سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئىلگىرى جوۋ رۇنفا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغان ۋەن زىلياڭغا ھازىر نېمە بولدى؟
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ليۇ خاۋرەن (刘昊然) باش رول ئالغان «تۆت دېڭىز» (四海) ناملىق كىنو قويۇلغان، نۇرغۇن تورداشلار بۇ كىنونى كۆرگەندىن كېيىن، بىر تونۇش شەخسنى بايقىغان، ئۇ بولسىمۇ ئالتۇن تۇلپار كىنو شاھى ۋەن زىلياڭ (万梓良).
فىلىمدە ۋەن زىلياڭ رولى ئانچە كۆپ بولمىغان يولۇچىنىڭ رولىنى ئالغان، كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، تورداشلار ۋەن زىلياڭنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا دائىم دېگۈدەك كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا قوشۇمچە روللارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ياكى يېزىغا چۈشۈپ سودا ئويۇنى قويۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
66 ياشقا كىرگەن ۋەن زىلياڭنىڭ يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ، كونا سەھنىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جۇڭگو شياڭگاڭ كىنوچىلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە شاھىد بولغان تاماشىبىنلار چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن.
نۇرغۇن جۇڭگو شياڭگاڭلىق چولپانلارغا ئوخشاش، ۋەن زىلياڭمۇ ATVنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تاماشا ساھەسىگە كىرگەن، دەسلەپتە ئۇ ئۆزىدىن ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتمىگەن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئەمەس ئىدى.
ئەمما ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇكى، ATV ئۇنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە دەرھال ئۇنىڭ ئۈچۈن «ئۈچ بەگزادىنىڭ شەمشىرى»، «قەلىبداش يىگىت» قاتارلىق نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلىگەن.
ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى كېلىشكەن بولمىغاچقا، ۋەن زىلياڭ مۇلايىم يىگىت بولۇش يولىدىن ۋاز كېچىپ، تۇنجى قېتىم «چوڭ ئاكا» بولۇش يولىغا قەدەم قويغان.
ۋەن زىلياڭ رول ئالغان نۇرغۇن چوڭ ئاكا تىپىدىكى روللارنىڭ ھەممىسى سەلبىي روللار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مىجەزى ۋە قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىگە تايىنىپ، يەنىلا سانسىزلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە رام قىلغان.
1980-يىلى، ۋەن زىلياڭ رول ئېلىشقا قاتناشقىلى ئەمدىلا ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، مى شۆ، ساۋ داخۇا قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىلاسسىك چامباشچىلىق تىياتىرى «تەيجى جاڭ سەنفېڭ»دا رول ئالغان، شۇ يىلى ئۇ لياڭ شياۋلوڭ، جياڭ داۋېي بىلەن بىللە رول ئالغان «چوڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئەزىمەتلەر» ناملىق تىياتىرمۇ قويۇلغان، بىر مەھەل ئىككى قىسىملىق تىياتىرنى سۈرەتكە ئالغان ۋەن زىلياڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
نام چىقارغاندىن كېيىن، ۋەن زىلياڭنىڭ فىلىملىرى ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چوڭ ئاكىسىنىڭ رولىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان، «كەپسىز بالا»، «قەھرىمان ئەزىمەت»، «ۋاڭجياۋ كارمېن» قاتارلىق فىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە ۋەن زىلياڭ سەلبىي رول ئالغان.
ۋەن زىلياڭنىڭ داڭق چىقىرىشى بىلەن نۇرغۇن ئارتىسلار قارا نىيەتلەرنىڭ سېھرى كۈچىنى كۆرگەن، ئەينى يىلى نۇرغۇن ئارتىسلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىپ ئۆزگەرتىپ، ۋەن زىلياڭ بىلەن «چوڭ ئاكا» دېگەن بۇ رىقابەت يولىدا تەڭ بەھرىمەن بولماقچى بولغان، ئەپسۇس ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن.
«تاڭ سەھەرنى كۈتۈش» ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، ۋەن زىلياڭ ئارتىس جوۋ رۇنفا بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئەينى چاغدا ۋەن زىلياڭ ھەممە ئادەم بىلىدىغان كىنو ساھەسىدىكى گىگانت چولپان ئىدى، لېكىن جوۋ رۇنفا بولسا ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن ئارتىس ئىدى.
فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، تورداشلار ۋەن زىلياڭنى كىنو شاھى تەختىدە ئولتۇردى دەپ قارىغان، ئەمما كىم بىلسۇن ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىنو شاھى شەرىپى جوۋ رۇنفانىڭ قولىغا تەگكەن، بىر مەھەل خەلق پىكىرى ھەممە يەرنى قاپلىغان، ۋەن زىلياڭ بىلەن جوۋ رۇنفا ھەر ئىككىلىسى غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشكە دۇچ كەلگەن.
بەختكە يارىشا، ھەر ئىككىلىسى خەلق پىكرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمىغان، پەقەت ئۈچ يىلدىن كېيىن، ۋەن زىلياڭ «تاڭ ئاتقۇچە»گە تايىنىپ، ئۆزىگە تەۋە ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
چۈنكى «تاڭ ئاتقۇچە» فىلىمىدىكى ئىككەيلەننىڭ ھەركىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ئىككەيلەننى بىر يەرگە قويۇپ سېلىشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان، ۋەن زىلياڭ ئەزەلدىن بۇ ئىشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىغان، لېكىن جوۋ رۇنفا بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ۋەن زىلياڭنىڭ ھازىرقىدەك بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئاشكارىلىغان.
«بىزنىڭ بۇ كەسپىمىزدە، روناق تېپىشتا تەلەيگە تايىنىشقا بولمايدۇ، نام چىقارغاندىن كېيىن، كېيىنكى تىرىشچانلىق ئەڭ مۇھىم.»
جوۋ رۇنفا شۇنداق دەپلا قالماي، نەچچە ئون يىللىق ئارتىسلىق ھاياتىدا، ئۇ ئىزچىل شۇنداق قىلىپ كەلگەن، لېكىن ۋەن زىلياڭ بولسا باشقا بىر يولدا ماڭغان.
ھەممە ئادەم جوۋ شىڭچىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ناچار، ساھە ئىچىدە دوستى يوق دەيدۇ، ئىلگىرى جوۋ شىڭچى تېخى ياش ۋاقىتلىرىدا ئاكتىپ ئىلگىرلەيدىغان ئادەم ئىدى، نۇرغۇن پېشقەدەملەر ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلاتتى، جوۋ شىڭچى «ھايات سەپىرى»نى ئىشلىگەندە ۋەن زىلياڭ تاماشا ساھەسىدە ناھايىتى داڭلىق كىشى ئىدى، ئۇ بۇ ياشنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆپ غەمخورلۇق قىلغان.
كېيىن ئىككەيلەن «ئۇ جاھان كەزى»(他来自江湖) ناملىق كىنودا ھەمكارلاشقان، كىنودا ۋەن زىلياڭنىڭ جوۋ شىڭچى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرۇپ چىقىدىغان كۆرۈنۈشلىرى بار، ۋەن زىلياڭ بۇ كىنودا چىققان ئايال باش رولچى تيەن نيۇ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالىدۇ، ئاخىرىدا توي قىلىدۇ، جوۋ شىڭچى ئۇنىڭ يىگىت قولدىشى بولىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا جوۋ شىڭچىنىڭ كىنو ساھەسىدە تەرەققىي قىلغۇسى بار بولۇپ، ۋەن زىلياڭ ئۇنى لى شيۇشيەنگە تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توختام ئىمزالايدۇ، جوۋ شىڭچى شۇنىڭدىن باشلاپ كېيىنكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، كېيىن جوۋ شىڭچى كەسپىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىدۇ، ۋەن زىلياڭ كىنو ساھەسىدىن چېكىنىپ تىجارەت يولىغا كىرىدۇ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتا نۇرغۇن تارماق دۇكان ئاچىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى، ۋەن زىلياڭ ئىقتىسادى كىرزىسقا ئۇچراپ كېتىپ، نۇرغۇن زىيان تارتىدۇ. بۇ چاغدا جوۋ شىڭچى ئۆزىنىڭ كىنو شىركىتىنى ئېچىپ، دېرىكتورغا ئايلانغانىدى، ئۇ ۋەن زىلياڭنىڭ شاپائىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى، شۇڭا ئۇ ۋەن زىلياڭنىڭ «كومېدىيە شاھى»دا ۋۇ مېڭدا رولىنى ئالغان ئوبرازغا چىقارماقچى بولىدۇ.
كىنونى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ۋەن زىلياڭ جوۋ شىڭچىنىڭ تولىمۇ قاتتىق قول ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، بىر قېتىم ھاراق ئىچكەچ ئولتۇرۇپ بۇ گەپنى دەۋېتىدۇ، جوۋ شىڭچى ئىككەيلەننىڭ ئاخىرىغىچە ھەمكارلىشالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا مۇۋاپىق فىلىم بېرىۋېتىپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ۋەن زىلياڭ كەسپتە چېكىنىپ كېتىدۇ، بەدەن شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكىدەك كېلىشكەن قامىتى قالمايدۇ، پەقەت ئىچكىردە بىر قىسىم سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ جان باقىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، مەستانىلىرىمۇ ئاز قالىدۇ. «يېڭى كومېدىيە شاھى» ئىشلىنىشتىن بۇرۇن جوۋ شىڭچى مۇشۇ پۇرسەتتە ۋەن زىلياڭ بىلەن ياخشىلىشىپ قالماقچى بولىدۇ، ئۇنى رۇمېڭنىڭ دادىسىنىڭ رولىغا چىقارماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇزۇن يىللىق ئاداۋەتنى يۇماق ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدۇ، ۋەن زىلياڭ ئاخىرىدا يەنىلا جوۋ شىڭچىنى رەت قىلىدۇ.
بىر ئوبدان شېرىكلەر مۇشۇنداق قىلىپ ئادا-جۇدا بولۇشۇپ كېتىدۇ، ھەر ئىككەيلەننىڭ يېشى بىر يەرگە باردى، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئەپلىشىپ قېلىشىنى، بىللە ئېكراندا يەنە بىر قېتىم كۆرەلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەقىچان بۇ نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدى.
1996-يىلى جۇڭگو شياڭگاڭ كىنوچىلىقى قاراڭغۇلۇققا يۈز تۇتقان، ۋەن زىلياڭدىمۇ مەسىلە كۆرۈلگەن، قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ۋەن زىلياڭ خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىپ كىيىم-كېچەك سودىسى قىلغان.
كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى غەلىبە قازانغان «چوڭ ئاكا» سودا سارايلىرىدا داۋاملىق ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلمىگەن، ۋەن زىلياڭ تىجارەتتە ئېغىر زىيان تارتىپ، دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان.
ۋەن زىلياڭ كىيىم-كېچەك تىجارىتىدىن ۋاز كېچىپ، داۋاملىق كىنو ئىشلىمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ كونا خوجايىنى TVB ۋەن زىلياڭنى بىۋاستە رەت قىلغان.
مىش-مىش پاراڭلاردا ئېيتىلىشىچە، ۋەن زىلياڭ داڭق چىقارغاندا، ئۇ كۆپ قېتىم سۆز قىلىپ، TVBنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى رەنجىتىپ قويغان، ھازىر ۋەن زىلياڭ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەندە، قارشى تەرەپمۇ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان.
گەرچە بۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ زەربىدىن كېيىن، ۋەن زىلياڭنىڭ ئارتىسلىق ھاياتى توختاپ قالغىلى تاس قالغان، كېيىن يەنە بىر قانچە ئەسەردە رول ئالغان بولسىمۇ، ئۇ رول ئالغان ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يانداش رولچىلار بولۇپ، «چوڭ ئاكا» دېگەن سالاپەت يوق ئىدى.
كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، كەسپى ۋەيران بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايالى تيەن نيۇمۇ ئۇنىڭغا ئاجىرىشىپ كېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەينى چاغدا ئىككەيلەن ئويۇن سەۋەبىدىن مۇھەببەتلىشىپ، بىر مەھەل تورداشلار تەرىپىدىن جۇڭگو شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى ئالتۇن ئۆسمۈر قىز دەپ تەرىپلەنگەن، ئەپسۇسكى، بۇ مۇناسىۋەت پەقەت تۆت يىل داۋاملىشىپ، ئاخىرى ئاياغلاشقان.
ئەمەلىيەتتە، ۋەن زىلياڭ تيەن نيۇ بىلەن مۇھەببەتلىشىشتىن بۇرۇن بىر مەزگىل مۇھەببەتلەشكەن، ئۇنىڭ مۇھەببەتلىشىش ئوبيېكتى داڭلىق ئارتىس دېڭ سۈيۋېن بولۇپ، ئىككەيلەن «شۆ رېنگۇينىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا تونۇشقان.
ئەينى چاغدا 19 ياشلىق دېڭ سۈيۋېن ئەمدىلا تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ، ۋەن زىلياڭدىن ئىبارەت مۇھەببەت ۋە ھەققانىيلىقنى قەدىرلەيدىغان بۇ «چوڭ ئاكا»نىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق كۈچى يوق ئىدى، فىلىم تېخى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولماستىنلا، ئىككىيلەن مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغان.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ مۇناسىۋەت پەقەت ئىككى يېرىم يىل داۋاملاشقان، دېڭ سۈيۋېن ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئىگىلىنىشىچە، ۋەن زىلياڭ كۆپ قېتىم يارىشىپ قېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن قارشى تەرەپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ۋەن زىلياڭنىڭ تىزلىنىپ يارىشىپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان، شۇڭا ۋەن زىلياڭ ئۆز غورۇرىنى دەپسەندە قىلىشنى خالىمىغاچقا بىراقلا ئايرىلىپ كېتىشنى تاللىغان.
گەرچە ئىككى قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، كەسپى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەن زىلياڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەن، 2002-يىلى ۋەن زىلياڭ بىلەن ئايروخانقىز گو مىڭلىنىڭ خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن ئىككىنچى يىلى يەنە بىر پەرزەنتلىك بولغان، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ تۇرمۇشى باياشات ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكەن.
46 ياشلىق ۋەن زىلياڭ ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئوغلىغا كۆيۈنگەن، ئوغلىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ۋەن زىلياڭ كىنو ساھەسىگە قايتىپ كەلگەن، ئەپسۇس بۇ چاغدا ئۇ ئەسلىدىلا يوق ئىدى ھەممە ئىشقا تەڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، قايتا باش كۆتۈرگەندىن كېيىنكى ئىپادىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.
ۋەن زىلياڭ سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ھېچقانچە پۇل تاپالمىغانلىقىنى، تىجارىتىنىڭ كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ «چوڭ ئاكا» لىق سالاھىيىتىنى تاشلاپ، مەيلى كارخانا يىللىق يىغىنى بولسۇن ياكى تىجارەت باشلاش بولسۇن، ھەر قايسى جايلاردا سودا ئويۇنى قويۇشقا باشلىغان.
2022-يىلى، ۋەن زىلياڭ بىر پارنىكنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، يۇرتىنىڭ ئېسىل يېمەكلىكى چاگونى كۈچەپ تەۋسىيە قىلغان، بىر نەچچە چوڭ ئانا ئۇنىڭ يېنىدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
ئەگەر پارنىكنىڭ ئۈستىگە «كىنو شاھى ۋەن زىلياڭ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا قويۇلمىغان بولسا، ئىشىنىمىزكى، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەممۇ بۇ بەستلىك، سەل چۈشكۈن ئوتتۇرا ياشلىق ئەرنى تونۇيالماسلىقى مۇمكىن ئىدى، 66 ياشلىق ۋەن زىلياڭنىڭ ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن تورداشلار، ئەسلىدە جوۋ رۇنفانىڭ ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ بىر جۈملە سۆزىنىڭ جاۋابىنى ئاللىقاچان ئېيتىپ بولغانلىقىنى بىلگەن.
كەسپى بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن ۋەن زىلياڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ بىر نەچچە قەدىناس دوستى ھازىر ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلغان، ئىلگىرى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى جوۋ شىڭچى ھازىر ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان كومېدىيە شاھىغا ئايلانغان.
جوۋ رۇنفامۇ ئىلگىرى ۋەن زىلياڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغان، ئىككەيلەننىڭ بىرى قارا نىيەت ئاكىنىڭ رولىنى ئالغان، يەنە بىرى ھەممە ئېتىراپ قىلغان ياخشى ئاكىنىڭ رولىنى ئالغان، لېكىن ھازىر ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ.
بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، جوۋ شىڭچى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئۇستازىنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپكە ياردەم بەرمەكچى بولغان، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيەسى بىردەك بولمىغاچقا، ۋەن زىلياڭ جوۋ شىڭچىنىڭ بىمەنە گېپىنى قوبۇل قىلالمىغان؛
ئۇنىڭ ئۈستىگە جوۋ شىڭچى ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان، ئاخىرىدا ئىككەيلەن سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغان.
بۇ ئىشتىن كېيىن، جوۋ شىڭچى ۋەن زىلياڭدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سورىغان، گەرچە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان بولسىمۇ، لېكىن جوۋ شىڭچى ئۇنى قايتا كىنو ئىشلەشكە تەكلىپ قىلمىغان، ۋەن زىلياڭ يەنە بىر قېتىم كىنو ساھەسىگە قايتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان.
بۈگۈنكى كۈندە، ئامما يەنىلا ھەر خىل سودا سورۇنلىرىدا ۋەن زىلياڭنى كۆرەلەيدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى پۇل ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدۇ، دۈمبىسى مايلىشىپ، قىزىقارلىق كىيىملەرنى كىيىپ ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەمما ئامما 60 ياشتىن ئاشقان، كېسەل بولۇپ قالغان ۋەن زىلياڭنىڭ ئەزەلدىن پۇل ئىئانە قىلىش سورۇنلىرىدىن كەم قېلىپ باقمىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن.
مەيلى يەر تەۋرەش بولسۇن ياكى سۇ ئاپىتى بولسۇن، ۋەن زىلياڭ باشتىن-ئاخىر پۇل ئىئانە قىلىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئازغىنە يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ كەلگەن، بۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئاكىسى دېگەن نامغا مۇناسىپ كېلىدۇ.