سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ھەممىگە ئايانكى، نوبېل مۇكاپاتى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات ۋە شان-شەرەپ، بارلىق ئالىملار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئۆمۈرلۈك نىشانى قىلىدۇ.
نۇرغۇن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە بىر ئادەم ئىنتايىن ئالاھىدە، ئۇ جەمئىي ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق باي، كېلىشكەن، لېكىن ئۇ قۇرۇق سۆلەت بايۋەچچىگە ئايلىنىپ راھەت سۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئىلمىي تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەن. ئەگەر ئۇ ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسا، يۇرتىغا قايتىپ نەچچە ئون مىليون مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بەزىلەر ئۇنى سالاھىيىتى ۋە ئەقىل بۆلۈنمىسى ئادەتتىكىچە، ئوقۇش مەزگىلىدە ئەزەلدىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ باقمىغان، ھەتتا بىر قېتىممۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ باقمىغان، ھەتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ خىزمەت تاپالمىغان دەيدۇ.
ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ تەلىپىنى تۆۋەنلىتىپ، مائاش ئالماسلىققىمۇ رازى بولۇپ، ئاران تەسلىكتە تەجرىبە تەتقىقاتچىسى بولۇپ پراكتىكا خىزمىتىنى تاپقان. ئۇنىڭ پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى يوق بولۇپ، ئۆمرىدە ئەڭ ئاساسلىق ئىككى تېمىنىلا تەتقىق قىلغان، ئېلان قىلغان ماقالىلىرى بىر خانىلىق ساندىن ئېشىپ كەتمىگەن. مانا مۇشۇنداق ئاددىي، سالاھىيىتىمۇ ئاددىي بىر ئادەم ئوخشاش بىر ساھەدە ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاز ساندىكى ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىرمۇ ئىلىم-پەن ساھەسىدە خۇددى مۆجىزىگە ئوخشاش مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ ئادەم دەل فرېدېرىك سانگېر.
فرېدېرىك سانگېرنىڭ ئائىلىسى باي بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىككىنچى ئەۋلاد بەگزادە ئىدى، لېكىن ئۇ بىلىمسىز ئەمەس، ئىنتايىن كەمتەر، تىرىشچان. ئۇنىڭ خىزمەت ئىستاژى ۋە ئەقىل بۆلۈنمىسى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە قىلغان ئىئانىسىگە تايانغانلىقىدىن بولغان. نۇرغۇن پەنلەرنىڭ نەتىجىسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە بىئوخىمىيە كەسپىنى تاللاپ بىلىم ئاشۇرغان.
غەمسىز ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتكەن. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرى 20 نەچچە ياشلىق سانگېر ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئۇ ئۆزىمۇ كېيىن قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان.
ئۇ ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىللىق ئوقۇش تارىخىنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ، يەنىلا پەن-تەتقىقات تەجرىبىسى ئىشلەشنى ئۆزىگە ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان، ئۆيىگە قايتىپ نەچچە ئون مىليون دوللارلىق مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە جەلپ قىلارلىق ئىش ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمسىمۇ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ساپاسى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، لېكىن سانگېرنىڭ باشقىلاردا بولمىغان ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىزچىل ئىزدىنىش روھى، ئۇ توغرا دەپ قارىغان ئىشنى مەيلى قانداق جاپا بولسۇن، قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلسا، ئامال قىلىپ تاماملاش.
خىزمەت ئىزدەش ئىشىغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق. بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ باي ئائىلىسىدىن ياردەم سورىماي، نۇرغۇن خىزمەت ئىزدەش خېتى يازغان ھەمدە بىر قىسىم پەن تەتقىقات تارماقلىرىغا بىر-بىرلەپ تارقىتىپ بەرگەن. ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، ھېچقانداق بىر تەجرىبىخانا سانگېرغا ئوخشاش ھېچقانداق پەن تەتقىقات ئارقا كۆرۈنۈشى، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئىستاژى، ئەقىل بۆلۈنمىسى يوق ئادەمنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۈمىدسىزلەنگەن سانگېر ھەر خىل سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، خىزمەت ئىزدەش خېتىنىڭ ئاخىرىغا «ئەگەر ماڭا بۇ خىزمەت بېرىلسە، ئۇنداقتا مەن مائاش ئالمايمەن» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ قويغان. كىشىلەر مائاش بىلەن ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، سانگېر ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلىم-پەننى ياخشى كۆرىدۇ. سانگېرنىڭ كۈتكىنىدەك، ئەينى چاغدا نۇرغۇن پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى كىرىم-چىقىمنى قامدىيالمىغان قالغان. ھەقسىز تەجىربىخانا پىراكتىكانتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، نۇرغۇن تەجىربىخانىلار سانگېرغا خەت قايتۇرغان، ئاخىرىدا سانگېر ئەنگىلىيىنىڭ كامبىرىج شەھرىدىكى بىر تەتقىقات تەجىربە ئورگىنىغا خىزمەتكە چۈشكەن.
گەرچە سانگېرنىڭ خىزمەت تەجىربىسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جاپاغا چىداش ۋە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش روھى بار. ئۇ ئەقىللىق ئادەم بولمىسىمۇ، ئەمما كەمتەر، تىرىشچان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا ئالىملارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشقا باشلىغان، ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ تەجرىبە ئىشلىشىگە دېققەت بىلەن قاراپ تۇرغان.
بىر نەچچە يىل پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق، ئۇ يەنە ئاقسىلنىڭ تەرتىپىنى ئۆلچەش نىشانىنى بېكىتكەن. ئەينى چاغدا ئىلىم-پەن سەۋىيەسىنىڭ تەرەققىياتى چەكلىك بولغاچقا، نۇرغۇن ئالىملار ئاقسىلنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئانچە چۈشەنمەيتتى، ئادەتتە ئاقسىل بىر خىل تەرتىپسىز يۇقىرى مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشلۈك ماددا دەپ قارالغان. لېكىن تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر سانگېر بۇنداق قارىمىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىللىق تەتقىقاتى ئارقىلىق، ئاقسىلنىڭ تەرتىپسىز تۈزۈلۈشكە ئىگە ماددا بولماستىن، بەلكى قۇرۇلمىسى قانۇنىيەتلىك يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماددا ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
چۈنكى ئىلگىرىكى كۆزىتىش ئارقىلىق، سانگېر ئاقسىل تەركىبىدىكى ئىنسۇلىن تەرتىپلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە، ئۇ ئىككى ئۇزۇن پېپتىد زەنجىرىدىن تۈزۈلگەن، ئىچىدە 26 خىل 51 دانە ئامىنو كىسلاتاسى بار، دەپ قارىغان.
بۇ ئامىنو كىسلاتالارنىڭ تىزىلىشىنى قانداق ئۆلچەش، ئۇلارنىڭ تىزىلىشىنى ئېنىق بىلىش ئىنتايىن قىيىن، لېكىن سانگېر ئۆزى بىر خىل رېئاكسىيىلىك ماددىنى كەشىپ قىلغان. ئۇ بۇ ئۇزۇن پېپتىد زەنجىرىنى پەقەت ئىككى ئەتراپىدا ئامىنو كىسلاتاسى بولغان قىسقا پېپتىد زەنجىرىگە پارچىلىيالايدۇ، ئاندىن بەزى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ قىسقا پېپتىد زەنجىرىنىڭ باش-قۇيرۇق تەرتىپىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ.
بارلىق قىسقا پېپتىد زەنجىرىنىڭ تەرتىپىنى تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قىسقا پېپتىد زەنجىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇزۇن پېپتىد زەنجىرى ھاسىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسۇلىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئامىنو كىسلاتا تەرتىپىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ بىر ئەينەك بوتۇلكىنى ئېلىپ يەرگە سۇندۇرغانغا باراۋەر، ھەمدە بۇ ئەينەك پارچىلىرىنى بىر نەچچە دۆۋە قىلىپ سۈپۈرۈپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ قۇراشتۇرۇپ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ، بۇ پارچىلارنى بىر پۈتۈن بوتۇلكىغا قۇراشتۇرغانغا ئوخشايدۇ، بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
سانگېر سانسىز قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر كۈنى قايتا-قايتا سىناق قىلغان. سانگېرنىڭ مىجەزى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي بىر تېمىنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل ھۇزۇر، باشقىلارغا نىسبەتەن بىر خىل ئازاب. بۇنداق كىشىلەرنىڭ نەتىجە ھامان كىشىنىڭ ئويلىغان يەرىدىن چىقىدۇ، سانگېر ئىنسۇلىننىڭ قىسقا پېپتىد زەنجىرىنى ئۇزۇن ھالەت زەنجىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئاقسىلنىڭ تەرتىپىنىڭ قانۇنىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن، بۇ ھاياتلىق ئىلىمى ساھەسىدىكى بىر مۆجىزە. شۇڭا 1958-يىلى، ساندېر شۇ يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە مۇناسىپ ئىدى.
باھالاش كومىتېتىنىڭ سانگېرغا بەرگەن باھاسىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىردەك سانگېرنىڭ ئون يىلنى بىر كۈندەك جاپالىق تەتقىق قىلىش روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، دەپ قارىغان. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملارغا نىسبەتەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۇلارنىڭ تەتقىقات ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە ئەڭ يۇقىرى نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. سانگېرغا ئوخشاش ئەقىل بۆلۈنمىسى ئادەتتىكىچە ئالىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، نوبېل مۇكاپاتى تىرىشچانلىق ۋە كۈتۈشنىڭ سوۋغىسى. گەرچە ئۇ شەرەپ قۇچقان بولسىمۇ، بىراق سانگېر يەنىلا قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئەستايىدىل قىلماقچى بولغان.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، سانگېر ھېچقانداق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلمىغان، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىمۇ قۇپقۇرۇق تۇرغان، كىشىلەر سانگېرنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۇنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭلىقىدىن دەپ قاراپ، سانگېرنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلىغان. ئەمما بۇ چاغدا سانگېر سىرتنىڭ گۇمانىغا قۇلاق سالمىغان. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، سانگېر تەتقىقات ئورنىنىڭ مەبلىغى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقات ئەترىتى قۇرۇلغان. سانگېر بۇ بىرنەچچە يىلدا ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىغان ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ بىرنەچچە يىلدا ئىزچىل تۈردە DNAنىڭ تىرتىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆلچەپ چىقىشنى ئويلىغان. چۈنكى، DNA دىكى نۇكلېئوتىدنىڭ چوڭلۇقى ئاقسىل تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتانىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئاقسىلنى ئۆلچەش تەرتىپىگە سېلىشتۇرغاندا، DNA نى ئۆلچەش تەرتىپىنى تاماملاش پۈتۈنلەي قۇرۇق خىيال.
DNA تەرتىپىنى تاماملاشنىڭ خىزمەت مىقدارى ئىنتايىن زور، سانگېر ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى داۋاملىق باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىگەن، ئادەم قانچە تىرىشقانسېرى شۇنچە تەلەيلىك بولىدۇ، ھايات ئەزەلدىن ئەمگەك قىلغانلارنى قۇرۇق قول قويمايدۇ.
ئۆزىنى ئاددىي ئادەم دەپ باھالىغان بۇ ئالىم 20 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇ ئاخىرى بىر يۈرۈش ئۆزگىچە DNA تەرتىپىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭغا «قوش ئوكسىگېنسىزلاشتۇرۇش زەنجىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ نام بەرگەن.
سانگېر بىر خىل مىكرو ئورگانىزمنىڭ گېنىنى ئۆلچەش تەرتىپىنى تاماملاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 5000 دىن ئارتۇق نۇكلېئوتىدنى مۇكەممەل ئۆلچىگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ئۆلچىگەن نۇكلېئوتىدنىڭ سانى يۈزدىن ئاشمىغان. سانگېرمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ھاياتىغا باھا بەرگەن، ئۇنىڭ قارىشىچە، پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم پەزىلىتى بار ئىكەن. سانگېر ئۆزىنىڭ ئەڭ ماھىر بولغىنى توختىماي ھەرىكەتكە كېلىش دەپ قارىغان.
سانگېرنىڭ ئۆلچەش-تەرتىپلەش ئۇسۇلى دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان DNA ئۆلچەش-تەرتىپلەش ئۇسۇلىغا ئايلانغان، ئىنسانلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى ئۆلچەش-تەرتىپلەشمۇ مۇشۇ ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان، سانگېر نامەلۇم دۇنيانىڭ ئاخىرقى سىرىنى ئېچىپ بەرگەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، 62 ياشلىق سانگېر DNA تەرتىپىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، جانلىقلار، گېن ۋە ئىرسىيەتشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەچكە، ئۇ يەنە بىر قېتىم نوبېل مۇكاپات سەھنىسىدە پەيدا بولۇپ شان-شەرەپكە ئېرىشكەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن، سانگېر پېنسىيەگە چىقىپ، بىر ئاددىي بوۋايغا ئايلىنىپ، ھەر كۈنى سەيلە قىلىپ گۈل بېقىپ، تۇرمۇشىنى ئازادە ئۆتكۈزگەن. خۇددى كىنولاردىكى ئۇستازلارغا ئوخشاش، سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن تاغ ئورمانلىقىغا قېچىپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. كېيىن يۈز ياشتىن ئاشقان سانگېر ئۆيىدە قازا قىلغان، ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئاددىي ئادەم» ئاخىرى كۆزىنى يۇمغان.