يالغان ئەر خوتۇن 🧡 11-قىسىم

文摘   2024-08-31 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگە ئۆي ئىچىدىكى سېسىق پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. بۇ ئېنىقلا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ پۇرىقى ئىدى. كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك ئىنتىزارنىڭ ئىسمىنى چاقىرغىنىمچە ئاشخانا ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردىم، گاز ئوچاقنىڭ ئۈستىگە قازان ئېسىقلىق بولۇپ ئوچاقنىڭ گاز كۇنۇپكىسى ئېچىغلىق بولغاچقا گاز چىقىپ تۇراتتى. مەن دەرھال گاز تۇرۇبا يولىنى ئېتىۋېتىپ ئۆينىڭ ئىشىك دەرىزىللىرىنى تامام ئېچىۋەتتىم، لىكىن شۇنچىلىك چاقىرساممۇ؟ ئىنتىزاردىن سادا يوق ئىدى. مەن ياتاق ئۆيگە يۈگۈرگەچ ئۇنىڭ ئۆيىدە يۇق بولۇپ قېلىشىنى تىلىدىم. ياتاق ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئىتتىرىسەم ئىچىدىن تاقاق ئىدى. ئېنىقلا بۇ ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدە بارلىقىنى بىلدۈرەتتى. قورققىنىمدىن تىترەپ يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالدى. پېشانەمدە ئۇششاق تەر دانچىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئىنتىزارنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاچ ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتەردىم، لىكىن ھەرقانچە قىلساممۇ ئىشىكنى ئاچالمىدىم. ۋاقىت ئۈتۈپ كەتسە بۇلمايتى. ئۇنىڭ ئۆلۈك ۋە تىرىكلىكى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى. ئەمدى ئىشىكنى بۇزۇپ كىرمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. مەن بارلىق كۈچۈمنى چىقىرىپ ئىشىكنى كۈچەپ تەپتىم. بىرنەچچە قېتىم تەپكەندىن كېيىن ئىشىكنىڭ بىر تەرىپى ئاجىراپ قۇل پاتقۇدەك تۈشۈك ئېچىلدى، تۈشۈكتىن قۇلۇمنىى تىقىپ ئىىشىكنى ئېچىپ ئۈيگە كىرىپ ئۈي ئىچىدىكى مەنزىرنى كۈرۈپ يۈرۈكۈم«قارتتىدە»قىلىپ قالدى، چۇنكى ئىنتىزار قىپقىزىل ئۇخلاش كىيىمى بىلەن يەردە ياتاتتى. ئۇخلاش كىيىمىنىڭ ئالدى ئېچىلغان بۇلۇپ ئۇياتلىق يەرلىرىنى كىچىككىنە كالتە ئىشتىنى تۇسۇپ تۇراتتى، لىبىر تاقىمىغان بۇلۇپ ياشلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان قوش مۇشتۇمدەك كۆتۈرلۈپ تۇرىدىغان ئىككى كۆكسى مانا مەن دەپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. مەن تۈكۈرۈكۈمنى غۇرت قىلىپ يۇتۇۋېتىپ تېزلىك بىلەن ئۇنىڭ بۇرنىغا قولۇمنى ئىلىپ باردىم. ۋە«ئۇھ!!!» دەۋەتتىم چۈنكى ئۇنىڭ ھەر ھالدا ئاجىز بولسىمۇ نەپسى بار ئىدى. مەن دەرھال يېنىمدىن تېلېفونىنى چىقىرىپ جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىۋەتتىم. ۋە ئۇلار كېلىپ بولغۇچە ئارىلىقتا ياتاق ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئېچىۋىتىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرغۇچ بىر ئىستاكان سۈتنى ئۇنىڭ بېشىنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئاغزىنى ئېچىپ ئاز-ئازدىن ئىچۈرۈپ تۈگەتتىم. ئەگەر بۇ ھادىسە يۈز بەرمەي ئۇنىڭ قۇچىقىدا مۇشۇنداق يېتىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.

جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ ھايال بولمايلا يېتىپ كېلىپ نەق مەيداندىلا ئۇنىڭ ئاغزى -بۇرنىغا نەپەسلىنىش نەيچىلىرىنى ئورناتقاندىن كېيىن ئۇنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقىپ مەن بىلەن بىرلىكتە دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتۇق. مەن يولدا ماڭغاچ دادىسى مەردان لىدىرغا تېلىفۇن ئۇرۇپ بولغان ئىشنى خەۋەر قىلدىم، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى سىگنالىنى ياڭرىتىپ بىردەمدىلا دوختۇرخانىغا كىرىپ كەلدى، ۋە ئىنتىزارنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىلىپ كىرىپ كەتتى. مەن بولسام سىرتتا خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك جايىمدا تۇرالماستىن جىددىيلىشىپ جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۇياقتىن -بۇياققاماڭاتتىم.

گەرچە دوختۇرلارنىڭ ئۇنى قۇتۇلدۇرۋالدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىدا ئۆزەمنى سەۋەبچى دەپ، ئۆز- ئۆزەمنى تەنقىدلەۋاتاتتىم،

چۈنكى ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كۆڭلىنى ئۇتىمەن دىيىشىم ئۇخلاپ چۈشۈم ئىدى. مانا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بىر نەچچە كۈن بولا- بولمايلا مەن ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. سانىيەگە قۇيرۇقۇمنى تۇتقۇزۇپ قۇيدۇم، ئىنتىزارنىڭ تاغىسىدىن بىر مۇنچە تەنبىھ ئاڭلىدىم، ئەمدىلىكتە ئىنتىزار گازدىن زەھەرلىنىپ قالدى، خۇددى يۇشۇرۇن بىر كۈچ مىنىڭ يۇلۇمنى تۇسۇپ ماڭا تۇسقۇنلۇق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئەسلىدە مەن ناھايتى خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان ئادەم ئىدىم،

قاچاندىن باشلاپ ئىنتىزار بىلەن تۇي قىلىشقا پۈتۈشتۈم، ئىشلار شۇنىڭدىن كىيىن باشلىنىشقا باشلىدى، گەرچە ئىنتىزار ھاكاۋۇردەك كۈرۈنگەن بىلەن ئەملىيەتتە ئۇنىڭ ناھايتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم، چۇنكى ئۇنىڭ يىقىن ئۈتىدىغان بىرەر دۇستىمۇ يۇق، نىمىشقىكىن ئۇنىڭ دادىسى بىلەن بۇلغان ئىتىپاقىمۇ ياخشى ئەمەس، خۇددى ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرسىدا بىر تام باردەكلا…

-قىزىم قېنى؟ ئۇنىڭغا زادى نىمە بۇلدى؟ -دىدى ھاسىراپ- ھۆمىدەپ يېتىپ كەلگەن مەردان لىدىر ماڭا گۇمان نەزىرى بىلەن قاراپ.

-شۇ، شۇ …مەن ئاخشام. ئۈيىگە كەلمىگەن…

-نېمە!!! ئۆيىگە كەلمىگەن؟ تېخى ئالدىنقى كۈنى تويۇڭلار بولۇپ ئاخشام ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ سىرتتا يۈردۈم دەڭ؟ بۇ سىز قانداق. …-دېدى ئۇ خۇددى مېنىڭ گېپىمنىڭ ئايىغىنى ئۈزۈپ قويغاندەك، ئۆزىنىڭ گېپىنى توختىتىۋېلىپ. گەرچە ئۇ ئېغىزدىن چىقارمىغان بولسىمۇ. ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ھەرقانداق ئادەم بىلىۋالالايتتى. ئۇنىڭ توختىماي جىددىي قۇتقۇزۇش بۈلۈمگە قاراپ ئۇياق- بۇياققا مېڭىپ بىر ئورنىدا جىم تۇرمىغانلىقىدىن مەندىنمۇ بەكراق جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

-سىزگە دەپ قۇياي قىزىمغا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا مەندىن ئوڭايلىقچە قۇتۇلالمايسىز. ياخشىسى قىزىمغا ھېچ ئىش بولماسلىقىنى تىلەڭ! -دېدى ئۇ زەردە بىلەن. ئەزەلدىن شىركەتتە مۇلايىم كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمنىڭ بۈگۈن باشقىچە قىياپىتىنى كۈرۋاتاتتىم، بەلكىم ئۇ قىزىغا چىدىمايۋاتقانلىقىدىن شۇنداق قىلسا كېرەك؟ مەن خۇددى مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا تاپشۇرۇق ئىشلىمەي تەنقىتلىگەن ئوقۇغۇچىدەك بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئىچىمدە ئىنتىزارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيدىن تىنچ -ئامان چىقىشىنى تىلىدىم، قېرىشقاندەك ئارىدىن بىر سائەت ۋاقىت ئۆتسىمۇ كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ بىرەرسىمۇ چىقاي دىمەيتى. گەرچە تەرىتىم قىستاپ ئۇنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ تۇرساممۇ ئاقىۋەتتە بەرداشلىق بېرەلمەي تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم، ۋە تازىلىق ئۆيىگە ئاز قالغاندا ئالدى تەرەپتە قۇلىدا بىر ۋاراق قەغەزنى كۈتۈرۈپ كىتىپ بارغان تۇنۇش بىر قىزنى كۈرۈپ قالدىم ۋە دىققىتىمنى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتۈردۈم. ئۇ قىز باشقا بىرسى ئەمەس دەل سانىيە ئىدى،

ئۇنىڭ بۇنداق ۋاقىتتا دوختۇرخانىدا پەيدا بولۇشى مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغان ئىدى، «ئۇ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلگەندۇ؟ قارىغاندا ئىنتىزارنىڭ ئىشىنى ئاڭلىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا ئۇنىڭ قۇلقى ھەقىقەتەن ئۇزۇنكەن. لىكىن ئۇ بۇ يەرگە نېمە ئىش قىلغىلى كېلىدۇ؟ بۇنىڭدا چوقۇم بىر مەسىلە بار!ئەگەر ئۇنىڭ كېلىشى تۈنۈگۈنكى ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلسا، ئۇنى بۇ نىيىتىدىن ياندۇرۇشۇم كېرەك؟ »- مەن شۇلارنى خىيال قىلىپ چاندۇرماستىن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم، سانىيە ئازراق مېڭىپلا سۇل تەرەپتىكى ئىشىك بېشىغا«ئاياللار بۈلۈمى »دەپ يېزىلغان ئۈيگە كىرىپ كەتتى، ئىشىك قىيا ئۇچۇق بۇلۇپ ئايال دۇختۇر بىلەن بىر نىمىلەرنى دەپ پاراڭلاشقاندىن كىيىن دۇختۇر ئۇنىڭغا كىچىك بىر قۇتىنى بەردى، مەن بۇ قۇتىنىڭ نىمە دۇرا ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ سانىيەنىڭ بىر ئىشتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ئىشىكتىن چىقىشىغا ئۈزەمنى چەتكە ئېلىپ ئۇنى كۈزەتتىم، ئۇ قۇتىنى قۇللىرى بىلەن يۇشۇرۇپ تازلىق ئۈيىگە كىرىپ كىتىپ ھايال بۇلمايلا يېىنىپ چىقىپ يەنە ھېلىقى دۇختۇرنىڭ قېشىغا كىرىپ كەتتى، مەن شۇندىلا ئۇنىڭ كىچىك تەرىتىنى تەكشۈرتمەكچى بۇلغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم.

«لىكىن ئۇ نىمىشقا كىچىك تەرىتىنى تەكشۈرتىدۇ. ئۇ كىسەلمۇ قانداق؟ ياكى…»-مىنىڭ خىيالىمنى ئىچىدىكى ئايال دۇختۇرنىڭ ھاياجاندا ئېيتقان گىپى ئۈزىۋەتتى،

-مۇبارەك بۇلسۇن سىڭلىم، ئانا بۇلغۇدەكسىز!

-نىمە !!! دۇختۇر خاتالىشىپ قالمىغانسىز؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، -سانىيە شۇنداق دىگىنىچە قيا ئۇچۇق تۇرغان ئىشىكنى يېپىۋەتتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاشقا مۇمكىن بۇلماي قالدى، لىكىن شۇنداقتىمۇ ئاڭلىغانلىرىم يىتەرلىك ئىدى،

چۇنكى بىر قىزنىڭ تۇي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بۇلۇپ قالغانلىقىنى قانداق چۈشۈنىمىز؟ بۇنىڭدا ئېنىق ھۈكۈم قىلىشقا بۇلىدۇكى، سانىيە ئاشنا ئۇينىغان. ياكى بۇلمىسا مۇھەببەتلىشىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن. ئاۋال ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشىم كىرەك، چۇنكى ئۇ دۇختۇرخانىدىن چىقىپلا قارشى تەرەپكە تېلېفون قىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىگە چۈشكەندىلا كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمەن سانىيەنىڭ كۈرەڭلەپ يۈرگىنىگە قارىغاندا بۇ ئادەم بۇش ئادەم ئەمەس، لىكىن ئىنتىزار تېخىچە جىددى قۇتقۇزۇشتىن چىقمىدى، مەن چىقىپ كەتسەم تازا ياخشى بۇلمايدۇ، مەن چىقىپ كىتىپ ئۇ ھۇشىغا كەلگەن تەقدىردە مەندىن بىر ئۈمۈر نەپرەتلىنىدۇ، چۇنىكى مەن نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇنىڭ ئاتاقتىكى يۇلدىشى، بۇ ئىككىمىزنىڭ ئۇتتۇرسىدىكى سىر بۇلغان بىلەن باشقىلار ئىككىمزنى ھەقىقى ئەر-خۇتۇن دەپ بىلىشىدۇ، لىكىن ئىنتىزارنىڭ ھۇشىغا كىلىشىنى ساقلاپ سانىيەنىڭ ئىزىغا چۈشمىسەم. بۇنداق پۇرسەت ئەمدى كەلمەيدۇ، لىكىن قانداق قىلىش كىرەك؟

مەن قانداق قىلىشىمنى بىلمەي سانىيەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ دۇختۇرخانىدىن سىرىتقا ماڭدىم، جىددى قۇتقۇزۇش بۈلۈمىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە مەردان لىدىر كۈرۈنمەيتى قارىغاندا قۇتقۇزۇش مۇۋەپپىقيەتلىك بۇلۇپ ئىنتىزارنى ياتاققا ئۇرۇنلاشتۇرغاندەك قىلاتتى، تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئەقىل كىلىپ تۇرسۇنئايغا تېلىفۇن قىلدىم، ئۇ دەرھاللا تېلېفوننى ئالدى.

-ۋەي زىيا قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئىنتىزارنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ مەنمۇ تېخى باياتىن خەۋەر تاپتىم، -دېدى ئۇ مەندىن بۇرۇن ئەھۋال سوراپ.

- ئىشلا ياخشى ئەمەس !ماڭا سىزنىڭ ياردىمىڭىز لازىم بولۇپ قالدى.

-ئادەمنى قورقۇتماڭ. زىيا! ئىنتىزارغا ئۇ…

-گېپىمنى ئاڭلاڭ! ئىنتىزار. ياخشى لىكىن ئىككىمىزنىڭ ئىشى ياخشى ئەمەس. ئالدىنقى قېتىم بىز ئايرىمخانىدا يېقىنچىلىق قىلغان ۋاقتىمىزدا سانىيە ئىككىمىزنىڭ ئىشلىرىنى مەخپىي سىنغا ئېلىۋاپتىكەن ھازىر شۇنى دەسمايە قىلىپ ماڭا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. لىكىن مەن بۈگۈن ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكنى بايقاپ قالدىم. ھازىر مەن ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈۋاتىمەن. سىز تېزدىن دوختۇرخانىغا كېلىپ ئىنتىزارغا ھەمراھ بۇلغاچ «مېنى ساقچىخانىدا بولغان ئىشلار توغرۇلۇق ساقچىلاپپپغا ماسلىشىپ ماتىريال قالدۇرغىلى تۇرۇپتۇ». دەپ قۇيۇڭ! مەن ئىشىمنى تۈگىتىپ تېزلا قايتىمەن!-دېدىم جىددىيلىك بىلەن.

-نېمە دەيدىغانسىز زىيا؟ قانداقسىگە بىزنىڭكى ئۇ ئىشلارنى …بۇ مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ -قارىغاندا، تۇرسۇنئاي مەندىنمۇ بەكرەك جىددىيلەشكەندەك تۇراتتى.

-مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق تۇرسۇنئاي. ئۇ ھەممە ئىشتىن خەۋەردار ئىكەن.

بۇ ئىشلارنى ئىنتىزار ئاڭلىسا ھېچقىسى يوق، لېكىن مەردان لىدىر ئاڭلاپ قالسا چاتاق بولدى. شۇڭلاشقا ۋاقتىدا كونتىرول قىلىشىم كېرەك؟ سىز ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ قۇيۇڭ!-مەن شۇنداق دېگىمچە ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا تىلىفۇننى قۇيىۋەتتىم،

مىنىڭ پەرەز قىلغىنىم توغرىكەن سانىيە دوختۇرخانىدىن چىقىپلا بىرسىگە تېلېفون قىلغاندىن كىيىن يول بويىدىكى توختىتىپ قويغان ماشىنىغا چىقىپ شەھەر ئىچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مەنمۇ كەينىدىنلا بىر كىچىك كىرا ماشىنىسىنى توسۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. سانىيە بىر قانچە كۇچىلاردىن ئەگىپ شەھەر مەركىزنى بېسىپ ئۈتكەندىن كىيىن شەھەر سىرتىدىكى يېڭىدىن سېىلىنىپ قۇرۇلۇش تۇختىتىپ قۇيغان بىنانىڭ قېشىغا كىلىپ تۇختىدى. مەن قارا كۈرۈنۈش يىراقتىن ماشىنى تۇختۇتۇپ كىرا ماشىنىسىنى قايتۇرۋەتكەندىن كېيىن. ئايلىنىپ بىنانىڭ كەينىگە ئۆتكەندىن كېيىن كەينى تەرەپتىكى تېخى پۈتمىگەن دېرىزىدىن بىنا ئىچىگە كىرىپ ئىككىنچى قەۋەتتىن ئۇنى كۆزەتتىم. سانىيە ماشىنىدىن چۈشۈپ يېنىدىن تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ چېكىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن بەكلا جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

ھايال بۇلمايلا يىراقتىن «nissan»ماركىلىق قارا ماشىنىدىن بىرسى تۇپا تۇزۇتۇپ يىتىپ كىلىپ سانىيەنىڭ ماشىنىسىنىڭ يېنىغا تۇختىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچىن ئوتتۇرا بوي، ئۇستىخانلىق. تۆمۈر رەڭ، كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىۋالغان بىر ئادەم چۈشۈپ كەلدى، مەن بىر قاراپلا بۇ ئادەمنى تونۇپ قالدىم، بۇ ئادەم باشقا ئادەم بۇۇلماستىن مۇشۇ شەھەردىكى «سودا -سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ»باشلىقى خالىق ئىدى، بۇ شەھەردە ھەرقانداق يەككە تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلار ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ تۇراتتى. قايسى تىجارەتچى ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيسا بۇ شەھەردە تىجارەت قىلالمايتتى. چۇنكى بۇ ئىدارە شەھەردىكى ھەرقانداق چۇڭ-كىچىك كارخانا. يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ، رويخەتكە ئېلىش ھەم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بۇلغاچقا تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىق تىىجارەتكە قارىتا ئىشلاردا ئۇنى ئىزدەيدىغانلار كۈپ ئىدى، مەردان لىدىرمۇ ئۇنىڭ ھۈرمىتىنى بەكلا قىلاتتى،

-مىنى نېمىگە ئىزدىگەنتىڭىز؟ مەن سىزگە مېنى قالايمىقان ئىزدىمەڭ دېمىگەنمىدىم. ئەگەر ئىككىمىزنىڭ خۇپىيانە مۇناسىۋىتى بارلىقى ئاشكارلىنىپ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىكىلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ئۇقامسىز؟ خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قالماق. تۈگۈل بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىم تۈرمىدە ئۆتىدۇ. ئۇ چاغدا سىزگىمۇ ئامانلىق يوق!گېپىڭىز بولسا تىز دەڭ!-دىدى ئۇ سانىيەنىڭ ئالدىغا كىلىپلا.

مەن ئالدىدىن تۈزگەن پىلانىم بۇيىچە تېلفۇنۇمنى چىقىرىپ ئۇلارنى سىنغا ئېلىشنى باشلىغان ئىدىم. ئەتىراپ جىمجىت بۇلغاچقا ئۇلارنىڭ گەپلىرى ئۇچۇق ئاڭلىنىپ تۇراتتى،

-مەن… شۇ، ھامىلدار بولۇپ قاپتىمەن، -دېدى سانىيە قولدىكى ھامىلىدارلىق ئىسپاتىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ.

-نېمە؟ ھامىلدار بوپ قاپتىمەن، سىزگە دەپ قوياي. خانقىز!شۇنداق دەپ مەندىن نىمىگە ئىرىشمەكچى؟ سىزنىڭ مەندىن ھامىلدار بوپ قالغىنىڭىزغا قانداق ئىسپاتىڭىز بار؟ بەلكىم ئۇ باشقىلارنىڭ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن؟ -دېدى خالىق مەنسىتمەسلىك بىلەن تاماكىسىنى چىقىرىپ تۇتاشتۇرغاچ، ئەلۋەتتە بۇنداق ئادەملەرھەر جەھەتتىن پىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ھەر قانداق شارائىتتا بولسۇن، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشنى بىلەتتى.

-نېمىلەرنى دەۋاتقانسىزخالىق ئاكا!مەن ئەزەلدىن سىزدىن باشقا بىرەرسى بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ھېلىقى ۋەدە قىلغان ئىشلارنى تېخى ماڭا ئورۇنلاپ بەرمىدىڭىز، سىز ۋەدە قىلغاچقىلا مەن سىز بىلەن بىرگە بۇلۇشقا قوشۇلغان ئىدىم، ئەگەر سىز ھازىرقىدەك ئىسپات تەلەپ قىلسىڭىز، ئەلۋەتتە ئىسپاتنى سىزگە كۆرسىتەلەيمەن. چۇنكى كونىلارنىڭ«قورسىقىڭنىڭ ئاغىرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقما!»دېگەن گېپى بار. ئەگەر مەن ئىسپات توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىپ قالسام كېيىنلىكىڭىز ياخشى بولماي قالارمىكىن؟ بىرىنچى بولۇپ ئايالىڭىز ئۇقىدۇ. ئۇ چاغدا سىز بىلەن چەك- چېگرىنى ئايرىماي قالارمۇ؟ ئۇنىڭ كەينىدىن سىلەردەك چىرىك پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەتىدىكىلىرى بىلەن كۆرىشىمەن. ئۇ چاغدا ئىشىڭىز قانداق بولار؟ كاللىڭىزنى ئىشلىتىڭ خالىق ئاكا! قورسۇقۇمدىكى سىزنىڭ پۇشتىڭىز. ئەگەر چىرايلىق مەسلىھەتلىشىشكە كېلىشسىڭىز بىز بۇرۇنقىدەكلا ياخشى مۇناسىۋىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز بۇ بالىنى لايىقىدا بىرتەرەەپ قىلىمىز! ئەگەر قوشۇلمىسىڭىز رەقىبكە ئايلىنىمىز!كونىلارنىڭ« بىر دوستۇڭ كۆپەيسە. بىر دۈشمىنىڭ ئازىيىدۇ» دىگەن گىپى بار، قېنى تاللاش ئۆزىڭىزدە. رەقىب بولغۇڭىز بارمۇ؟ ياكى دۈشمەن بولغۇڭىز بارمۇ؟ -دىدى سانىيەمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دادىل تۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەھدىتىدىن خالىق ئانچە بەك جىددىيلىشىپمۇ كەتمىدى، نىمىلا دىگەن بىلەن ھەر جەھەتتىن پىشىپ يىتىلگەن-دە، لىكىن ئۇنىڭ ئىدىيسىدە داۋالغۇش بۇلىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ شۇراپ چىكىۋاتقان تاماكىسىدىنلا كۈرۈۋالغىلى بۇلاتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章