بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 14-قىسىم (ئەپچىدە 28قىسىم)

文摘   2024-09-05 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ھەممىدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ ئاجرىشىمەن دېيەلمەيتتىم. بىر تەرەپتىن جەمىيەتكە چىقمىغىلى بەش يىل بولغان ئۆزۈمنىڭ تىرىشىپ باش كۆتۈرۈشۈمنىڭ تولىمۇ قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلىسام، يەنە بىر تەرەپتىن بالامنى ئويلايتتىم، ئۇنىڭ مەندىن ئايرىلىپ ئۆگەينىڭ قولىدا خورلىنىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، دادىسىدىن ئايرىلىپ مەندەك ھېچنېمىسى يوق ئايالنىڭ يېنىدا قېلىپ قىينىلىشىدىن بولسا تېخىمۇ ئەنسىرەيتتىم.

ئاستا ئۆيگە قايتىپ كىردىم. يولدىشىم بىلەن ئوغلۇم قايتىپ كىرگەنىدى.

- ئەتىگەندە نەگە باردىڭ؟- دېدى يولدىشىم يېنىمغا كېلىپ. گەرچە ئۆزگىرىش توغرىلىق ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا تىترەپ تۇراتتىم.

- دۇكانغا كىرىپ بىر ئاز نەرسە ئالدىم،- قولۇمدىكى كۆكتاتنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.

- بۇندىن كېيىن ئىشلىتىدىغان نەرسە كەم بولسا ماڭا دە.. مەن ئەكىرىپ بېرەي، ئويلىسام شۇنچە ۋاقىتتىن بارى ئۆي بىلەن كارىم بولماپتۇ..

يولدىشىمغا قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. ئۇ شۇ تاپتا ئۆزى ئۈچۈن چوڭ بىر قاراردىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى بىلمەيتتى، مەيلى بۇ دەقىقىدىكى كۆيۈنۈش راست ياكى يالغان بولسۇن. ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى قارار قىلغانىدىم.

- گەپ قىلمايسەنغۇ، ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسەن؟!

- ياق، ئىشىنىمەن. سىزگە ئىشىنىمەن.. بۇ دەقىقىنى كۈتكىنىمگە شۇنچە ئۇزۇن بولدى..

تولىمۇ يارىماس ئىدىم. تەكرار كەچۈرۈشنىڭ مېنى ئاجىز قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇنداقلا ۋاز كېچەلمەيتتىم. توغرىسىنى ئېيتقاندا يولدىشىمنىڭ يېنىمغا قايتىدىن كېلىشى، ماڭا ئۆزگىرىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى يۈرىكىمنى ئېرىتىۋاتاتتى.

«ئۇنىڭغا ئىشىنەي، مۇشۇ بىرلا قېتىم ئىشىنەي، ئۇ چوقۇم مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ» دېدىم ئۆز ئۆزۈمگە.

ئۇ ئاستاغىنە پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى. كۆزۈمدىن ياش سىرغىپ چۈشتى.

 چۈشلۈك تاماقنى تەييار قىلغاندىن كېيىن ئۈستەلگە قويۇپ يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنى ئۈستەلگە چاقىردىم.

- تاماق تەييار بولدى، چىقىپ يەۋېلىڭلار..

يولدىشىم ئوغلۇمنى يېتىلىگىنىچە ياتاق ئۆيدىن چىقتى، ئىككىسىگە مەسلىتكىم كېلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىم.

- بۈگۈن بالام ئامراق تاماقنى قىلدىم..

بالامغا قاراپ سۇنغان قولۇم ھاۋادا قالدى، يولدىشىمنىڭ مۇھەببىتىگە ۋاقتىنچە ئىرىشكەندەك قىلساممۇ ئوغلۇمنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك قىلاتتىم.

- ئوغلۇم، ماڭا گەپ قىلماس بوپ قاپسەنغۇ،ئۇنداق قىلما، ماڭا گەپ قىپ قويغىن..

- مەن ساڭا ئۆچ. ماڭا گەپ قىلما..

ئوغلۇم دادىسىغا يېقىن ئولتۇردى، جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇراتتىم.

- بۈگۈن نەگە بېرىپ ئوينىغۇڭ بار بالام..

- سەنلا ئاپارساڭ نەگە بارسام مەيلى دادا..

ئوغلۇم ماڭا دوق قىلىپ شۇنداق قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن قاچىسىغا گۆش سېلىپ باقتىم، باشلىرىنى سىيلاپ باقتىم، لېكىن ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولىدىغاندەك قىلمايتتى.

بۇ بىر ۋاخ تاماق دادىسى ئىككىسىنىڭ پارىڭى مېنىڭ جىمجىت سۈكۈت قىلىشىم بىلەن ئاياقلاشتى.

كەچتە قاچىلارنى يىغۇشتۇرۇپ ئوغلۇمنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۇ كۆزۈمگە غەلىتە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋەتتى. ئوغلۇم بىلەن ئارىمىزدىكى ئارىلىق يالغۇز ئىشىك بىلەن ئايرىلغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇ دەقىقىدە ئىككىمىز ئىككى شەھەردە، ياق، ئىككى دۇنيادا ئىدۇق.

ئاستا سافانىڭ ئالدىغا كەلدىم-دە ئۈستىگە تاشلاندىم. تۇيۇقسىز بىر قولنىڭ چېچىمنى تۇتىشى بىلەن خوشاللىقتا كۆزۈمنى ئاچتىم. لېكىن ئالدىمدىكىسى ئوغلۇم ئەمەس يولدىشىم ئىدى.

- يەنە سافادا يېتىۋەرمەكچىمۇ سەن..

- كۆنۈپ قاپتىمەن. سىزنىڭ ئارامىڭىزنى بۇزۇپ قويماي، مۇشۇ يەردە ياتاي..

- مەن مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىمەن..

- بىلىمەن. لېكىن بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ. بىر ئايرىم ياتقىلى بەك ئۇزۇن بولدى..

- بولدى قىل.. مەن ئالدىمغا قاراپ قەدەم باسقاندا سەن توختىۋالما.. بولمىسا مەنمۇ توختاپ قالىمەن، كېيىن مېنى ماڭغۇزىمەن دەپمۇ ماڭغۇزالمايسەن.. .

ئۇ بىلىكىمدىن تارتتى. بۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇم تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى. ئۇنىڭ مېنى ئەكىرىپ يەنە قىينىشىدىن قورقاتتىم-يۇ، لېكىن ياق دېيىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. شۇ تاپتا ئۇ كۆزۈمگە بىردە ئەسكى ئادەمدەك كۆرۈنسە، بىردە مېھىرلىك يولدىشىمدەك كۆرىنەتتى. ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم.

- شۇنچە قورقۇپ كەتكۈدەك مەن يات ئادەم ئەمەسقۇ.. سېنىڭ يولدىشىڭ. ئارىمىزدا بالا بار..

- بى.. بىلىمەن.. مېنى كەچۈرۈڭ..

يولدىشىم مېنى كۆتۈرۈپ ھۇجرىغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇنى سىلكىپ قولىدىن چۈشىۋېلىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇنداق قىلالمىدىم.. .

* * *

بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، سافادىكى ئورنۇم يولدىشىمنىڭ ھۇجرىسىغا ئالماشتى. ئۇ توساتتىن ئۆزگىرىپ قالغاندەك قىلاتتى، ماڭا ئازار قىلمايدىغان، تاماقنى سۈيلىمەيدىغان، تەنە گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى، قىزىق يېرى ئۇ دادامنىڭ قەرزى توغرىلىق سۆزمۇ ئاچمايۋاتاتتى.

 ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكىنىم ئۈچۈن خوشال بولساممۇ، لېكىن ئوغلۇمنىڭ مۇھەببىتىدىن قۇرۇق قالغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم يەنىلا يېرىم ئىدى.

 يولدىشىم ئىشقا كەتكەن كۈنى ياتاق ئۆيدە يالغۇز ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرىۋالدى.

- بالام، ھازىر سەن بىلەن مەنلا بار، دېگىنە، ساڭا نېمىش بولدى؟

- دېمەيمەن. مەن ساڭا ئۆچ..

- ئۇنداق قىلما بالام، مەن سېنىڭ ئاپاڭ. سېنى بەك بەك بەك ياخشى كۆرىمەن.. بۇنداق قىلساڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدىكەن..

- مەن سېنى قوغدايمەن دەپ راست گەپ قىلدىم. سېنى دادامدىن داۋاملىق تاياق يېمىسۇن دەپ شۇنداق دېدىم، لېكىن سەن باشقىلارغا مېنى يالغان سۆزلىدى دەپسەن..

- جېنىم بالام، مەن شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر.. مېنى كەچۈر.

- سەن يالغانچى، مەن ساڭا ئۆچ..

- خاپا بولمىغىن بالام، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق غېمىم بار.. ساڭا چۈشەندۈرەلمەيمەن..

- ماڭا گەپ قىلما.. مەن خاپا بولدۇم.. چوڭ ئاپام ئاپاڭ سېنى تاشلاپ كېتىدۇ دەيدۇ، تاشلاپ قويىدىغان ئادەم نېمىشقا يەنە ماڭا گەپ قىلىسەن؟

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم.

- بۇ مۇمكىن ئەمەس بالام. قانداقمۇ سېنى تاشلاپ قوياي..

- چوڭ ئاپام، ئاپاڭ داداڭنى باشقىلارغا تىللىغۇزۇپ ئۇرۇشتى، سېنىمۇ تاشلاپ قويۇپ كېتىدۇ دەيدۇ.. ئەمدى مېنى بالام دېمە، مەن ساڭا ئۆچ..

ئوغلۇم مېنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى تاقىدى. ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ قالدىم، قېيىن ئاپامنىڭ ئاغزىنىڭ ئىتتىكلىكىنى بىلسەممۇ، لېكىن بۇنى پەقەت ئاچچىقتىن شۇنداق قىلدى دەپلا چۈشىنىپ كەلگەنىدىم، ئۇنىڭ مېنى بۇ دەرىجىدە قارا قىلىپ، ئوغلۇم ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.

يولدىشىم ئىشتىن چۈشۈپ ئىشىكتىن كىردى-دە، چاپاننى ئاسقۇغا ئېسىپ يېنىمغا كەلدى.

- خوتۇن، كەچلىك تاماق پىشتىمۇ؟

تاماقنى ئىسسىتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىمىدىم.

- نېمە بولدۇڭ؟ تاماقنى بېرىپ ئوچۇق چىراي بەرمەيدىغان گەپما؟

- ياقەي، ئوغلۇمنىڭ ماڭا قارىماي قويغىنىغا ئىچىم پۇشىۋاتىدۇ..

- زىيارەتتىن كېيىن بەزىلەر ئوغلىمىزنى ناچار ئىنكاس يېزىپ تىللاپ كېتىپتۇ، شۇڭا..

- لېكىن ئۇ خەت ئوقۇيالمىسا.. ناچار ئىنكاسنى نەدىن بىلىدۇ..

يولدىشىم ماڭا غەلىتە قارىدى.

- سەن نېمە دېمەكچى؟

- مەن سىزنى چۈشىنىپ بولالمىدىم، ئاپامنىمۇ ھەم.. نېمىشقا ئوغلۇمغا مېنى يامان قىلىپ كۆرسىتىسىلەر؟

- چىراينى ئېچىپ قويغانغا تويغۇزامسەن، نېمە گەپ بۇ؟

- ئاپىڭىز ئوغلۇمغا ئاپاڭ سېنى تاشلاپ كېتىدۇ دەپتۇ.. شۇڭا ئوغلۇم ماڭا گەپ قىلماپتۇ..

- شۇڭا نېمە دېمەكچى؟ گەپنى ئوچۇق قىلە..

- سېنى ياخشى كۆرىمەن، قايتىدىن يارىشىپ قالايلى دەيسىز، لېكىن بالىنى ماڭا دۈشمەن قىلىپ قويدىڭىز، مەن بالىنى دېمىسەم..

- قانداق؟! بالىنى دېمىسەڭ نېمە قىلاتتىڭ؟ ئاجرىشىپ كېتەمتىڭ؟

- ئۇنداق ئەمەس.. بالىنى دېمىسەم توي قىلىپ ئۆي تۇتۇپ نېمە قىلىمەن..

- ھاھا.. ساڭا چىراي ئېچىپ ۋاي دەپ قويسام گېپىڭ چىقىۋاتىدىغۇ ئەمدى..

- ئۆزىڭىز ئىچىڭدە نېمە بولسا ماڭا دە دېدىڭىز، بىز يارىشىپ قالدۇققۇ..

- يارىشىپ قالغانلىق ماڭا خالىغانچە ئاھاڭدا گەپ قىل دېگەنلىك ئەمەس..

- كەچۈرۈڭ، بالام ماڭا يېقىنلاشماي ئەقلىمدىن ئادىشىپتىمەن..

- ئۇ چاغدا ئاپام ئاچچىقىدا دەپتۇ، كونا خاماننى سورىما.. كىچىك بالا شۇنداق ئېسىدە تۇتىۋالىدىكەن..

- چۈشەندىم.. بەلكى مەنمۇ ئاشۇرىۋەتكەندىمەن..

- ھەپتە ئاخىرى ساياھەتكە چىقىمىز، كىيىملىرىڭنى تەييار قىپ قوي.. شۇ چاغدا ئوغلىمىز بىلەن يارىشىۋالىسەن..

- بولىدۇ. شۇنداق قىلايلى..

قاچا قۇچىلارنى يىغۇشتۇرۇپ بولۇپ ھۇجرىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كەتتىم. يولدىشىمنىڭ يېنىغا كىرىشتىن يەنە قورقۇپ تۇراتتىم. ئاستا سافاغا قايتىپ كەلدىم-دە، ئاستا ئولتۇردۇم.

- نېمە قىلىۋاتىسەن؟- دېدى ئۇ قايتىپ چىقىپ.

- ھە، مەن بىردەم ئولتۇراي دېگەن..

- ھۇجرىغا كىرسەڭ مەن سېنى يەمدىكەنمەن؟

- ئۇنداق ئەمەس. قاچا يۇيۇپ ئۆرە تۇرۇپ بېلىم سەل ئاغرىپ قالدى، شۇڭا بىردەم ئولتۇراي دەپ..

يولدىشىم غەزەرلىك كۈلۈپ يېنىمغا كەلدى. ئۇنىڭ پۇتى سۇلياۋ بىلەن ئورالغانىدى، ئادەتتە پۇتىغا دورا سۈرگەندە مۇشۇنداق قىلىۋالاتتى.

- بولدى مەن ئۆزگىرەي، مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلايلى دەپ قويسام قىلىق چىقارغىلى تۇردۇڭغۇ ئەمدى.. قاچا يۇيۇش خوش ياقمايۋاتامدا؟

- ئۇنداق ئەمەس، پەقەت بىردەم ئولتۇراي دېدىم..

- ئايالكىشى دېگەنگىغۇ قاپىقىنى ئېچىپ قويسا بولمايدۇ. مۇشۇنداق قىلىق چىقىرىدۇ..

- كەچۈرۈڭ. مەن.. مەن كىرەي..

- بولدى ھۇجرىغا كىرمىسەڭمۇ مەيلى. مەن پۇتۇمغا دورا سۈرىۋالدىم، ئاياق كىيەلمەيمەن. شىركەتتىكى بىرسى ماتېريال ئەكەپ بەرمەكچى چىقىپ ئەكىرىۋال..

- مۇشۇ ئۆيگە ئەكىرىپ بەرسە بولماسمۇ..

يولدىشىم ماڭا سەت قاراپ قويدى.

- قانداق؟! ھازىر سېنى ئىشقىمۇ بۇيرىغىلى بولمامدۇ نېمە؟!

- بولىدۇ. مەن چىقاي..

- چۈشسەڭلا لېفىتنىڭ ئالدىدا بار..

لېفىتتىن چىقىپ بىرسىگە سوقۇلدۇم.

- سەت بولدى. كەچۈرۈڭ.. كۆرمەي قاپتىمەن..

- ھېچقىسى يوق، بىرەر يېرىڭىز يارىلانمىغاندۇ..

قولىدا بىر نەرسە تۇتىۋالغان قارا كىيىملىك ئەر قولۇمنى تۇتۇپ ماڭا قاراشقا باشلىدى.

- ھېچ يېرىم يارىلانمىدى.. - ئۇنىڭ قولىنى سىلكىدىم.

- يەڭگەممۇ سىز، ماۋۇ نەرسىنى دېرىكتور بۇيرۇتقانىدى..

- ھە، ئۇ بىر ماتېريالنى ئەكېلىدۇ دېگەنىدى.. ماڭا بەرسىڭىز بولىدۇ..

ماتېريالنى كۆتۈرگىنىمچە لېفىتتىن چىقىپ كەتتىم. ھۆججەت خالتىسىنىڭ سىرتى چاپلانغان بولۇپ، نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.

 ئۇدۇل ھۇجرىغا كىرىپ پۇتىنى سوزۇپ ياتقان يولدىشىمغا ھۆججەتنى سۇندۇم.

- ھە دەل مۇشۇ ھۆججەت، توغرا ئەكىرىپسەن..

يولدىشىم ھۆججەتنى ياندا قويدى. مەن كارىۋاتنىڭ يېنىغا كەلدىم.

- نېمىنى ئويلاۋاتىسەن. يەنە ئوغلىمىز ماڭا ئۆچ قالدى دېگەننى ئويلاۋاتامسەن؟

- شۇنداق. ئۇ ماڭا بەك ئامراقتى.. نېمىشقا؟

- ئوغلىمىز ساڭا ئۆچ بوپ قالغىنى يوق.. كىچىك بالا شۇنداق بولىدۇ.. بىر ئاز دوق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ..

- شۇنداق بولسىكەن.. ئۇنىڭ ئاپا دېيىشلىرىنى ماڭا ئەركىلەشلىرىنى بەك سېغىندىم..

- ساياھەتكە چىققاندا قانغۇچە ئوينىتىپ كۆڭلىنى ئېلىۋال..

يولدىشىم چىراغنى ئۆچۈردى. ئاستا ئۆرۈلدۈم. كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلىۋاتاتتى.

* * *

 ساياھەت تەييارلىقىنىڭ ئالدىراشچىلىقىغا چۆكۈپ كەتتۇق. چامادان يولدىشىمنىڭ كىيىملىرى بىلەن توشۇپ قالغانىدى.

- يەنە بىرەر چامدان بولغان بولسا، مەنمۇ كىيىملىرىمنى سېلىۋالسام..

- سەن ئۈچ تال كۆينەك ئېلىۋالساڭلا بولدىغۇ.. بەرىبىر ئۇزاق تۇرمىغاندىكىن..

- سىز بىرەر ئاي تۇرىمىز دېگەندەك قىلغانغۇ..

- شۇ.. شۇنداق.. ئاياللارنىڭ كۆينىكىنى شۇ يەردىن ئالغىلى بولىدۇ..

ئامالسىز كۆينىكىمنى چاماداننىڭ بىر بۇرجىكىگە سالدىم. دېمىسىمۇ بارى يوق شۇ نەچچە قۇرلا كىيىمىم بولۇپ چاماداننىڭ بۇلىڭىغا دەل پاتاتتى.

ئاستا مېڭىپ ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ كىچىك قوللىرى بىلەن كىيىمىنى قاتلاۋاتاتتى.

- بالام. ئۇماقلىقىڭنى قارا، بۇنداق قاتلىمايسەن. مەن قاتلاپ بېرەي..

- كىيىمىمنى تۇتما.. دادا.. كىيىمىمنى سەن رەتلەپ بېرە،ئۇ تۇتمىسۇن..

- مانا بالام، مەن كەلدىم،- يولدىشىم ئالدىراپ كىرىپ ئوغلۇمنىڭ كىيىملىرىنى رەتلەپ چامىدىنىغا سېلىشقا باشلىدى. مەن بولسام خاتالىق ئۆتكۈزۈپ جازالانغان ئوقۇغۇچىدەك ئىككىسىگە قارىغىنىمچە تۇراتتىم. يولدىشىمنىڭ ساياھەتتە ئىككىڭلار يارىشىپ قالىسىلەر،ئوينىتىپ كۆڭلىنى ئېلىۋالىسەن دېگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلمەي تۇراتتىم.

تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى.

- بىرەر نەرسە بۇيرۇتقانما؟

- ياقەي.. ئاپام كەلدىمىكىن..

- ئاپاممۇ بارامدۇ؟

- قانداق؟! بارسا بولمامدىكەن؟

- ياقەي.. ئويلىماپتىمەن..

ئىشىكنى ئېچىپ ئىشىك ئالدىدا تۇرغان مۇخپىر قىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم.

- كېچىكىپ قالمىغاندىمەن ھە، ئاكام مۇشۇ ئۆيدىن يولغا چىقىمىز دېگەنتى..

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章