يولدىن چىققان ئايال 🧡 18-قىسىم (ئەپچىدە 30-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-01 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 گۈلزىرە دەرھال ئۆزىنىڭ بۇ خىيالدىن ياندى.

قەيسەر بىلەن ئەلدار قانداقمۇ ئوخشىسۇن؟

ئاخىرى پەيشەنبە كەلدى، ئەسلىدە ناخشىچى مۇنىرە ھەپتنىڭ بەشى مېھمان سۈپتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، بىراق ۋاقىتتا ئۆزگىرىش بولۇپ، كېلەر پەيشەنبىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئۆزگەرتىلدى.

قەيسەر گۇرۇھىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئۆمىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا، كېلەر پەيشەنبە كۈنى،  مۇنىرە شۇ كۈنى نەق مەيداندا قارار قىلىنغان چېمپىيون بىلەن بىر ناخشا ئېيتاتتى.

گۈلزىرەنىڭ 10 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسى ھەپتىنىڭ بەشىگە بېكىتىلگەن بولۇپ، مەيدان ،  قېتىم سانى ھەممىسى شەمىسىيە بىلە بىر كۈندە ئىدى.

ئەتىلا مۇسابىقە باشلىناتتى،  گۈلزىرە پەيشەنبە كۈنى ئىشقا باردى، شەمىسيە بولسا بۇ بىر نەچچە كۈندە جالالنىڭ ياتىقىدا ھەمراھ بولدى.

 جالال ئاساسەن ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمىگەچكە،  ھەمدە ئەسلىدىلا كەم سۆز بولغاچقا، باشقىلار ھېچنېمىنى سەزمىدى.

بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،  جالالنىڭ ئاتا - ئانىسى شېركەتنىڭ مۇھىم بىر تەرەپ قىلدىغان ئىشى چىقىپ قېلىپ ،  قايتىپ كەتتى.

شەمىسيە ئاتا-ئانىسىنى جالال ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىرۋەتتى.

شۇنىڭ بىلەن كېسەلخانىدا پەقەت شەمىسيەلا قالدى.

سىز كېتىڭ، - دېدى جالال ئېغىز ئېچىپ، - ئۇ كۈنى مەن سىزگە ناھايىتى ئېنىق دېدىم شەمىسيە، ئەينى چاغدا سىز گۈلزىرەگە تۆھمەت قىلغان، بىراق بۇ يەتتە يىلدا، سىزمۇ ياشلىقىڭىزنى سەرپ قىلدىڭىز، شۇڭا بىز بىر - بىرىمىزگە قەرز ئەمەس.

-جالال، ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسىز؟ -شەمىسيە ئۇنىڭغا قاراپ، -سىز بىلىسىز، مەن سىزنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن، نەچچە يىلدىن بېرى سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟  مەن بۇرۇن خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، بىراق، نېمە ئۈچۈن يەتتە يىل مۇھەببىتىمىز ئەينى ۋاقتتىكى سىلەرنىڭ قىسقىغىنە ئۈچ يىلدىكى گۆدەك بالىلىقىڭلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ؟ -دېدى.

-مەن ئۇنى تاشلاپ قويالمايمەن، -جالال شەمىسيەگە قاراپ، - سىز بىلىسىز، بۇ يەتتە يىلدا مەن ئەزەلدىن سىزنى سۆيىمەن دەپ باقمىدىم.  بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت،  سىز ئۆزىڭىزنى مېنىڭ قىز دوستۇم،  دېگەچكە،  سىزگە مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن خالاس، -دېدى.

-جالال،  سىز مىنى بىر مىنۇتمۇ سۆيۈپ باقمىغانمۇ؟ -شەمىسيە ئالدىدىكى ئەرگە تىكىلىپ قارىدى.

-ياق، -ئۇ ناھايىتى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

شەمىسيە ئاچچىقلىنىپ:

-ئۇنداقتا يەتتە يىل بۇرۇن ئىككىمىز بىللە بولغان قېتىمچۇ؟  ئۇ چاغدا سىز قاتناش ھادىسىسىدە دوختۇرخانىدىن چىقمىغان، بىز دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانىسىدا... -دېدى.

جالالنىڭ قوشۇمىسى تۇيۇقسىز تۈرۈلدى، چىرايىدىن پۇشايمان ۋە بىزارلىق چىقىپ تۇراتتى.

-سىز ئۆزىڭىزنى ماڭا تاپشۇرۇپ بەردىم دېدىڭىز، لېكىن سىز باشتا ھەممىنى سېلىپ يېنىمدا ياتتىڭىز، مەن بىر ئەر كىشى، ئۆزۈمنىڭ «قىز دوستۇم» غا يۈزلەنگەندە، فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاس بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.

-ياخشى، شۇنداق بولسۇنمۇ دەيلى، لېكىن كېيىنچۇ؟ -شەمىسيە تەن بەرمىگەن ھالدا، -بۇ يەتتە يىلدىن بۇيان، بىز بىرگە بولغاندا، ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدۇققۇ؟ -دېدى.

جالالنىڭ تۇيۇقسىز مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ:

-ئەمدى تىلغا ئالماڭ! ھەممىسى، پەقەت، مەن سىزنى راستىنلا قىز دوستۇم دەپ ئويلاپ،  قالغانلىقىم،  سىزنى ماڭا ئۆزىنى تاپشۇرغان، مەنمۇ سىز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان، ھامان بىر كۈنى توي قىلىمەن،  دەپ ئويلاپ قالغانلىقىمدىن شۇنداق قىلغان، بولمىسا... -دەپ توختاپ قالدى

-ھاھاھا...  -شەمىسيە ھەم يىغلايتتى، ھەم كۈلەتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىردىنلا غەزەپ ئوتى لاۋۇلداپ ياندى، ئۇ، -جالال،  سىز مېنى مەجبۇرلىدبڭىز!-دېدى.

جالال ئۇنىڭ بۇنداق چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە دەرھال بىر خىل يامان تۇيغۇ پەيدا بولدى.

-سىز نېمە قىلماقچى؟ !

ھازىر ئۇ يېتىقىدا، ھەرىكىتى قولايسىز، بۇ ئايال نېمە قىلماقچى؟ !

شەمىسيە كارىۋات يېنىدىكى قوڭغۇراقنى چاتقۇچتىن تارتىپ چۈشۈردى، ئاندىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ، كېسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىدى.

ئارقىدىنلا ئۇ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، تىرەك ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭ كارىۋىتىغا توغرىلاپ، سىنئالغۇنى چەكتى.

جالال بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، كۆزى چەكچىيىپ كەتتى، بۇ ئايال ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ؟ !

بىراق،  بەدەن ئۇنىڭ، ئەجەبا ئۇ راستىنلا ئۇنى زولىيالامتى؟

بىراق،  جالال ئۆزىنىڭ شەمىسيەنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىكىنى بايقىدى.

ئۇجالالنىڭ كارىۋىتىغا يامىشىپ چىقتى.

جالال قولىنى سوزۇپ ئىتتىردى، بىراق، ئۇ ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغىنىغا ئىككى كۈن بولغان بولۇپ، ماغدۇرسىز ئىدى،  

-شەمىسيە، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ -جالال قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، -قانچلىك پەسلىك قىلۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز!-دېدى.

-مەن ئەزەلدىنلا مۇشۇنداق! مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقتتىلا، بەك پەس ئىدىم!

شەمسىيە ئۇنىڭغا قارىدى،  كۆزلىرىدە بىلگۈسى بىر خىل ناھايىتى مۇرەككەپ كەيپىيات پەيدا بولدى.

كېسەلخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتاتتى.

ھەممە ئاخىرلاشقان چاغدا،  جالال شەمىسيەنىڭ ھەر خىل تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى.

ئۇ تېخىچە ھاسىراپ تۇرغان   بولۇپ، قاتتىق  غەزەپ   بىلەن :

-شەمىسيە،  مەن   ئەزەلدىن   سىزدەك   پەسكەش   ئايالنى   كۆرۈپ   باقمىغان !-دېدى.

-ھېچقىسى يوق، مەقسىتىمگە يەتسەملا بولىدۇ، -شەمىسيە جالالغا قاراپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى.

ئۇ جالالنىڭ كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، يوتقانلىرىنى يېپىپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە يەنە بىر ئۆيگە كىرىدى.

باشقىلار ھامىلدار بولىمەن دەيدىكەن، ئەڭ ياخشىسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن دەرھال يۇيۇنماي،  بىر ياستۇق قويۇپ ياتسۇن، دەيدىكەن،  شۇڭا،  شەمىسيە مۇشۇنداق ياتتى،  تاكى كېچىدە ھاجەتخانىغا كىرگۈسى كەلگەنگە قەدەر شۇنداق ياتتى.

ئۇ چىققاندا، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بايقاپ،  جالالنىڭ كارىۋىتى ئالدىغا كەلدى.

ئەسلىدە ئۇنى كۆرۈپ باققۇسى بار ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۇخلىمىغانلىقىنى بايقىدى.

-يوقال!-جالال شۇ تاپتا شەمىسيەنى كۆرۈپ بىزار بولۇپ، -مەن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، كېلىشىمنى بىكار قىلغانلىقىمىزنى رەسمىي جاكارلايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىۋىتىمىزنى توختىتىمەن!-دېدى.

-بولىدۇ، -شەمىسيە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى، مۇلايىم ئاۋازىدىن قورقۇنچلۇق ساراڭلىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇ، - جالال،  سىزنىڭ دېگىنىڭىز راست، -دېدى.

ئىشقىلىپ، ئۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كەتتى، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەت يوق.

ئۇنداقتا، ئۇ بىر بالا بىلەن ئۇنى باغلاپ تۇرسۇن، ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇنى تاشلىۋېتەلمەيدۇ!

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،  شەمىسيە ئازراق خۇشاللىق ھېس قىلدى.

ئىككىنچى كۈنى ھەپتىنىڭ بەشى بولۇپ، ئالدىنقى ئون كۈچلۈكنى تالىشىدىغان مۇسابىقە.

گۈلزىرە چۈشتىن بۇرۇن خىزمەتنى ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىپ بولدى، چۈشتىن كېيىن ئۇ دەرھال كىيىمىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا باردى.

ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدان قەيسەر گۇرۇھى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلەتتى،  گۈلزىرە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، داۋاملىق نىقاب تاقاپ، ئاندىن مۇسابىقىنى سۈرەتكە ئېلىش زالىغا باردى.

ئالدىدىكى ناخشىچى ياش كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئېيتقىنى «گۈل بەرگى» ئىدى،  گۈلزىرە ئارقا سەھنىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆزىنى ئاستا ـ ئاستا مۇشۇنداق كەيپىياتقا غەرق بولغاندەك ھېس قىلدى.

قارىغاندا، بۇ كېلىشكەن يىگىت ئۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنى تالىشىدىغان ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بولۇشى مۇمكىن.

دەل مۇشۇنداق ئويلاۋاتقاندا، ئۇ تەرەپ ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىنى چاقىردى.

گۈلزىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، سەھنىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىدى، ئۇ ئاستا - ئاستا كۆزىنى ئېچىپ، ئەسلىدە غۇلغۇلا قىلىۋاتقان كەيپىياتىنى ئېچىۋەتتى.

شۇ تاپتا،  جالال ئاتا - ئانىسىغا تېلېۋىزورنى ئېچىشنى ئېيتتى، ئاندىن ئېكرانغا تىكىلىپ قارىدى.

ھازىر ئۇ كۆرەلەيدىغان بولدى، ئاخىرى ئۇنى كۆرەلەيدىغان بولدى.

شۇغىنىسى، شۇ تاپتا سەھنىدىكى قىز نىقاب تاقاپ، ئۇنى سېغنىدۇرغان چىرايىنى توسۇۋالدى، ھەتتا بۇرۇنقىدىن سەمىرىپ كەتتى.

راستىنلا ئۇمۇ؟

بىراق،  ماھىرلاردىن نىقاب تاقىۋالغانلاردىن پەقەت ئۇلا بار تۇرسا!

شۇڭا، ئۇ سەمىرىپ كېتىپتۇ، ئېرى بىلەن بىرگە بولغاچقا سەمىرىپ كەتتىمۇ؟

ئۇ پەقەت يۈرىكى قاتتىق تىتىلداپ كەتكەندەك ھېس قىلدى، ئاندىن تونۇش ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

  ئىككى ئادەم تەڭ ئازاب چەككەندىن، بىرىنىڭ تارتقىنى ياخشى...  

ئۇ ئىكەن، راستىنلا مېنىڭ گۈلزىرەيىم ئىكەن!

ئۇ ئېكراندىكى ئانچە تونۇش بولمىغان كۆلەڭگىگە تىكىلىپ قاراپ، تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى خۇددى تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرغاندەك ھېس قىلدى.

نېمە ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى گۈزەل قىز قاياقلارغا يوقاپ كەتتى؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ نىقاب تاقىۋاپتۇ، ئەجەبا چىرايى بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ يۈرىكى تىترەپ، تۇيۇقسىز بىر ئاز بىئارام بولدى.

شۇ تاپتا سەھنىدىكى قىز داۋاملىق ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.

 «كۆڭۈل سەرسانلىقى، بىر خىل ئالاھىدە جىنايەت، قىلالمىساڭ دېگەنلىرىڭىنى، بەرمىگىن خالىغانچە ۋەدە».

جالال ئۇنىڭغا قاراپ، ناخشا تېكىستىنى ئاڭلاپ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا ۋەدە بەرگەن ئەھۋالىنى ئېسىگە ئالدى.

ۋاقىت ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ رەھىمسىز نەرسە، چۈمپەردىنى ئاچقان كۈنى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل قىز يوق بولدى، ئۇ بىر نومۇسسىز ئايال بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغىلى يەتتە يىل بولدى...

بۇلاردىن باشقا، يەنە نېمە قالدى؟

ئۇ ئەمدى پاكىز جالال ئەمەس، ئۇنىڭ قىزىمۇ باشقىلارغا ياتلىق بولغان ئايال بولدى.

ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا كۈلۈپ قويدى، كۆزلىرى يەنىلا سەھنىدىكى كېلەڭسىز سىماغا مىختەك قادالدى.

بۇ چاغدا جالالنىڭ ئاپىسى سىرتتىن كىرىپ،  جالالنىڭ چىرايىنىڭ باشقىچىلا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا:

-جالال، نېمە بولدى؟ تۇيۇقسىز شەمىسيەنى قوغلىۋېتىپسەن، ئۇرۇشۇپ قالغان ئوخشىمامسىلەر؟

-ياق، ئاپا، گەپ قىلما، مەن ناخشا ئاڭلاۋاتىمەن، -جالالنىڭ كۆزلىرى ئېكراندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدى.

«ئاخىرىدا مېنىڭ خۇشاللىق، غەزەپ، نەپرىتىم، ھەسرىتىم، ھەسەتخورلۇقۇم تېرەمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى،  نەپرەتلىك بەخت، تولدۇرۇشقا ئامالسىز بوشلۇقلار»

گۈلزىرە ناخشىنى بارغانسېرى بېرىلىپ ئېيتتى، ئىلگىرىكى نۇرغۇن نەرسىلەر كاللىسىدىن ئۆتتى، ئاخىرىدا خۇددى دېڭىز تاشقىنىدەك يوقاپ كەتتى.

جالال بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوخشاشلا ئەسلىمىگە پېتىپ قالدى، سانسىزلىغان پارچىلار ئۇنىڭ كاللىسىدا ھۆركىرەپ تۇراتتى، ئۇ گۈلزىرەگە قاراپ، قەلبى بىئارام بولۇپ كەتتى.

ئۇ ئۇنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ھاياتىدىن ۋاز كەچكىلى تاس قالدى.

ھازىر ئۇ ئاخىرى ھايات قالدى، يەنە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان بولدى، لېكىن، ئۇ بۇرۇنقى ئۇ ئەمەس.

ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئۇ راستىنلا بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ، ئەينى چاغدىكى  ۋاقتلارغا قايتىماقچى.

لېكىن، قايتالمايدىغاندەك قىلىدۇ...

گۈلزىرە ناخشىسىنى تاماملاپ، سالام قىلدى.

 بۇ ناخشا ئۇنىڭ  شۇ تاپتىكى كەيپىياتىنى ئىپادىلەنگەن بولغاچقىمىكىن، نەق مەيداندىكى نۇرغۇن تاماشىبىنلار قاتتىق تەسىرلەندى، ئالقىش سادالىرى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى.

جالال يۈزىنى ئېتىۋالدى، كۆزى سەل قىزىپ كەتكەن ئىدى.

ئەسلىدە،  ئۇ ئۆزىنى ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ئۆلۈپ كېتىمەن دەپ ئويلىغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم پۇرسەت بولۇپ قالدى،  ئۇنداقتا، ئۇ گۈلزىرەنى يەنە بىر قېتىم قوغلاشسا بولىدۇ.

مەيلى ئۇ توي قىلغان بولسۇن بولمىسۇن،  ئۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ يېنىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章