يولدىن چىققان ئايال 🧡 21-قىسىم (ئەپچىدە 36-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-04 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

گۈلزىرە ئىختىيارسىز ئىلھامغا قاراپ:

-ئىلھام، بۇ سىز دېگەن چوڭ سوۋغاتمۇ؟-دېدى.

ئىلھام كۈلۈپ تۇرۇپ:

-توغرا، مەن پەقەت ياردەمچىمنى ئىككى تۈركۈم مۇخبىرلارغا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇدۇم، بىر تۈركۈم مۇخبىرلارغا شەمىسيەنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن جالال بىلەن كېلەر پەيشەنبە كۈنى توي قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېيتتىم، يەنە بىر تۈركۈم مۇخبىرلارغا جالال ئەمەلىيەتتە شەمىسيەنى تاشلىۋەتتى دەپ ئېيتتىم.

گۈلزىرە ئىختيارسىز كۈلۈپ:

-ناۋادا خەق راستىنلا توي قىلماقچى بولۇپ، تاشلىۋەتمىگەن بولسىچۇ؟- دېدى.

ئىلھام مەيدىسىگە شاپىلاقلاپ قويۇپ:

-خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇلار توي قىلماقچى بولغان بولسا، بۇ يەتتە يىل ئىچىدە توي قىلىپ ھازىرغىچە ساقلاپ يۈرمەيتتى،ئىلگىرى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن سورۇنلارغا بىللە قاتناشقانلىقىنى كۆرگەن، جالالنىڭ كۆزلىرى  ئەسلا شەمىسيەدە ئەمەس،-دېدى.

گۈلزىرە ئۇنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز ھاڭۋېقىپ قالدى.

ئۇ ناھايىتى تېزلا، ئۇ كۈنى جالال ئۆز ئاغزى بىلەن شەمىسيە بىلەن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

شۇڭا، ئەگەر جالال  راستىنلا  شەمىسيەگە شۇنداق دېگەن بولسا، ئۇنداقتا، شەمىسيەنىڭ شۇ تاپتا باشقىلار تەرىپىدىن تارتۇقى ئېچىلغاندىكى ھېسسىياتى قانداق بولۇۋاتقاندۇ؟

گۈلزىرە بۇنى ئويلاپ،  ئىختىيارسىز كۈلدى.

قەيسەر بېشىنى تۆۋەن قىلىپ قاراپ، گۈلزىرەنىڭ كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يايراپ:

-قىساسىڭىزنى ئېلىپ بەرگىنىمنى ياخشى كۆردىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى.

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ، قەيسەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن:

-ياخشى كۆردۈم!- دېدى.

دەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قوشۇمچە قىلىپ:

-سىز مېنى بەك ئەسىكىكەن دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟-دېدى.

ئۇ بېشىنى چايقاپ:

-مەن ئۇنىڭ ئاۋۋال سىزنى بوزەك قىلغانلىقىنى كۆردۈم،سىز پەقەت قايتۇرما زەربە بەردىڭىز،خالاس،-قەيسەر شۇنداق دېگەچ يۈزىنى بۇراپ،-ئوغۇل دوستىڭىزنى مۇكاپاتلاپ بىرنى سۆيۈپ قويمامسىز؟-دېدى.

گۈلزىرە ئىلھامغا قاراپ، سەل خىجىل بولدى، بىراق يەنىلا تېز سۈرئەتتە قەيسەرنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى.

بۈگۈن ھېلىمۇ ياخشى ئۇ بولۇپ قالدى.

چۈنكى، ئۇنداق ئەيىبلەش ۋە ئەتراپتىكى نامەلۇم ئاممىنىڭ قاراشلىرى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن بەك تونۇش ئىدى.

ئەينى چاغدا، ئۇنى مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىپ، سىرتقا ئىشلىگىلى چىققان، بىر قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر باي خانىمنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ، باي خانىم ئۇنى ئۈچىنچى شەخس دەپ تۇرۇۋالغان.

شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئولىشىۋالغان ئامما ئۇنى  ۋارقىراپ ـ جارقىراپ، تىللاپ كەتكەن، ئۇ كوچىدا تۇرۇپ، بارلىق ئاۋازلارنىڭ ئەيىبلەشكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.

خۇددى، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئەينى چاغدىكى ئالىي مەكتەپ ئېلان تاختىسى ئالدىدىكى ساۋاقدىشىغا ئايلىنىپ قالغاندەك، ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۇنى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرىپ، ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ،سۇيۇق،رەسۋا بۇزۇق قىزكەن،ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمەيدىكەن.... دەپ ھاقارەتلىگەن ......

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغدا ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىنكاس بولغاچقا، ئۇ بىئارام بولۇپ، گۈلزىرە دېگەن سالاھىيەت ۋە ئىسىم بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

چۈنكى، ئۇ نەگىلا بارسا، كەينىدە نۇرغۇن كۆزلەرنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتى.

نۇرغۇن كىشىلەر:

-قاراڭلار، ئۇگۈلزىرە، كىچىك تۇرۇپلا توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ قالغان نومۇسسىز پەسكەش ئايال!-دېگەنلىكىنى ئاڭلىغاندەك قىلاتتى.

ئاشۇ ئازابلىق ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگىنىدە، گۈلزىرە سەل ھۇشىنى يوقىتىپ، ئىككى قولى مۇزلاپ، ئىختىيارسىز قولىنى كۆتۈرۈپ قەيسەرنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى.

ئۇ تېخى ئەمدىلا مەڭزىدىكى يىڭناغۇچتەك تېگىش سېزىمىگە غەرق بولغاندا، بۇ تۇيغۇ ھەش ـ پەش دېگۈچە غايىب بولدى، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە خۇددى مەيىن دولقۇن پەيدا بولغاندەك، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرە پەيدا بولدى.

قەيسەرنىڭ بىلىكىگە تۇيۇقسىز ئىككى قولى يامىشىپ چىقتى، ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گۈلزىرەگە قارىدى، گۈلزىرە يەنە خاپا بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

ئۇ تەئەججۇپ بىلەن ئۇنىڭدىن:

-ئەلفىرە، نېمە بولدى؟- دەپ سورىدى.

سۆزلەۋېتىپ، گۈلزىرەنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى.

ئۇنىڭ قوللىرى ناھايىتى سوغۇق بولغاچقا، قەيسەر گاڭگىراپ:

-توڭلىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى.

-ھە-،گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتتى.

قەيسەر ئۆزىگە قاراپ قويدى.

ھازىر ھاۋا سەل ئىسسىق بولغاچقا، ئۇ پەقەت بىر كۆڭلەكلا كىيگەن ئىدى، شۇڭا، ئۇنىڭغا سېلىپ بەرگۈدەك كىيىم يوقتەك قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قولىنى سوزۇپ، گۈلزىرەنى قۇچاقلاپ:

-ئەمدىچۇ؟-دېدى.

شۇ چاغلارنى ئەسلەپ، گۈلزىرە شۇ تاپتا راستىنلا مۇشۇنداق ئىللىق قۇچاقنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلۋاتاتتى، شۇڭا ئۇ تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەيسەرنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ، بەدىنىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە يېقىپ:

-خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم ،-دېدى.

بىراق، قەيسەرنىڭ كاللىسى يەنە توختاپ قالدى. ئۇ تەمكىن ھالدا:

-سىرتقا چىققاندا قېلىنراق كىيىنىڭ، زۇكام بولۇپ قالماڭ،-دېدى.

ياندىكى ئىلھام چىداپ تۇرالماي:

-ئاكا، يەڭگە، سىلەر داۋاملاشتۇرۇڭلار، مەن كىرىپ ئىشىمنى قىلاي،-دېدى.

قەيسەر شۇندىلا بىر لامپۇچكىنىڭ ناھايىتى چوڭ قۇۋۋەت بىلەن يورىغانلىقىنى بايقىغاندەك قىلىپ:

-سەن تېخى كەتمىدىڭمۇ؟- دېدى.

ئىلھام گويا قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغاندەك بولۇپ:

-ئاكا، سەن يامان! مەن يوقالدىم!-دېدىم.

گۈلزىرە ئەھۋالنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز سەل خىجىل بولدى.

ئۇ قەيسەرنى ئىتتىرىپ قويۇپ:

-بولدى، ئەمدى توڭلىمىدىم،-دېدى.

-راستمۇ؟-قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ،-نوچىلىق قىلماڭ،- دېدى.

گۈلزىرە ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىمۇ ئىللىپ قالدى:

-قەيسەر بايۋەتچە، سىز بەزىدە ھەقىقەتەن بەك ئوماق كۆرۈنىدىكەنسىز!-دېدى.

قەيسەرنىڭ چىرايى بىردىنلا قارداپ:

-ئوماق؟! قىزچاق، قاپ يۈرەك بولۇپ كېتىپسىز!-دېدى.

گۈلزىرە كۈلدى، بىراق داۋاملىق ھېچنېمە دېمىدى.

قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ مەيداندا سەيلە قىلدى، شەمىسيەنىڭ تېخىچە ئىچىدە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىسى كۈلۈپ قويۇپ، يەنە بىر تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

-ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلىمەيدىغانسىز؟

-ھە، شىركەتكە كەلمەيمەن ،بىراق بەزى ئارخىپلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن،-دېدى.

-بولمىسا قىلماڭ!

-ياق،-گۈلزىرە بېشىنى چايقاپ، جاھىللىق بىلەن،-مەن پارازىت قۇرت بولۇشىنى ياقتۇرمايمەن،-دېدى.

ئاساسلىقى، ئۇ ئىلگىرى بىر ئادەمگە بەك ئىشىنىپ كەتكەن، لېكىن، ئۇ ھېلىقى ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولغاندا، ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن، سىز كىم دەپ سورىدى.

كېيىن تېخىمۇ بىزار بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ: مەن سىزدەك ھىيلىگەر، ئاچا -سىڭىللىرىنىڭ ئوغۇل دوستىنى بۇلايدىغان ئەخلاقسىز ئايالغا ئەڭ ئۆچ!-دېدى.

ئۇ چاغدا ئۇ ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى باشقىلارغا باغلىسا بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئاياللار يەنىلا ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك.

ئۆزى ئۆزىگە بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى باشقىلار ھەرقانچە قىلىپمۇ بېرەلمەيدۇ.ھېلىقى بىر گەپ باغۇ،دەرەخ شېخىغا قونىۋاغان قۇش ھېچقاچان شاخنىڭ سۇنۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرمەيدۇ،چۈنكى ئۇ قانىتىغا ئىشىنىدۇ.شۇڭا گۈلزىرەمۇ بۇنىڭدىن كىينكى ھاياتىدا ھەرگىزمۇ باشقىلارغا تايانمايدۇ.

قەيسەر گۈلزىرەنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن شۇنداق دېگەنلىكىنى كۆرۈپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:

-بولىدۇ، مېنىڭ قىز دوستۇم قانداق قىلىشنى ياخشى كۆرسە شۇنداق قىلسۇن!-دېدى.

گۈلزىرە كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، بىر دۇكانغا بېرىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدى.

بىراق ئىككىيلەن دۇكاننىڭ ئالدىغا يېقىنلاشقاندا تۇيۇقسىز قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى، ئارقىدىنلا بېشىنىڭ چوققىسىدا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

گۈلزىرە ئىنكاس قايتۇرغاندا، بىر ئېلان تاختىسىنىڭ ئىككىيلەنگە قاراپ چۈشۈپ كېلۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئەسلا پۇرسىتى يوقتەك قىلاتتى، ئۇنىڭ قەدەملىرى تېخى كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپلا، بېشىنى بىر پارچە كۆلەڭگە توسىۋالدى!

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە گۈلزىرە ئۆزىنى قەيسەر تارتىۋالغاندەك ھېس قىلدى، ئارقىدىنلا ئىككىيلەن تەڭلا يەرگە يىقىلىپ چۈشتى.

بىر نەرسىنىڭ يەرگە چۈشكەن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، گۈلزىرە كۆزىنى ئېچىپ، قەيسەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي باغرىغا باسقانلىقىنى ھېس قىلدى.

ھەش - پەش دېگۈچە، ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى.

قەيسەرمۇ ئاستا - ئاس كۆزىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا قارىدى.

ئۇنىڭ ھاڭۋاقتىلارچە ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قەيسەرنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ:

-ئەلفىرە، بىر نېمە بولمىغانسىز؟- دېدى.

قەيسەر كۈچەپ تۇرۇپ، بەدىنىدىكى ئېلان تاختىسىنى چۆرىۋېتىپ، قولىنى سوزۇپ گۈلزىرەنى تۇرغۇزماقچى بولدى.

گۈلزىرە ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ، ئەستايىدىل ۋە كەسكىن ھالدا:

-نېمە ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزسىز؟- دېدى.

قەيسەر ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ، ئۇنىڭ راستىنلا يارىلانمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، تەبىئىي ھالدا:

-سىز مېنىڭ قىز دوستۇم، سىزنى قۇتقۇزمىسام كىمنى قۇتقۇزىمەن؟،يەنە كېلىپ سىزنى مەن قۇتقۇزمىسام كىم قۇتقۇزىدۇ؟- دېدى.

بۇ خوتۇن ھەقىقەتەن بەك دۆت ئىكەن، مۇشۇنداق سوئالىنىمۇ سورامدۇ؟

گۈلزىرە يەنە:

-سىز ئېلان تاختىسىنىڭ بېشىڭىزغا چۈشۈپ سىزنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلمەمسىز؟-دېدى.

ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى ھەتتا سەل قوپال بولۇپ، كۆزلىرى قىزارغان ئىدى.

-مەن بىر ئەر كىشى، يارلانسام نېمە بوپتۇ،-قەيسەر شۇنداق دېگەچ، گۈلزىرەنىڭ يۈزىنى چىمدىپ قويۇپ،-سىز، شۇنچە كىچىك تۇرسىڭىز، چوقۇم تېگىپ كەتسە ئاران جېنىڭىز قالىدۇ،سىز ئۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلەمتىڭىز؟،- دېدى.

ئەجىبا ئۇ ئۇنى قوغدىغىندىن خاپا بولدىمۇ؟

ھەقىقەتەن بىر دۆتكەن!

بىراق، بۇ خىيال ئەمدىلا پەيدا بولۇشىغا، گۈلزىرە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى.

قەيسەر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپ، تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان ئايالغا قاراپ، سەل چۆچۈپ:

-ئەلفىرە، راستىنلا ھېچ ئىش يوقمۇ؟-دېدى،

-ھە،-گۈلزىرە قەيسەرنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ، بىلىكى بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قۇچاقلىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىللىقلىقنى ھېس قىلمىغىنىغا قانچىلىك بولغانلىقىنى بىلمەيتتى.

بۇ يەتتە يىلدىن بۇيان، گەرچە گۈلقىز بىلەن  رىشات ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەمچى، ئىقتىدارى چەكلىك، ياردەم قىلالايدىغىنىمۇ چەكلىك.

ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا يەنىلا ئۆزىگە تايىنىش كېرەك.

بارلىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىنى كۈتكىنىدە،  ئۇنىڭغا پەقەت ئۈمىدسىزلىك جاۋاب بولۇپ كەلدى.

ئاستا - ئاستا، ئۇمۇ ئەمدى ئۈمىد كۈتمەيدىغان بولدى، ھەتتا مۇشۇنداق تەنھالىققا كۆنۈپ قالدى.

بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇنى قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈشكە تېخىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدى.

بىراق، بايا ۋەقە تۇيۇقسىز يۈز بەردى، ھېچقانداق ئويلىنىش ياكى ئىككىلىنىش ۋاقتى بولمىدى، قەيسەر ئۆزى يارىلىنىشقا رازى بولۇپ، ئۇنى قوغداپ قالدى.

قەيسەر ئۇنىڭ قەلبىدە  قەيسەر ئىزچىل ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان باش دېرىكتور،   ئاتا-ئانىسى يامان ئۆگىتىپ قويغان بايۋەچچە ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ئۈچ يىللىق توختام ئىمزالىغاچقا، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئېنىق بىلگلىك ئىدى.

ئۇ مۇناسىۋەت ئاخىرلاشسىلا، ئۇلارنىڭ ئۆز يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

شۇڭا، ئۇنىڭ ئاندا - ساندا يېقىنچىلىق قىلىشىنى، ياردەم قىلىشىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا چەتكە قاقاتتى.

ئۇ يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ قەلبىگە مۇستەھكەم سېپىل بەرپا قىلدى، ھېچكىمنى كىرگۈزمىدى، ئۆزىمۇ سىرتقا چىقمىدى.

پەقەت شۇ تاپتا، ئۇ تۇيۇقسىز ئازراق گاراڭ بولۇپ قالدى.

-تۇيۇقسىز مېنى بۇنداق قۇچاقلاپ، مېنى سۆيسۇن دېمەكچىمۇ؟

گۈلزىرە تەسىرلىنىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى.

قەيسەر دەرھال ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا، يۈزىنى كۆتۈرۈپ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ سۆيدى.

ئۇلارنىڭ بۇ كۆرۈنۈشنى شەمىسيەنى قورشىۋالغان مەلۇم بىر مۇخبىر سۈرەتكە تارتىۋالدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章