قارا كۆڭۈللەر 🧡 19-قىسىم

文摘   2024-08-30 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

شادىيە دېرىكتورنىڭ سېسىق گەپلىرىدىن بەكلا تويۇپ كەتكەچكە باشقا يەردىن خىزمەت ئىزدەپمۇ باقتى. لېكىن ئۇنىڭغا لايىقىدا بىرەر خىزمەت ئۇچرىمىدى. شۇ تاپتا شادىيە دىرېكتوردىن ئاڭلايدىغان زەھەردەك گەپلەرگە ئىدىيسىدە تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدى .

- ماقۇل شۇنداق قىلىڭ. سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس.

دېرىكتورنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شادىيە ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى.

- دېرىكتور راست دەۋاتامسىز. رەھمەت سىزگە دېرىكتور،- شادىيە دىرىكتورغا ئىگىلىپ سالام بەرگەندىن كېيىن، چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ماڭدى.

- توختاڭ شادىيە. كەچ سائەت يەتتىدە ئەتىرگۈل تاماقخانىسىنىڭ ئايرىمخانىسىدا مېنى ساقلاڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن كېچىكىپ قېلىشقا رۇخسەت يوق. دەل ۋاقتىدا كېلىڭ،- دېدى دېرىكتور شادىيەگە بۇيرۇق تەلەپپۇزى بىلەن.

- كەچۈرۈڭ خوجايىن، مەن سىرتتا لاغايلاپ يۈرسەم ئوغلۇم ئۆيدە يالغۇز قالىدۇ. كىچىك بالىنى يالغۇز ئۆيدە تاشلاپ قويۇپ سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرسەم بولمايدۇ.

- يۈز قويغاننى بىلىڭ شادىيە، قول قولنى يۇيسا، قول يۈزنى يۇيىدۇ. مۇشۇ شىركەتتە داۋاملىق ئىشلەيدىكەنسىز ماڭا ھاجىتىڭىز چۈشىدىغان چاغلار يەنە كىلىدۇ.

شادىيە نائىلاج بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ياق دېيىشكە تىلى بارمىدى. دېرىكتۇر ئېيتقاندەك بۇ شىركەتتىلا بولىدىكەن يەنە ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشىدىغان چاغلار كۆپ. قاراپ تۇرۇپ ياق دېيەلمەيدۇ دە. لېكىن ئۇ دېگەن جايغا بارسا دېرىكتورنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى كۆڭلىگە بەش قولدەك ئايان. ئۇ ئارتۇق باش قاتتۇرماي مەكتەپكە بېرىپ ئوغلىنى ئالدى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كەچلىك تاماق ئېتىپ ئوغلى بىلەن بىللە غىزالاندى. ئۇ قاچا-قۇچىلارنى يۇيىۋاتقاندا دېرىكتور تېلېفون قىلدى. تېلېفوننى كۆتۈرمىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ لاۋزا گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشنى خالىمايتتى. تېلېفون ئىككىنچى قېتىم سايرىدى. شادىيە سەل ئويلىنىپ قالدى. بۈگۈن ئاخشامغۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەي خاتىرجەم ئۇخلاپ قالار. لېكىن ئەتىچۇ. ئەتە سەھەردىن باشلاپ كەچكىچە يەنە شۇ دىرېكتورنىڭ قاش- قاپىقىغا قاراپ ئۆتىدىغان گەپ. بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارمىسا ئەتە كەچتە يەنە رۇخسەت سورىغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرمەي بولمايدۇ. شادىيە مۇشۇ تەرەپلىرىنى ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى. مۇنداقلا كۆرۈشۈپ قويۇپ ئۇ ھەددىدىن ئاشقۇدەك گەپلەرنى قىلسا ئاڭلاپ قويۇپلا يېنىپ كەلسە بولمىدىمۇ. ئۇ تېلېفوننىڭ ئۇلىنىش كۇنۇپكىسىغا قولىنى تەگكۈزدى .

- قانداق جېنىم؟ كەپ بولدىڭىزمۇ يا؟

 دىرېكتورنىڭ « جېنىم» دېگەن گېپى ئۇنىڭ قۇلىقىغا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلاندى. شۇنداقتىمۇ چىداپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى .

- ھازىر تاماق ئېتىپ بالامنىڭ قورسىقىنى توقلىدىم. ھايال بولمايلا يېنىڭىزدا ئۈنۈپ بولىمەن،- شادىيە دىرېكتورنىڭ گەپ قىلىشنى كۈتمەيلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

شادىيە بوينىنى باغلىغاندەك بولۇپ ياسىنىپ-تارىنىشنىمۇ خالىماي دېرىكتور بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنغا قاراپ ماڭدى .

 ئۇ تاماقخانىغا بېرىپ بولغۇچە دىرېكتور ئۇنىڭغا نەچچە رەت تېلېفون قىلىپ ئالدىراتتى.

 شادىيە تاماقخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇشىغا دىرېكتور ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ تاماقخانىنىڭ ئەڭ تۆرىدىكى بىر ئايرىمخانىدا ساقلاپ ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

- دېرىكتور، سىزئايرىمخانىدا بولسىڭىز قېشىڭىزغا كىرەلمىگۈدەكمەن. مەن ئاستا قايتىپ قالاي دىرېكتور،-دېدى شادىيە تېلىفۇندا دېرىكتورنىڭ ئايرىمخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن. دىرېكتور گەپ قىلمايلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

 شادىيە ئۆيىگە قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە كەينىدىن بىر قول كېلىپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن يىنىككىنە تارتتى. ئۇ دېرىكتور ئىدى .

- قارىڭە ئەسكىلىكىڭىزنى، مەن بىلەن كۆرۈشمەي قايتماقچىمىتىڭىز تېخى،- دېدى دېرىكتور بېزەڭلىك بىلەن شادىيەنىڭ ئالدىنى توسقىنىچە.

- كەچۈرۈڭ دېرىكتور ئەپەندىم. سىز ئائىلىسى بار ئادەم. شۇڭا مەن سىز بىلەن ئايرىمخانىلاردا كۆرۈشۈپ يۈرسەم ياخشى بولمايدۇ.

- ھېچنېمە بولمايدۇ؟ مەن ئەنسىرىمىسەم سىز نېمىدىن قورقىسىز؟ تۇلا گەپ قىلماي مېڭڭە،- دىرېكتور شادىيەنىڭ قولنى تارتىپ، ئايرىمخانا ئىچىگە ئېلىپ ماڭدى. ئايرىمخانىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ بولغاچقا دىرېكتور يانفونىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئولتۇرىدىغان جاينى ئىلغا قىلدى. شادىيە تامدىكى چىراقنىڭ ۋىكلىيۇچاتىلىغا قولىنى ئۇزىتىشىغا دېرىكتور ئۇنى توسۇۋالدى.

- چىراقنى ياندۇرۇپ نېمە قىلىسىز جېنىم؟ ئىككىمىز رومانتىك ئولتۇرايلى قاراڭغۇدا.

- دىرېكتور، چىراقنى ياندۇرمىسىڭىز، مەن ھازىرلا ئايرىمخانىدىن چىقىپ كېتىمەن.

- ماقۇل، ماقۇل. ياندۇرساملا بولىدىغۇ،- دىرېكتور غودۇڭشىغىنىچە چىراقنى ياندۇردى.

 ئۇزۇن ئۆتمەي ئايرىمخانا ئىچىگە كۈتكۈچى كىردى .

 دىرېكتور تاماق تىزىملىكىنى قولىغا ئېلىپ تاماق تۈرلىرىنى بىر باشتىن ئوقۇشقا باشلىدى.

- دىرېكتور، مەندىن باشقىمۇ كۈتىدىغان مېھمانلىرىڭىز بارمۇ يە؟

- ئۇنداق ئەمەس. سىز ئاران كەلگەندە ھۆرمىتىڭىزنى قىلمىسام بولماس؟

- دىرېكتور ئەپەندىم، سىز بىرسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماقچى بولسىڭىز ئىسراپچىلىقنى چەكتىن ئاشۇرۋېتىپ قىلامسىز،- شادىيە كۈتكۈچىگە قاراپ دېدى،- بىزگە توخۇ سەي چۆپتىن ئىككىنى، بىرنەچچە تەخسە سوغۇق سەي كەلتۈرۈڭ. قالغان تاماقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

- خانىم، تاماقخانىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئايرىمخانىدا ئولتۇرغانلارنىڭ بۇيرۇتقان تامىقى يۈز سومغا يەتمىسە بولمايتتى،- دېدى كۈتكۈچى .

- ئەمىسە بىز چوڭ زالغا چىقىپ ئولتۇرايلى.

- شادىيە، ئولتۇرۇڭ……كۈتكۈچى، ئۆزىڭىز بىلىپ تاماقنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىۋېرىڭ،- دېدى دىرېكتور ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن شادىيەنى ئولتۇرغۇزۇپ .

ئىككىسى بىر ھازا جىمىپ قېلىشتى .

- شادىيە سىز بارغانسىرى ھۆسنىڭىزگە تولۇپ گۈزەللىشىپ كېتىۋاتىسىز جۇمۇ. ئادەمنىڭ سىزگە قارىغانسىرى قارىغۇسى كىلىدۇ،- دېرىكتور شۇنداق، دېگىنىچە كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ شادىيەگە يېقىنلىششىقا باشلىدى.

- دىرېكتور، سەل ئىناۋىتڭىزنى ساقلاپ ئولتۇرۋالامسىز يا مەن چىقىپ كېتەمدىم،- دېدى شادىيە دىرېكتورغا ئالىيىپ قويۇپ .

 دىرېكتور ئامالسىز قۇترىغان ھىسياتىنى بېسىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

- شادىيە، مېنىڭ سىزگە مەيلىمنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقى سىر ئەمەس. سىزدىن ئۆتۈنەي مېنى بۇنچە قىينىماڭ؟ سىزنىڭمۇ

ئىرىڭىز ئۈلۈپ كەتتى. چۇقۇم باغرىڭىز سۇنىدىغان، بىر ئەرنىڭ مېھرىگە تەشنا بولىدىغان ۋاقىتلىرىڭىز كېلىدۇ. سىز تېخى ياش، ئەمدىلا ئوتتۇز نەچچە ياشقا كىردىڭىز. كۆڭۈل گۈلشەنىڭىزدە خەندان ئۇرۇپ سايراش ئالدىدا تۇرغان بۇلبۇلنى قوغلىسىڭىز ياشلىق گۈلىڭىز خازاڭ بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە مەن ئۇنىڭدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھوزۇرلىنىپ تۇرغىنىم ياخشى .

- سىز گۈلدىن گۈلگە قونۇپ، يۈرىدىغان كېپىنەك بولماقچىمۇ. سىز خالىغان چاغدا پۇراپ چىكىڭىزگە قىسىدىغان گۈلىڭىز ئۆيىڭىزدە تۇرۇپتۇ. سىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزگە تەۋە گۈلنى ياخشى قەدىرلەڭ.

- شادىيە بۇنچە باغرى تاشلىق قىلماڭ. ھەممىمىز نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئۈلۈپ چىرىپ كېتىمىز. مەندىن ئايىغان يۇمران تېنىڭىز كىيىن قۇرت- قوڭغۇزلارغا يەم بولۇپ كېتىدۇ.

- قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ دىرېكتور ئەپەندى، بۇ تىنىمنى قەدىرلەشنى بىلمەي ئۇدۇل كەلگەنلەرگە بىرىۋەرسەم بولماس.

- جاھىللىق قىلماڭ شادىيە، دېگىنىمگە كۆنسىڭىز سىز ھازىرقىدەك جاپا تارتىپ يۈرمەيسىز. مەن سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىمەن.

- بىكار ئاۋارە بولماڭ. مېنىڭ ئەقىدەم بەختىيارغا چىڭ باغلانغان. ماڭا ھەر قانچە ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرسەتسىڭىزمۇ مېنى ئېرىتەلمەيسىز. مەن بىر ئۆمۈر جاپا مۇشەققەت ئىچىدە ياشاشقا ئەقىدەمگە خىيانەت قىلمايمەن. ئەڭ ياخشىسى ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ .

- دېگەنلىرىمنى ھەر ھالدا ئويلىنىپ بېقىڭ شادىيە. بولمىسا ھازىر يەۋاتقان نېنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن،- دېدى دىرېكتور تەھدىت ئارىلاش .

- نېمە؟ مېنى ئىشتىن بوشاتماقچىمۇ سىز؟ بۇمۇ كۆڭلىڭىز. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشسىزلىقنىڭ ئازابىنى تارتىشىم ئەمەس. بىر مەزگىل جاپا تارتساممۇ يەنە ئىش تېپىپ قىلىمەن. بۈگۈن ئاتايىن ماڭا شۇ گەپنى قىلغىلى چاقىرغان بولسىڭىز مېنىڭمۇ سىزگە دەيدىغىنىم شۇ. باشقا گەپ بولمىسا، مەن قايتتىم خوش. سىز ئالدىرىماي يەۋېلىڭ،- شادىيە گېپىنى تۈگىتىپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئايرىمخانا ئىچىدىن چىقىپ كەتتى.

شادىيە ئاشخانىدىن چىقىپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ قويدى. جۈپتىدىن ئايرىلغان ناتىۋان چوكان تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن دوقاللىرىغا، سىناقلىرىغا باش ئەگمەي قەيسەرلىك ھايات سەپىرىنى داۋام قىلماقتا ئىدى. ئۆيىگە كىلىپ ئوغلى قەيسەرنى قۇچاقلاپ بىرھازا يىغلىدى .

**************************

ئېرىنىڭ قېيناتىسىنىڭ ئۆيىدىن نەتىجىسزلا قايتىپ كەلگىنىدىن ئىچى پۇشقان گۈلگىنە ئۇلاردىن پۇل ئۈندۈرۈشنىڭ قەستىگە چۈشۈپ چارە-تەدبىر ئىزدىمەكتە ئىدى. ئۇ شۇنچە ئويلىنىپمۇ مۇۋاپىق بىر ئامال تاپالماي جىلە بولدى. لېكىن ئۇ بىر ئىشتىن كۆڭلى خوش ئىدى. ھازىر شاۋكەت بۇرۇنقىدەك ھە دېسىلا ئاتا ئانىسىغا چاپان يېپىپ تۇرماي ئۆزى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنىدى. مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر گۈلگىنە ئۈچۈن زور غەلبە ئىدى. ئېرى ئاتا ئانىسى تەرەپتە تۇرمىغان ئىكەن، ھامان ئۇلاردىن پۇل ئۈندۈرۈشنىڭ قەستىگە چۈشىدۇ. بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاتا-ئانىىسدىن پۇل ئالىمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ جاھىل قېرىلاردىن پۇل ئېلىش ئانچە ئاسانغا چۈشىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. گۈلگىنە ئويلىنىۋېتىپ كاللىسىغا ئۇبدان بىر ئەقىل كىلىپ كۆز ئالدى ۋاللىدە يۈرۈپ كەتتى. كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا خارخىراپ ئۇيقۇغا كەتكەن شەۋكەتنى سىلكىپ ئويغاتتى .

- ھەي شەۋكەت، تۇرىڭە ئورنىڭىزدىن؟ ھېچ ئىش خىيالىڭىزغا كېلىپ چىقماي چوشقىدەك ئۇخلاشنىلا بىلىدىكەنسىز .

- ۋاي نېمە بولدى؟- شەۋكەت چوڭقۇر بىرنى ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن غودىرىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى.

- مېنىڭ كاللامغا ئاتا ئانىڭىزدىن پۇل ئالىدىغان ئوبدان بىر ئەقىل كەلدى. سىز مەن دېگەندەك قىلسىڭىز ئاتا ئانىڭىز سىزگە يۈز مىڭ كوي ئەمەس، ئىككى يۈز مىڭ كوي دېسىڭىزمۇ ئىككىلەنمەي بېرىۋىتىدۇ .

- چىك…ئاي…بولدى قىلىڭە. نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن تېخى؟ قانداق بولىۋالىمىز ئۇلاردىن؟ گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ تەھدىت سالامدۇق؟

 گۈلگىنە شەۋكەتنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق بىر نېمىلەرنى دېدى.

- بۇنداق قىلساق چېنىپ قالماس ھە.

- ۋاي-ۋۇي، نېمانداق ئىزىلەڭگۈ ئادەمسىز؟ تېز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولغان ئىشنى مىرزاتقا ئېيتىڭ. بۇ ئىشتا مىرزات ئەڭ ياخشى نامزات بولالايدۇ. قالغان بىر ئادەمنى بار مەسلىھەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرساق بولىدۇ.

- بۈگۈن بەك كەچ بوپ كەتتى؟ مىرزات ئۇخلاپمۇ قالغاندۇ. مەن ئەتە كەچتە……

- ھۇ، ئېغىر پۇقى چۈشمىگەن لامزەللە. تېز تۇرىڭە ئورنىڭىزدىن. مىرزات ئۇخلاپ قالغان بولسا ئويغىتىپ بولغان ئىشنى دەڭ، تېز بولۇڭ تېز،- گۈلگىنە شاۋكەتنى ئىتتىرىپ ھۇجرىدىن چىقىرۋەتتى.

 شاۋكەت مىرزاتقا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى بىلدى.

- بۇنچە كەچتە كەپقاپسەنغۇ ئاداش؟- دېدى ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا چىقىپ ئىشىكنى ئاچقان مىرزات كۆزلىرىنى ئۇۋلىغىنىچە .

- ساڭا دەيدىغان مۇھىم بىر ئىش بار ئاداش. بۇ ئىشقا سەن ياردەم قىلمىساڭ بولمىدى.

- ھەر قانچە مۇھىم ئىش بولسىمۇ ئەتە كۈندۈزى پاراڭلاشساق بولماسمىدى.

- قارە سېنى، ئۆيگە كىرەيلىمۇ دېمەستىن غودۇراپ كەتكىنىڭنى،- شەۋكەت گېپىنى تۈگىتىپ مىرزاتنىڭ ئۆيىگە باشلاشنى كۈتمەستىنلا ئۆيگە ئۈسسۈپلا كىرىۋەردى .

- ھەي، كاللاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ؟ خوتۇنۇڭنىڭ گېپىگە كىرىپ ئاتا-ئاناڭنى قويماقچىمۇ سەن،دېدى مىرزات شۆھرەتنىڭ كىلىش مەقسىتىنى بىلگەندىن كېيىن.

- مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇسى بار ئادەم دەمسەن ئاداش؟ لېكىن ماۋۇ قېرىلار دېگىنىمگە پەقەت كۆنمىدى. شۇڭا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم .

- ئىست، سەندەك ۋىجدانسىز ئەبلەخنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئاناڭنىڭ ھالىغا،- دېدى مىرزات بېشىنى چايقاپ .

- مېنى قانچىلىك تىللىساڭ تىللاۋەر ئاداش. لېكىن بۇ ئىشقا سەن ياردەم قىلمىساڭ بولمايدۇ.

 مىرزات ئورنىدىن تۇرۇپ شەۋكەتنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك سەپسېلىپ قارىدى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章