تۇغۇلۇش ئىسپاتى بولمىغاچقا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ، كۆرمىگەن كۈننى كۆردى

文摘   2024-11-05 22:17   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ



ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىر قېتىم، ئەستېرنىڭ ئەڭ تەقەززا بولغىنى ئوقۇش باشلاش بولغان. پەقەت مەكتەپتە ئوقۇغاندىلا، ئەستېر نامراتلار مەھەللىسىدىكى ئاشۇ قاراڭغۇ ھەم نەم ئۆيدىن قېچىپ قۇتۇلالايتتى. ئۇ ئۆيىنىڭ ئەۋرەز يولى ئېغىزىغا جايلاشقانلىقىنى، سېسىق پۇرايدىغانلىقىنى ياقتۇرمايتتى؛ ئۇ ئۆيىدىكى تاملارنىڭ نېپىز ھەم سۈزۈك بولۇشىنى، بىر قاراپلا قوشنىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولۇشنى ياقتۇرمايتتى.

ئۇ ئۆيدە قاپسىلىپ قېلىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھېچ ئىش قىلماي ئۆيدە تۇرۇشنىمۇ ياخشى كۆرمەيتتى... يىغىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن خۇشى يوق ئىدى.

مەكتەپتە ئوقۇسا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ دوستلىرى بار، تۇرمۇشى تېخىمۇ تەرتىپلىك، نەتىجىسى يامان ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئاپىسى مۇئېنى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان، ئۇ ياخشى ئوقۇسا ئاپىسىنىڭ ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشىنىڭ، شۇنداق تۇرۇقلۇق پۇل تېپىش-تاپالماسلىقىنى ئېنىقسىز بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.

لېكىن 2014-يىلىغا كەلگەندە، ھەممە ئىشلار ئۆزگەرگەن. ئالتىنچى يىللىقتىكى ئەستېر مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتلىك ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۈچۈن تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئاڭلىغان. قارىماققا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بۇ تەلەپ ئەستېردىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توساق بولۇپ قالغان.

چۈنكى ئەستېرنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يېنىدا ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ دادىسى بۇرۇنلا ئانا-بالا ئىككىسىنى تاشلاپ كېتىپ قالغان ئىدى.

ئانىسى مۇئېنى ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بېرىپ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بېسىپ چىقارماقچى بولغان، لېكىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇنى بىردەم ئۇ يەرگە، بىردەم بۇ يەرگە بېرىڭ دېگەن، بۇ ئىككى ئىشخانىنىڭ ئارىلىقى 185 كىلومېتىر بولۇپ، مۇئېنى ئىشلەمچىلىك قىلىپ يىغقان پۇلنىڭ ھەممىسى يول خىراجىتىگە كەتكەن.

كېيىن، ئەستېر ئىسپات كۆرسىتەلمىگەچكە، بىر نەچچە قېتىم مەكتەپتىن ھەيدەلگەن، ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى توختاتقان. ئانىسىنىڭ جاپاكەش سىيماسىنى كۆرگەن ئەستېر مەيۈسلەنگەن ھالدا: «ئەگەر مەن مەكتەپ ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىسام، ئۇنداقتا مېنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشۇمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟» دېگەنلەرنى ئويلىغان.

ئەستېرنىڭ كەچۈرمىشى نامرات رايونلاردىكى قىز-ئاياللارنىڭ نورمال ھالىتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كىنىشكا كەمچىل بولۇش ئاياللار، يېزا ئائىلىلىرى ۋە ساۋات چىقىرىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار كىشىلەر دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلە بولۇپ، بۇ ئۇلارنى مائارىپ ئاساسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى مۇنتىزىم بولمىغان يەرلەردە ئىشلەشكە مەجبۇر قىلغان. ئەستېر دەل شۇلارنىڭ بىرى.

11 ياشلىق ئۇ ئاپىسىغا تۇيدۇرماي ئوقۇشتىن چېكىنىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. ئۇ دوستىدىن شۇ جايدىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئولتۇراق رايوندا بىر ئائىلىنىڭ ئايال خىزمەتكار قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. بۇ ئائىلە ئۇنىڭغا «ئۆز قىزىغا مۇئامىلە قىلغاندەك» مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، يەنە تېخى ئۇنىڭغا ھەر ئايدا 3000 كېنىيە شىللىڭى (تەخمىنەن 150 يۈەن خەلق پۇلى) ئىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى دېگەن، ئەستېرمۇ ئىشەنگەن.

لېكىن ناھايىتى تېزلا، ئەستېر رېئاللىقنى تونۇپ يەتكەن. خوجايىنى تولىسى: «سىز بۇ يەردە بىكار يېتىپ-قوپىسىز، مەن نېمىگە ئاساسەن سىزگە پۇل بېرىمەن؟» دېگەن.

كېيىن ئەستېر ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن دائىم ئۆزۈمنى ئوغرىلىقچە ئارام ئېلىشىم كېرەكتەك ھېس قىلىمەن، چۈنكى مەن دائىم ھېرىپ ئاغرىپ قالىمەن، لېكىن ھەرقانچە بىئارام بولساممۇ، ئۇلار مېنى ئارام ئالغىلى قويمايدۇ.»

ئۇ ھەر كۈنى سەھەر سائەت 3تە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي تازىلىغان، بالىغا ياردەملىشىپ سومكىسىنى يىغىشتۇرۇپ مەكتەپكە يولغا سالغان، ئاندىن داۋاملىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلغان، ئۆيدىكى ھەممە ئادەم ئۇخلاپ بولغاندا ئاندىن ئارام ئالالىغان.

كېيىن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇئامىلىسى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتكەن. ئۇلار ئەستېرنىڭ ئۆيدە تاماق يېيىشىگە يول قويماي، كىچىك كۆمۈر ئوچاقتا تاماق ئېتىشكە مەجبۇر قىلغان، تاماق ناچار بولغاچقا، ئۇ تېخىمۇ ئاجىزلاپ، ئاغرىقچان بولۇپ قالغان.

يەنە بىر قېتىم، ئۇ مېھمانغا چاي قۇيۇشتا ئاستىلىق قىلغاچقا، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا غاڭزا بىلەن قاتتىق تاياق يېگەن. ئەستېر پۇشايمان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم بۇ خىل خىزمەتنى قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەگەر مەن داۋاملىق مەكتەپتە ئوقۇيالىغان بولسام، بۇنداق خورلاشقا ئۇچرىمايتتىم.»

بۇمۇ كېنىيەدىكى سانسىزلىغان بالىلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى. 2023-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، مالاي كېنىيەدىكى بالا ئىشچىلارنى ياللاپ ئىشلىتىدىغان ئىككىنچى كەسىپ بولۇپ، نۇرغۇن بالىلار ئەمدىلا يەتتە-سەككىز ياشقا كىرگەندە، ياللىغۇچىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن بالىلار جىسمانىي جەھەتتىن خورلانغان ۋە ئىش ھەققىنى ئالالمىغان.

كېنىيەنىڭ قانۇنىدا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتى بار دەپ بەلگىلەنگەن، لېكىن تولىسى نامرات رايونلاردا، بۇ خىل ئەھۋال قەتئىي كونترول قىلىنمىغان، بالىلار بالدۇرلا ئىشقا كىرىشكەن، خارلانغان. كېيىن بالىلىق بولسىمۇ، بالىلىرى يەنىلا مۇشۇنداق كۈنلەرنى كۆرگەن.

ئەستېرغا كەلسەك، خوجايىن ئۇنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشقا باشلىغاندا، ئۇ قېچىپ كەتكەن. لېكىن ئۇمۇ بۆرىدىن قۇتۇلۇپ، يولۋاسقا تۇتۇلغان.

15 ياشقا كىرگەن، ئۆي-ماكانسىز قالغان ئەستېرنى بىرى كوچىدىكى بىر توپ سەرگەردانلارغا تونۇشتۇرۇلغان. بۇ بىر توپ كىشىلەر نامراتلار مەھەللىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئەينى چاغدا ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن ئەستېرنى زەھەر توشۇشقا مەسئۇل قىلغان، چۈنكى بۇ قىزچاقتىن ساقچىلار گۇمانلانمايتتى ھەمدە ئۆلتۈرۈلۈشىمۇ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

قارىماققا، بۇ بىر توپ كىشىلەر ئەستېرگە خېلى ياخشى مۇئامىلىدە بولغاندەك قىلغان. ئۇلار ئەستېرگە چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بەرگەن، يەنە ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ چىقىمىغىمۇ مەسئۇل بولغان، ئۇلار ئەستېرگە ئۇ كېتىدىغان چاغدا مائاش بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

لېكىن ئەستېر ئىشنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، شايكىدىكى ئىككى ئەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىر ئەر زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۆچۈپ كەتكەن: «شۇ چاغدا بەكلا قورقۇپ كەتكەنىدىم، بۇ خىزمەت ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىكەن، مەن چېكىنىپ چىقىپ ھەق تەلەپ قىلىمەن دېسەم، ئۇلار ماڭا بۇ شايكىدىن ھېچكىمنىڭ تىرىك چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

ئەستېر ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئامال قىلىپ قېچىپ چىقىپ، يەتتە جان بار ھاللىق بىر ئائىلىگە كېلىپ ئايال خىزمەتكار بولغان. ئۇ يەنە بىر قېتىم خوجايىننىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان، بۇ قېتىم ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولغان.

بىر كۈنى، ئۆيدە پەقەت ئۇ ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆيىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىلا قالغان، ئۇ ئوغلىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدغان. ئۇ ئايال خوجايىنغا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى ئېيتقىنىدا، ئايال خوجايىن ئۇنى يالغان سۆزلىدى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۇنى ئۇرغان.

ئەستېرمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، چۈنكى ئۇ قانۇنسىز ئىشلەم ئىدى، ساقچىغا مەلۇم قىلسا تېخىمۇ ئاۋارىچىلىققا قالاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئەستېر چىشىنى چىشلەشكە مەجبۇر بولغان.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەستېرنىڭ ئاپىسى مۇئېنى ئەستېرنى پاراۋانلىق ئورنى ئارقىلىق تاپقان. مانا ھازىر 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، 21 ياشلىق ئەستېر ئاخىرى پاراۋانلىق ئورگىنىنىڭ ياردىمىدە مەكتەپكە قايتىپ كەلدى.

ئۇلار ئەستېرنىڭ چاچ ياساش كۇرسىغا تىزىملىتىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ساتىراشخانىدىن خىزمەت تېپىشىغا ياكى ئۆزى بىر كىچىك ساتىراشخانا ئېچىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

لېكىن تۇغۇلۇش ئىسپاتى بولماسلىق بۇ مەسىلە يەنىلا ئەستېرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. چۈنكى كېنىيەنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۇ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى بولغاندىلا ئاندىن كىملىك ئىلتىماس قىلالايدۇ، ئاندىن خىزمەت تاپالايدۇ ۋە ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ.

ئاپىسى مۇئېنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت بۇ قانۇن ھۆججەتلىرىگە ئېرىشىشتە قىينىلىۋاتقانلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى كېرەك، بۇ رەسمىيەتلەر خەلققە تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى كېرەك.»

شۇنداق، بىر پارچە تۇغۇلۇش ئىسپاتىنىڭ بىر قىزنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章