يالغان ئەر خوتۇن 🧡 15-قىسىم

文摘   2024-09-04 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 بۇ قەھۋاخانا شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى قايناق بازارنىڭ دۇقمۇشىدىكى بىر سۇدا ساراينىڭ يېىنغا قۇرۇلغان بۇلۇپ پۈتۈنلەي ياۋرۇپاچە ئۇسلۇبتا زىننەتلەنگەن ئىدى. مەنمۇ بەزى كۈنلىرى چارچىغان نېرۋىللىرىمنى ئارام ئالدۇرغاچ بۇيەرگە كىلىپ قەھۋە ئىچىپ بىرەر ئىككى سائەت ئۇلتۇرۇپ چىقاتتىم.

قەھۋەخانىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ ئىشىكتىن كىرگەندىكى ئۇدۇلدىكى جوزىدا بىر نەچچە قىز- يىگىت قەھۋە ئىچكەچ ئېچىلىپ -يېيىلىپ پاراڭ قىلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى. مەن بۇلۇڭدىكى خالىي بىر جاينى تاللاپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا ئىككى يېنىغا قاراپ قۇيۇپ خالىق كىرىپ كەلدى. ۋە بىر قاراپلا مېنىڭ ئىكەنلىكىمنى پەرەز قىلدىمۇ- قانداق؟ ئۇدۇل مېنىڭ قېشىمغا يېتىپ كەلدى.

-ياخشىمۇسىز ئىدارە باشلىقى؟ -دېدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭغا قول سۇنۇپ.

-ئۇدۇللا ئىسمىنى ئاتاۋېرىڭ !-ئۇ شۇنداق دېگەچ مەن بىلەن خوشياقمىغاندەك كۆرۈشۈپ قويۇپ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇردى. ۋە ماڭا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.

-مەن پەرەز قىلغاندىنمۇ؟ خېلىلا ياش ئىكەنسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇشنى خالىمىسىڭىزمۇ مەيلى. لېكىن مىنى بۇ يەرگە چاقىرغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلسەم بولدى. تېز بولۇڭ، ئالدىرايمەن!

-ئالدىرىماڭ، خالىق ئەپەندىم. ئالدىراڭغۇلۇق ياخشى ئىش ئەمەس. ناپالىئونمۇ ئاخىرقى جەڭدە باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، ئالدىراڭغۇلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. ئالدىراڭغۇلۇق ئادەمنى بىخۇدلاشتۇرۇپ خاتا يولغا باشلايدۇ. كونىلارنىڭ«ئالدىرىغان يولدا قالار. ئۆلۈكى چۆلدە قالار، » دېگەن گېپى بار، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئالدىرماي پاراڭلىشايلى!-مەن تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق دىگەندىن كىيىن مۇلازىمنى چاقىرىپ ئىككى ئىستاكان قەھۋە، بۇيرۇتتۇم.

-سىز كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز؟ مېنىڭ ئىشلىرىمنى قانچىلىك بىلىسىز؟ مېنى نېمە قىلسۇن دېمەكچى؟ -دېدى ئۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ.

-مىنىڭ سىزگە قىلدۇرماقچى بولغان ئىشىم ناھايىتى ئاددى. ئاۋۋال مەن ئۆزۈمنى سىزگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي! ئىسمىم زىيا، مەردان لىدىرنىڭ كۈيئوغلى بولىمەن. يېقىندىن بۇيان شىركەتتە بەزىبىر مەسىلىلەر بېشىمىزنى قاتۇرۇپ قويدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاجمىز. بۇ ئىشلارنى مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ دېيەلمەيدىغانسىز؟ نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى سىزگە ئايان. سىز ئەقىللىق ئادەم مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشىنىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن؟ -دېدىم مەن قەھۋەدىن بىر يۇتۇم ئىچىۋەتكەچ،

-مۇنداق دەڭ !قارىغاندا سىز خېلى بۇرۇنلا مىنىڭ ئىزىمغا چۈشۈپتىكەنسىز دەڭا. قېنى سىزدىن سوراپ باقاي مېنى قايىل قىلغىدەك قانداق ئىسپاتىڭىز بار؟ -دېدى ئۇمۇ كۆزۈمگە قادىلىپ تۇرۇپ.

-ياق، خالىق ئەپەندىم مەن ئەزەلدىن سىزنىڭ پېيىڭىزگە چۈشۈشنى ئويلاپ باقمىغان. بۇنى تاساددىبى توغرا كېلىپ قېلىش دەيمىز، قولۇمدىكى بۇ ئىسپاتىڭىز سىزنى قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، -مەن شۇنداق دېگىنىمچە تېلىفونۇمنى چىقىرىپ سانىيە بىلەن ئىككىسىنىڭ پاراڭلاشقان چاغدىكى ۋىدىئوسىنى ئۇنىڭغا قۇيۇپ بەردىم. ئۇ ماڭا گۇمان نەزىرى بىلەن قاراپ قۇيۇپ ئۇنى كۆرۈشكە باشلىدى. كۆرگەنسېرى قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ پات -پات ماڭا قاراپ قۇياتتى. ئاخىرى كۆرۈپ بولۇپ تېلىفۇننى ماڭا بەرمەي تۇرۇپ مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرىدى، مەن ئۇنىڭ ۋىدىئونى كۆرۈپ بولۇپلا يۇۋەتكەنلىكىنى بىلىپ بولدۇم. لىكىن ئۇ مېنىڭ تور دېسكامدا زاپاس بىز ساقلانغانلىقىنى بىلمىگەن بولسا كېرەك.

-كەچۈرگىن، ئۇكام، ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇيىۋىتىپ قالدىم. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارغا ساڭا پۇرسەت بەرمەسلىكىم مۇمكىن؟ -دېدى ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، ئۇنىڭ باشتىكى سىز دەۋاتقان مۇئامىلىسى ئەمدىلىكتە سەنلەشكە ئۆتكەن ئىدى،

-ھىچقىسى يوق خالىق ئەپەندىم ئەمىليەتتە سەز بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى بولغان بىلەن ئىشلارنى بەك ئاددىي، يۈزەكى ئويلايدىكەنسىز. سىزنىڭچە مەن بۇنداق ئىسپاتلارنى ئاسانلىقچە سىزنىڭ قولىڭىزغا تۇتقۇزۇپ قويارمەنمۇ؟ قارىغاندا سىز بىلەن ھەمكارلاشقىلى بولمىغۇدەك. ئەمەلىيەتتە مەن سىزگە كۆرسەتكەن بۇ ئىسپاتلار زاپاس ساقلاقلىق، ئەمدى بۇ ئىسپاتلارنى ساقلاشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغاندەك تۇرىدۇ. ئاۋۋال سىزنىڭ ئايالىڭىزدىن باشلامدۇق ياكى تاراتقۇلاردىن باشلامدۇق؟ مېنىڭچە ئايالىڭىزدىن باشلىساق ياخشى بولغۇدەك. بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يۈز- ئابرۇيىڭىز، ھەر ھالدا ساقلىنىپ قالغاندەك!-مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇردۇم.

-توختاپ تۇرۇڭ! ئەمەلىيەتتە مەنمۇ سىزنىڭ زاپاس ساقلىغانلىقىڭىزنى ئۇقاتتىم. لىكىن سىزنى سىناپ باقتىم. ئەگەر سىزنىڭ دىگەن ئىشىڭىزنى بېجىرىپ بەرسەم. بۇ ۋىدېئولارنى پۈتۈنلەي يۇيىۋىتەمسىز؟ ئۇنىڭ تارقىلىپ كەتمەيدىغانلىقىغا قانداق ئىشىنىمەن؟ -دېدى ئۇ مېنى توختىتىۋېلىپ. مېنىڭمۇ كۈتۈۋاتقىنىم شۇ ئىدى. ئەگەر ئۇ «قانداق قىلساڭ قىل!» دېگەن تەقدىردە ئۇنى ئاشكارىلىۋەتسەممۇ ماڭا قىلچىلىك پايدىسى يوق ئىدى.

-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن گېپىمدە تۇرىمەن. سىز مەردان لىدىرنىڭ شىركىتىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى توختىتىپ يېقىندىن ماسلىشىپ بەرسىڭىز. ئۇنىڭ كەينىدىن بۇ ۋېدىئونى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېتىمەن. سىزگە تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق ئىسپاتلارنى يوق قىلىۋېتىمەن، -دېدىم گەرچە گىپىمدە تۇرۇشنى ئويلىمىساممۇ ئۇنىڭغا يالغان ۋەدە بەردىم. چۇنكى بۇ ئىسپات سانىيە بىلەن خالىقنى كونترول قىلىشىمدىكى بىردىنبىر قورالىم ئىدى. ئۇنى ھەرگىز يوق قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.

-بولىدۇ. ئەمىسە! گېپىمىز گەپ بولسۇن. لېكىن دەپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمىسۇن. مەن باشقىلارنىڭ كەينىمدىن پايلاپ يۈرۈشىنى ياقتۇرمايمەن! ئەگەر يەنە شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا ئۇ چاغدا مەندىن رەنجىمەڭ!-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماڭىمۇ خوش دېمەستىن چىقىپ كەتتى.

مەن چىقىپ كېتىپ بارغان خالىقنىڭ كەينىدىن قاراپ مەغرۇرلىنىپ كۈلۈپ قويدۇم، چۈنكى شىركەتنىڭ لېدىرى ھەل قىلالمىغان بۇ ئىشنى مانا مەندەك بىر ئاددىي ئادەم ھەل قىلغان ئىدىم. بىر ھېسابتا بۇ ئىشلارمۇ خېلى بولۇپ قالغۇدەك. بۇ دۇنيادا سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار دەيسىز؟ مەن دەل ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى بىلىپ يەتتىم، ئەگەر قىلىمەنلا دىسەم ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋېلىش مەن ئۈچۈن تەس ئەمەستەك بىلىنەتتى. بۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزەمنى خۇددى شەخسىي رازۋېتچىكتەك ھېس قىلىپ قالدىم. مەن بۇ خۇشاللىقىمنى ئىنتىزار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم. بۇنىڭدىكى يەنە بىر مەقسەت ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە سېلىپ قويۇش ئىدى.

-ۋەي خۇتۇن ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى، ۋەدىڭىزنى ئورۇنداشقا تەييار تۇرۇڭ! -دېدىم مەن ئۇ تىلىفۇن ئېلىشىغىلا.

-بولدى يالغان گەپ قىلىپ مېنىڭ ئاغزىمغا قۇرۇق سوسكا سالماڭ! دادام ھەل قىلالمىغان ئىشنى سىز قىلالامتىڭىز؟ ئەگەر ھەل بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن؟ يەنە بىرسى سىزگە دەپ قۇياي. ئەمدى ماۋۇ خوتۇن دېگەن گەپنى ئاغزىڭىزغا ئالماڭ!مەن سىزگە ھىچقانداق ۋەدە بەرمىدىم.

-مەن يالغان …

ئۇ مىنىڭ گىپىمنىڭ ئاخىرلىشىپ بولۇشىنى كۈتمەيلا تېلىفوننى قويىۋەتتى، ئەسلا «يالغان ئېيىتمىدىم» دەپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرمەكچى ئىدىم.

-ئاناڭنى نىمەڭگە يوغانلىق قىلىسەن. ھەر قانچە بىر شىركەتنىڭ دىرېكتورىنىڭ قىز بولساڭمۇ ھامان بىر كۈنىسى قۇچۇقۇمدا ئەركىنلمىگىنىڭنى كۆرۈپ باقاي! -مەن شۇنداق دەپ ئۆز -ئۆزەمگە سۈزلەپ ئاچچىقلىغىنىمچە ئالدىمدىكى جوزىغا بىرنى مۇشتلىدىم،

-ئەپەندىم بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ ياردىمىم كېرەكمۇ؟ -سۇرىدى مۇلازىمەتچى دەرھال يېتىپ كېلىپ. چۈنكى قەھۋەخانىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىققىتى ماڭا مەركەزلەشكەن ئىدى.

-ھە…ھە ياق، ھېچقىسى يوق. رەھمەت سىزگە!-مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىپ قەھۋەخانىدىن يېنىپ چىقتىم. ئىنتىزار مېنىڭ گەپلىرىمگە ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىگە قارىغاندا شىركەتنىڭ مەسىلىسى ھەل بولغاندىمۇ مېنىڭ سەۋەبىمدىن دەپ شۇنداق بولدى دەپ ئويلىمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى مەن نىمىگە ھىساپ. ئۇنىڭ نەزىرىدە مەندەك بىر ئاددىي ئادەم قانداقمۇ خالقنى گەپكە كىرگۈزەلىسۇن! لېكىن شۇنداقتىمۇ بىرىنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق بېسىۋالدىم. ئەمدىلىكتە تارماق شىركەتكە ئىشقا چۈشسەم سانىيە تاپشۇرغان ئىشلارنى جايىدا بېجىرىپ دېيىشكەن پۇلنى قولۇمغا ئالسام ئاندىن ھاردۇقۇم چىقاتتى.

ئۆيگە قايتاشىمدا سانىيەدىن تېلىفۇن كەلدى. قارىغاندا خالق بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشكىنىمىزدىن خەۋەر تاپقان بولسا كېرەك تېلېفوننى ئېلىشىمغىلا چالۋاقاپ كەتتى.

-بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز؟ ئەركىشىمۇ سىزدەك بولامدۇ؟ مەنمۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئېغىزغا ئالمايدىغان. سىزمۇ بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدىغان بولغان ئىدىڭىز. شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇنى ئىزدەپ بارغىنىڭىز نېمىسى؟ ئەمدى ئىشنى بۇزۇپ قويدىڭىز. خالق بوش ئادەم ئەمەس. ھامان بىر كۈنىسى بۇ ھىسابنى بىزدىن ئالىدۇ. سىز زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ ئېيتىڭە، بۇ ئىشلارنى يەنە كىم بىلىدۇ؟ -دېدى ئۇ مېنى سوراقلاپ.

-ئەسلى بۇنداق قىلمايتتىم سانىيە. بۇنىڭ ھەممىسىگە سىز سەۋەبچى. ئۆزىڭىز مېنىڭ ھېلىقى قۇرۇلۇش توغرۇلۇق باھا جەدىۋىلىنى ئوغىرلاپ بىرىڭ دىدىڭىز. لىكىن بولسا كەينىدىلا ئۆزىڭىز بۇ ئىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان. ئويلاپ بېقىڭا سودا -سانائەت ئىدارىسى شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تارماق شىركەتنىڭ ئىش بىجىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتسا، مېنىڭ يەنە ئۇ يەرگە بېرىپ ئىشلىشىمدىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟ مەنمۇ ئەتىدىن باشلاپ نورمال ئىشقا چۈشۈشنى ئويلىغان. لېكىن مەردان لېدىر مېنى «بىر مەزگىل تۇرۇپ تۇرۇڭ» دەپ توختىتىپ قويدى. بەلكىم بۇنۇڭ سەۋەبىنى بىلگەنسىز. ئالدىنقى كۈنى سىز سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خالىقنى شۇنداق قىلىشقا قىستىغان ئىدىڭىز،

ئۇ بەلكىم سىزدىن قورققان بولسا كېرەك. تىزلا ھەركەتكە كەپتۇ، شۇڭلاشقا مەنمۇ قاراپ تۇرسام بولمايدۇ -دە. سۇڭىلاشقا سىزگە دەپ قۇياي سانىيە. مەن سىزنىڭ تاپشۇرۇقلىرىڭىزنى بېجىرىپ بولغۇچە ئۇلارغا بولغان سۇيىقەستىڭىزنى توختىتىپ تۇرۇڭ!-دېدىم مەن ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ.

-بولىدۇ. مەن تېخى بۇنداق بۇلۇپ كېتەر دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. لېكىن يەنە بىر گەپنى دەپ قوياي! سىز بۇ ئىشلارنى دەستەك قىلىپ ئىدارە باشلىقى خالىقنى ئىزدەپ ياخشى قىلماپسىز. بۇ توغرۇلۇق مىنى ئىزدىسىڭىز بولاتتى. سىز بىلمەيسىز خالق بولسا ئۆزىنىڭ نام- ئابرۇيىغا بەك ئېتىبار بېرىدىغان ئادەم. ئۇ كىيىن بۇ ئىشلىرىنىڭ ئاشكارلىشنىپ كىتشىدىن ئەنسىرەپ قارا قولىنى بىزگە سۇنمىسا مەيلىتىغۇ؟ ھەر ھالدا دىققەت قىلىڭ!-دېدى ئۇ مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ.

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ. باياتىن قەھۋەخانىدا ئۇنىڭ ماڭا قاراشلىرىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئاخشام ئەقلىمنى ئىشلىتىپ تارتىۋالغان ۋىدىيونى بىر بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ياتاق ئۆيۈمدىكى رەسىمنىڭ كەينىگە تىقىپ قويغان ئىدىم. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسام بۈگۈن ئۇنىڭغا تېلېفون بەرگەن ۋاقتىمدا بۇ ئىسپاتلىرىم يوق بولاتتى.

تېگى يوق ئەندىشىلىك خىياللار ئىلكىدە پىيادىلەر يولىدا كېتىپ بېرىپ بىر نەرسىگە «گۈپپىدە» سوقۇلۇپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم. ۋە بارلىق ئاچچىقىمنى سوقۇۋەتكەن ئادەمدىن چىقارماقچى بولۇپ يېنىمغا قارىدىم. قارىدىميۇ بايىقى ئاچچىقىمنىڭ ئورنىنى بىر ئەنسىزلىك ئىگەللىۋالدى. چۈنكى يېنىمدىلا مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىز ۋايجانلىغىنىچە ئاغزىدىن كۈپۈك چىقىرىپ ياتاتتى. مەن چاققانلىق بىلەن ئۇنى يۆلىمەكچى بولدۇم. بۇنىڭ بولسا پۇت- قوللىرى جالاقلاپ تىترەپ تارتىشىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئەتراپىمغا بىر نەچچە ئادەم ئولاشتى، مەن قانداق قىلارىمنى بىلمەي. تەمتىرەپ قالدىم.

-تېز دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىڭ نېمە قاراپ تۇرىسىز؟ -دېدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياش بىر يىگىت ماڭا ياردەملىشىپ ئۇنى كۆتۈرگەچ.

-ھە…ھە بولىدۇ. مەن ماشىنا توساي!-دېدىم مەن ھودۇققىنىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي.

-مىنى ماشىنامدا ئېلىپ بارايلى!-ئۇ يىگىت شۇنداق دېگىنىچە. ئۇ قىزنى كۆتۈرۈپ يېقىنلا يەردە توختىتىپ قويغان ماشىنىسى تەرەپكە ماڭدى. مەن ئىچىمدە«مۇنداقمۇ ياخشى ئادەملەر بار ئىكەن. »دېگىنىمچە ئۇ قىزنى كۆتۈرۈپ ماشىنىنىڭ كەينى تەرىپىگە چىقتىم. يىگىت بولسا ماشىنىنى تېزلىكتە ئوت ئالدۇرۇپ چوڭ يولغا چىقىپ يۈرۈپ كەتتى. مىنىڭ پۈتۈن ئەسى- يادىم. ئۇ قىز بالىدا بولۇپ كەتكەچكە ماشىنىنىڭ قايسى تەرەپكە ماڭغىنىدا دىققەت قىلماپتىمەن. ئالدى تەرىپىمگە قارىغان ۋاقتىدا ماشىنىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى يول بىلەن كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ شوپۇردىن سورىدىم.

-يولنى خاتا مېڭىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بۇنداق ماڭمايتۇققۇ؟

-بولدى. ئارتۇق سورىما! سەن بىلەن بىرسى كۆرۈشمەكچىكەن جايىڭدا جىم ئولتۇر!-دېدى شوپۇر يىگىت كەينى كۆرۈش ئەينىكىدىن ماڭا قاراپ قۇيۇپ.

-بۇ…بۇ قانداق بولغىنى ماشىنا، تىز توختات…

مەن شۇ گەپنى قىلىپ بولغۇچە ئارىلىقتا يېنىمدىكى قىز چاققانلىق بىلەن بىر قارا خالتىنى بېشىمغا كەيدۈرۈپ بىقىنىمغا ئۇچلۇق بىر نەرسىنى تىرەپ قويدى. ۋە بۇش ئاۋازدا.

-ئەگەر ھايات قالاي دېسەڭ زۇۋانىڭنى ئۆچۈرۈپ بىزگە ماسلاش، -دېدى ۋە بىر قاتتىق نەرسە بىلەن بېشىمنىڭ كەينى تەرىپىگە كۈچەپ بىرنى قويدى.

مەن ۋاي… دىگىنىمچە ئالدىمدىكى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىمنى قويغىنىمچە باشلىرىم پىرقىراپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ ئاستا يان تەرەپكە قىيسىيىپ يىقىلدىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章