قارا كۆڭۈللەر 🧡 23-قىسىم

文摘   2024-09-03 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-ئاغزىڭنى يۇم، ھۇ دىتى يوق ئەقىلسىز. مۇشۇنداقلا بولدى قىلىمىزما. مەن شۆھرەتكە شۇنداق بىر ھىيلە ئىشلىتەيكى، ئۇ ئىككىنچىلەپ باشقا قىزلارغا قارىمايدىغان بولىدۇ. ھەمدە بىز قويغان شەرتلەرگە غىڭ قىلماي قوشۇلۇپ سەن بىلەن توي قىلىدىغان بولىدۇ،- دېدى ئايزۆھرە چىرايىغا قورقۇنۇچلۇق تۈس كىرگۈزۈپ.

- سېنىڭچە شۆھرەتنى شۇنداق قىلدۇرماق شۇنچە ئاسان دەمسەن.

- سەن مېنىڭ گېپىمگە كىرسەڭلا بۇ تەس ئىش ئەمەس،- ئايزۆھرە ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋەتتى.

 ئۇ زۇلپىيەنىڭ قۇلاق تۈۋىگە، يېقىن كېلىپ بىر ھازا كۇسۇرلىدى .

- ئاپا بۇ……

- گەپ قىلما، ھەممە ئىشنى مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلىسەن. شۆھرەتنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتىۋالساقلا ئۇ بىزنىڭ ھەممە شەرتىمىزگە قوشۇلىدىغان بولىدۇ .

- ناۋادا مەن چاندۇرۇپ قويسامچۇ.

- مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن زۇلپىيە. مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلىشىڭ كېرەك. مەن سېنىڭ بىر ئۆمۈر غورىگۈل تۇرمۇش كىرىشىڭنى خالىمايمەن.

- ئاپا، ئۇنىڭغا قارا سانىساق، كېيىنچە ئۆزىمىزگە يېنىپ قېلىشتىن قورقىمەن .

- ھىم، سەن بۇ دۇنيانى شۇنچىلىك ئادىل دەپ قارامسەن؟ بىلىپ قوي تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ .

 زۇلپىيە گەپ قىلماي جىمىپ قالدى.

***************************

ياقۇپ ئەر-ئايال مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۈگۈن كەچ گۈلگىنەنى ئەكىلىش ئۈچۈن بارغانىدى. گۈلگىنەنىڭ دادىسى ئۈلۈپ كەتكەن بولۇپ قېرىپ مۈكچىيىپ قالغان ئانىسىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىمۇ شەھەر ئىچىدىكى ئولتۇراق بىنا ئىچىدە ئىدى.

ياشىنىپ قالغان مۇماي قىزى ئاق دېسە ئاق، قارا دېسە قارا دەپلا ئولتۇراتتى. ياقۇپ ئەر- ئايال ئىشىكتىن كىرىشىگىلا گۈلگىنە ئۇلارنى سوغۇققىنا قارشى ئالدى. گۈلگىنەنىڭ ئانىسىمۇ رەسمىيەت ئۈچۈن بىلىنەر بىلىنمەس بېشىنى ئېگىپ قويدى .

- مۇبارەك تەنلىرى ئامان ئېسەن تۇرىۋاتامدۇ قۇدام. كۆرۈشمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ. ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرغىچە ياكى بىز تەرەپلەرگە ئۆتمىدىلە؟ قىزىق پاراڭلارنى سېلىشىپ مۇڭدىشىپ سىلىنى زېرىكتۈرمەيتتىم ئەمەسمۇ……

 ھۆرىيەتنىڭ گېپى تۈگىمەستىلا گۈلگىنە ئانىسىغا قوپاللىق بىلەن دېدى:

- ئاپا، سەن ھۇجراڭغا كىرىپ كەت. بۇ يەردە سېنىڭ ئىشىڭ يوق .

 موماي ئۈندىمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ياقۇپ ئەر- ئايالغا گۈلگىنەنىڭ قىلغان ئەدەپسىزدىكى ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ چاندۇرماي ئولتۇردى. گۈلگىنە قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چاي ئېلىپ كەلدى.

- بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپتۇق قىزىم. شاۋكەت سەل نادانلىق قىپ قويۇپتۇ. ئۇنى بىر قېتىم كەچۈرۋېتىڭ. ئاراڭلاردا قانداقلا بولمىسۇن ئىككى بالاڭلار بار ئەمەسمۇ .

- بولدى سۆزلىمىسىلە ئاپا. ھېلىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئاشۇ ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ چىداپ كەلدىم. سىلى بىزنىڭ تويىمىزنى قىلغاندا كۆك تۇپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان بىر ئۆيگە چىقىرىپ قويغان. ئاشۇ كۆك توپىلىق ئۆينى ئاۋاتلاشتۇرۇپ ئوغۇللىرىنى مۇشۇ كۈنگە ئىرىشتۈرگەن مانا مەن. مېنىڭ سايەمدە دولىسى ئاپتاپ كۆرۈپ ئازراقلا كۆكلەپ قېلىۋىدى، خەقتىن قەرز ئېلىپ قىمار ئويناپ يۈز مىڭ كوي پۇلنى ئۇتتۇرۋېتىپتۇ. مەن نەچچە يىلدىن بېرى چېچىمنى سۈپۈرگە قىلىپ ئۆي تۇتۇپ يۈرەكلىك يۈز كوي پۇلنى خەجلىيەلمىسەم ماۋۇ ئوغرى يۈز مىڭ كوي پۇلنى دەتتىكامغا ئاتسا يەنە ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرالامدىم ئۇنىڭ بىلەن؟ ئىككى بالامنى بىردىن ئېلىپ ئاجرىشىپ كېتىمەن.

- ھەي بالام، شۆھرەت بىزگە قىمار ئوينىغان گەپنى قىلمايتتىغۇ. ئۇ سودا قىلىمەن دەپ قويمىچىغا ئۇچراپ كەتتىم دېگەندەك قىلاتتى،- دېدى ياقۇپ ھەيران بولۇپ .

- ئەمدى سىلى دادىسى بولغاندىكىن، قىمار ئوينىدىم دېگىلى ئىزا تارتقاندۇ .

- ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ. ياش چاغدا چىقارمىغان قىلىقنى ئەمدى چىقىرىپتىما بۇ ياغاچ قۇلاق.

- ئۇنى تالاغا قاراپ قاپتۇ دېسە ئىشىنىشىم مۇمكىن. لېكىن قىمار ئوينىدى دېگەن گەپكە مەن ئىشەنمەيمەن. مەن شەۋكەتنى ئوبدان چۈشىنىمەن.

- ئىشەنمىسىلە ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىرى دادا. مەن راست گەپنى دېدىم. ئىش قىلىپ ئۇنىڭ يۈز مىڭ كوي پۇلنى سورىۋەتكەنلىكى راست،- دېدى گۈلگىنە چالۋاقاپ .

- ئەمدى بالام، ئادەم دېگەن ئازماي ئەمەس. پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالغىلى بولماس. قانداقلا بولمىسۇن سىلەر ئۆي تۇتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى. بىر كۈنلۈك ئەر خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بار دەيدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆتكەن يەرلىرىگە بىز نا ماقۇل. چىرايلىقچە ئۆيىڭىزنى تۇتۇپ قېلىڭ قىزىم .

- مەن دەيدىغاننى دېدىم ئاپا. يۇقاتقان يۈزمىڭ كوي پۇلنى تاپسۇن ئاۋۇ ئەتىۋارلىق ئوغۇللىرى. ئاندىن مەن ئۆي تۇتۇشنى ئويلىشىپ باقارمەن،- دېدى گۈلگىنە بوينىدا شاپتۇل قاققىنىچە.

- بالام، گۈلنى سۆيگەن ئادەم تىكەننىمۇ سۆيگۈلۈك. ئۇنىڭدىن كىچىككىنە خاتالىق ئۆتۈپ بولغۇچە بۇنداق يۈز ئۆرىسىڭىز ياخشى بولمايدۇ. ئەر- ئايال ئىككىڭلار تالاي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتىڭلار. يەنە بىر مەزگىل تىرىشساڭلار بۇ قىيىنچىلىقنىمۇ يېڭىپ كېتەلەيسىلەر.

- ۋوي ما گەپنى، ھالۋىنى ھېكىم يېدى تاياق يىتىم دەپ پۇلنى ئوغۇللىرى خەجلىسە دەردىنى مەن تارتىمەنما.

 گۈلگىنە تاش چىشلەپ تۇرۇۋېلىپ ئۇلار ئۇنى دېسە بۇنى دەپ كەتكىلى ئۇنمىدى. بىچارە ئاتا ئانىلار كېلىنىدىن كۆڭلى رەنجىگەن ھالدا قايتىپ كېتىشتى .

*************************

شادىيە دېرىكتورنىڭ گېپىدىن خورلۇق ھېس قىلىپ خىزمەت ئىزدەشتىنمۇ رايى يېنىپ ئىككى كۈن ئۆيدىن تالاغىمۇ چىقمىدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ بارمىدى. بارسا بۇ ئىشلارنى دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ يېرىم قىلىشنى خالىمىدى. لېكىن بۇنداق يېتىۋەرسە بولمايتتى. تۇرمۇش ئاتلىق ھارۋا ھامان ئۇنىڭ سۆرىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. يوقسۇزلۇق، مۇھتاجلىق ئۇنى ھەرۋاقىت يوقنى تېپىشقا ئۈندەيتتى. يۈرەك پارىسى بولغان ئىككى پەرزەنتىگە ھەم ئانا ھەم دادا بولمىسا بولمايتتى. يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە بۇ ئايال ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايتتى. ئوقۇغانغا لايىق قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان خىزمەت ئۇنىڭغا ئۇچرىمايۋاتاتتى. يانچۇقىنىڭ ئەستىرى كۆرۈنۈپ تۇرۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە خىزمەت تېپىپ قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنىدى. ئەمدىكى بىردىنبىر ئامال يەنە زاھىرغا تېلېفۇن قىلىپ ئۇنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىشتا قالغانىدى. ئۆزۈمگىلا تايىنىمەن. جاھاندىكى ھېچقانداق ئەرنىڭ ياردىمىگە تايانمايمەن دېگەن قۇرۇق شۇئارلىرىنى ھازىر كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ۋاقىت ئۆتكەندەك قىلاتتى. لېكىن زاھىرنى ئىشىك ئالدىدىن قۇپاللىق بىلەن قوغلىۋەتتى. ئەمدى ئۆزىنى ئەرزان قىلىپ سىز تېپىپ بەرگەن خىزمەتنى ھازىر قىلىشنى ئويلاشتىم دېيەلىسۇنمۇ؟ بېشى قېتىپ ئۇماچ بولۇپ تۇرغاندا زاھىر ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى.

- قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ شادىيە؟

- ياخشى ئۆزىڭىزچۇ.

- نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟

- ھازىر ئۆيدە، بىكار.

- قارىغاندا خىزمەت تاپالمىغان ئوخشىمامسىز؟

- تاپالمىدىم ئەمەس، ماڭا ماس كەلگۈدەك خىزمەت چىقمىدى .

- ئەسلىدە مەن تونۇشتۇرغان خىزمەتنى قىلغان بولسىڭىز سىزگە تولىمۇ ماس كېلەتتى. لېكىن سىز مەندىن ۋابادىن قاچقاندەك قېچىپ مەن تېپىپ بەرگەن خىزمەتنى ياراتماي قويدىڭىز.

شادىيە ئۈندىمىدى.

- شادىيە، ئەڭ ياخشىسى سىز سوغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەپ قېلىڭ ماقۇلمۇ.

- قانداق بۇلار؟ - شادىيە ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشكۈسى كەلمەيۋاتاتتى.

- ئىككىلىنىپ ئولتۇرماڭ شادىيە. بۇنداق ياخشى خىزمەت سىزگە داۋاملىق ئۇچراۋەرمەيدۇ.

زاھىرنىڭ گەپلىرى شادىيەگە ئاغرىق كالىغا پىچاق تېتىغاندەك تېتىسىمۇ يەنە تەن بەرگۈسى كەلمىدى.

- قانداق بۇلاركىن؟

- ئىككىلەنمەڭ شادىيە، شىركەتتە خىزمەتچى خادىملار تولۇقلىنىپ بولسا ئۇ چاغدا پۇرسەت كىتىپ قالىدۇ. دەرھال بىنانىڭ ئالدىغا چىقىڭ. مەن ھازىرلا سىزنى شىركەتكە باشلاپ باراي.

- ماقۇل.

****************************

زۇلپىيە شۆھرەتكە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلسىمۇ ئالمىدى. ئۈندىداردا گەپ قىلسىمۇ جاۋاپ قايتۇرمىدى. ئاخىرى ئۇ شۆھرەتنىڭ ئىدارىسى ئالدىدا ئۇ ئىشتىن چۈشكۈچە ساقلاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ شۆھرەتنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشكە سائەت توشقۇچە كىرسە ئۇنىڭ ئالدىراشلىقنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇشتىن ئەنسىرىدى. شۆھرەت ئىشتىن چۈشۈپ دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىغىلا ئۇنىڭ ئالدىنى توستى.

-بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمىدىڭىز،-دېدى شۆھرەت دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان زۇلپىيەنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ قويماستىن.

- نېمىشقا مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز شۆھرەت ؟- دېدى زۇلپىيە مۇلايىملىق بىلەن.

- سىز قويغان ئاسمان-پەلەك تويلۇقنىڭ چىقىمىنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىزنى ئىزدەي دېدىم.

- ماڭا تەنە گەپ قىلماڭ شۆھرەت. مەندىن بۇنداق ئۆزىڭىزنى قاچۇرغۇچە بۇ ئىشلارنى بار مەسلىھەت بىلەن قىلساق بولىدىغۇ.

- بار مەسلىھەت بىلەن دەپ قويۇڭ تېخى. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرىۋاتىسىز. مېنىڭ پىكرىمگە بىرەر قېتىم ھۆرمەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ. ئىككىمىز كۆرۈشسەكلا مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق گەپ تالىشىپ ئۇرۇشىمىز. سىز داۋاملىق مېنى گاداي كۆرۈپ چەتكە قاقىسىز. مەن بەك چارچاپ قالدىم زۇلپىيە. قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ ئىشى بىر باشقا چىقمايدىغان ئوخشايدۇ.

- نېمە، سىز مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا تۆت يىللىق مۇھەببىتىمىزنى قۇربان قىلماقچىمۇ،- دېدى زۇلپىيە كۆزلىرىگە چىڭ ياش ئېلىپ .

- مېنىمۇ شۇنداق قىلغۇسى بار دەمسىز. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز. مېنىڭ ئاتا ئانام ئاددىيغىنە خەلق ئوقۇتقۇچىسى. مىليونېر ئەمەس. ئۇلارغا مېنىڭ تويلۇقۇمغا تۆت يۈز مىڭ كوي بېرىڭلار دەپ دېيەلەمدىم. سىز مۇشۇنداق تازنى ئاپتاپتا قىستاۋەرسىڭىز، مەن شۇنداق قىلماي قانداق قىلىمەن ؟

زۇلپىيە ئېغىزىنىڭ ئۇچچىغا كەلگەن گەپلەرنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى. ئۇ شۆھرەتنىڭ باشقا بىرىنى تېپىۋالغانلىق ئىشىنى يۈزىگە سالماقچى بولدىيۇ، ئۇنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ ئۈركىتۋېتىشتىن ئەنسىرىدى .

- بولدى شۆھرەت بۇ ئىشلارنى تەگەۋەرمەڭ. مەن ئاتا-ئانامغا يەنە دەپ باقاي. ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى چوڭلار مەسلىھەتلەشسۇن. ئىككىمىز ئارىلاشمايلى.

 شۆھرەت گەپ قىلمىدى.

- نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىز بىلەن كۆرۈشمەي سىزنى بەكمۇ سېغىندىم. ئىككىمىز خالىي يېرىنى تېپىپ ئوبدانراق پاراڭلىشايلى .

-مەن……،- شۆھرەت بۈگۈن گۈزەل ئاي بىلەن كۆرۈشىدىغانغا دېيىشىپ قويغان بولغاچقا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپ قالدى.

- بۈگۈن تەلىپىمنى رەت قىلماڭ شۆھرەت،- دېدى زۇلپىيە شۆھرەتنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئەركىلەپ تۇرۇپ.

- بۇ ئىشلار ماڭا بەك بېسىم بولۇپ قالدى. سىزنى كۆرسەملا ئاسمان-پەلەك باھايىڭىز ئېسىمگە كىلىپ مېنى غەم باسىدۇ.

- بۇ ئىشلارنى تەگەۋەرمىسىڭىزچۇ شۆھرەت. مەن ئالدىڭىزدا ناماقۇل. ئىشقىلىپ بۈگۈن بىر نەچچە سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا ھەمراھ بولمىسىڭىز ئۇنىمايمەن.

 شۆھرەت زۇلپىيەنىڭ ئۇششۇقلۇق قىلغىنى قىزىقارلىق بىلىنىپ كۈلۈپ كەتتى .

- ھە دەڭە ئەمسە، نەگە بارىمىز؟

- ئاۋۋال ئىككىمىز تاماق يەيلى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن بارىدىغان يەرنى دەيمەن.

- ماقۇل، يۈرىڭە ئەمىسە .

 ئىككىسى يېتىلىشىپ تاماقخانا تەرەپكە ماڭدى.

ئۇلار تاماقخانىغا كىرگەندىن شۆھرەت يانفۇنىنى ئېلىپ گۈزەلئايغا ئۇچۇر يېزىپ ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتماقچى بولدى.

شۆھرەت يېقىندىن بۇيان گۈزەلئاي بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا تېخى كۆڭۈل ئىزھار قىلغۇدەك بولمىغانىدى. ئۇ زۇلپىيە بىلەن بىر ياقلىق بولماي تۇرۇپ قوش قېيىققا تەڭ دەسسەشنى لايىق كۆرمىگەنىدى. لېكىن كۆڭۈل قۇشىنىڭ بارا-بارا زۇلپىيەدىن ئەگىپ گۈزەلئاي تەرەپكە مايىل بولىۋاتقانلىقى ئىنىق ئىدى. زۇلپىيە شۆھرەتنىڭ تېلېفۇنغا دۈم چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ سومكىسىدىن بىرخىل سۇيۇق دورىنى ئېلىپ ئېغىزىنى ئېچىپلا پىيالىنىڭ بىرىگە چاندۇرماي تۆككەندىن كېيىن ئۈستىگە چاي قويۇپ شۆھرەتنىڭ ئالدىغا قويدى. بىر ئازدىن كېيىن تاماق چىققاندا شۆھرەت تاماق يەۋىتىپ پىيالىدىكى چاينى ئىچتى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章