يولدىن چىققان ئايال 🧡 19-قىسىم (ئەپچىدە 32-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-02 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

لېكىن نېمە ئۈچۈن،  ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىز بۇنچە ئۆزگىرىپ كەتتى؟  

ئۇنىڭ كېيىنكىسى شەمسىيە ئىدى، ئىككىسى ئۆتۈشۈپ كەتتى.

گۈلزىرە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ،  كىيىمىنى تېز ئالماشتۇرۇپ، نىقابىنى ئېلىۋېتىپ، سىرتتا ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ،  ئاندىن چىقىپ كەتتى.

ئۇ چوقۇم كېينىكى باسقۇچقا كىرىدىم دەپ ئويلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىگە  خېلى ئىشەنچىسى بار.

شۇڭا گۈلزىرە نەتىجىسىنى كۈتمەيلا نەق مەيداندىن ئايرىلىپ خىزمەت رايونىغا باردى.

بىر خىزمەتدىشى ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-ھەي ئەلفىرە، بايا نەگە باردىڭىز؟  ھېلىقى نىلۇفەر(گۈلزارنىڭ تەخەلۇسى) ھەقىقەتەن بىزنى ھەيران قالدۇردى، ناخشىسىدىن يىغلاپ كەتتىم،  ئۇنىڭ چوقۇم بىر ھېكايىسى بار!-دېدى.

-شۇنداقمۇ؟  ھەي ئېسىت، بايا قورسۇقۇم ئاغرىپ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يامان ئۇزاق ئولتۇرۇپ چىقىتىم، -دېدى گۈلزىرە.

-شۇنداق،  ناھايىتى تەسىرلىك ئېيتتى! قايتا قويۇلغاندا ئاڭلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ! بىراق،  قايتا قويغاندا چوقۇم نەق مەيداندا ئاڭلىغاندەك بولمايسىز، ھەي، كېلەر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ!-دېدى.

گۈلزىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:

-بولىدۇ، كېيىنكى قېتىم چوقۇم نەق مەيداندا بولۇشقا تىرىشىمەن!- دېدى.

ئىككىيلەن يەنە بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى، ئارقا تەرەپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە،  ئۇ ئارقا سەھنىگە قاراشقىلى ماڭدى.

بۇ چاغدا،  گۈلزىرەنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى،  ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ: -ياخشىمۇسىز-دېدى.

-دۆت خوتۇن،  سىز تېخى مېنىڭ نومۇرۇمنى ساقلىۋالماپسىزغۇ؟ -دېدى قەيسەر سەل ئاچچىقلىنىپ.

-ياق!ساقلىدىم...  پەقەت بەك ئالدىراش ئىدىم،  كەلگەن تېلېفون نومۇرىنى كۆرمەيلا ئاپتىمەن، -دېدى. گۈلزىرە.

-بوپتۇ، بۇ قېتىم بولدى قىلىۋېتەي،  مەن سەل تۇرۇپ نەق مەيدانغا بارىمەن، سىز مېنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىڭ!-دېدى قەيسەر.

-ماقۇل، ماقۇل...  -گۈلزىرە ئىختىيارسىز كۈلۈپ، -چوقۇم قىزغىن قارشىمىز!-دېدى.

-بولدى، سىز ئىشلەۋېرىڭ!

قەيسەر تېلفۇننى قويۇۋەتتى.

ياندا تۇرغان ئىلھام كۈلۈپ تۇرۇپ:

-ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرساڭ چىقىدىغانغا مەخسۇس قوڭغۇراق ئاۋازى بېكىتىپ قوي،  بۇنداق بولغاندا خاتا تونۇۋالمايدۇ، - دېدى.

-مۇشۇنداق نەرسىلەرمۇ بارمۇ؟ -دەپ سورىدى قەيسەر ھەيران بولۇپ.

گۈلزىرە تېلېفوننى قويۇۋېتىپ،  بىر تەرەپتىن ئالدىراش ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن شەمىيسيەنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدى.

بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شەمسىيەنىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتكەن ئىدى.

جالالنىڭ نۇرغۇن پۇل بىلەن ئوراپ قاچىلىشى،  ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىشى بىلەن گۈلزىرە شەمسىيەنىڭ بۇ ماھىرلار ئىچىدە ھەقىقەتەن ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئەمما،  ئالدىنقى ئۈچكە كىرمىكى سەل تەس.

گۈلزىرە ئۇنىڭ سەھنىدىن چۈشۈپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ،  داۋاملىق باشقا ماتېرىياللارنى رەتلەش چۈشۈپ كەتتى.

ئۇنىڭ خىزمەتدىشى بىر ھۆججەتنى ئېلىپ گۈلزىرەگە سۇنۇپ:

-ئەلفىرە،  بۇ ھۆججەتكە شەمسىيەنىڭ ياردەمچىسى قول قويۇپ بەرسۇن، ئۇ چولپان بولغاچقا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر ماتېرىيالغا قول قويۇپ بەرمىسە بولمايدۇ، -دېدى.

ئەلفىرە سەل ئىككلىنىپ بېشىنى لىڭشىتىپ،  بىر كۆزەينەكنى تېپىپ تاقىدى، كۆڭلىدە بۇ قېتىم شەمسىيەنىڭ ياردەمچىسى مېنى تونۇيالماس،  دەپ ئويلىدى.

دەرۋەقە، ياردەمچى ئۇنىڭ تۇرقىغا قارىماستىن، ھۆججەتنى قولىغا ئېلىپ، ئۇدۇللا بېشىنى لىڭىشىتىپ:

--ھە،  بىلدىم،  سەل تۇرۇپ شەمىسيە ئاچام ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن مەن سىلەرگە ئاپىرىپ بېرەي، -دېدى.

-بولىدۇ، رەھمەت!

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

دەل شۇ چاغدا،  شەمسىيە مېڭىپ كېلىپ، ئىككىيلەن يەنە بىر قېتىم  ئۆتۈشۈپ كەتتى.

بىراق،  گۈلزىرە دوقمۇشقا كېلىپ قالغان چاغدا، شەمسىيە تۇيۇقسىز ئۇنى چاقىرىپ:

-توختاپ تۇرۇڭ!-دېدى.

گۈلزىرە قەدەملىرىنى توختىتىپ:

-شەمىيسە خانقىز، سىز مېنى چاقىرۋاتامسىز؟ - دېدى.

شەمسىيە بېشىنى لىڭشىتتى.

ئۇ تۇيۇقسىز بۇ ئايالنى تونۇيدىغاندەك ھېس قىلدى ھەمدە شۇ كۈنى  مېھمانخانىدا كۆرگەن ئەلفىرە ئىسىملىك ئايالنى ئېسىگە ئالدى.

ئۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى دەسسەپ ، گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا كېلىپ،  ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا:

-خانقىز، بايا مېنى دەسسىۋېتىپلا كېتىپ قالدىڭىز، كەچۈرۈم سورامسىز؟ -دېدى.

گۈلزىرە تۆھمەتكە چىدىماي:  

-شەمسىيە خانقىز، مەن سىزنى دەسسىۋەتمىدىم،  سىز تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۋاتىسىز، -دېدى.

ئەمما ئويلىمىغان يەردىن،   شەمسىيە ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى، ئىككىيلەن تارتىشۋاتقاندا، گۈلزىرە شەمسىيەنى دەسسىۋەتتى!

-خانقىز، ئاياغ ئىزى مانا مەن دەپ تۇرىدۇ،  سىز بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ !-شەمسىيە سۆزلەۋېتىپ، گۈلزىرەنىڭ بوينىغا بىر دانە داڭلىق ماركىنىڭ بۇ ھەپتە ئەمدىلا بازارغا سالغان ”ئاي نۇرى قانىتى“ ناملىق سانى چەكلىك بۇلاپكا ئېسىلغانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى!

ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىش تەجىربىسىگە قارىغاندا ئەلفىرەنىڭ بوينىغا تاقىۋالغىنى،  شۈبھىسىزكى،  جىڭ مال ئىدى.

ئۇنىڭ ئەسلىدە بۇ بۇلاپكىغا بەك كۆزى چۈشكەن بولۇپ، جالالغا تۇغۇلغان كۈنۈمگە سوۋغات قىلىڭ دېگەندە، ئۇ تاپالمايمەن دېگەن ئىدى.

شۇلارنى ئويلاپ،  ھەسەتخورلۇقنىڭ زەھىرى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يامراپ كەتتى،  شەمسىيە كۆز ئالدىدىكى ئايالغا قاراپ،  كۆڭلىدە بىر قارارغا كەلدى.

ئۇ ياردەمچىسىگە كۆز ئىشارىسى قىلدى،  ياردەمچى ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرگەن سىگنالى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن دەرھال چۈشەندى.

ئۇ ئۇنىڭغا يېتىپ كېلىپ:

-خانقىز، سىز شەمىسيە ئاچامنى دەسسىۋەتىڭىز،  شەمسىيە ئاچام كەڭ قورساقلىق قىلىپ سىز بىلەن ھېسابلىشمىدى،  لېكىن، سىز نېمىشقا يەنە بۇنداق يوغانچلىق قىلىسىز؟ - دېدى.

ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ،  ئەتراپتىكى ئالدىراش ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى جەلپ قىلىندى.

-نېمە ئىش بولدى؟

- ئەلفىرە، ئۇلار سىزنى دەۋاتامدۇ؟ -دەپ سورىدى خىزمەتداشلىرى

-مەن قىلىپ باقمىغان ئىشىمنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايمەن،  كەچۈرۈم سورىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شەمسىيە خانقىز،  سىز بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپتى بىلەن بۇنچلىك ساپانى بىلەرسىز؟ بىزنىڭ قەيسەر گۇرۇھىمىز سىلەرنىڭ ئۆكتەملىك قىلىدىغان جايى ئەمەس!-دېدى گۈلزىرە.

شەمسىيەنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى،  ھازىر، ھەتتا بىر كىچىك ياردەمچىمۇ ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلغىلى تۇردى؟ !

ئۇ ئەتراپتىكى خىزمەتچى خادىملارغا قاراپ:

-كۆردىڭلارمۇ، سىلەرنىڭ خىزمەتدىشىڭلار مۇشۇنداق ئادەم بوزەك قىلىدۇ! گەرچە ھازىر قەيسەر گۇرۇھى سەنئەتچىلەر ساھەسىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاشكارا،  ئەركىن رىقابەتلىشىدىغان سەھنە.  سىلەر بىزنىڭ جالال گۇرۇھىنىڭ سەنئەتكارلىرىنى بۇنداق بوزەك قىلساڭلار قانداق بولىدۇ!-دېدى.

ئۇ بىردىنلا گەپنى يۈكسەك تېمىغا كۆتۈرۋەتتى، بۇ يەردە مۇسابىقىگە قاتناشقان باشقا كىشىلەرمۇ كەلدى.

قارىغاندا،  قەيسەر گۇرۇھى جالال جەمەتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، ھەتتا جالال گۇرۇھىنىڭ سەنئەتكارلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمەيدىغان ئوخشايدۇ!دەپ ئويلىدى باشقىلار.

بۇ چاغدا بۆلۈم باشلىقى يۈگۈرۈپ كەلدى.

مەسئۇل خادىم رۇشەنگۈل كېلىپ:

-شەمسىيە خانقىز، بىزنىڭ گورۇھىمىزدا باشقا كۆڭۈل ئېچىش شىركەتلەرگە قارىتىلىغان بۇنداق قىلمىشلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،  بايا يۈز بەرگەن ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى مەنمۇ سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم، بۇ ئىككىڭلارنىڭ شەخسىي تالاش – تارتىشىڭلار ئىكەن، شەمسىيە خانقىز بەك كۆپتۈرۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟ - دېدى.

شەمسىيەنىڭ نېرۋىسى ئۆرلەپ:

-ماقۇل، ئۇنداقتا بايىقى ئىشنى دېيىشەيلى، - دېدى.

ئۇ گۈلزىرەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

-سىلەرنىڭ خىزمەتچىڭلار مېنىڭ پۇتۇمغا دەسسەپ، كەچۈرۈم سورىماي، يولسىزلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىلەر؟ - دېدى.  

ئۇ شۇنداق دېگەچ ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك ئايىغىنى سەل كۆتۈرۈپ، ئاياغ ئىزىنى كۆپچىلىككە كۆرسەتتى.

گۈلزىرە رۇشەنگۈلگە قاراپ:

-رۇشەنگۈل، مەن ئۇنى دەسسىمىدىم، بۇ دېگەن قىپقىزىل تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، -دېدى.

-سىز دەسسىمىدىم دېسىڭىزلا دەسسىمىگەن بولامسىز؟ - شەمسىيەنىڭ ياردەمچىسى، -مەنمۇ ئېنىق كۆردۈم!-دېدى.

-بولدىلا، بۇ ئايالنىڭ ساپاسى شۇنچىلىككەن، سىز ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭ!- شەمسىيە ياردەمچىسىدىن كۆزىنى يۆتكەپ، دىققەت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ گۈلزىرەگە قاراپ:

- بىر كىچىك ياردەمچى تۇرۇپ بوينىغا چەكلىك ساندىكى زەنجىرنى ئېسىۋاپتۇ، چوقۇم بەزى بولىمغۇر يوللار بىلەن جان باقىدۇ، بىز ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولمايمىز! - دېدى.

بۇ گەپ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىشى بىلەن، ھەممە ئادەم گۈلزىرەنىڭ بوينىدىك زەنجىرگە دىققەت قىلدى. بىردىنلا، ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭغا قارىغاندىكى نەزىرى ئۆزگىرىپ كەتتى.

بۇ خىل نۇسقا بازارغا سېلىنىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ھەر قايسى چوڭ مودا ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان بولۇپ، بىر ياردەمچى قانداقمۇ سېتىۋالالىسۇن؟

ئۇنداقتا، ئۇنى چوقۇم ئەرلەر سوۋغا قىلغان! ئۇلار ئەزەلدىن بىرەر ئەرنىڭ كەچتە ئۇنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى، بۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئاشكارىلىغىلى بولمايدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۈلزىرەنىڭ چىرايى مۇشۇنچلىك تۇرسا،  ئەرلەرنىڭ ئۇنى يارتمىقى تەس جىمۇ!

شۇڭا، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بەزى قالتىس ماھارەتلىرى بار ئوخشايدۇ، ئۆزىنىڭ بەدىنىنى سېتىش ئارقىلىقلا ئەرلەرنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ!

ئەسلىدە،  گۈلزىرە بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بەزى خىزمەتداشلىرى شۇ تاپتا ئۇھ تارتىۋاتاتتى.

ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ چىرايىدىن كۆڭلىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن-جۇمۇ!

كۆپچىلىكنىڭ شۇ تاپتىكى چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، گۈلزىرە كۆڭلىدە يېنىك ئۇھ تارتتى.

تازىمۇ بىر، نەگىلا بارسا، ئۇنداق ياكى بۇنداق پىشكەللىككە ئۇچراپ تۇرىمەن دېسە.  گەرچە مەن ئەزەلدىن شۇنداق تۈز،  ساددا بولساممۇ، لېكىن يەنىلا خەقنىڭ پىتنە-پاساتلىرىدىن قۇتۇلالمايمەن، دەپ ئويلىدى.

شەمسىيە خانقىز، سىزنىڭچە مېنىڭ بۇ زەنجىرىمنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەسكەندە-دە؟ - گۈلزىرە شۇنداق دەپ شەمسىيە قارىدى، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ناھايىتى سۈرلۈك ئىدى.

شەمسىيەنىڭ يەنە ھەيۋە قىلىش ئەپسىز بولۇپ قالدى، چۈنكى ئوبرازنى قوغدىمىسا بولمايتتى، شۇڭا ئۇنىڭ ياردەمچىسى:

-ھىم! كېلىش يولى ئېنىق بولسا، ئۇنداقتا قېنى دەپ باقمامسىز!- دېدى.

-ناھايىتى ياخشى، ئىككىڭلار مېنىڭ نام - شۆھرەت ھوقۇقۇمغا بۇنداق تۆھمەت قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ ئىككىڭلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ھەقلىق، - گۈلزىرە شۇنداق دېگەچ يان تېلېفوننى ئېلىپ، -بايا ئىككىڭلارنىڭ گېپىنى ئۈنگە ئېلىۋالدىم، -دېدى.

بۇ چاغدا، جاراڭلىق چاۋاك ئاۋازى ئاڭلاندى، ئىلھام بىر تەرەپتىن چاۋاك چېلىپ، بىر تەرەپتىن يېنىدىكى قەيسەرگە قاراپ پەس ئاۋازدا:

-ئەسلىدە يەڭگەم خېلى يامانكەن ئەمەسمۇ! ئاكا، كۆزۈڭ مال تونۇيدىكەن!-دېدى.

قەيسەر قېشىنى ئېتىپ قويۇپ قويدى، بىراق، بىردەمدىلا غەزەپ ئوتى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى.

يەنە شۇ شەمسىيە، قارىغاندا، ئالدىنقى قېتىمقى ساۋاق ئۇنىڭغا يېتەرلىك بولمىغان ئوخشايدۇ، بۇ قېتىم يەنە ئۇنىڭ ئايالىنى بوزەك قىلغىنىنى قارا.

ئەتراپتا ئولىشىۋالغان خىزمەتداشلار ئۆزلىكىدىن بىر يول ئاچتى، قەيسەر بىر قەدەم بىر قەدەمدىن شەمسىيە بىلەن گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا كەلدى.

-قەيسەر دېرىكتور...  

شەمسىيە دەرھال يېقىملىق كۈلۈپ:

-سىزمۇ ئۆزىڭىز كەلدىڭىزمۇ؟ -دەپ سورىدى.

-شەمسىيە خانقىز، نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى قەيسەر گۈلزىرەگە قاراپمۇ قويماي، جىمجىت ھالدا شەمسىيەگە قاراپ.

شەمسىيەنىڭ كۆڭلى يورۇپ كەتتى، قەيسەر تالادىكى خانقىزلارنى ئويناپ زېرىكتىمۇ قانداق، شۇڭا...  

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر جالال ئۇنى تاشلىۋەتتى، ئەگەر ئۇ جالال جەمەتىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسە،  قەيسەر بىلەن تونۇشۇپ قالسىمۇ،  ئوخشاشلا ئىستىقبالى پارلاق بولمامدۇ؟

شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەس ئاۋازدا:

-قەيسەر دېرىكتور، ھېچ ئىش يوق، بۇ كىچىك ياردەمچى مېنىڭ پۇتۇمغا دەسسىۋالغانىدى، ياردەمچىم ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسا،  پوزىتسىيىسى بەكلا قوپاللىق قىلىۋاتىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ ياردەمچىم ئۇنىڭ زەنجىرىنى مۇنداقلا ”كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس“ دەپ قويغانىدى، ئۇ يەنە بىزنى ئەرز قىلىمەن دەۋاتىدۇ!

ئۇ شۇنداق دېگەچ قەيسەرگە قاراپ تەرىنى تۈرۈپ:

ـ قەيسەر باش دېرىكتور، سىلەرنىڭ قەيسەر جەمەتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بەك يامانكەن،  قەيسەر جەمەتىڭلارنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن-دە! بۇنداق ياخشى خىزمەتچىنى تەقدىرلەش كېرەك! - دېدى.

-شۇڭا، مەن بۇلارنى يىغىنچاقلىسام، - قەيسەر شەمسىيەگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ئاۋۋالقىدەكلا تەرىنى ئۆزگەرتمەي، - سىزنىڭچە ئۇ سىزنىڭ ئايىقىڭىزغا دەسسەپ سالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياردەمچىڭىز ئۇنىڭ زەنجىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس دېدى، شۇنداقمۇ؟

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章