يولدىن چىققان ئايال 🧡 14-قىسىم (ئەپچىدە 26-قىسىمغىچە)

文摘   2024-08-28 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟- قەيسەرنىڭ غەزەپتىن كۆزلىرى قانغا تولۇپ كەتكەن ئىدى.

-قەيسەر مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ، -گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئالدىغا باردى، ئەمما قەيسەر ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى.  قەيسەر ئۇدۇل جالالنىڭ ئالدىغا باردى ۋە ئۇنىڭ ياقىسىدىن سىقىپ تۇرۇپ:

-جالال، سەن ھەقىقەتەنمۇ بۇرنۇڭغا يېمەيدىغان نېمە ئىكەنسەن؟ مەن ساڭا نەچچە رەت دېدىم، مېنىڭ  قىز دوستۇمدىن  يىراق تۇر دەپ؟

-سېنىڭ قىز دوستۇڭ؟ -جالال شۇنداق دەپ سورىغىنىچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:

-قەيسەر باش دىرېكتور بۇ يەردە بىرەرسى ئۇقۇشماسلىق بارمۇ قانداق؟

-جالال، مەن ساڭا دەپ قوياي، ئەلفىرە مېنىڭ قىز دوستۇم، ئەگەر ئۇنىڭغا يەنە بىر رەت چېقىلىشقا پېتىنىدىكەنسەن  چۇقۇم ئۆزۈڭ ئويلاپ باقمىغان بەدەل تۆلەيسەن.

قەيسەر بايا ئارام ئېلىش ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن مۇراسىم زالى ئىچىدە گۈلزىرەنى بىر ھازا ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تاپالمىغان ئىدى. مۇلازىمدىن سورىسا مۇلازىم گۈلزىرەنىڭ ئارقا  باغدا ئىكەنلىكىنى قەيسەرگە ئېيتتى، قەيسەر ئارقا ھويلىغا چىققاندىن كېيىن جالالنىڭ گۈلزىرەنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى كۆردى.

-ئەلفىرە؟ - جالال بارغانسېرى  ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كېتىۋاتاتتى، -قەيسەر باش دېرىكتور، سەن خاتا چۈشىنىپ قاپسەن؟ ئاڭلىسام بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىڭمىش، مەن مۇراسىم زالىغا كىرمەكچى بولۇپ ئارقا ھويلىغا كىرۋىدىم ،  ئەلفىرە خانقىز يولۇقۇپ قالدى.

-يوقال!-دېدى قەيسەر.

-قەيسەر باش دېرىكتور، ئۇنداقتا كېلەر قېتىم پۇرسەت بولسا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا خاتالىقىمنى توناي، -دېگىنىچە جالال كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى.  گەرچە قەيسەر گۈلزىرەنىڭ  ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ  جالال بىلەن گۈلزىرەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خېلىلا چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ئىدى.  قەيسەر گۈلزىرەنى خېلى چۈشىنەتتى. ناۋادا گۈلزىرە ئۆزىنى ياقتۇرۇپ قالسا چۇقۇم ئۇنىڭغا  ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى  ئىزھار قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلزىرەنىڭ بالام بار، دېگەن بۇ ئىشى بولسا  ئەينى چاغدا ئۆزىنى رەت قىلىش ئۈچۈن دېگەن بىر قېتىملىق باھانە سۆز خالاس، ناۋادا ئۇنىڭ راستىنلا بالىسى بولغان بولسا گۈلزىرە قانداقمۇ قەيسەر بىلەن بۇنچىۋالا چوڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىمۇ قوشۇپ ئالداشقا پېتىنالىسۇن؟ مەن گۈلزىرەنى چۇقۇم قولغا كەلتۈرىمەن ئۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن. بۇ چاغدا گۈلزىرە تېخىچە جىددىيلىشىۋاتاتتى، قەيسەرنىڭ بايا جالال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دېيىشىۋاتقان گەپلەرنى زادى قانچىلىك ئاڭلىغانلىقىنى بىلمەيتتى. گۈلزىرە يەتتە يىل ئاۋالقى بۇ ئىشلارنى قەيسەرگە بىلدۈرۈشنى خالىمايتتى. شۇنىڭ بىلەن گۈلزىرە دەرھال بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قەيسەرگە تىكىلىپ قارىمىدى.

-بۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىر نېمە كېلىپ يەنە سىزگە مۇشۇنداق چاپلىشىۋالسا چۇقۇم ماڭا دەڭ، -دېدى قەيسەر.  بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۈلزىرە بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ قالدى، قارىغاندا قەيسەر پەقەت جالالنىڭ   قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋالغانىنى كۆرگەن ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدى.

-سىز پەقەت ئۇنىڭ ماڭا چاپلىشىۋالغانلىقىنىلا كۆردىڭىزمۇ؟

-ئۇ يەنە سىزگە نېمە قىلدى؟

-ھېچنېمە، ھېچنېمە-، دېگىنىچە گۈلزىرە قولىنى پۇلاڭلاتتى. ئەمما گۈلزىرە يەنىلا قەيسەردىن:

-سىز بايا ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟

-ئۇ سىزگە تەلەپ قويمىغاندۇ- ھە؟

 -ياقەي، -دېدى گۈلزىرە. ئۇ ئەمدى ھەقىقەتەن خاتىرجەم بولغان ئىدى، ئاندىن ئۇ چىرايىغا زورلاپ كۈلكە يۈگۈرتۈپ:-بۇنىڭدىن كېيىن جالالنىڭ ماڭا يېقىنلىشىشىغا ھەرگىز پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرمەيمەن. -ماقۇل، يۈرۈڭ ئەمىسە مۇراسىم زالى ئىچىگە كىرەيلى.

 -ماقۇل.

 ئىككەيلەن ئەمدىلا مۇراسىم زالى ئىچىگە كىرىشىگە، گۈلزىرە بىرەيلەننىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى، بۇ يەردە يىغلاۋاتقان زادى كىمدۇ؟ گۈلزىرە قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. راستىنلا بىرەيلەن يىغلاۋاتاتتى.

-سىز كىرىپ كېتىۋېرىڭ، مەن كەينىڭىزدىنلا كىرىمەن.

قەيسەر نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىماقچى بولۇپ گۈلزىرەگە قارىدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئىلھام چىقىپ مومىسىنىڭ قەيسەرنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. قەيسەر جىق ئويلىمايلا مۇراسىم زالى ئىچىگە كىرىپ كەتتى.  گۈلزىرە ئارقا ھويلىدىن چىقىپ گۈللۈككە باردى، گۈللۈكنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر ئايال يىغلاۋاتاتتى. گۈلزىرە گۈللۈك تەرەپكە قاراپ ماڭغانسېرى يىغا ئاۋازى بىلەن يېقىنلىشىۋاتاتتى. گۈللۈكنىڭ كەينى تەرىپىدە بىر ئايال قىپ يالىڭاچ ھالەتتە يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئايال قارىماققا ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدا كۆرۈنەتتى. گۈلزىرە بوش ئاۋازدا ئايالدىن:

-ياخشىمۇ، سىز بىرەر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىدى. ئايال ئالدىدا تۇرغان گۈلزىرەنى كۆرمىگەندەك نۇرسىز كۆزلىرىنى بىر جايغا تىكىلىپ تۇراتتى:

-سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟

-ھاھاھاھا-، ئايال تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ توختىماستىن بىر نېمىلەرنى دېيىشكە باشلىدى.  گۈلزىرە ئۇنىڭغا قارىدى، ئايال تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە قارىغاندا نېرۋىسى ئاجىزدەك، قارىماققا ئەمدىلا ئوتتۇزدىن ئاشقاندەك كۆرۈنەتتى. ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭماقچى بولدى، ئەمما دەل شۇ ۋاقىتتا بىر ئىت  يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە ئايالغا قاراپ بىر نەچچە قېتىم قاۋىدى.  ئايالنىڭ بايىقى نېرۋىسى ئاجىزدەك كۆرۈنگەن چىرايى تۇيۇقسىزلا مۇلايىملاشتى. ئۇ ئىتنى كۆتۈرگىنىچە قۇمۇشتىن ياسالغان كىچىك ئۆينىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كەتتى. گۈلزىرە گەرچە كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قىزىققان بولسىمۇ، ئەمما قەيسەرنىڭ ئائىلىدىكىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ تىخى بىر يات ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن  بۇ ئىشلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرۈشتە قىلىشنى توغرا كۆرمىدى. ئەمما گۈلزىرە ئەمدىلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كەتمەكچى بولغىنىدا ھېلىقى ئايال  چىرقىراپ كەتتى. گۈلزىرە دەرھال كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئايال تەرەپكە  قارىدى بۇ چاغدا ئايال بىر نەرسىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەندەك تۇرغان جايدا تىزلىنىپ ئولتۇرغىنىچە بېشىنى قوش قوللاپ چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان ئىدى. ئايالنىڭ ئالدىدىكى ئىت بولسا  ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ توختىماستىن بەدىنىنى سىلكىپ سۇلارنى چاچرىتىۋاتاتتى. گۈلزىرە ئىتنىڭ ئالدىدا تۇرغان بىر جاۋۇردىكى سۇنى كۆردى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ ئايال ئىتنى  يۇيۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك تۇراتتى، ئەمما زادى نېمە ئىش بولغاننى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدى. گۈلزىرە قورقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئايال تەرەپكە يېقىنلاشتى. ئۇ تۇيۇقسىز ئايالنىڭ ئۆزىگە:

-ماڭا يېقىن كەلمە، يېقىن كەلمە-دېگەن تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدى.  گۈلزىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئايال تەرەپكە قارىدى. قۇياش نۇرى ئايالنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەدىنىگە ھېچ ھارارەت چۈشىۋاتقاندەك قىلمايتتى. تۇيۇقسىز گۈلزىرەنىڭ ئېسىگە ئالتە يىل ئاۋالقى كۆرنۈش كەلدى. ئالتە يىل ئاۋالقى شۇ كۈندە گۈلزىرە ئەلدارنى  تۇغقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان  بولۇپ. ئۇ چاغلاردا گۈلزىرە  سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، گۈلزىرە  ئۆيگە قايتماقچى بولۇپ تىقىپ  ئاران يىغقان مىڭ يۈئەن پۇلنى دەل شۇ كۈنى  ئوغرى ئېلىۋالغان ئىدى. ئوغرىنى بىر ھازا قوغلىغان بولسىمۇ،  ئۇلار يېتىشەلمىگەن ئىدى، ئادەم ئاز بىر كوچىغا كەلگەندە ھېلىقى ئوغرىلار گۈلزىرەنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى:

-جاندىن تويغان ئوخشىمامسەن؟ -ئۇلارنىڭ شۇ بىر ئېغىز گېپىدىن گۈلزىرە جالاقلاپ تىترەپ كەتكەن ئىدى، خۇددى ھازىر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ ئايالغا ئوخشاش شۇ چاغلاردا گۈلزىرە ئوغرىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ ئېسىگە ئەلدارنى ئالغان ئىدى. ناۋادا مەن يارىلىنىپ قالسام ئەلدارىنى كىم باقىدۇ؟ بىرەر كېلىپ بۇ ئوغرىلارنى قوغلىۋەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى. بەلكىم ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايالمۇ مەندەك ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

-قورقماڭ مەن سىزگە زىيانكەشلىك قىلمايمەن-، دېدى گۈلزىرە مۇلايىملىق بىلەن ئالدىدا تىتىرەپ  تۇرىدىغان ئايالغا قاراپ. گۈلزىرەنىڭ مۇلايىم ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئايالدا قارشىلىق ئىنكاسى پەيدا بولمىدى، ئەمما ئۇ يەنىلا توختىماستىن تىترەۋاتاتتى. گۈلزىرە جايىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن يەنە ئايالغا:-سىز ئىتنى يۇيماقچى بولغانىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ قورقماڭ مەن سىزگە ياردەملىشىپ ئۇنى يۇيۇشۇپ بېرەي. مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئىت بېقىپ باققان.

 ئاندىن گۈلزىرە يەردىن ئىتنى ئېلىپ كۆتۈردى ۋە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۇتۇپ كۆرۈپ باققاندىن كېيىن سۇنى مۇلايىملىق بىلەن ئىتنىڭ ئۈستىگە قويۇشقا باشلىدى. ئىت گەرچە باشلىنىشتا يۇيۇنۇشقا قوشۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما  گۈلزىرەنىڭ مۇلايىم، ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنى سىلاپ سىپاشلىرى ئۇنى نارازىلىقتىن توختاتقان ئىدى. ئىت گۈلزىرەنى پۇرىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنى ئەركىن ھالەتتە قويۇپ بەردى. گۈلزىرە ئىتنى  يۇيۇندۇرىۋاتاتتى. يىراقتا ئولتۇرغان ئايال تۇيۇقسىز  گۈلزىرە تەرەپكە كەلدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلزىرەگە قولىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى  ئاتتى. ئايال گۈلزىرەنىڭ ئۆزىدىن قاچمىغانلىقىنى ۋە يەنە ئۆزىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-ئاز قالدى، ھازىرلا ئىتىڭىزنى يۇيۇپ بولىمەن -، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

-توپچاق، - بايا ئايال يۇقىرى ئاۋازدا يىغلىغان بولغاچقا ئۈنى پۈتۈپ كەتكەن ئىدى.

-توپچاق -، دىدى ئايال يەنە.

-سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز ئىتىڭىزنىڭ ئىسمى توپچاق، شۇنداقمۇ؟ بۇ ئىسىم بەك ئوماق ئىكەن.  بودەك ئىتىڭىزغا بەكمۇ يارىشىپتۇ.

ئايال گۈلزىرەگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى ۋە ئارقىدىنلا يەنە ئازاب قوينىغا  قايتا چۆمگەندەك قىلاتتى.

ئەجەبا بۇ ئايال توپچاقنى قۇچاقلاپ تۇرالمىغانلىقىدىن ئازابلىنىۋاتامدۇ؟ -دەپ ئويلىدى  گۈلزىرە.

-مەن توپچاقنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن سىزنىڭ چېچىڭىزنى ۋە يۈزلىرىڭىزنى يۇيۇپ قويسام بولامدۇ؟

ئايال كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىندى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى گۈلزىرەدىن ھېچ ئايرىلمىغان ئىدى، گۈلزىرە ئايالنىڭ ئۆزىگە ئىزچىل قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتاتتى.

- سىز بەك چىرايلىق ئىكەنسىز، سىزنى يۇيۇپ پاكىز قىلىپ قويسام، سىز چۇقۇم تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىسىز، -دېدى گۈلزىرە ئايالغا.

ئايال چىرايلىق دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يەنە كۆزلىرى يورۇپ كەتتى. ئەمما چىرايلىق دېگەن بۇ سۆز ئۆزىدىن بەكمۇ يىراقتىدىكىدەك ئۈمىدسىزلىنىپ جايىدا قىمىر قىلماستىن جىم تۇراتتى.

ئارىدىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئايال گۈلزىرەگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ئىدى. گۈلزىرە ئۇ ئايالنى گەپ قىلالمايدۇ دەپ ئويلىغان ۋاقتىدا ئۇ ئايال تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى :

-بولامدۇ؟ چىرايلىق بولامدۇ؟ ياق، يوق. چىرايلىقلىق ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتتى.

-ماڭا ئىشىنىڭ، سىز راستىنلا بەك چىرايلىق ئىكەنسىز، سىز مەن كۆرگەن خېلى جىق قىزلاردىنمۇ چىرايلىق. بۇنىڭدىن كېيىن يىغلىماڭ بولامدۇ؟ يىغلىسىڭىز كۆزىڭىز ئىششىپ كېتىدۇ، چاچلىرىڭىزمۇ قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. ناۋادا سىز يىغلىمىسىڭىز يۇيۇنۇپ تارىنىپ تۇرسىڭىز، ئاندىن راستىنلا چىرايلىق ھالىتىڭىزگە قايتالايسىز، -گۈلزىرە شۇلارنى دېگەچ توپچاقنى يۇيۇپ بولدى ۋە ئۇنى ئۆيگە ئەكىرىپ تۈكلىرىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن  ئايالغا سۇندى:

-سىلاپ بېقىڭە توپچاق پاكىز بوپتىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بەكمۇ خوش پۇراق بولۇپ كەتتى. تۈكلىرىمۇ باشقىچىلا  سىلىق  بولۇپ قالدى.

ئايال ئېھتىياتچانلىق بىلەن توپچاقنى قولىغا ئالدى. ئاندىن نېمىدۇر بىر نەرسىلەرنى خىيال قىلىۋاتقاندەك بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى.

-ناۋادا مەن سىزنى يۇيۇپ قويسام سىزمۇ چۇقۇم پاكىزە بولۇپ كېتىسىز. مۇشۇنداق مېزىلىك پۇراپ تۇرسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ يۈرۈڭ، مەن سىزنى يۇيۇپ قوياي، -دېگىنىچە ئايالنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇنى سۇخانىغا ئېلىپ كىردى. ئايالنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سۇخانىغا كىرگۈچە گۈلزىرە، بۇ ئايالنىڭ قەيسەرنىڭ تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى. ھۇجرا ئۆي پاكىز، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆيدىكى جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن يۇمىلاق شەكىلدە ئىدى. بەلكىم باشقىلار ئايالنى ئۆي سەرەمجانلىرىغا ئۈسۈپ يارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەنلەرنى ئويلىدى گۈلزىرە.

گۈلزىرە ئايالنى مۇنچىغا باشلاپ كىرگەندىن كېيىن ئاندىن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى سىناپ باقتى. ئايالغا قاراپ :

-سىز قورقماڭ، مەن ئاۋۋال چاچلىرىڭىزنى يۇيۇپ قوياي، سىز مۇشۇ يەردە  ئىگىلىپ ئولتۇرۇڭ، كۆزىڭىزنى چىڭ يۇمۇۋېلىڭ جۇمۇ-، دېدى.

ئايال گۈلزىرەنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدى دەل مۇشۇ چاغدا گۈلزىرەنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى.

تېلېفون قەيسەردىن كەلگەن بولۇپ، قەيسەر گۈلزىرەدىن بىر ئاز ئەنسىرەپ قالغاندەك تۇراتتى :

- سىز نەدە؟

- مەن... -گۈلزىرە گەرچە قەيسەرنىڭ رەنجىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا راستچىللىق بىلەن :

- مەن ھازىر  گۈللۈكنىڭ كەينىدىكى كىچىك ئۆيدە، مۇشۇ ياقتىن چىقىۋاتقان بىر يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەرگە كېلىپ قاراپ باقاي دەپ...

- تۇرغان جايىڭىزدا جىم تۇرۇڭ مىدىرلىماڭ، مەن ھازىرلا بارىمەن -، قەيسەر ناھايىتى جىددىي تېلېفوننى قويىۋەتتى ۋە مۇراسىم زالىدىن  چىقىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章