يولدىن چىققان ئايال 🧡 15-قىسىم (ئەپچىدە 28-قىسىمغىچە)

文摘   2024-08-29 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

- ھېچ ئىش يوق، -گۈلزىرە ئايالنىڭ يېنىغا قايتىپ كىردى ۋە تۇرۇبىنى ئاستا ئاچتى ۋە ئۇنىڭ  چېچىنى يۇيۇشقا باشلىدى.

- بىر ئاز يەڭگىللەپ قالدىڭىزمۇ؟

گۈلزىرە سەپ سېلىپ ئايالنىڭ چىرايىغا قارىدى، ئايال قەيسەرگە بىر ئاز  ئوخشاپ كېتەتتى.

 قەيسەر بۇ يەرگە يېتىپ كەلگىنىدە  ئۆزىنىڭ ئاتاقتىكى قىز دوستىنىڭ يەنە بىر ئايالنى  يۇيۇپ تاراۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئادەتتە يىغلاپ قاقشاپ ساراڭلىق قىلىپ باشقىلارنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمەيدىغان، بۇ ئايال بۈگۈن يۇۋاشلاپ قوزىچاققا  ئوخشاپ قالغان ئىدى.

- بولدى، چېچىڭىزنى يۇيۇپ بولدۇم، -گۈلزىرە دېرىزىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرىۋاتقان قەيسەرنىڭ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قالغان ئىدى.

 گۈلزىرە لۆڭگە بىلەن ئايالنىڭ چېچىنى سەللىمازا قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، قولىغا چاچ قۇرۇتقۇچنى ئېلىپ ئۇنىڭ چېچىنى قۇرۇتۇپ قويدى.

- سىز راستىنلا بەك چىرايلىق ئىكەنسىز، سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟ -گۈلزىرە ئەينەككە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرغان ئايالغا قاراپ ئاستاغىنە سورىدى.

 ئايال ئەينەككە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ بىردەمدىن كېيىن خېلىلا روھلىنىپ قالغاندەك :

- چىمەنگۈل، -دېدى.

- چىمەنگۈل؟ ئىسمىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەن. چېچىڭىزنى سىلاپ بېقىڭە. چېچىڭىزدىكى چىگىشلەرنىڭ ھەممىسى چىقىپ كەتتى. خېلى ئەركىن بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ راھەتلەندىڭىزمۇ؟

 چىمەنگۈل تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن چېچىنى سىلىدى، كۆزلىرىگە ياش تولدى ۋە تۇيۇقسىز ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلاپ كەتتى.

-مەن بايا سىزگە دېدىمغۇ، يىغلىماڭ دەپ، يىغلىسىڭىز چىرايلىق بولالمايسىز، -گۈلزىرە شۇنداق دېگەچ چىمەنگۈلنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇنى سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.

- يۈرۈڭ چىقىپ بىردەم ئاپتاپ سۇنايلى.

 چىمەنگۈل يۇۋاشلىق بىلەن گۈلزىرەگە ئەگىشىپ ماڭدى. گۈلزىرە ئەمدىلا ئىشىكتىن چىقىپ دېرىزىنىڭ يېنىدا تۇرغان قەيسەرنى كۆردى.

- قەي... .

 گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئىسمىنى تولۇق چاقىرىپ  بولالماي تۇرۇپ  كانىيىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك  گېپىنىڭ ئاخىرى تورلۇق چىقماي قالدى.

 چۈنكى قەيسەرنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ بەدىنىمۇ يېنىك تىترەۋاتاتتى. گۈلزىرەنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم قەيسەرنىڭ بۇنداق ئۆزىنى يوقاتقان ھالىتىنى كۆرۈشى ئىدى. دەل مۇشۇ دەقىقىدە گۈلزىرەدە چىمەنگۈلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىستىكى  تېخىمۇ كۈچەيدى.

- ئادەم بارمىكەن؟ -چىمەنگۈل بەكلا سەزگۈر بولۇپ، دەرھال گۈلزىرەنىڭ كەينىگە يوشۇرۇندى.

- مەن قورقىمەن، مەن بەك قورقىمەن، -دېگىنىچە  كەيپىياتىنى باشقۇرالماي قالدى.

- قەيسەر باش دىرېكتور كەچۈرۈڭ مەن... -، گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرمەكچى بولۇۋىدى، قەيسەر ئۇنى دەرھال قوينىغا تارتتى ۋە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گۈلزىرەنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.

 قەيسەر گۈلزىرەنى مەھكەم قۇچاقلىدى. گۈلزىرە قەيسەرنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىيالايتتى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قەيسەر گۈلزىرەنى ئاستا قويۇپ بەردى ۋە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ يېنىدا پىچىرلاپ ئۇنىڭغا:

- ئەخمەق قىز، مەن سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان ئوخشايمەن، -دىدى.

 گۈلزىرە ھەيرانلىقىنى باسالمايۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ قەيسەرنى ئۆزىنى ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشتى دەپ  خاپا بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما قەيسەرنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيىسى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ قارىششىچە  بولىۋاتاتتى.

ئارقىدىن قەيسەر دەرھال گۈلزىرەنى كۆتۈرۋىلىپ سۆيۈشكە باشلىدى، گۈلزىرە ئەمدىلا ئۆزىنى ئېىلپ قىچىشقا تەمشەلگەندە، قەيسەر سۈيۈشتىن توختاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى، ئاندىن يەنە سۆيۈشكە باشلىدى، گۈلزىرەنىڭ بوشلۇقتا قالغان ئىككى پۇتى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يۇقاتتى، گۈلزىرە دەرھال ئىككى پۇتى بىلەن قەيسەرنىڭ بىلىنى قامىۋالدى، قەيسەر بۇ چاغدا  گۈلزىرەمۇ مىنى ياخشى كۆرۈپتۇ، سۆيۈشۈمنى ۋە كۆڭۈل ئىزھارىمنى  قۇبۇل قىلىپتۇ دەپ ئويلاپ ھاياجاندىن گۈلزىرەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ:

-سىز مېنىڭ سىزنى سۆيۈشۈمنى قۇبۇل قىلدىڭىزمۇ؟ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشىمدىن بەك خۇشال بولدىڭىز شۇنداقمۇ؟ -دېدى.

-قۇبۇل قىلدىڭىزمۇ دىگىنىڭىز نىمە دىگىنىڭىز؟ مىنى ياخشى كۆرسىڭىز مەن نىمىشقا خۇشال بۇلۇپ كىتىمەن؟

-ئەخمەق قىز، نىمىشقا مەندىن خىجىل بولىدىغانسىز؟ بوپتۇ، بۇ ئىشلارنى دىيىشمەيلى، سىز بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ ھەقىقى قىز دوستۇم بولدىڭىز.

گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھىچقانداق تەستىقىنى ئالىماي تۇرۇپلا، ئۆز ئالدىغا قارار چىقارغانلىقىدىن ھەيران بولدى. بۇ چاغدا قەيسەر گۈلزىرەنى يەرگە  چۈشۈرۈپ، ئاستا مېڭىپ  چىمەنگۈلنىڭ ئالدىغا كەلدى.  

- ماڭا يېقىن كەلمەڭ، -چىمەنگۈل شۇنداق دېگىنىچە يۈزىنى قوش قوللاپ ئېتىپ كەينىگە  بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولدى.

 ئۇ چاغدا گۈلزىرە   ئۆزىنىڭ داۋالغۇپ  تۇرغان كەيپىياتىنى زورىغا بېسىپ چىمەنگۈلنىڭ يېنىغا كەلدى.

- چىمەنگۈل قورقماڭ،  ئۇ سىزگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.

 چىمەنگۈل قەيسەرگە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، خۇددى بىر ئىشلارنى ئېسىگە ئالغاندەك، كېكەچلەپ تۇرۇپ :

- قەيسەر -، دىدى.

 قەيسەر  چىمەنگۈلنىڭ ئۆزىنى ئېسىدە ئالغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چوڭ قەدەملىرى بىلەن مېڭىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ چىڭ قۇچاقلىغىنىچە:

-بىلەمسەن؟ بوۋام مومام يەنە بىز ھەممىمىزنىڭ سېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمىزنى بىلەمسەن؟ -دېدى.

 قەيسەر  چىمەنگۈلنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە يىغلىۋېتەي دەپ قىلغان ئىدى. زادى نېمە ئىشلار ئۇ چىمەنگۈلنى ھازىرقىدەك بۇنداق ھالەتكە ئەكىلىپ قويغاندۇ.

 شۇ يىللاردا قەيسەر بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىزچىل چىمەنگۈلنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلغان. ئەمما  چىمەنگۈل يوقاپ كەتكەن شۇ ئون يىل ئىچىدە چىمەنگۈلنىڭ زادى نەگە بارغانلىقى ۋە نېمە ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. كىچىكىدىن شوخ ۋە جانلىق مىجەزدىكى چىمەنگۈلنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق قورقۇنچاق ۋە نېرۋىسىدىن مەسىلە چىققۇدەك  ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش ئىدى.

 ئۇلار چىمەنگۈلدىن زادى نېمە ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ سورىسا  چىمەنگۈل داۋاملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىلا ئويلايتتى. ۋە ئادەم يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ  ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ قوياتتى. شۇڭا قەيسەرنىڭ ئۆيدىكىلىرىمۇ چىمەنگۈلدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى قايتا سورىماس بولغان ئىدى.

 چىمەنگۈل سۇدىن بەك قورقىدىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ھەر قېتىم ئۇنىڭ چېچىنى يۇيۇش تولىمۇ تەسكە چۈشەتتى.

 چىمەنگۈلنى سۇخانىغا ئېلىپ كىرسىلا، ئۇ خۇددى بىرى كېلىپ ئۆزىنى قەستلەپ قويىدىغاندەك، ئېھتىيات بىلەن ھەممە بۇلۇڭلارغا قاراپ چىقاتتى. ئەمما بۈگۈن گۈلزىرە ئۇنىڭ چېچىنى يۇيۇپ قويغان ئىدى. قەيسەرنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم چىمەنگۈلنىڭ مۇشۇنداق ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئېغىر بېسىق ھالىتىنى كۆرۈشى ئىدى. ئەلۋەتتە قەيسەر بۇ ئىشلاردىن  تولىمۇ ھەيران بولدى.

چىمەنگۈل:

- مېنى قەستلەيمەن دېمە، -دېگىنىچە  قەيسەرنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتى ۋە ئالدىراپ تېنەپ ئۆزىنىڭ ھۇجرا ئۆيىگە قايتماقچى بولدى.

- چىمەنگۈل، ھېچ ئىش يوق ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ، قورقماڭ، - گۈلزىرە چەبدەسلىك بىلەن بېرىپ چىمەنگۈلنى باغرىغا باستى. ئەمما، چىمەنگۈلنىڭ يەنە ھۇجرا  ئۆيىگە قايتقۇسى بار ئىدى.

ئۇ چىمەنگۈلنى يېتىلەپ گۈلزىرە  بىلەن بىرلىكتە ھۇجرا ئۆيگە كىردى ۋە چىمەنگۈلنى كارۋات ئۈستىگە ياتقۇزدى.  ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە نىپىز يوتقاندىن بىرنى يىپىپ  قويۇپ ھۇجرا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

- ئۇ ئۇخلاپ قالدى، - دېدى گۈلزىرە ئۆزىگە قاراپ  كۈلۈپ تۇرغان قەيسەرگە.

- ئەلفىرە، مەن تۇيۇقسىز ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كېتىۋاتىمەن. چىمەنگۈل مېنىڭ كىچىك ھامام  بولىدۇ. ئۇ مېنىڭ دادامنىڭ سىڭلىسى. مەندىن پەقەت ئىككى ياشلا كىچىك. كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغاچقا، بىز ئۆز ئارا بىر بىرىمىزنىڭ ئىسمىنىلا ئاتىشىمىز.

- لېكىن ئۇ قانداق بولۇپ بۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؟ - دەپ سورىدى گۈلزىرە.

-بىزنىڭمۇ بەك بىلگۈڭۈمىز بار، ئون يىل ئىلگىرى ئۇ ئەمدىلا يىگىرمە ياشقا كىرگەندە، بىر يىل ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، ئۇنى ئىزدەپ قايتۇرۇپ كەلگىنىمىزدە، ئۇ ھازىرقىدەك مۇشۇنداق  ھالەتكە چۈشۈپ قاپتىكەن. ئۇ ھېچقايسىمىزنى يېنىغا يېقىن كەلتۈرمەي ئۆزى يالغۇز مۇشۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ  تۇردى. ئۇنى زادى كىمنىڭ مۇشۇنداق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقساملا، ئۇ ئادەمنى ئۆلۈمدىن بەتتەر كۈن كۆرستىمەن، - دىدى قەيسەر ئاچچىقلانغان ھالدا.

- بىر ئاجىز قىزنى زادى كىم بۇنچە خارلىغاندۇ؟ -دېدى گۈلفىرە چىمەنگۈلگە ئىچ ئاغرىتىپ.

- ئەلفىرە، مۇشۇ ئون يىل مابەينىدە  ئۇ بەك جاپا تارتتى. تاكى ھازىرغىچە مەن ئۇنىڭغا بەك تەسلىكتە يېقىنلىشىمەن. لېكىن ھازىر قارىسام، ئۇ سىزنى ئانچە يەكلىمەيدىكەن. شۇڭا سىز ھەر ھەپتە ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسىڭىز بولامدۇ؟ -گۈلزىرە تۇنجى قېتىم قەيسەرنىڭ بىراۋغا  ئۆتۈنۈپ سۆز قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولغاچقىمۇ ناھايىتى تېزلىك بىلەن بېشىنى  لىڭشىتتى.

- سىزنىڭ ھاممىڭىز بولماي ئادەتتىكى بىرەر ئادەم بولسىمۇ، مەن چۇقۇم شۇنداق قىلغان بولاتتىم. بۇنداق تەلەپلىرىڭىزگە مەن چوقۇم قوشۇلىمەن ۋە ياردەم قىلىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ.

 قەيسەر گۈلزىرەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىر نەچچە سىكۇنت ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئاندىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ :

- ئەلفىرە سىز ھەقىقەتەن بەك ئاقكۆڭۈل ئىكەنسىز. مەن بارغانچە سىزنى ياخشى كۆرۈپ كېتىۋاتىمەن، ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟ -دېدى ۋە بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە گۈلسىرەنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى سۆيۈپ قويدى.

- يۈرۈڭ تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىدا موماملار بىزنى ساقلاۋاتىدۇ، بىز دەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا بارايلى -، دېدى ۋە گۈلزىرەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇنى مۇراسىم زالى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى.

 مۇراسىم  زالىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە گۈلزىرەنىڭ تېلېفونىنى سايرىدى. گۈلزىرە تېلېفوندا  مىكرو  بىلوگدىن كەلگەن ئۇچۇرنى كۆردى.

 ئادەتتە ئۇنىڭغا جالالىدىن باشقا ھېچكىم مىكرو بىلوكتا ئۇچۇر يازمايتتى. گۈلزىرە بىردەم تېڭىرقاپ قالغاندىن كېيىن تېلېفوننى قۇلىقىغا تەڭلەپ ئۇچۇرنى ئاڭلىدى.

-خەير خوش، گۈلزىرە، -گۈلزىرە جالالنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئۆزىگە بۇنداق ئۇچۇر يازغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىدى.

- بۇ ئاشخانىنىڭ تاماقلىرى ئانچە يېيىشلىك بولمىسىمۇ، ئەمما مېۋە چىۋىلىرى بەك يېڭى  ياكى بەك يېيىشلىك، بەزىلىرى  بىۋاسىتە ئىمپورت قىلىنىپ كەلگەن  مېىۋىلەر، - دېدى قەيسەر گۈلزىرەنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇپ.

- ماقۇل، رەھمەت، -دەپ  بېشىنى لىڭشىتتى گۈلزىرە.

- ماڭا رەھمەت دېيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ناۋادا مۇشۇ مېۋىلەرنى ياقتۇرۇپ قالسىڭىز، كېيىن ئۆيدىكى خىزمەتكارلارغا دەپ سىزگىمۇ ئەكەلدۈرۈپ بەرسەم بولىدۇ.

- سىز نېمىشقا تۇيۇقسىز ماڭا بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى گۈلزىرە ھەيرانلىق بىلەن.

- سىز ماڭا مەنسۇپ بولغان بىردىن بىر ئايال، سىزگە قىلمىغان ياخشى مۇئامىلىنى شەمسىيەگە قىلسام بۇلامتى؟ -قەيسەر شەمسىيەنى تىلغا ئالغان ۋاقىتتا گۈلزىرەنىڭ ئېسىگە بايىقى قەيسەر بىلەن مۇمىسىنىڭ سۆھبىتى كەلدى.

قەيسەر مومىسىنىڭ نېمىشقا شەمسىيەنىڭ گۈلزىرە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغىنىنى ئويلاپ، بۇ ئىشنى ياخشىراق تەكشۈرۈپ بېقىشنى قارار قىلدى.

  شۇ تاپتا جالال ئىزچىل ئۇنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ بولالماي ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئوپېراتسىيەخانىغا ئىتتىرىلىپ كىرىپ كېتىپ باراتتى.

 گۈلزىرەنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ئاتا ئانىسىغا ئوپېراتسىيە قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن دېدى.

 ئاپىسى شۇنچە يىغلاپ ئاخىرى ئامالسىز ماقۇل بولدى.

- جالال ئەپەندىم ئەنسىرىمەڭ، گەرچە بۇ كىچىك تىپتىكى ئوپېراتسىيە بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي  ناركوز قىلىمىز. سىزدە ھېچقانداق سېزىم بولمايدۇ ئۇخلاپ قوپقاندەكلا بولىسىز.

- ماقۇل، بىلدىم، - دېدى جالال قىلچە پىسەنت قىلمايدىغاندەك.

 ناركوز ئوكۇلنىڭ بەدەنگە كىرىشى بىلەن تەڭ، ئۇ سېزىمىنى يوقىتىپ ئاستا ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.

 ھوشىنى يوقىتىشتىن بۇرۇن ئۇ  گۈلزىرەنىڭ يەتتە يىل بۇرۇن  چاي ئىچۈرۈلگەن كۈنى ئۇنىڭغا: بىرى مېنى ئاياغ ئاستى قىلىپ بالام بولۇپ قالدى… دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغاندەك بولدى.

 دوختۇر ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىمۇ ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئەللىك پىرسەنت دېگەن ئىدى.

 جالالىنىڭ لەۋلىرىدە بىلىنەر بىلىنمەس كۈلكە پەيدا بولدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章