يالغان ئەر خوتۇن 🧡 7-قىسىم

文摘   2024-08-27 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-بولدى. ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ! بۇ يەرگە سىزنى قانداقتۇر ماڭا. ۋەز ئېيتىپ، تەربىيە قىلسۇن دەپ چاقىرمىدىم. سىز ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقمايسىز!مەن ئۇ ئادەمنى دادام دېيىشتىنمۇ سەسكىنىمەن. ئۇ مىنىڭ دادام بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس ھېلىمۇ ئۇنىڭ كاساپىتىدىن دادام بۇ يۇرتنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئاپام بولسا دەرد- ئەلەم تارتىپ يۈرەك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتتى. ئويلاپ بېقىڭە!بۇ ئىشنىڭ سەۋەبچىسى زادى كىم ئىكەن؟ ئەمدىلىكتە بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغاندا«مەن سېنىڭ داداڭ.»دەپ خەيرخاھلىق قىلىپ بېشىمنى سىلاپ چىقسا سىلەر ئۇنى ساخاۋەتچى كۆيۈمچان دادا دەپ ئويلايسىلەن، لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن ئۇ ناھايىتى رەزىل ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئادەم. ئۇ مىنىڭ ئۆز قىزى ئىكەنلىكىنى بىر نەچچىڭلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغان بىلەن شىركەتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا، بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ئالدىدا، جاكارلاپ ئېتىراپ قىلىپ باقتىمۇ؟ ياق.! ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلسا باشقىلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ، ئاھانەتكە قېلىشتىن، يۈز ئابرۇيىنىڭ چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىڭلار قانۇنلۇق توي قىلغان بىلەن، ھەقىقىي ئەر-خوتۇن ئەمەس، ئەسلىدە ئىنتىزار ياخشى قىز، ئۇنىڭ بۇنداق سۆرۈن چىراي. ھاكاۋۇر بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى يەنىلا دادىسى. چۈنكى ھەر قانداق بالا چوڭلارنىڭ بۇنداق خاتالىقىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.

-بولدى. قىلىڭ سانىيە!سىزنى بۇ دۇنياغا تۆرىلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئادەمدىن نەپرەتلەنسىڭىز بۇ ئادىللىق بولمايدۇ. ئۇنىڭمۇ قىسىلىدىغان يەرلىرى باردۇ؟چوڭلارىنىڭ خاتالىقى چوڭلار بىلەن كەتسۇن. يەنىلا سىزنىڭ تومۇرڭىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇنىڭ قېنى…

-توغرا دەيسىز زىيا!مىنىڭ بەدىنىمدە ئېقىۋاتقىنى ئۇنىڭ مەينەت، پاسكىنا، قېنى!

-ئۇنداق دىمەڭ! ھەرقانداق ئىشقا بىر سەۋەپ كېرەك؟ ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن سىزنىڭ دادىڭىز. ئۇنى بۇنداق ھاقارەتلىسىڭىز بولمايدۇ.بەلكىم ئۇ سىزدىن ئۆتە ئازابلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؟ سىزغۇ دەردىڭىزنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋاتىسىز. ئۇنداقتا ئۇ ئازاپلىرىنى كىمگە ئېيتىپ دەردىنى كىمدىن ئالىدۇ؟ سىز ئۇنى شەخسىيەتچى دەيسىز. ئەجىبا سىز شەخسىيەتچى ئەمەسمۇ؟ مەسىلەن، سىز ھەر ئاماللار بىلەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ ھالاكەت گىردابىغا قىستاپ قۇيۇڭ! شۇنداق قىلغاندىلا سىز پۇخادىن چىقىسىز. لىكىن ۋىجدانىڭىز ئازاپلانماسمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭدا ۋىجدان بولمىغان بولسا سىزنى ئېتىراپ قىلىپ قانات ئاستىغا ئالمايتتى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى قىياپىتىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ ئۇ ھەر قېتىم سىزنى كۆرگەندە ئازابلىنىدۇ. ئۆزىنى سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن دەپ ئويلايدۇ. ئۇ سىز ئېتىراپ قىلغاندىن باشلاپ ھەر قاچان سىزنىڭ ھەرقانداق تەلىپىڭىزنى رەت قىلماي كەلدى. ھازىر سىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق يۆلۈنىدىغان ئادىمىڭىز يوق! ئەسلى سىز بۇ ماڭغان يولىڭىزدىن قايتىپ دادىڭىزغا يېقىن تۇرۇشىڭىز كېرەك ئىدى، -دېدىم مەن ئۇنىڭ رايىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ.

-ماڭغان يولىڭىزدىن قايتىپ دەۋاتامسىز؟ سىز مېنى يامان يولدا مېڭىۋاتىدۇ. دېمەكچىمۇ؟ خاتا ئويلاپ قاپسىز. بىر ئادەمنىڭ تەقى تۇرقى، كىيىنىشى. ئۇنىڭ قايسى يولدا ماڭغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. باياتىن سىز تۇرسۇنئاي بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ھېلىقى كۆرۈنۈشىنى قانداق قولغا چۈشۈرگىنىمگە بەك قىزىققان ئىدىڭىزغۇ دەيمەن. سىزگە دەپ بېرەي! ئەمەلىيەتتە بۇ ئارامگاھ مېنىڭ ئىلكىمدە. بۇنىڭدىن باشقا شەھەرنىڭ سىرتىدىكى تاغلىق رايونىدا ساياھەت ئورنۇم بار. مەن ئۇ ئاتالمىش دادامدىن ئالغان پۇللارنى قالايمىقان بۇزۇپ چاچماستىن ئۆزەمنىڭ ئىگىلىكىنى تىكلەش ئۈچۈن ئىشلەتتىم. مىنى چۇشەنمىگەنلەر قارا يولدا مېڭىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. لىكىن مەن ئەزەلدىن قانۇنسىز ئىش قىلىپ باقمىدىم. ئەتراپىمغا جەمىئىيەتتىكى چىقىش يولى تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگەنلەرنى توپلاپ، بىزنىڭ جەمئيەتتىكى بىر كىشىلىك ئورنىنى تونۇتتۇم. ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ مېنى «يامان يولدا ماڭىدۇ »دېگىنىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيمەن. چۈنكى مېنىڭ ئادەملىرىم مەن ئۈچۈن ئوتقىمۇ كىرىشكە تەييار! مەن بۇ ئادەمگە ئۆزۈمنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن!بولدى. زىيا، مەن سىزنى بۇ يەرگە قانداقتۇر دەرد تۆكۈپ تەسەللى ئىزدەشكە كەلمىدىم. پەقەت سىزدىن شۇنى سورىماقچى. سىز ماڭا ئەگىشەمسىز ياكى. ئاشۇلار بىلەن بىرگە ماڭامسىز؟ -دېدى ئۇ چىرايىمغا قاراپ قەتئىيلىك بىلەن.

مەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىش، ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمىدىم. قارىغاندا مەردان لىدىر بىلەن سانىيەنىڭ ئاپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مۇرەككەپ مۇناسىۋەت باردەك قىلاتتى.« ئەجىبا مەردان لېدىر ئېرى بار ئايال بىلەن ئاشنا ئويناپ بالىلىق بولغانمىدۇ؟ سانىيەنىڭ دادىسى ئۇنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ بۇ شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇ ھازىر ھاياتمىدۇ ياكى…»مەن شۇ خىياللارنى ئويلاپ مەردان لىدىرنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئىنتىزاررنىڭمۇ كۈندە غەمكىن يۈرۈشنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك؟سانىيە ئېيتقاندەك ئۇنىڭ مۇشۇنداق تۈرگۈن.ھاكاۋۇر مىجەز بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى چۇقۇم ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەن ھازىر بىراقلا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ سانىيەنىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتسام بولمايدۇ. نىمىلا دىگەن بىلەن ئىنتىزارنى ياخشى كۆرىمەن ئەمەسمۇ؟

-قانداق ئويلۇنۇپ بولدىڭىزمۇ؟ سىزگە دېدىمغۇ ئۇلارغا ئەگەشسىڭىز ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسىز!-دېدى ئۇ مېنىڭ گەپ قىلماي تۇرغانلىقىمنى ئىككىلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ.

-بۇ توغرۇلۇق مەن سىزگە ھازىر ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئۇ ئىشلار سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى ئىش. مېنىڭ ئالاقەم يوق! مېنىڭ ئەزەلدىنلا ھىچنىمەم بۇلۇپ باقمىغان. قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنىمۇ ئۇقمايمەن. لىكىن مەندە ھەقىقىي ساپ يۈرەك بار! گەرچە ئىنتىزار مىنى ياخشى كۆرسۇن ياكى كۆرمىسۇن. ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق! چۈنكى ئۇ مەن تۇنجى قېتىم كۆڭۈل بەرگەن قىز، مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇ تەرەپتە تۇرىمەن. مەيلى سىز بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلاڭ! مەن ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويسام بولدى. ئەلۋەتتە ئۇمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى بۇنچىلىك ئىشلارنى چۈشەنگۈچىلىكى بار. مەردان لېدىرنىڭ ئىشىغا كەلسەك ئۇنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم. بۇنچىلىك پىتنە -ئىغۋالارغا ئۇنىڭ مويى تەۋرەپ قويمايدۇ. سىزنىڭمۇ بۈگۈنىڭىز ئاشۇ مەردان لىدىر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. كونىلارنىڭ«بېشىڭنى كىم غەمگۇزارىڭ شۇ. »دېگەن گېپى بار.! مېنىڭ سىلەرنىڭ ئىشىڭلاربىلەن كارىم يوق. لېكىن ئىنتىزار مېنىڭ ئايالىم. ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشىڭىزغا يول قويمايمەن! بولدى. خوش، سانىيە خانىم، ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتى مۇشۇنچىلىك بولسۇن، كېلەر قېتىم سىزنى ياخشى كەيپىياتتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. -مەن شۇنداق دەپلا ئورنۇمدىن قوپۇپ مېڭىشىقا تەمشەلدىم. قورسىقىم ئېچىپ تۇرغان بولسىمۇ ئالدىمدىكى قورۇمىلارغا قاراپمۇ قويمىغان ئىدىم.

-توختاڭ، يېزنە ئالدىرىماڭ! مەن باشقىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا قارىغاندا سىزنى ناھايىتى ئېغىر بېسىق كەم سۆز دىگەن ئىدى. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، مەن بۈگۈن باشقىچە بىر ئادەمنى كۆرىۋاتىمەن.بولىدۇ، سىزنى ئاۋارە قىلماي! لېكىن ئۇ ئادەم قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلىشى كېرەك؟-ئۇ شۇنداق دەپ كۆزىگە ياش ئالدى.

ئۇنىڭ يىغلىغىنىغا قاراپ ھېسداشلىقىم قوزۇلۇپ قالدىمۇ قانداق كەينىمگە قايتىپ كېلىپ ئورنۇمدا ئولتۇردۇم. چۈنكى مەن ئەزەلدىن بىر قىز بالىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقتۇرۇشنى خالىمايتتىم. ئۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن يىغلىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى.

-سىزگە نېمە بولدى؟ سانىيە. نېمىگە يىغلىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟-دېدىم مەن ھېسداشلىق قىلىپ.

- مېنىڭكى ھازىرقى ھېسياتىمنى سىزگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. بەلكىم سىزمۇ مەن توغرۇلۇق ئاڭلىغان بولغىيتىڭىز؟ چۈنكى مەن بىر قېتىم باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئاياغ ئاستى قىلىنغان. شۇ سەۋەپلىك مېنىڭكى كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم يوقالغان ئىدى. لىكىن بۇنداقلا ئۆزۈمنى تاشلىۋەتسەم بولمىغۇدەك. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان ئاشۇ ئادەمنىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلەتكۈزۈشۈم كېرەكلىكىنى ئويلىدىم. ھەر قېتىم ئاشۇ قاباھەتلىك كېچىنى ئويلىسام ئەتراپىمدىكى ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى دۇرۇس ئەمەستەك كۆرۈنەتتى. لىكىن سىز ئوخشىمايدىكەنسىز! بۇلدى سىز قايتىپ كىتىڭ! ئەزەلدىن كۆز يېشىمنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ باققان ئەمەس. ئىدىم. بۈگۈن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئاجىز كەلدىم. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئىرادەمدىن يېنىپ قالغىنىم يوق.....!-ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىسنى توختىتىۋېلىپ كۆز يېشىنى سۈرتكەندىن كېيىن مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى.

- ئېلىڭ يېزنە، باياتىننىڭياقى ئۆزەمنىڭ گېپى بىلەن بولۇپ كېتىپ «تاماق يەڭ»مۇ دىيەلمەپتىمەن، - مىنىڭ قورسىقىم ئېچىپ تۇرسىمۇ. ئۇنىڭ ئاخىرقى گېپىنى ئاڭلاپ ئىشتىھايىم تۇتۇلغان ئىدى.ئۇنىڭغا ئەسكىلىك قىلغان ھېلىقى نائەھلىگە نەپرىتىم ئېشىپ تاشتى.ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگكەن شۇ ئادەمنى بىلىپ تۇرۇپ ئاشكارىلىمىغانلىقىغا ئىچىمدە قايىل بولمايۋاتاتتىم.

- ئاڭلىسام سىز ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ تۇرۇپ نېمىشقا قانۇن ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىمىدىڭىز؟-دېدىم بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي.

-ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئويلىغان ئىىدىم، لېكىن…-ئۇ شۇنداق دەپ گېپىنى توختىتىۋېلىپ بىر يۇتۇم چاي ئوتلىۋالغاندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى.

-شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق ئويلىغان لېكىن ئۇنىڭغا ھېچنېمە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم، چۈنكى بۇ ئىش مەن بىلەنلا كەتمىگەن باشقىلارمۇ شۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بولسىمۇ. ئۇنى تەۋرىتەلمىگەن. بىلەمسىز؟ سىزنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز.ياكى مال- دۇنيارىڭىز بولمىسا ھېچكىم سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. پۇلىڭىز، ھۇقۇقىڭىز بولسا سىزنىڭ خاتا بولسىمۇ توغرا. ھىچنىمىڭىز بولماي باقسۇن. سىزنىڭ ھەرقانچە توغرا بولسىمۇ شەرتسىز خاتا.

مانا بۇ جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر ئادەملەرنىڭ ھوقۇقىغا ياكى مال -دۇنياسىغا تايىنىپ كۆرەڭلەپ قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تېخىمۇ كۈچلىنشىم كېرەك؟

-توختاڭ، سانىيە سىزنىڭ ئىقتىسادىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشىڭىز ئۈچۈن. چۇقۇم دادىڭىزنى ۋەيران قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىز؟-دىدىم مەن ئۇنىڭ گىپىنى توختىتىۋېلىپ.

- بولدى. زىيا ھېلىمۇ سىز جىق ئىشلارنى بىلىپ كەتتىڭىز! بۇ ئىشلارنى قانچىلىك ئاز بىلسىڭىز ئۆزىڭىزگە پايدىسى بار. سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى بەزى ئادەملەر سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك ئالىيجاناب ئەمەس. ۋاقتى كېلىپ قالسا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سىزنى سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ. مەيلى سىز نىمىلا دەڭ. مەن قىلىۋاتقان ئىشىمدىن. ماڭغان يولۇمدىن ھەرگىز قايتمايمەن!-سانىيە شۇ گەپنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا كۆزىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

باياتىنياقى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئىنتىزار بىر نەچچە قېتىم ماڭا تېلىفۇن قىلغان بولسىمۇ تېلېفۇننى ئالماستىن بېسىۋەتكەن ئىدىم، ئەمدى بولسا سانىيە بىلەن خوشلۇشۇپ ئارامگاھتىن چىقىشىمغىلا ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلدى. ۋە تېلېفوننى ئېلىشىمغىلا خۇددى ئاپتوماتتىن ئوق ئېتىلغاندەك سۆزلەپلا كەتتى.

-نەلەردە يۈرۈيسىز؟ ئەتىگەن مەن سىزگە نىمە دىدىم؟ خىيالىڭىزدا مەن دىگەن ئەركىشى مىنىڭ دىگىنىم ھېساپ بۇلىدۇ دىمەكچىمۇ ؟خىيالىڭىزنى خام چاغلىماڭ ئاخشامقى ھىساپنى سىزدىن ئالمىدىم تېخى …، تىزدىن قايتىپ كىلىڭ! تۇققانلارنىڭ ئۈيىگە چاقىرىپتۇ، بارمىساق بۇلمايدۇ ئۇلار بىزنى ساقلاپ قالدى،

-سىلەرنىڭ تۇققانلارنى مەن تۇنمىسام، بولدىلا مەن بارماي سىز بېرىپ كېلىڭ!-دېدىم مەن تېلېفوننى قويۇۋېتىشكە ئالدىراپ.

-نېمە؟ تېخى تۈنۈگۈنلا توي قىلىپ بۈگۈن تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە يالغۇز بارامدىم؟ ئۇ چاغدا ئۇلار قانداق ئويلاپ قالىدۇ؟ گەرچە ئىككىمىز يالغان ئەر- خوتۇن بولغان بولساقمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ قۇيماسلىقىمىز كىرەك؟ئارتۇق گەپ قىلماي تېز كېلىڭ.!-دىدى ئۇ ئاچچىقلىغاندەك،

دېمىسىمۇ مىنىڭ ئادەم جىق سۇرۇنلاربىلەن تازا خوشام يوق ئىدى.

-يالغان ئەر -خوتۇن بولساقمۇ.ئىككىمىزنىڭ ئەر -خوتۇنلىقى ئېسىڭدە باركەن ھە. ئاخشام تاسادىيلىقتىن ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ قالغىنىمغا تاسلا قالدىڭىز بىر نېمىلەرنى قىلىۋەتكىلى. ئەمدى سىز بىلەن بىرگە تۇققانلىرىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارسام.

ئاشۇلارنىڭ ئالدىدا كىچىك بالىنى سىلكىگەندەك سىلكىپ يۈرسىڭىز …

بولدىلا، ئۇنىڭدىن بارمىغىنىم ياخشى، -دېدىممەن ئۇنى قەستەن جىلە قىلماق بولۇپ.

-مېنى بۇش جىلە قىلىڭ زىيا! ھېلىمۇ ئاخشام جىلە قىلغانلىرىڭىز يېتەر! تېز قايتىپ كېلىڭ!

-بولىدۇ. جېنىم خۇتۇن بارسام باراي! لىكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا قانداق جاۋاپ قايتۇرسىز؟

-ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ زىيا! مەن سىزنى قايتىپ كىلىڭ دەۋاتىمەن!- مەن ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەنسېرى تېخىمۇ جىلە قىلىشقا باشلىدىم.

-ئۇنداق بولسا ماڭا ئاچچىقلىماستىن «جېنىم ئېرىم تېز قايتىپ كېلىڭ!»دەپ نازلىق گەپ قىلىڭ.قانداق قىلامسىز؟

-ھۇ لۈكچەك! ئۇخلاپ چۈشۈڭ! مەن سىزگە تىز كىلىڭ دەۋاتىمەن!ئەگەر گېپىمگە كۆنمىسىڭىز ئەتىلا سىزدىن خېتىمنى ئېلىپ شىركەتتىن قوغلاندى قىلىمەن. ئۇچاغدا سەھرايىڭىزغا قايتىپ ئىشەك باقارسىز!

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章