سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
11-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە، تايلاندنىڭ پاتتايا قىزىل چىراغ رايونىدىكى بىر مېھمانسارايدا، ئەنگلىيەنىڭ لانكاشىر ۋىلايىتىدىن كەلگەن 51 ياشلىق ساياھەتچى پائۇل ھادفىيېلد (Paul Hadfield) سەتلەشكەندىمۇ ئاجايىپ سەتلەشكەن.
پائۇل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تايلاندقا كېلىپ ساياھەت قىلغان، ئاندىن پاتتايادىكى يەرلىك «ئەركىن مېھمانخانا»دا تۇرغان. بۇ داڭلىق «جىنايەت شەھىرى»دە، ئۇ ئويۇنغا بېرىلىپ كۈن ئۆتكۈزگەن.
11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇ تاڭ سەھەردە ھۇجرىسىغا قايتىپ كېلىپ، يەنە بىر قېتىم مەست بولۇپ خۇدىنى يوقاتقان.
مېھمانخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار ناھايىتى تېزلا ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزگەن، ئۇلار ئۇنىڭ ھۇجرىسىدىن توختىماي نالە قىلغان ۋە ئۇرۇلغان ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، لېكىن كېيىنكى بىر سېكۇنتتا، ئاۋاز تۇيۇقسىز كۈچىيىپ، خۇددى بىرەر نېمە پارتلىغاندەك قىلىپ قالغان.
ئەسلىدە پائۇل بالكوندىن پۈتۈنلەي يالىڭاچ سەكرەپ چۈشكەن بولۇپ، بالكوننىڭ ئاستىدا بىر تور قەھۋەخانىسى بار ئىدى، يەنى ئۇ ئولتۇرغان يېرىدىن ئاستىنقى قەۋەتنىڭ تورۇسىنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن، بۇ چاغدا ئاستىنقى قەۋەتتە لىق ئادەم بار ئىدى.
تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى چوڭ تەرەت بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئۈستىدىن مۇشۇنداق ھالەتتە چۈشۈپ، ئاستىنقى قەۋەتنى پوق پۇرىتىۋەتكەن.
28 ياشلىق سومراك سېنسو دۇكاندا بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن دەل ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئويۇن ئويناۋاتاتتىم، بىردەمدىلا يۇقىرىدىن قاتتىق ئاۋاز ئاڭلاندى، يەنە كېلىپ ئىككى قېتىم ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا تورۇس تۇيۇقسىز يېرىلىپ، ئۇنىڭ بىر پۇتى ساڭگىلاپ، بېشى ئېسىلىپ قالدى، ئاندىن دەرھال خىزمەتچى خادىملارنى تەكشۈرۈشكە چاقىردىم.»
يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، تورۇس ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، سومراك ئۆزى ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگەن، ئەسلىدە پائۇل يالىڭاچ ھالدا تورۇسقا قىسىلىپ قالغان بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇ تېخى چالا ئويغاق ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى چوڭ تەرەت بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھەتتا كالپۇكىنىڭ ئەتراپىدىمۇ شۇنداق ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا ساقچىلار ۋە جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ پائۇلنى قۇتقۇزۇپ، يەنە كارۋات كىرلىكى بىلەن ئوراپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. بەختكە يارىشا، پائۇل پەقەت ئازراقلا يارىلانغان، ھەتتا ئۆزى ماڭالىغان، ئارقىدىن ناھايىتى تېزلا دوختۇرخانىدىن چىققان.
ساقچىلار دەرھال پائۇلنىڭ ياتىقىنى تەكشۈرگەن، ئويلىمىغان يەردىن ئىشىكنى ئېچىپلا كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان سېسىق پۇراقنى پۇرىغان، ئەسلىدە ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى چوڭ تەرەت قاپلىغان بولۇپ، كىرلىك، ئەدىيال ۋە پولمۇ ساق قالمىغانىدى.
ساقچىلار ھازىر پائۇلنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز ھالەتتە بالكوندىن قانداق چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە. يەنە ئۇنىڭ چوڭ تەرەت قىلىش سەۋەبىمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس، ساقچىلار پەقەت «ھېچقانداق قانۇنسىز قىلمىش بايقالمىدى»، «بۇ ئۇنىڭ شەخسىي ئىشى» دېگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، پائۇل ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن چوقۇم مېھمانخانىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سومراك بولسا كېرەك. چۈنكى ئاسماندىن چۈشكەن پوق ئۇنىڭ ئۈستىگىلا چۈشكەن.
پائۇل ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى يۇرتىغا پۇر كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن قانداق بولۇپ كېتەر؟
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار