شى جىنپىڭ بۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

文摘   2024-11-10 19:20   新疆  
شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ئىتالىيە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مېخانىزمى يىغىنى ۋە جۇڭگو ـ ئىتالىيە داشۆ مۇدىرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، دۇڭ شۆ) 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ ئىتالىيە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مېخانىزمى يىغىنى ۋە جۇڭگو ـ ئىتالىيە داشۆ مۇدىرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگو ـ ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە داشۆ ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مىڭ يىللار ۋارىسلىق قىلىنغان دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئوزۇقلاندۇردى، قەدىمىي يىپەك يولى شەرق ـ غەرب ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، ماركو پولو غەرب دۇنياسىنىڭ جۇڭگونى بىلىش كۆزنىكىنى ئاچتى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەلچىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈپ، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ باراۋەر سۆزلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئىتالىيە مەدەنىيەت ھەمكارلىق مېخانىزمى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراس جايلار دوستلۇق ئورنىتىش ئەندىزىسىنى تۇنجى ئىجاد قىلدى، ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرى ئىلىم ۋە ياشلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن پەنلەر بىرلەشمە تەتقىقاتىنى كېڭەيتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق جىسمىنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، مول ئادىمىيەت ھېسسىياتى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان كەڭ قورساقلىق بىلەن ئارازلىق، توقۇنۇشتىن ھالقىپ، ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشاش ئارزۇسى بىلەن تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەدەنىيلىك ماياكىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش توغرا يولىنى يورۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ جۇڭگو ـ ئىتالىيە دوستانە ھەمكارلىقىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن، شەرق ـ غەرب مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولغۇچىلاردىن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاتناشقۇچىلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگو ـ ئىتالىيە تۆھپىسى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ماتارېللا ئىتالىيە ـ جۇڭگو مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مېخانىزمى ۋە داشۆ مۇدىرلىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنىنىڭ ئىتالىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئىتالىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئوخشاشلا پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا زوقلىنىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدۇ، ماركو پولونىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقىلىشىش ئېسىل داستانى شەرق ـ غەرب مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالغانلىقىنىڭ كارتىنىسى. ئىككى تەرەپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، قارشىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، ئىتالىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا ئاساس ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章