تۇرپاندا يەنە 200 ئوقۇغۇچى كىچىككىنە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى
تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ لىسەن، شيې دۇڭفېي) 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خۇنەن ئۆلكىلىك ياش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ «قىزىل ئانار . كىچىككىنە ئارزۇنى يورۇتۇش» تۇرپاندا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئىدىقۇت رايونلۇق 5 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتتە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلا بولغان 200 ئوقۇغۇچىغا كىتاب، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق بۇيۇملار سوۋغا قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى.ئوقۇغۇچىلار ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن كىچىككىنە ئارزۇسىغا ئېرىشىپ، چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسىشۇ كۈنى، مەكتەپ شاد - خۇراملىققا چۆمۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېھرىدە تەقەززالىق ۋە ھاياجان جىلۋىلەندى. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان تۆت مەشھۇر ئەسەرگە ئېرىشتى؛ بەزى ئوقۇغۇچىلار يېپيېڭى سومكىغا ئىگە بولدى؛ يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان رەسىم دەپتىرىنى ئالدى... بۇ «كىچىككىنە ئارزۇ»لار قارىماققا ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار تەقەززا بولۇۋاتقان نەرسىلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئىدى.ئوقۇغۇچىلار يېپيېڭى سومكىنى تاپشۇرۇۋالماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسى
بۇ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ يۈشىن ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان تۆت مەشھۇر ئەسەرگە ئېرىشىپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تاغا، ھەدىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، مەن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.
ئوقۇغۇچىلار ئېرىشكەن كىچىككىنە ئارزۇسىنى كۆرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسى
بىر ئارزۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىر قەلب ئىللىتىلدى. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي قوزغىتىلغان «قىزىل ئانار. كىچىككىنە ئارزۇنى يورۇتۇش» ھەرىكىتى ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىككىنە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ جەمئىيەت كۈچلىرىنى شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشكە ئورتاق قاتنىشىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش خىزمىتىنى سۇپىلاشتۇرۇش، ۋاسىتىلەشتۈرۈش، تۈرلەشتۈرۈشتىكى پايدىلىق سىناق ھېسابلىنىدۇ.«كىچىككىنە ئارزۇنى يورۇتۇش پائالىيىتى خۇددى مېھىر ـ شەپقەت ئۇرۇقىغا ئوخشاش، بالىلارنىڭ قەلبىگە مىننەتدارلىق ۋە ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچتى، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مۇشۇنداق مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار كەلگۈسىدە بۇ مېھىر ـ مۇھەببەتنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىللىقلىق ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى ئىدىقۇت رايونلۇق 5 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې يەنگاڭ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:买尔艳古力·热西提