىنى ئەڭ ياقتۇرمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا قولىنى سوزۇپ ئەلدارنىڭ قولىنى تۇتتى.

بالىنىڭ بىچارە، يۇمشاق قوللىرىنى تۇتقاندا، ئۇ بۇ خىل سېزىمنى  چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

گۈلزىرە بىلەن ئەلدار ھەقىقەتەن ھەيران بولۇپ، تەڭلا بېشىنى كۆتۈرۈپ قەيسەرگە قارىدى.

ئۇ قېشىنى ئېتىپ تۇرۇپ:

- نېمە يەيسىلەر؟-دېدى.

گۈلزىرە كۈلدى، كۆزلىرىنى چىرايلىق نۇر قاپلىغان ئىدى

-ئالدىمىزدا ياخشى تاماقخانا بار.

مۇشۇنىڭغا خوش بولدىمۇ؟ ئۇ كىچىك بالىنى شۇنچە ياخشى كۆرەمدۇ؟

قەيسەر، ئۇ بالىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن، ئۇنداقتا كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر بالىلىق بولىسام ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلىدى.

بۇ چاغدا، مۇئەللىم ئۈچنىڭ ئايرىلغان قارىسىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ:

-سىلەر ئەلدارنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ؟- دېدى.

گۈلزىرە بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن، كەينىگە بۇرۇلۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.

- بولۇپمۇ دادىسى، ئادەتتە ئوغلۇڭلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭلار، مەن ئۇنىڭ دەرسلىك كىتابىدىكى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىمزاسىنى كۆردۈم، ھەممىسى ئاپىسىنىڭ ئىمزاسى ئىكەن. ئوغۇل بالىلارغا دادىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشتا تېخىمۇ مۇھىم،- دېدى.

قەيسەر مۇئەللىمنىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، بىراق ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ:

-بولىدۇ، بىلدىم،-دەپ باش لىڭشىتتى.

گۈلزىرە ئۇنىڭ مەن دادىسى ئەمەس دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتى، قەيسەرنىڭ ماقۇل بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، يۈرىكى جايىغا چۈشتى.

-ئەلدار ناھايىتى ئەقىللىق ھەم تىرىشچان، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرشقىن ھە!-مۇئەللىم بىر ئېغىز ئىلھام سۆزى قوشۇپ قويدى.

-ماقۇل، بىز ئۇنى ياخشى يېتەكلەيمىز،-دېدى قەيسەر.

ئۈچۈيلەن ھەۋەسكە تولغان كۆزلەر ئاستا قول تۇتۇشۇپ يىراقلاپ كېتشتى.

ئۇلار ناھايتى تېزلا ئاددىي بىر ئاشخانىغا كەلدى.

-قەيسەر تاغا، بۇنى تېتىپ بېقىڭە، بەك تەملىك،-ئەلدار بىر تال كۇملاچنى قەيسەرنىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى.

قەيسەر رەت قىلالماي، ئاغزنى ئاچتى.

تەمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى.

چۈشتىن كېيىنكى قۇياش ئۈچىنىڭ سايسىنى ئۇزۇن كۆرسىتىپ تۇراتتى، ئوتتۇرىدا بالا، ئىككى تەرەپتە ئەر بىلەن ئايال.

گۈلزىرەنىڭ كۆڭلىنى تۇيۇقسىز بىر خىل ھاياجان چىرىمىدى، ئەگەر ئۇ راستىنلا توي قىلغان بولسا، ئېرىمۇ بالىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى.

بۇنداق بولغاندا، ئەلدار مەكتەپتە دادىسى يوق بالا بولمايتتى، بىر مۇكەممەل ئائىلىدە چوڭ بولۇپ، باشقا كىچىك دوستلارغا ئوخشاش ئاتا مېھرىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىمەن بولالايتتى.

ياندىكى قەيسەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ  مۇمكىن بولمايدىغانلىقى پېشانىسىگە پۈتۈلگەن.

ئەگەر  ئەلدارنىڭ ئۇنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلسە، قەيسەر ئۇلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويار ھە.

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،گۈلزىرەنىڭ قەلبىدە يەنە خاتىرجەمسىزلىك ۋە ئۆزىنى ئەيىبلەش پەيدا بولدى.

ھەپتە ئاخىرىدا، گۈلزىرە بىلەن قەيسەر يەنە چوڭ ئۆيىگە باردى.

ئىككىيلەن بارغاندا، خىزمەتكارلار چىمەنگۈلنىڭ چېچىنى يۇيۇپ قويماقچى بولغاندا، ئۇ يەنە قارشلىق كۆرستۋاتقان ئىدى، يەنىلا گۈلزىرە بېرىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەسەللىي بەرگەندىن كېيىن، ئۇ تىنچلاندى.

ئۇ چىمەنگۈلنىڭ چېچىنى يۇيۇپ قويدى، يەنە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىردەم پاراڭلاشتى.

گەرچە، ئاساسەن ئۇلا گەپ قىلغان بولسىمۇ.

ئۇ ئىلگىرى قەيسەر ئېيتىپ بەرگەن چىمەنگۈلنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلار  بولۇپ، ئۇنىڭ ئەس-ھوشىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئىدى.

چىمەنگۈل ئاڭلاپ، گەرچە ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن كەيپىياتى كونتروللۇقىنى يوقاتقاندىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى.

يەكشەنبە كۈنى قەيسەرنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ئىشى بار ئىدى، شۇڭا گۈلزىرە ئەلدارنى ئېلىپ كۆڭۈل ئېچىش باغىچىسىغا باردى، ئىككىيلەن ئويناپ كەچ بولغاندا ئاندىن ئۆيگە قايتتى.

ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتكەن ئىدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە جۈمە كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۈنى يېتىپ كەلدى.

گۈلزىرە ئون كۈچلۈك قاتارىغا كىردى، ئىلگىرى گۈلزىرە بولدىكەن دېگەن ھېلىقى ياش يىگتمۇ ئويلىمىغان يەردىن تاللانغان ئىدى.

بۈگۈن ناخشىچى مونىكامۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ مېھمانلار زىياپىتىدە ئولتۇردى.

گۈلزىرە ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندا، قەيسەرنىڭ مەخسۇس قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئۇ يان تېلېفونىنى ئېتىۋالدى، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ «ئېرىم، ئېرىم سىز ئەڭ ياخشى» دېگەن گۆدەك ناخشىسىنى ئاڭلىشىنى خالىمىدى.

گۈلزىرە تۆۋەن ئاۋازدا:

-قەيسەر ......- دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ تەرەپ سەل ۋاراڭچۇرۇڭ بولۇپ:

-مەن نەق مەيدانغا كەلدىم، مېنى كۆردىڭىزمۇ؟-دېدى،

گۈلزىرە بۇرۇلۇپلا قەيسەرنىڭ بىرىنچى رەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى ، ئاندىن ئولتۇرغانلىىقىنى كۆردى.

شۇڭا، ئۇ ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقىنىنى ئاڭلامدۇ؟

ئۇ ئۇنى تونۇپ قالارمۇ؟

گۈلزىرە قەيسەرگە قاراپ كۈلۈپ قويدى، دەل قورقۇپ ئالاقزادە بولۇپ تۇرغاندا، يەنەجالالنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى!

جالال ئۇدۇل ئىچىگە قاراپ ماڭدى، ئەڭ ئاخىرىدا قەيسەرنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.

ئۇ ئوپېراتسىيە قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىشى كېرەك ئىدىغۇ؟

نېمىشقا بۈگۈنمۇ نەق مەيدانغا كەلدى؟!

بەلكىم تېخى ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى سەۋەبدىنمىكىن، جالالنىڭ چىرايى تاتىرىپ، يول مېڭىش ھەرىكىتىمۇ ئاستىلاپ قالغان ئىدى.

ئۇ ئولتۇرۇپ قەيسەر بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئېلىشقا باشلىدى.

جالال قەيسەرگە دېمەسلىككە تېگىشلىك بىرەر گەپنى قىلمىغاندۇ؟

گۈلزىرە سەل دەككە - دۈككە بولدى، بىراق مۇكاپات پۇلى ئۈچۈن يەنىلا جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى.

ئىشقىلىپ، ئۇ سەل تۇرۇپ گىرىمىنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، يەنە باشقا گىرىم قىلىدۇ.

ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولغان تەقدىردىمۇ، نىقاب چېقىلىپ كەتسىمۇ، ھېچ ئىش بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كىيىمىمۇ ئالاھىدە تىكىلگەن بولۇپ، ناھايىتى سېمىز كۆرۈنىدۇ، قەيسەر تونۇيالماسلىقى مۇمكىن.

گۈلزىرە ئۆزىگە مەدەت بېرىپ، مۇسابىقە باشلانغانغا قەدەر قولىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى.

پەقەت، ئۆزىنىڭ ئون ناخشىدىن چەك تارتىپ تاللانغان «كەلگۈسىدىكى سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن ناخشىسىنى كۆرگەندە،سەل ھاڭۋېقىپ قالدى.

بۇ ناخشىنى بۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى ناخشا دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما پارتلاش كۈچى ۋە زىلزىلە پەيدا قىلىش كۈچى ئەڭ تەس ئىدى.

ئۇ ئالدىن ئويلانغاندىن كېيىن مېلودىيەگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، تەسىر قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى.

ۋاقتى كەلگەندە مۇقىم جارى قىلدۇرساقلا، چوقۇم ياخشى چىقاتتى.

ئۇ بۈگۈن8 - نومۇرغا ئېرىشتى، ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ياخشى ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.

چۈنكى، ھەر بىر ئادەم ناخشا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن نەق مەيداندىكى باھالىغۇچىلار نومۇر قويىدۇ، ئاندىن ھەممە ئادەم بىرلىكتە سەھنىگە چىقىدۇ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەت تاشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەيدان سىرتىدىكى توردىكى تاماشىبىنلارمۇ بىرلىكتە بىلەت تاشلاشقا كىرگۈزۈلىدۇ.

بۇنداق بولغاندا، كەينىدىكى ناخشىچى كۆپ ھاللاردا كىشىگە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، شۇڭا، تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئاسان ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章