بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 5-قىسىم (ئەپچىدە 12قىسىم)

文摘   2024-08-27 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 -ماۋۇ سورىلىدىغان سۇئاللار، تەييارلىق قىلىپ قوي.. چاتاق چىقارساڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلىسەنغۇ..

ئۇ سورىلىدىغان سۇئاللار بېسىلغان ۋاراقنى ئۈستەلگە قويۇپ، ھۇجرىغا كىرىپ چىراغنى ئۆچۈردى. مەن بولسام ۋاراقنى تۇتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.

ئويلىغىنىمدەك ئۇنىڭ ماڭا كىيىم ۋە گىرىم سوۋغا قىلىشى يەنىلا ئۆزى ئۈچۈن ئىدى.

ۋاراققا قاراپ تەييار يېزىلغان جاۋابلارنى كۆردۈم.

«-يولدىشىڭىز ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببەت سەزگۈرەشتىلىرىڭلارنى سوراپ باقسام بولامدۇ؟

- بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكەن، ئۇ كەمبەغەل ئائىلىدە چوڭ بولغان، ئىككىمىز باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ياخشى ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق، ئۇ شۇ چاغلاردىلا ماڭا، مەن كۆپ پۇل تېپىپ بىركۈنى سىزنى ئالىمەن دەيتتى، ئۇ مەندىن باشقا بىرى بىلەن يۈرۈپ باقمىغان.. باشتا ئۇنىڭ بۇنچە كۆپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشەنمىگەنىدىم، لېكىن ئۇ دىگىنىنى قىلىپ ماڭا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بەردى.. »

كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ ئۆزىنىڭ سودىگەر ئائىلىسىدە چوڭ بولغىنىنى، ئىككىمىزنىڭ بۇنىڭدىن 6يىل بۇرۇن تونۇشقىنىمىزنى، تونۇشۇپ نەچچە ئاي ئۆتمەيلا توي قىلغىنىمىزنى بۇ جاۋابقا كىرگۈزمىگەنىدى.

«- يولدىشىڭىز ئائىلىدە قانداق؟

- ئۇ ماڭا ھەرقانداق ئىشتا ياردەملىشىدۇ، تاماقنى تەڭ ئېتىشىپ بېرىدۇ، مىجەزىم يوق بولسا ماڭا قارايدۇ، ئۇ شىركەتتە چوڭ دېرىكتور، ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان ئەر

- ئۇ خىزمەتتىكى بېسىمىنى سىزگە ئېيتامدۇ؟

- ياق، ئۇ ئەزەلدىن ماڭا بېسىمىنى دەپ باقمىغان، سىرتتا قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆيگە مەڭگۈ كۈلۈپ كىرىدۇ. ئۇ ئەزەلدىن سىرتتىكى كەيپىياتنى ئۆيگە ئېلىپ كىرمەسلىك كېرەك دەيدۇ..

- ئۇنىڭ قىلغان رومانتىك ئىشلىرىنى بىلىپ باقساق بولامدۇ؟

- ئۇ ھەر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنۈمدە ماڭا سوۋغا بېرىدۇ، ھەر ئايدا بىر قۇر يېڭى كىيىم ئەپ بېرىدۇ، گىرىم بويۇمۇمنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆزۈم ئېلىپ باقمىدىم. ھەممىنى ئۇ تاللاپ بېرىدۇ.. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بالىنى ئەچىقىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ تۇرىمىز..

- ۋاھ، نېمە دېگەن رومانتىك.. ئۇ راستىنلا مەسئۇلىيەتچان ئەركەن.. »

بۇ جاۋابلار ئۇنىڭ ئادەتتىكى ھالىتى بىلەن پۈتۈنلەي قارمۇ قارشى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشكە، تاراتقۇلار ئالدىدا يالغان سۆزلەشكە ئامالسىز ئىدىم.

جاۋابلارنى يادلىغاچ سافادا يېتىپ قالدىم. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان چاغلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

* * *

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى. مەن ئادەتتە بالدۇر تۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، شۇنداق بولغاندىلا بېكەتكە بالدۇر چىقىپ، ئادەملەر ئاز ۋاقىتتا ئاپتوبوسقا چىقىۋالاتتىم.

شۇ كۈنىمۇ ئادىتىم بويىچە بېكەتكە بالدۇر چىقتىم. سائەتكە قاراش ئۈچۈن قولۇمغا ئالغان يانفون بىرەيلەننىڭ سوقۇشى بىلەن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۆرۈلۈپ قاراپ مەندىن بىر ئاز چوڭ چىقىدىغان كېلىشكەن يىگىتنى كۆردۈم.

- ھەي.. چېقىلىپتۇغۇ.. - ئېكرانى چېقىلغان يانفونۇمنى قولۇمغا ئالدىم.

- سەت بولدى، يانفونىڭىزنى مەن تۆلەپ بېرەي..

ئۇ يانفوننى قولىغا ئالدى.

- لېكىن بۈگۈن ئىشلىتىشىم كېرەكتى..

- مۇنداق قىلايلى،- ئۇ ئۆزىنىڭ يانفونىنى چىقىرىپ مېنىڭ كارتامنى ئىچىگە سالدى،- ماۋۇنى ئىشلىتىڭ، تۆلەپ بەرگىنىم بولسۇن.. قانداق؟!

قولۇمدىكى يېڭى يانفونغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.

- لېكىن مېنىڭ يانفونۇم بۇنداق قىممەت ئەمەستى..

- ھېچقىسى يوق، مەن يېڭىسىنى ئالىمەن.. سىز مۇشۇنى ئىشلىتىڭ. بۇ يانفونۇمنى ئالغىلى ئۇزۇن بولمىدى.. ئاندىن،- ئۇ قولۇمدىكى يانفونغا ئۆزىنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزۈپ قويدى،- بۇ مېنىڭ نومۇرۇم بىرەر چاتاق چىقسا ماڭا تېلىفۇن ئۇرسىڭىز بولىدۇ.. .

- بۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتى..

مەن ۋارقىراپ بولغۇچە ئۇ ئالدىراپ بىر ئېسىل ماشىنىغا چىقتى-دە كېتىپ قالدى.

قولۇمدىكى ئېسىل يانفوننىڭ ئېكرانىدا ئۇنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن بولۇپ، كىشىگە ئېغىر بېسىق ھەم ساپالىق تۇيغۇ بېرەتتى.

«كىنولاردىكىدەك ئىش بولدىغۇ.. »

كۈلۈپ قويۇپ ئاپتوبوسقا چىقتىم. قولۇمدىكى ئېسىل يانفوننىڭ ئېكرانىدىكى سۈرەتكە بىردەم-بىردەم قاراپ قوياتتىم. ئۆزۈمچىلا كۈلۈپ كېتەتتىم.

بۇ كۈن كەيپىياتىم باشقىچىلا ياخشى ئىدى. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يانفوننى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم قاراپ باقتىم، يانفوننىڭ ئالبومىنى ئېچىپ ئىچىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. سۈرەتتە ئۇ ھەرخىل ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدىۋالغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەرلەرگە بارغانىدى.

- ۋاھ، نېمىدېگەن بەخىتلىك.. ئېسىل ماشىنىلىرى باركەن، نۇرغۇن شەھەرلەرگە بېرىپتۇ..

بۇنداق تۇرمۇش مەندەك مائاشى دادىسىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشقىلا كېتىدىغان ئادەتتىكى خىزمەتچىگە نىسبەتەن چۈشۈمدىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان تۇرمۇش ئىدى.

ئالبومنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئاپىسى ۋە دادىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش يىغىلدى. ئۇنىڭ بارغان شەھەرلىرى ۋە ئېسىل ماشىنىسىدىن بەكرەك ئۇنى قۇچاغلاپ سۆيۈپ تۇرغان ئاپىسىغا، ئۇنىڭ مۆرىسىگە قولىنى ئېلىپ قوغداپ تۇرغان دادىسىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتىم.

ئاپام بىر يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا، دادام ھەر كۈنىنى ھاراق،قىمار ۋە ھەرخىل ئاياللار بىلەن ئارلىشىش بىلەن ئۆتكۈزمىگەن بولسا، بەلكى مەنمۇ مۇشۇنداق بەختلىك بالا بولار ئىدىم ھە.

«مۇشۇنداق كېلىشكەن ھەم پۇلدار يىگىتلەر قانداق قىزلارنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ ھە، شۇ قىز مەن بوپ قالسامچۇ؟!»

ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قاراپ باقتىم. چىرايىم سۇلغۇن ۋە ھارغىن كۆرۈنەتتى. يانفوننى قويۇپ سۇخانىغا چىقىپ كەتتىم. يۈزۈمنى يۇيۇپ كىرىپ يانفوننى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان دادامنى كۆردۈم.

- ۋوي، بۇ بەك ئېسىل يانفونكەنغۇ، نەدىن ئالدىڭ؟

- دادا.. بۇ مېنىڭ ئەمەس..

- ئىچىدە بىر يىگىت باركەن، ئوغۇل دوستۇڭما؟

- ياق.. ئەمەس، مەن تونىمايمەن..

- تېپىۋاپسەندە، ئەمىسە سېتىۋېتەيلى، بۇ يانفون نەچچە مىڭ يۈەنگە يارايدۇ..

- دادا، ماڭا قايتۇرۇپ بەر.. ئۇ يىگىت يانفونۇمنى چېقىۋەتكەن، شۇڭا ۋاقتىنچە كارتامنى مۇشۇ يانفونغا سېلىپ قويۇپ تۇردى.. ئۆزۈمنىڭكىنى ئوڭشاتقاندا قايتۇرۇپ بېرىدۇ..

- ساراڭمۇسەن، مۇشۇنداق ئېسىل يانفوننى بەرسە يەنە مېنىڭكىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ دەيسەنغۇ.. بولدى، مۇشۇنى تۆلىگەن بولسۇن، سېتىۋېتىپ ئادەتتىكى يانفوندىن بىرنى ئال.. ئاشقان پۇلنى ماڭا بەر..

- ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ..

دادام يانفوننى يانچۇقىغا سالماقچى بولغاندا تېلىفوننى ئۇنىڭدىن تارتىۋالدىم.

- بىر تال يانفوننى داداڭدىن ئاياپ كەتتىڭما؟!

- دادا، بۇنداق قىلما، ھېلىمۇ تاپقان پۇلۇمنى ساڭىلا بېرىۋاتىمەن.. بۇ يانفون باشقىلارنىڭ. بۇنىڭغا نىيىتىڭنى بۇزما بولامدۇ..

- سېنى نېمىشقىمۇ بېقىپ چوڭ قىلغاندىمەن.. بۇنداق ۋاپاسىز بولىدىغانلىقىڭنى بىلسەم، ئەينى ۋاقىتتىلا چۈشۈرگۈزىۋېتەتتىم..

- ئەسلى چۈشۈرگۈزىۋەتسەڭ بولاتتى.. مەنمۇ تۇغۇلمايتتىم.. مېنىڭمۇ سېنىڭ بالاڭ بولغۇم يوقتى..

دادام مېنى بىر شاپىلاق ئۇردى.

- ھۇ تۇزكور، داداڭغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن؟ سەندە مېنىڭ ئەجرىم يوقما؟ مەن پۇل تاپمىسام ئاپاڭ سېنى نېمىسى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلاتتى..

مەن ئۈندىمىدىم. يەنە گەپ قىلسام دادامنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتىم. دادام ماڭا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.

بۇ بىر شاپىلاق ۋە ئاھانەت ئېكراندىكى يىگىت بىلەن بولغان ئارلىقىمىزنىڭ ناھايىتى يىراق ئىكەنلىكىنى ماڭا ئەسكەرتىۋاتاتتى. بايىقى رومانتىك خىياللار نەگىدۇر غايىپ بولدى. شۇنداق، مەندەك ئىدارە ئورگانلاردا خىزمىتى يوق، ئايلىق مائاشى قولىغىمۇ تەگمەيدىغان، ھەدېسىلا تاياق يەيدىغان قىز، بۇنداق يىگىتلەرگە ماس كېلەتتىممۇ؟!

يۈزۈمگە دورا سۈرگەندىن كېيىن كارىۋاتقا چىقىپ تورۇسقا قاراپ ئاپامنى ئەسلەشكە باشلىدىم.

«ئاپام بولغان بولسا مۇشۇنداق ۋاقىتتا دادامنىڭ تىل ئاھانىتىدىن توسۇپ قالاتتى» يەنە ئويلاپ قالدىم« ئاپام دادامنىڭ تىل ئاھانىدىن مېنى توسقان بىلەن تىل ئاھانەتنى ئۆزى ئاڭلايتتى، بولدىلا دادامنىڭ تىل ئاھانىتى مەن بىلەن كەتسۇن»

يانفونۇم تۇيۇقسىز سايرىدى. ئۈستىدىكى ناتونۇش نومۇرنى كۆرۈپ قۇبۇل قىلىش كۇنۇبكىسىنى باستىم.

- ۋەي ياخشىمۇسىز؟

قارشى تەرەپ بىر يىگىتنىڭ ئاۋازى ئىدى.

- ياخشىمۇسىز، كىم بولىسىز؟

- مەن ئەتىگەن يانفونىڭىزنى چېقىپ قويغان يىگىت..

- ھە.. مېنىڭ نومۇرۇمنى كىرگۈزىۋالمىغانتىڭىزغۇ..

- قارىسام سىز يا ئۇچۇر يا تېلىفون قىلمىدىڭىز،چېقىلغان يانفونىڭىزنى ئاچقانتىم، ئېچىلدى، ئىچىدە نومۇرىڭىز باركەن، شۇڭا قايتۇرۇشۇم..

- يانفونۇم ئېچىلغان بولسا ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ، بۇ يانفونىڭىزنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي..

- ياق، ھاجىتى يوق، مەن ئۇ يانفوننى سىزگە تۆلەپ بەردىم..

- ئىچىدە سۈرەتلىرىڭىز باركەن..

- شۇڭا تېلىفون ئۇرغانتىم. ئۇ سۈرەتلەرنى ئېلىۋېلىشىم كېرەكتى.. يۇيىۋەتمىگەنسىز ھە..

- ياق، يۇيىۋەتمىدىم.. خالىسىڭىز سۈرەتلەرنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ..

- مۇنداق قىلايلى، ئەتە بىر يەردە كۆرىشەيلى، مەن قول كومپىيۇتېرىمغا سۈرەتلەرنى چۈشۈرىۋالاي.. ئاندىن يانفون سىزگە تەۋە بولسۇن.. قانداق؟!

- بولىدۇ، ئەمىسە ئەتە كۆرىشەيلى..

تېلىفوننى ئېتىۋېتىپ ئۇخلاپ قالدىم.

ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن بىر قەھۋەخانىدا كۆرۈشتۇق. ئۇ قىممەت باھالىق قول كومپىيۇتېرى تۇتىۋالغان بولۇپ، بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماركا ئىدى، لېكىن مەن بىر يىل تىرىشساممۇ بۇ قول كومپىيۇتېرىنى ئالالمايتتىم.

- سۈرەتلىرىمنى يۇيىۋەتمىگىنىڭىزگە رەھمەت.. بۇ ئوقۇش ۋە ساياھەت جەريانلاردا چۈشكەن سۈرەتلەرتى.. يۈتۈپ كەتسە بولمايدۇ..

- قارىسام شۇنداق ئېسىل سۈرەتلەركەن، سىزگە لازىم بولۇپ قالامدىكىن دەپ يۇيمىغانتىم..

- قىزىق ئىش بولدى ھە، ئاجايىپلا غەلىتە.. بىر قىزبىلەن بۇنداق ئۇسۇلدا تونۇشۇپ قالارمەن دېمىگەنتىم..

- مەنمۇ شۇ.. بىر كونا يانفونغا بۇنداق ئېسىل يانفوننىڭ ئالمىشىشىنى ئويلىمىغانتىم..

- سىز بىلەن تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن، ئىككىمىز چوقۇم ياخشى دوست بولۇپ قالىمىز..

- مەنمۇ شۇنداق..

ئۇنىڭ بىلەن قول كۆرۈشتۈم. كېيىنكى ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇنى بارغانسىرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭدا مەن ئىنتىلىدىغان شارائىتنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. بۇنداق ھەم ئوقۇغان، ھەم كېلىشكەن، كۆپنى كۆرگەن يىگىتنى كۆرگەن ھەرقانداق قىز ياخشى كۆرۈپ قالاتتى.

* * *

سائەتنىڭ ئەنسىز سايرىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم. ھەركۈنى ئەتىگەندە بەدىنىمنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىداپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىيىن جەريان ئىدى.

ناشتىلىقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەرگەن كىيىمنى كىيىپ، گىرىمىنى سۈركىدىم-دە، بالىنىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.

- ئاپا، بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسەن..

- رەھمەت بالام..

- بۈگۈن بىر يەرگە بارامدۇق؟

- ياق، بۈگۈن ئۆيگە مېھمان كېلىدۇ..

- دادامنىڭ دوستىما؟

- شۇنداق.. بۈگۈن ئېكرانغا چىقىمىز..

- بەك ياخشى بولدى..

بالامغا تېلىۋېزور قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، يولدىشىمنىڭ چاقىرىشى بىلەن ھۇجرىغا كىردىم.

- يادلىدىڭمۇ؟

- ھەئە، تولۇق يادلىدىم..

- چوقۇم يېزىلغىنىدەك دە.. بولمىسا..

- بىلىمەن.. يېزىپ تەييار قىلمىسىڭىزمۇ مەن شۇنداق جاۋاب بەرگەن بولاتتىم..

- ئۇلار ھېلىلا كېلىدۇ.. تەييارلىق قانداق؟

- ئۆينى تازىلاپ، بالىنىڭ كىيىملىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ قويدۇم..

- ياخشى. بۈگۈن بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسەن.. - ئۇ ماڭا كۈلۈپ قاراپ قويغاندىن كېيىن تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ بۇنداق ماختىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم. گەرچە بۈگۈنكى زىيارەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقىنىنى بىلسەممۇ، يەنىلا ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم.

زالغا چىقىپ بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم.

- بالام، ھېلى مۇخپىرلار كېلىدۇ..

- مۇخپىر دېگەن نېمە؟

- ئاۋۇ تېلىۋېزوردىكى خەۋەرلەرنى كۆردۈڭمۇ، شۇنى يازىدىغانلار..

- ھە، چۈشەندىم..

- ھېلى كۈلۈپ تۇرۇپ بەر جۇمۇ.. ئېكرانغا ياخشى چىقىسەن..

- مەنمۇ تېلىۋېزورغا چىقامدىم؟

- ھەئە.. ھەممىمىز چىقىمىز..

- بەك ياخشى بولدى..

بالامنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈشۈم بىلەن ئىشىك چېكىلدى.

ئىشىكنى ئېچىپ چىرايلىق بىر قىز بىلەن ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى كۆتۈرىۋالغان بىر نەچچە كىشىنى كۆردۈم.

- ياخشىمۇسىز يەڭگە..

- قېنى كىرىڭلار،- زورلاپ كۈلۈپ ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدىم.

- ۋاھ، ئۆيۈڭلار ھەم چوڭ ھەم ئېسىلكەن..

- رەھمەت..

ئۇلار ئۈسكۈنىلەرنى قويغاندىن كېيىن، مۇخپىر قىز مېنىڭ يېنىمغا كەلدى.

- يەڭگە بۇ گىرىمىڭىز بەك سۇس بولۇپ قاپتۇ.. مەن قېنىقلاپ قوياي..

- مەن ئادەتتە قېنىق گىرىم قىلمايتتىم.. شۇڭا..

- ئېكرانغا قېنىق گىرىم قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.. مەن ئوڭشاپ قوياي..

ئۇ ماڭا ئەينەك بەرمەيلا چىرايىمدىكى گىرىمنى ئوڭشاشقا باشلىدى.

- بولدى، شۇنداق چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز..

- ۋوي، كەلدىڭلارمۇ؟- يولدىشىم كاستيۇم بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى.

- ھەئە ئاكا.. سىلەردەك بەختلىك ئائىلىنى زىيارەت قىلىمىز دەپ بالدۇر كەلدۇق..

ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن، يولدىشىم ئىككىمىز سافاغا ئورۇنلاشتۇق. ئۇدۇلدىكى جاھازىنىڭ ئەينىكىگە قاراپ چىرايىمدىكى گىرىمنىڭ ھەددىدىن زىيادە قېنىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.

- سىڭلىم.. بۇ بەك قېنىق كېتىپتۇ.. مەن ئوڭشىۋالاي..

- بولدى، بىزنىڭ جىق ۋاقتىمىز يوق، ئېكران گىرىمى مۇشۇنداق بولىدۇ،-دېدى ئۇ قوپاللىق بىلەن..

گىرىمدىن رازى بولمىساممۇ ئۇلارغا ماسلىشىشقا مەجبۇر ئىدىم.

- بۈگۈنكىسى بىۋاستە تارقىتىش.. شۇڭا بىر قېتىمدا ئۆتمىسەك بولمايدۇ..

ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا تەييارلاپ بەرگىنى بويىچە جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئېكراندىن چىقىپ كەتتىم.

- ئەمدى شاكىچىكتىن بىر نەچچە سۇئال سوراپ باقايلى..

ئۇ مېكروفوننى ئوغلۇمغا تەڭلىدى.

- بۇ يىل قانچىگە كىردىڭ؟

- بەش يېرىمگە.

- داداڭ سېنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ ئادەتتە ساڭا نېمىلەرنى قىلىپ بېرىدۇ؟

- دادام مېنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن مەن ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇ ئۆيگە كەچ كېلىدۇ، كەلسىلا ئاپامنى ئۇرىدۇ.. تىللايدۇ، چېچىنى تارتىدۇ.. ئاپامغا پۇل بەرمەيدۇ.. ئاپامنى ماشىنىسىغا چىقارمايدۇ..

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章