توي ۋە سۇيقەست 🧡 56-قىسىم (ئەپچىدە 80قىسىم تولۇق)

文摘   2024-07-18 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
56-قىسىم

- سىزدىن، ئاۋۇ ئۆگەي ئاپىڭىزدىن، ئاڭلىغان ھاقارەتلەر ئۈچۈن بولسىمۇ، چوقۇم بىر پايدا ئېلىپ كېتىشىم كېرەك، بولمىسا زىيان چىقىدۇ.

ئۇ گېلىمنى سىقىشقا باشلىدى. تىنالماي قىينىلىۋاتاتتىم.

- ھۇ قارانىيەت. پەس.

- سىز نېمە قىلماقچى؟ ئا، ئادەم بارمۇ.

ئۇ بىردەم كۈچىگەندىن كېيىن قولىنى قويىۋەتتى. قاتتىق ھۆتۈلۈپ كەتتىم.

-قولىڭىزنى قويىۋەتتىڭىزغۇ، مېنى ئۆلتۈرمەكچىتىڭىزغۇ.

- ئىت جېنىڭنىڭ ماڭا يەنە پايدىسى بار.

-مېنى ئۆلتۈرىۋەتسىڭىز ۋارىسلىق ھوقۇقىغا تېخىمۇ ئېرىشەلمەيسىز.

ئۇ ئۆزىنىڭ كارىۋىتىغا قايتىپ يوتقاننى كۈچەپ ياپتى.

ئۆرۈلۈپلا كۆزۈمدىكى ياشنى تۇتىۋالالمىدىم. گەپنى قاتتىق قىلغان بىلەن ئاجىز ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈنلەردە بۇنچە چوڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.

ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپ ئۈستى قەۋەتتە ناشتا قىلىشقا باشلىدۇق.

دادام بوينۇمدىكى قىزىللىققا قاراپ قويدى.

- بوينىڭىزغا نېمىش بولدى؟ كۆكۈرۈپ قاپتۇغۇ.

- ھە، تۈنۈگۈن بەك چىڭ چاپان كىيىۋاپتىمەن، شۇڭا.

دادام يولدىشىمغا غەلىتە قاراپ قويدى.

تاماقتىن كېيىن دادام خىزمەتكارلارنى چۈشۈرىۋېتىپ يولدىشىمنى يېنىدا ئېلىپ قالدى. پەلەمپەيدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا باشلىدىم.

- مەن ساڭا دەپ قوياي، ئەمدى ئايالىڭغا يەنە قول تەككۈزسەڭ سېنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ تۇتقۇزىۋېتىمەن.

- مەن نەدە ئۇنىڭغا قول تەككۈزۈپتىمەن.

- مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، سەن كۈندە ئايالىڭنى قىيناۋاتىسەن.

- چۈنكى ئۇ ئاجرىشىشقا قوشۇلمايۋاتىدۇ.

- ئۇ قوشۇلمىدى ئەمەس. مەن قوشۇلمىدىم، ماڭا كۈچۈڭ يەتمەي ئاجىز ئايالنى بوزەك قىلىۋاتىسەن.

- دادا، نېمىشقا؟! نېمىشقا باشقىلارنى دەپ مېنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقۇمنى ئېلىپ تاشلىماقچى بولىسەن، پەقەتلا ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ، ئۇ زادى ساڭا نېمە دېدى؟

- ھېچنېمە دېمىدى، مەن باشقىلار بىلەن توي قىلىشىڭغا قوشۇلمايمەن. بۇنىڭ ئايالىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

- سەن بالام بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭغۇ. بالا كىمدىن بولسا ئوخشاشقۇ.

- بۇ گەپنى قانداق ئاغزىڭدىن چىقىرىۋاتىسەن؟! مېنىڭ جەمەتىمنىڭ ۋارىسى كىمدىن تۇغۇلسا ئوخشاشما؟

- ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا چۈشۈپ كەتكەن تۇرسا.

- قايتىدىن بالىلىق بولساڭلار بولىدىغۇ.

- بىز پەقەت ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزگەن ئەر ئاياللار خالاس.

-توختام؟ مۇشۇمۇ؟

تامنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ دادامنىڭ قولىدىكى توختامنى كۆردۈم.

- مانا، ئەمدى بۇ توختام يوق بولدى، ئىككىڭلارنىڭ توختاملىق ئەر ئايال ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق.

دادام توختامنى يىرتىپ تاشلىدى.

- بۇ قانداق بولۇپ سېنىڭ قولۇڭغا ئۆتۈپ قالدى.

-ساڭا دەپ قوياي. نېمە ئىش قىلساڭ مېنىڭ كۆزۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن، ھەرقانداق نەرسەڭنى مەن تاپالايمەن. ھەرقانداق گېپىڭنى مەن ئاڭلىيالايمەن.

-مېنىڭ ئازىراقمۇ ئەركىنلىكىم يوقمۇ؟

- ساڭا ئەركىنلىكنى بەردىم، مەن كەتكەندە نېمىشلارنى قىلغىنىڭنى بىلىمەن.

- بۇ؟! بۇ.

- سەن ئىككى ئادەمنىڭ بويىدا بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەرگە نەرسە قويدۇڭ، سەن ئايالىڭنىڭمۇ شۇنىڭغا پۇتلىشىپ يىقىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىڭ.

- بۇ؟! بۇنى سەن نەدىن بىلدىڭ؟

- بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، كىمنىڭ نېمە ئىش قىلغىنىنى، نېمە دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمەن.

- ھاھا، ئۆيگە تېلىكامىرا قويۇپسەندە.

- ئۆزۈڭنى مەندىن ئەقىللىق چاغلىما، مەن سېنىڭ داداڭ، تېخى ئەقلىمدىن ئاداشقىنىم يوق.

- سەن راستىنلا قورقۇنۇچلۇقكەنسەن دادا، بايلىقىڭنى ساقلايمەن دەپ ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىكەنسەن.

-شۇنداق. چۈنكى بۇ مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسى.

- مەن ئىقرار ئۇ ئىشنى مەن قىلغان، لېكىن ئايالىمنى يىقىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان.

- كىمنى دەپ قىلغىنىڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن، بويىدا بار ئايالغا قەست قىلىشنىڭ ئۆزىلا توغرا ئەمەس.

- سەندىن يوشۇرۇپ ئولتۇرماي، ئايالىڭ ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى.

يولدىشىم تېلىفونىنى دادامغا كۆرسەتتى. دادام تېلىفونغا قارىمىدى.

- دادا. قارىمايسەنغۇ، ئۇ قاش كىرپىكىڭ ئاستىدا تۇرۇپ سېنى ئالداۋاتىدۇ.

- مېنىڭ باشقا گەپ ئاڭلىغۇم يوق.

- دادا. بۇ شۇنداق چوڭ ئىش تۇرسا، نېمىشقا؟!

- مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشما، ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن، ئاتا بالا ئارىسىدىكى ھۆرمەتنى بۇزما.

- سەن ئايالىڭنىڭ خاتالىقىغا يول قويىسەن. يات بىر ئايالنىڭ ئايالىم نامىدا كىرىپ ئۆيدە تۇرىشىغا يول قويىسەن. لېكىن مەندەك ئۆز بالاڭنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلمەيسەن، مەن چۈشىنىپ بولالمىدىم، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

- كېيىن چۈشىنىپ قالىسەن.

 دادام يەردىكى قەغەز پارچىلىرىنى كۆرسەتتى.

- توختام يوق بولدى. ھازىر پەقەت سىلەرنىڭ توي خېتىڭلارلا بار، ئۇنىڭ بىلەن سەن ھەقىقىي ئەر ئايال شۇڭا بۇ ئائىلىگە باشقا بىرسىنى ئېلىپ كىرىمەن، خالىغان ئادەمنىڭ بالىسىنى ماڭا ۋارىس قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلما، سەن پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا بالىلىق بولىسەن، باشقىسىغا بولمايدۇ.

- نېمىشقا؟ زادى نېمىشقا؟

- بۇ ئىگىلىكنى مەن مىڭ جاپادا تىكلىگەن. سەن خالىغانچە تاپقان قىز ئاياللارنىڭ باللىرىغا تاشلاپ بەرمەيمەن، يامىنى كەلسە ھەتتا ساڭىمۇ.

دادام يولدىشىمدىن يانداپ ئۆتۈپ كەتتى.

يولدىشىم مەن تەرەپكە قارىغۇچە تېزدىن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ھۇجرىغا كىرىپ كەتتىم.

ھۇجرىنىڭ ئىشكاپىنى ئاقتۇرۇپ توختامنى تاپالمىدىم. دادامنىڭ يىرتقىنى ئىككى نۇسخا توختام ئىدى.

ئارقامدىن بىرسىنىڭ تارتىشى بىلەن يۈزۈمگە قاتتىق شاپىلاق تەگدى.

- دادامغا سەن بەردىڭما؟

يولدىشىم ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى.

- نېمىنى مەن بېرىپتىمەن.

- توختامنى دادامغا ئەپ بېرىپسەن، سېنىڭ بۇنچە ئىپلاسلىقىڭنى ئويلاپ باقماپتىمەن.

- ئۇ توختامنى ئاپتۇما؟ مەن ئەمەس، مەن دادىڭىزغا ھېچنېمە بېرىپ باقمىدىم.

-سەن بولمىساڭ كىم بېرىدۇ، بۇ ئۆيگە سەندىن باشقا كىم كىرەتتى.

- دادىڭىزدا بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچى بار، مەن بەرمىسەممۇ ئۇ كىرەلەيدۇ.

- ئەمىسە سەن نېمىشقا بۇ يەردە تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىشكاپنى ئاختۇرىسەن؟

- مەن، مەن باشقا نەرسە ئىزدەۋاتقان.

- ھاھا، ھاھا، سەن راستىنلا ئاجايىپ ھىيلىگەن قارانىيەت نېمىكەنسەن.

-مەن ھېچنېمە قىلمىدىم.

ئۇ مېنى ئۇرۇش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرۈپ بولۇپ توختاپ قالدى.

- يەنە مېنى ئۇراي دېگەنمۇ؟ مېنى ئۇرۇپ دادىڭىزنىڭ دېققىتىنى بۇرىماقچىمدىڭىز؟ ئۇ توختامنى يىرتىۋەتتى شۇنداقمۇ؟! ھاھا، ئەمدى سىز توختامنى دەستەك قىلىپ ماڭا بېسىم قىلالمايدىغان بولدىڭىز.

- سەن، سەن بىلىسەن شۇنداقمۇ؟! دېمەك توختامنى راستىنلا ئۇنىڭغا سەن بېرىپسەن.

- ئۇنداق ئەمەس. مەن ئۇنىڭ توختامنى ئالغىنىنى بىلمەيمەن. پەقەت سىزنىڭ ئالدىڭىزدا توختامنى يىرتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم خالاس.

- خوش بولغانسەن؟! ئەمدى ئاجراشمايدىغان بولدۇم دەپ خوش بولغانسەن.

- شۇنداق. خوش بولدۇم. ئەمدى سىز ماڭا قوقاق سالالمايدىغان بولدىڭىز.

-توختام بولمىسىمۇ سەندىن ئاجرىشىمەن.

- مەنمۇ سىزدىن ئاجرىشىمەن. لېكىن سىز ئەمەس ئۆزۈم خالىغاندا.

ئۇ ياقامنى سىقتى.

- دېگىنە پاسكىنا. دادامغا زادى نېمە دېدىڭ؟ ئىككىڭنىڭ ئوتتۇرىسدا زادى قانداق پىلان بار؟

- ياقامنى سىقما.

 ئۇنىڭ قولىنى سىلكىدىم.

- سېنىڭ ياقامنى سىقىش ھوقۇقۇڭ يوق.

- سەن دادامنىڭ كاللىسىنى يۇيمىساڭ ئۇ بۇنداق چىڭ تۇرماي، چوقۇم سەن بىر نەرسە قىلدىڭ، ياكى دادامنى ئازدۇردۇڭمۇ.

ئۇنى شاپىلاق بىلەن بىرنى ئۇردۇم.

- مەينەت ئاغزىڭنى يۇم. ھەممە ئادەمنى ئۆزۈڭنىڭ ئەتراپىدىكى بۇزۇقلارغا ئوخشاتما.

- ئەمىسە نېمىشقا، نېمىشقا دادام ساڭا بۇنچە قىلىدۇ، ياق، بۇنىڭدا چوقۇم بىر گەپ بار.

- دەپ بېرەيمۇ؟! چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشەنمەيدۇ، سېنىڭ بۇرۇنقىدەك پۇللارنى قىزلارغا خەجلەپ تۈگىتىدىغانلىقىڭنى بىلىدۇ، شۇڭا بايلىقنى ساڭا تۇتقۇزغۇسى كەلمەيدۇ.

-مەن ياخشى ئوقۇدۇم. شىركەتتە كۈچەپ ئىشلىدىم، نەتىجە ياراتتىم، نېمىشقا ئۇماڭا شۇنچە ئىشەنمەيدۇ.

- بۇنى ئۆزۈڭ داداڭدىن سورا، مەن بىلمەيمەن، مېنىڭمۇ سەن بىلەن ئۆي تۇتقۇم يوق، لېكىن داداڭ قوشۇلمىدى، ماڭىمۇ ئامال يوق.

- ئۆي تۇتقۇم يوق؟! ھاھا، ئۆي تۇتقۇڭ بولمىسا نېمىشقا يەنە مەن بىلەن بىرگە تۇرىسەن؟! مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭنى، مەن بىلەن بالىلىق بولغۇڭ بارلىقىنى دەيسەن.

-ئۇ چاغدا نىيىتىڭنىڭ بۇنچە قارا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم.

- ھازىر بىلدىڭ. ئەمدى ئۆي ئايرىساقمۇ ئۈلگۈرىمىز.

-بولىدۇ ئۆي ئايرايلى. سىز باشقا يەردە تۇرۇڭ.

- ۋوي، ھاھا، تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ دېگەن گەپقۇ بۇ، بۇ مېنىڭ ئۆيۈم .

- بۇ مېنىڭمۇ ئۆيۈم. دادىڭىز ئىككىمىزگە تەڭ بەرگەن.

- سەندەك نومۇسسىز ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىپ يەنە ئۆي ئىگىسىنى ھەيدەۋاتامسەن؟

- ھەيدىمىدىم. ئەركىنلىكنى سىزگە بېرىۋاتىمەن، كەتسىڭىز مەن خوشال، كەتمىسىڭىز بىرگە تۇرىمىز.

يولدىشىم ماڭا ھەيرانلىقتا تىكىلىپ قارىدى.

- ياق. سەندە زادى بىرگەپ بار، بۇرۇن بۇنداق ئەمەستىڭ، دادام بىلەن ئىككىڭ چوقۇم بىر نەرسە پىلانلاۋاتىسەن.

- نېمە دەپ ئويلىسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ سىز دادىڭىزنى قايىل قىلالىسىڭىز مەن ئاجرىشىشقا قوشۇلىمەن. قايىل قىلالمىسىڭىز مەندە ئامال يوق، يامان بولسىڭىز دادىڭىزنى ۋارىسلىق ھوقۇقىنىمۇ ساقلاپ قېلىپ ئاجرىشىشقىمۇ قوشۇلىدىغان قىلىڭ. شۇ چاغدا سىزدىن ئاجرىشىمەن، بولمىسا مېنى ئاجرىشامدىكىن دەپ خام خىيال قىلماڭ.

ئۇ چاپىنىنى كىيىپ چىقىپ كەتتى. جايىمدا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. دائىم قاتتىق گەپ قىلىپ بولۇپ مۇشۇنداق بوشىشىپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ ئالدىدا پۈتۈن خىيالى مال دۇنيادىلا بولغان نىيىتى قارا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى بىلەتتىم. لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇنى ئىسپاتلىيالمايتتىم.

ئاستا چىقىپ بالكۇندا يالغۇز ئولتۇرغان دادامنى كۆردۈم.

- كەلدىڭىزمۇ؟! ئۇ يەنە بىر نەرسە دېدىمۇ؟

- دادا. بۇنداق قىلىپ نېمە كەپتۇ، مەن راستىنلا چارچاپ قالدىم، يا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۆگەيلىكىمنى ئېيتىڭ. ياكى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بېرىڭ.

-ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئاپىسىغا ئۇنىڭغا ئۆگەي ئىكەنلىكىنى دېمەسلىككە ۋەدە بەرگەن.

- ئۆز بالام دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىڭىز نېمىشقا يەنە ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بەرمەيسىز.

-چۈنكى ئۇ بايلىقنى قالايمىقان چېچىپ سورۇپ تۈگىتىدۇ، قالايمىقان قىزلار بىلەن ئارلىشىدۇ، پۇلى كۆپلۈكتىن مەندەك ئايال كىشىنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

- نېمە پەرقى، ئۇ بەرىبىر شۇنداق بولۇپ بولدى.

- ياق. ھازىر يەنە قۇتقۇزۇش ئېھتىماللىقى بار، بۇنى سىز قىلىسىز.

- دادا. سىز دېگەندەك مەن ئۆز بالىڭىز بولسام، قاراپ تۇرۇپ ئۆگەي بالىڭىزنىڭ مېنى مۇشۇنداق خورلىشىغا يول قويامسىز؟ مېنىڭ ھەركۈنۈمنىڭ قانداق قورقۇنۇچ ۋە خىجىلچىلىقتا ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟

- ئەمدى ئۇ سىزگە چېقىلىپ قورقۇتالمايدۇ.

-ئۇ ئاۋۇ قىزنى ئەكىرىشكە ئالدىراۋاتىدۇ. ئۇ قىزنىڭ بويىدا باركەن، شۇڭا ئۇ ئامال قىلىپ مېنى كۆزدىن يوقاتماقچى.

- ئۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ، مەن ئۇ قىزنى ئېلىشىغا يول قويمايمەن.

-ئەگەر ئۇ قىزنىڭ بالىسى تۇغۇلۇپ قالسىچۇ؟! بالىسى ئوغۇل بالا بولۇپ قالسىچۇ.

- ئۇ ئوخشاشلا مېنىڭ نەۋرەم ئەمەس.

ئېغىر خۇرسىنىپ قويدۇم.

- دادام بولۇپ خوشال بولارمەنمۇ دېگەنىدىم، نېمىشقا غېمىم تېخىمۇ كۆپلەپ كېتىدىغاندۇ.

- مېنى كەچۈرۈڭ قىزىم، سىزگە خوشاللىق بەرگۈم بار ئىدى.

- بالا ئاتا ئانىنىڭ كۈنىنى قايتىلايدۇ دېسە ئىشەنمىگەنتىم. ئۆزۈممۇ ئاپامنىڭ كۈنىنى قايتىلاۋاتىمەن.

- ئۇنداق ئەمەس. مەن ئاپىڭىزغا كۆرسەتكەن كۈننى سىزگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. سىلەرگە بولغان قەرزىمنى تولۇقلىغۇم بار.

- سىز تولۇقلاپ بولالمايسىز دادا، ئاپامنىڭ شۇنچە يىلدىن بېرى تارتقان جاپاسىنى، مېنى يالغۇز چوڭ قىلغۇچە تارتقان خورلۇقلىرىنى، ئازابتا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى، مېنىڭ دادىسىز ئۆتكۈزگەن ئازابلىق بالىلىقىمنى، تولۇقلاپ بولالمايسىز.

- مەن تۇزكور. ئەينى يىلى ئاپىڭىز ئىككىڭلاردىن ۋاز كەچمىگەن بولسام بەلكىم بىز بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولار ئىدۇق.

- ناتايىن. بايلىق ئارىغا كىرگەن مۇناسىۋەتكە يامان نىيەت ئارلىشىدىكەن.

- ئاپىڭىز ماڭا ياتلىق بولغاندا تويلۇقمۇ تەلەپ قىلمىغان. توي مۇراسىمىمىزمۇ بولمىغان، مېنىڭچە ئۇنىڭ پۇلغا نىيىتى بۇزۇلمىغان.

- لېكىن سىزنىڭ بۇزۇلدى. ئاپامغا ئىككىنچىسىنى تۇغۇش پۇرسىتى بەرمەيلا باشقا بىرسىنى ئەكېلىپ ئۇنى ھەيدەپ چىقىرىپسىز، ئوغلىڭىز ھازىر دەل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى تەكرارلاۋاتىدۇ.

- مەن ئوغلۇمنىڭ سىزنى ھەيدەپ چىقىرىشىغا يول قويمايمەن.

- ئۇنىڭ يېنىدا تۇرساممۇ ئوخشاش دادا، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئۆلۈپ بولدى.

-ئۇ ئەسلى ئەسكى بالا ئەمەستى، شىركەتكە كەلگەندىن بېرى باشقىلار ئۇنىڭ كاللىسىنى يۇيۇپتۇ. شۇڭا تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كەتتى. يەنە ئاۋۇ قىز، مېنىڭچە ئۇنىڭ تەسىرىمۇ بار.

- شۇنداق. مەنمۇ ئەسلى ئۇنى ئەسكى ئادەم دەپ ئويلىمايتتىم.

- ئەگەر ئۇ راستىنلا ئەسكى بولسا، مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئۆز قىزىمنى تۇتقۇزۇشنى ئويلىمايمەن، ئۇ چوقۇم ئۆزىنى تېپىۋالىدۇ.

- يۈرىكىڭنى لەختە قىلسىمۇ ئۇنى ساقلا دېمەكچىمۇسىز.

- ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىڭ دېمەكچى، مەن ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن.

- دادا، دادا.

- نېمە ئاۋاز.

-ئاۋاز ئىچىدىن چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

بالكوندىن كىرىپ قولىدا ھېلىقى قىزنى يېتىلىۋالغان يولدىشىمنى كۆردۈم.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章