بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 8-قىسىم (ئەپچىدە 18قىسىم)

文摘   2024-08-30 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-قەددىڭىزنى رۇسلاڭ، مەن سىزگە ياردەم قىلاي.

«مالچى ھەدەم» قولۇمنى تۇتىشى بىلەن يولدىشىم ئىشىكتىن كىردى.

- ۋوي، مېھمىنىڭىز كەپتۇ-دە،- ئۇ قولىدىكى تاماقنى ئۈستەلگە قويدى،- ياخشى بولدى تاماقنى بىرگە يېگۈدەكمىز..

«مالچى ھەدەم» قولىنى قويىۋەتتى.

- ياخشىمۇسىز.. مەن ئايالىڭىزنىڭ دوستى..

- ئايالىمنىڭ دوستى كۆپ ئەمەس، سىزدەك دوستى بولغىنىدىن خوش بولدۇم..

يولدىشىمنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ئىچىدىكى غەزەپنى پەقەت مەنلا سېزەلەيتتىم.

- توردىكى خەۋەرنى كۆرۈپ مېھرىبانلىقىڭىزغا ھەۋەس قىلغانتىم، ھازىر تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم..

- ياقەي، ئايالىم ئۈچۈن نېمىلا قىلسام ئەرزىيدۇ..

يولدىشىم يېنىمغا كېلىپ قولۇمنى قايتىدىن تۇتتى.

- بۇ دوستىڭىز نېمىش قىلىدۇ؟

- ھە ئۇ..

- مەن قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئەپسۇس كەسپىمنى قىلماي باشقا تۈرنى قىلىپ قالدىم..

- ۋوي، شۇنداقمۇ،- يولدىشىمنىڭ قولىنىڭ بوش تىترىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم،- قانۇن ئۆگەنگەن ئادەم بەك بىلىملىك بولىدۇ، تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن..

- رەھمەت! شىركىتىڭىزنىڭ قانۇن توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغان ئىشلىرى بولسا، مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ..

- تولىمۇ ئەپسۇس مېنىڭ شىركىتىمنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بار..

«مالچى ھەدەم» ئوڭايسىز ھالەتتە كۈلۈپ قويدى.

- شۇنداقمۇ، تولىمۇ كەسپىي شىركەتكەن.. سىزگە تېخىمۇ ھۆرمىتىم قوزغالدى..

- رەھمەت!- يولدىشىم ماڭا قارىدى،- جېنىم چارچاپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن. ئارام ئالىدىغان ۋاقتىڭىز بولدى..

- سەت بولدى، مەن قايتاي، ياخشى ئارام ئېلىڭ،- «مالچى ھەدەم» ماڭا قاراپ قويغاندىن كېيىن ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.

يولدىشىمنىڭ قولىدىن قولۇمنى چىقىرىۋېلىشقا ئۇرۇنىۋاتاتتىم، توختىماي تىترەيتتىم.

- ئۇ خوتۇن بىلەن نېمىلەرنى پىلانلىدىڭ؟

- ھېچنېمە.. ئۇ مېنى ئاغرىپ قالدى دەپ يوقلاپ كەپتۇ..

- سەن دېمىسەڭ قانداق بىلىدۇ..

- مەن دېمىدىم، ئۇ سىز چىقارغان سىندىن ئادرىسنى كۆرۈپتۇ..

- سېنى ئۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قولىمۇ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، نېمىشقا ئۆزۈڭنى ئاسرىمايسەن.. ساڭا دوست تۇتما، باشقىلارغا ھېچنېمە دېمە دەپ ئەسكەرتتىمغۇ..

ئۇ قولۇمنى كۈچەپ سىقىشقا باشلىدى. ئۇرۇق قوللىرىم ئۇنىڭ چوڭ بارماقلىرى ئارىسىدا ئىزىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.

- ئاغرىپ كەتتى، بۇنداق قىلماڭ..

- ئاغرىشنى بىلگەن ئادەم گېپىمنى ئاڭلىشىڭ كېرەكتى..

- ئۆتۈنۈپ قالاي، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي.. مېنى بۇنداق قىينىماڭ، مەن بايا زىيارەتتە سىزنى ئاقلىدىم، مەن سىزنى ئاقلاش ئۈچۈن كۈچەۋاتىمەن،مەن ئايالىڭىز، بالىڭىزنىڭ ئاپىسى.. قولىڭىزدا تۇيۇقسىز كېتىپ قالسام، باشقىلار سىزدىن تېخىمۇ گۇمانلىنىدۇ، بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىسىز.. مېنىڭ ھايات تۇرۇپ بەرگىنىم سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ئۈچۈن ياخشى..

ئۇ قولۇمنى سىقىشتىن توختاپ قالدى، تىرنىقىم گۆشۈمگە كىرىپ قانىتىۋەتكەنىدى.

ئۇ چىقىپ كەتتى. ياتاقتا يەنە يالغۇز قالدىم. يۈرىكىم سىقىلاتتى، ۋارقىرىغۇم كېلەتتى. ئۆزۈمنى ئۇرغۇم كېلەتتى، لېكىن ھېچنېمە قىلالمايتتىم.

سەھەردە قولۇمغا بىر نەرسە تېگىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم. سېستىرا يېنىمدا پايپېتەك بولىۋاتاتتى.

- ھەدە، قولىڭىز يارا بوپ كېتىپتۇ، تېڭىپ قوياي..

- ھە، كېچىدە ئۇخلىغاندا ئوكۇل يىڭنىسى بوشاپ كىرىپ كېتىپتۇ..

- لېكىن ئوكۇل يەنە بىر قولىڭىزدا تۇرسا.. يىڭنىسى چىقىپ كەتمەپتۇ..

يالغاننى قاملاشتۇرالماي ھودۇقۇپ كەتتىم.

- كەچتە ئىككى قولۇمنى بىر يەرگە قويىۋاپتىمەن.. شۇڭا جىجىۋېتىپتۇ..

سېستىرا ماڭا غەلىتە قاراپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى. ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم، بېشىم سەل قېيىۋاتقان بولسىمۇ تۈنۈگۈنكىدىن ياخشى بولۇپ قالغانىدىم. يوتقاننى ئېچىپ تىڭشىغۇچ بار يوقلىقىغا تەپسىلى قاراپ باقتىم. ئۇ تىڭشىغۇچنى ئېلىشنى ئۇنتۇغاندەك قىلاتتى.

ئېغىر پۇتلىرىمنى سۆرەپ سۇخانىغا كىرىپ ئەينەككە قاراپ باقتىم. تۈنۈگۈنكى گىرىمىم يېيىلىپ ئەسلى سۇلغۇن چىرايىمنى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق ھالەتكە ئەكېلىپ قويغانىدى. يۈزۈمنى يۇيۇپ ئاغزىمنى چايقىغاندىن كېيىن كارىۋاتقا كەلدىم.

- ياخشىمۇسىز، ماۋۇ سىزنىڭ پوسۇلكىڭىز..

ئالدىمدىكى ناتونۇش كىشىگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ «مالچى ھەدەم»گە ئوخشاش كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، ماڭا نېمىلەرنىدۇر ئەسكەرتىۋاتقاندەك قىلاتتى.

- ھە، مېنىڭكەندە، ياتاققا ئەكەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت..

- ھېچقىسى يوق، بۇندىن كېيىن مال ئىشلىرى بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ،- ئۇ ئىسىم كارتىسىدىن بىرنى قولۇمغا تۇتقۇزدى،- مەن كەتتىم ئەمىسە.. .

ياتاقنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ پوسۇلكىنى ئالدىراپ ئاچتىم. ئىچىدە بىر نەچچە كىچىك ئۈسكۈنە بىلەن قاتلانغان بىر ۋاراقچە بار ئىدى.

ئالدىراپ ۋاراقچىنى ئاچتىم.

«يولدىشىڭىز مەندىن گۇمانلىنىپ قالدى، بۇ نەرسىلەرنى ياردەمچىمدىن ئەۋەتتىم. ياخشى قوللىنىڭ»

ۋاراقچىنى يىرتىپ ئۇششاق قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتتىم.

ئىككى كىچىك ئەسۋابنىڭ بىرسى ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسى يەنە بىرسى سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسى ئىدى.

نەرسىلەرنى قەغەز ساندۇقتىن چىقارغاندىن كېيىن ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا تىقىۋەتتىم، يولدىشىمنىڭ بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقاتتىم.

سېستىرا يېنىمغا كىردى.

- ھەدە، ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن ئوكۇل ئۇرىمىز.. .

- ھە.. ناشتىنى ھازىر قىلىمەن..

- مانا، ناشتىلىق تەييار بولدى،- يولدىشىم ناشتىلىقنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىكتىن كىردى.

- ۋوي، كۆيۈمچان يولدىشىڭىزمۇ كەپتۇ مانا..

سېستىرا چىقىپ كېتىشى بىلەن ئاپارات كۆتۈرگىنىچە كىرگەن كىشىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم. ھەيران قالماسلىقىم كېرەك ئىدى. چۈنكى يولدىشىمنىڭ دوختۇرخانىدىكى ھەربىر مېھرىبان ھەركىتىنى تولۇق تارتقاندىلا ئۇنىڭ قانچىلىك ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولاتتى.

يولدىشىم ماڭا تاماق يېگۈزگەن، ئاغزىمنى سۈرتكەن، چاچلىرىمنى ئوڭشىغان ھەربىر جەريان تولۇق تارتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. ياستۇقۇمنىڭ ئاستىدىكى ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى بېسىپ قويدۇم.

ئۇ بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كىردى.

- ئۆزۈڭنىڭ قانچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىڭنى بىلگەنسەن، تاماقنىمۇ مەن يېگۈزۈپ قويىۋاتىمەن..

- شۇ.. شۇنداق.. جاپا چەكتىڭىز..

ئەسيادىم ياستۇقۇم ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسىدە ئىدى، يولدىشىمنىڭ ئۇنى تېپىۋېلىپ مېنى يەنە قىيىن قىستاققا ئېلىشىدىن قورقاتتىم.

- تۈنۈگۈنكى زىيارەتنىڭ ئۈنۈمى بولغاندەك قىلىدۇ. ئىنكاسلار خېلى ياخشىلىنىۋاتىدۇ..

- شۇنداقمۇ،- ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم،- ئاخىرى ئاقلىنىپسىزدە..

- تېخى تولۇق ئاقلانمىدىم، مېنى قارىلاۋاتقانلار يەنە بار.. شۇڭا سەن كۈچىشىڭ كېرەك..

- مەن چوقۇم كۈچەيمەن.. ئەنسىرىمەڭ.. .

- مەن چۈشلۈك تاماق ئەكەپ بەرمەيمەن، ئۆزۈڭ بىر ئامال قىل، ئەمدى شىركەتكە قايتمىسام بولمايدۇ.. ھېلىمۇ بۇ نەچچە كۈندىن بېرى شىركەت قالايمىقانلىشىپ كەتتى..

- ماقۇل. تاماقنى ئۆزۈم بۇيرۇتىمەن، سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ..

يولدىشىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ياستۇقۇم ئاستىدىكى ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسىگە قاراپ باقتىم. ئالاھىدە تەييارلىق قىلغاندا يولدىشىمنىڭ ھېچقانداق قاتتىق گەپ قىلمىغانلىقىنى مېنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرىۋاتاتتى.

يەنە داۋاملىق دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم. خىياللىرىم يەنە ياش ۋاقىتلىرىمىزغا كېتىۋاتاتتى.

* * *

- مەن بەك تەلەيلىك جۇمۇ، سىزدەك ئوقۇغان، دۇنيا كۆرگەن، ياخشى يىگىتكە ئۇچرىدىم..

ئۇنىڭ مۆرىسىگە بېشىمنى قويدۇم.

- مەنمۇ شۇ، سىزدەك ياخشى قىزنى ئۇچراتقىنىم مېنىڭ بەختىم..

- ئەگەر شۇ ۋاقىتتا تېلىفونۇم يەرگە چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا، بىزمۇ تونۇشۇپ قالمايتتۇق، تېلىفونۇمنىڭ چېقىلىپ كەتكىنىمۇ ياخشى بولدىمۇ نېمە.. ھاھا..

كۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

- بىر گەپنى دېسەم چوقۇم خوش بولىسىز..

- نېمە گەپ؟

- ئۇ كۈنى تېلىفونىڭىزنى قەستەن سوققانتىم، سىزنىڭ نومۇرىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان..

ئۇنى بوش ئۇرۇپ قويدۇم.

- ساراڭ، ئۇنچە جاپا تارتقۇچە ئۇدۇللا تونۇشۇپ قالايلى دېسىڭىز بولمامدۇ..

- سىزنى بېكەتتە جىق كۆرگەنتىم، لېكىن دائىم كۆڭلىڭىز تازا خوشال ئەمەستەك، باشقىلارغا گەپ قىلىشنى خالىمايدىغاندەك بىلىنەتتى..

- مەن سىزنى پەقەتلا كۆرۈپ باقماپتىكەن، سىز مېنى سوققاندا تۇنجى كۆرۈشۈم..

- كۆڭلىڭىزدىكىنى ماڭا دەپ باقمىدىڭىز، نېمە دەردىڭىز بار.. مەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن بېرى خوشال بولغاندەك قىلسىڭىز، لېكىن كۆزىڭىزدىن يەنىلا ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇرىدۇ..

ئېغىر تىنىپ قويدۇم.

- مەن ئوغۇل دوستىڭىزغۇ، نېمە ئىش بولسا ماڭا دەڭ..

- ئاپامنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە بىر يىل بولدى..

- كەچۈرۈڭ، يۈرۈپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئاپىڭىزنى سوراپ باقماپتىمەن..

- ھېچقىسى يوق، ئاپامنى تولا سېغىنىمەن، قىزبالا ئانىسىدىن ئايرىلسا قانىتىدىن ئايرىلىدىكەن، قانچە ئۇچسىمۇ ئېگىز ئۆرلىيەلمەيدىكەن..

- ئۇنداق دېمەڭ، ئاپىڭىز چوقۇم يېنىڭىزدا مېنىڭ بارلىقىمنى كۆرىدۇ.. ھە راست دادىڭىزچۇ؟

- دادام بار، لېكىن يوق بىلەن پەرقى يوق، ئۇ قەلبىمنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ.. بۇرۇن ئاپامنى قىينايتتى، ئەمدى مېنى قىينايدىغان بوپ قالدى..

- ئەمدى يېنىڭىزدا مەن بار، دادىڭىز سىزنى قىينىمايدۇ، مەن چوقۇم سىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى كۆتۈرىمەن.. .

* * *

بۇرۇندىن چوڭلار دەيدىغان «ئەركىشىگە دەردىڭنى ئېيتما، ئۇ بىركۈنى دەردىڭنى بېشىڭغا ئاتىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتاتتىم.

ھەر قېتىم ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا دەرتلىنىپ، ئۇنى دۇنيادىكى بىردىنبىر يۆلەنچۈكۈم دەپ بىلگىنىمنى، تەسەللىي بەرگىنىدە ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىپ دۇنياغا رەھمەت ئېيتقىنىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ نادانلىقىغا غەزىپىم كېلەتتى. لېكىن قايسى ئايال ياش چېغىدا شۇنداق مۇھەببەتكە ئىشەنمىگەن، قايسى ئايال ئۆزى تاللىغان كىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ياش ۋاقتىدا ھېس قىلغان. توي تۇرمۇشى ئەسلى مۇھەببەتلىك قىز-يىگىتنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بولماستىن، كەمچىلىكى ئېغىر بولغان ئىككەيلەننىڭ بىر يەرگە كېلىپ بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى كۆتۈرۈش، يوشۇرۇش ياكى سۆكۈش جەريانى ئىكەنلىكىنى يېقىنقى كۈنلەردە ھېس قىلىۋاتاتتىم.

- قانداقراق تۇرىسىز؟- ئىشىكتىن كىرگەن قېيىن ئاپامنى كۆرۈپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.

- ئاپا، كەلمىسىڭىزمۇ بولاتتى..

ئۇ قولىدىكى يەيدىغان نەرسىنى قويغاندىن كېيىن ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى.

- بۇ ياتاق خېلى ئېسىلكەن ھە.. - ئۇ بۇ ئارقىلىق ئوغلىنىڭ مەن ئۈچۈن جىق پۇل خەجلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىۋاتاتتى.

- ھە.. شۇنداق.. بەك ئېسىل ھەم ئازادىكەن..

- توردىكى سىننى كۆردۈم، ئىنكاسلار ياخشىلىنىۋېتىپتۇ..

- شۇنداق، مەنمۇ كۆردۈم..

- مۇشۇنداق سىندىن جىقراق ئىشلەپ بېرىڭ.. يولدىشىڭىزغا پايدىلىق، قاراڭ ئەسلى نامى يوق بىر ئادەم بىردەمدىلا توردا پەيدا بوپ قالدىڭىز، بۇ سىزگىمۇ پايدىلىق..

قېيىن ئاپامنىڭ نېمە مەقسەتتە بۇنداق دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم.

- ئاپا، ئوغلىڭىز ئاقلانسىلا بولدى..

- ئوغلۇم بولمىغان بولسا سىزنى ھېچكىم تونىمايتتى.. ئەمدى نامىڭىز چىقىپ كېتىدىغان بولدى..

- يولدىشى خارلايدىغان ئايال بولۇپ نام چىققاننىڭ نېمە پايدىسى..

- ۋوي قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ، تورغا ياخشى قاراپ بېقىڭە، ھازىر ھەممىسى سىزنى بەختلىك ئايالكەن دەپ ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ..

- مەن دېمىسىمۇ بەختلىك ئاپا..

- شۇ، شۇڭا قانائەت قىلىڭ، ئەركىشى دېگەننىڭ ئانچە مۇنچە قولى تېگىپ كېتىدۇ.. شۇنداق ۋاقىتتا بىر ئېغىز گەپتىن قالسىڭىز ئۇمۇ توختاپ قالىدۇ..

شۇنچە ئەستايىدىل ئويلاپمۇ ئۆزۈمنىڭ يولدىشىم بىلەن جاۋابلىشىپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمىدىم، لېكىن بۇنى قېيىن ئاپامغا دېيەلمەيتتىم.

- بولىدۇ ئاپا. چوقۇم شۇنداق قىلىمەن..

- نەۋرەمنى بىزنىڭ مەلىدىكى مەكتەپكە بېرەيلى..

- لېكىن..

- نېمە لېكىن، نەۋرەمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تاياق يېسۇن دېگەنما؟ ھېلىقى كۈنىمۇ يۈزى ئىششىپ قاپتۇ، كېچىسىمۇ تىترەپ ئۇخلىيالمىدى، سىز شۇنداق گەپ ئۆگەتمىسىڭىز دادىسىدىن تاياق يېمەستى..

- مەن ئۆگەتمىدىم.. ئۇ ئۆزى..

- تاياق يېسىڭىزمۇ بالىغا كۆرسەتمسىڭىز بولمامدۇ.. قاراپ تۇرۇپ كىچىك بالىنى قورقۇتۇپ..

بۇ خاتالىقنىڭمۇ بىر كۈنى مېنىڭ خاتالىقىمغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم. مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىساممۇ يەنىلا مېنىڭ خاتا ئىدى.

- بولىدۇ، مەن دېققەت قىلاي ئاپا..

- سىزنىڭ دەستىڭىزدىن ساياھەتكىمۇ بارالمىدىم..

- بېرىۋېرىڭ، بالىنى مەن..

- يەنە بالىنى مەن باقاي دېمەكچىما؟ سىزگە ئىشەنمەيمەن..

- ئاپا، مەن سەل ياخشى بولۇپ قالغاندا بالىنى ئۆزۈم باقاي، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىز بار.. داۋاملىق سىز بىلەن تۇرسا بولمايدۇ..

- بولدى، يالغان ياخشىچاق بولماڭە، بۇنداق دېگەن بىلەن ئىچىڭىزدە خوش بولىۋاتقانسىز..

- ئاپا، بۇ قانداق گەپ، بالىنى يېنىمدا تۇرغۇزمىسام خوش بولىدىغان نەرى بار..

- ئىشقىلىپ ئوغلۇمنىڭ ئىشىدىن ئەمدى چاتاق چىقارسىڭىز سىزنى بوش قويىۋەتمەيمەن، يەنە ئاۋۇ دادىڭىز، ئوغلۇمنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن.. بەش يىل قەرز قايتۇرمىغان بارمۇ.. قانداق خاتىرجەم ياشايدىغاندۇ..

- دادامنىڭ قەرزىنى مەن قايتۇرىمەن ئاپا، ئەنسىرىمەڭ..

- مەيلى، سىلەر ئوغلۇمنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىۋاتىسىلەر.. مەن بۇنىڭغا يول قويمايمەن..

- مەن ساقىيىۋېلىپ چوقۇم مۇۋاپىق خىزمەت تاپىمەن، ئاندىن قەرزنى قايتۇرىمەن..

- ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدىغان خىزمەت تاپماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسىز..

قېيىن ئاپامنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاھاڭى ئوغلىنىڭ دادامغا قەرز بەرگىنىنى بىلگەندىن باشلاپ تېخىمۇ قوپال بولۇپ ئۆزگەرگەنىدى.

- شۇنداق قىلىمەن، چوقۇم باشقىلار كۆرمەيدىغان يەردىن خىزمەت تاپىمەن..

- نېمە خىزمەت تاپسىڭىز،ئاۋال ماڭا دەڭ..

- شۇنداق قىلىمەن.. چوقۇم سىزگە دەيمەن..

- ماقۇل، ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ ئەمىسە، مەن قايتتىم.

- خوش ئاپا..

قېيىن ئاپام ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندە يۈرىكىم جايىغا چۈشكەندەك بولۇپ ياستۇق ئاستىدىكى ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىسىگە قاراپ باقتىم. ئاۋاز سۈزۈك ھەم جاراڭلىق ئېلىنغانىدى.

يولدىشىمنىڭ ئىسپاتىنى تەييارلىيالمىغان بولساممۇ، قېيىن ئاپامنىڭ ئىسپاتىنى تەييارلىغانىدىم. ئۈسكۈنىنى يەنە ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدۇم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章