سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئارگېنتىنا توپچىلىرى قانچىلىك داشقال؟ بالىلىرىدىن ۋاز كېچىش، قىز دوستىغا ئاسىيلىق قىلىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تور تەرجىمىسى:
يېقىندا، ئېنزو قىز دوستى ۋالېنتىنا بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن ھەمدە شەخسىي ئارخىپىدىكى بالىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. ئېنزو دادا بولۇشقا تېخى بالدۇر بولغاچقا، كىشىلىك ھاياتنىڭ بەزى باسقۇچلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى، ئەمدى ياشلىق ئارزۇسىنى ئەسلەپ، بويتاق ئەرلەرنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئارگېنتىنا توپچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئائىلىسىگە ئاسىيلىق قىلىشى ئەمەس. دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر قانچە ئارگېنتىنا توپچىسى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئەخلاقى ۋە ئادىمىيلىكىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.
ئايالى ۋە بالىسىدىن ۋاز كەچكەن ئارگېنتىنانىڭ چىمپىيون قەھرىمانى دې پائۇل
رودرىگو دې پائۇل - ئۇ پۇتبول شاھى مېسسىنىڭ توپ مەيداندىكى قوغدىغۇچىسى، ئۇ يۈگۈرۈپ ھارمايدىغان تۆمۈر ئادەم، قاتار دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مودا توپچى، ئارگېنتىنانىڭ چېمپىيون قەھرىمانلىرىنىڭ بىرى. ئەمما ئۇ يەنە ۋاپاسىز داشقال ئەر، قىزىنىڭ بېقىش ھەققىنى تۆلەشنى خالىمايدىغان دادا، جورىسىنىڭ ئالدىدىكى ساداقەتسىز ئالدامچى.
قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، دې پائۇل يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىدىكى داشقال ئىدى. ئۇ قىزىنىڭ بېقىش ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغىلى تاس قالغان.
دې پائۇل زادى نېمە ئىش قىلدى؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى 2023-يىلىدىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا دې پائۇل ئەمدىلا 35 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبىغا قوشۇلغان ئىدى. كوماندىنىڭ باش تېرىنىرى سىمونى بىلەن دې پاۋلو ئارگېنتىنالىق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىللە بىر يىغىلىشقا قاتناشتى.
يىغىلىشتا سىمونى دې پاۋلوغا بىر ئالاھىدە ئايالنى تونۇشتۇردى، لېكىن نەق مەيداندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئادەم ئازراقمۇ ناتونۇش ئەمەس ئىدى! ھەممە ئادەم ئۇنى تونۇيدۇ، چۈنكى ئۇ دىننى سىتوسېل.
ئارگىنتىنادا پائۇلنىڭ ئەخلاقىنى بىلمەيدىغانلار كۆپ بولىشى مۇمكىن، لىكىن دىننى سىتوسېلنى بىلمەيدىغانلار ئاز ئەمەس.
ھازىر 26 ياشقا كىرگەن سىتوسېل ناھايىتى ياش، لېكىن ئۇنىڭ ئالاقە تورىدا 20 مىليوندىن ئارتۇق مەستانىسى بار، پۈتكۈل تور چەمبىرىكىدە يېڭى لاتىن خانىشى دېگەن نامى بار.
دې پاۋلو ناھايىتى تېزلا بۇ قىزغا مەپتۇن بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قىز دوستى ۋە ئىككى بالىسىنى ئۇنتۇپ قالدى.
ئۇلار ئىككىسى ناھايىتى تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ كەتتى. لېكىن ئەزەلدىن قارام ۋە ھېسسىيات بۆلۈنمىسى تۆۋەن بولغان دې پاۋلو ناھايىتى تېزلا چاندۇرۇپ قويدى.
ئايال كامىلا بۇنىڭغا ئىشەنمىدى، ئۇ دې پاۋلو بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، ئۇلار 12 يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇلارنىڭ كىچىك ئوغلى تېخى بىر ياشقا توشمىغان ئىدى!
ئەمما دې پاۋلو قىلچە نومۇس قىلمىدى، ئۇ زىيارەتتە ئۆزىنىڭ كامىلاغا بولغان ھېسسىياتىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتتى. ھەمدە ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، سىتوسېل بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى ئاشكارىلىدى. تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتكىنى دې پاۋلو ھەر ئايدا 30 مىڭ ياۋرو بالا بېقىش ھەققى بېرىشنى خالىماي، سابىق ئايالى كامىلا بىلەن سوتلاشتى.
بۇمۇ ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە يەرلىك كوماندىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى! بولۇپمۇ كاپىتان مېسسى، قاتار دۇنيا لوڭقىسى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۇنيا لوڭقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ دې پائۇلنىڭ بۇ خىل كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلماي، ئەتىدىن-كەچكىچە قالايمىقان ئىشلارنى قىلىدىغان قىلمىشىدىن ئىنتايىن نارازى بولدى!
شۇنىڭ بىلەن كوماندىنىڭ مەشىقىدە، مېسسى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بارلىق ئەزالارنىڭ ئالدىدا دې پاۋلونى قاتتىق تەنقىدلىدى.
بۇ يەردە يەنە بىر قىستۇرما بار، ئەزەلدىن ئۆزىنى بېغىشلاپ كەلگەن مېسسى دې پاۋلونىڭ ساداقەتسىزلىكىنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا ئۇمۇ ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، دې پاۋلونىڭ مۇھەببىتىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان سۈرەتلىك يازمىلارنىڭ بىرىنىمۇ قوللىمىغان.
شۇنىڭدىن كېيىن، دې پائۇل سەل ئۆزىنى تۇتىۋالدى، قىز دوستىنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ قايتا ئالاقە تورىدا يوللىمىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بەس-بەستە بۇ ئىككەيلەننىڭ ئايرىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشتى. لېكىن كېيىن دې پاۋلو ئۆز ئاغزى بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن سىتوسېل بىلەن ئەسلىدە دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن ئايرىلىپ كەتمەكچى ئىدۇق، لېكىن بىز چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۇق، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كەتتى.»
بېقىش ھەققى سەۋەبلىك بۇرۇنقى ئايالى بىلەن بولغان ئالاقىدە جىددىيلەشكەن دې پاۋلو ھەتتا بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرۈشىگىمۇ يول قويمىغان.
ئارگېنتىنا چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، بارلىق توپچىلار ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇچاقلاپ تەبرىكلەش مۇراسىمىدا تەنتەنە قىلىشتى! پەقەت دې پاۋلونىڭ بالىلىرىلا تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ دادىسى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىۋاتاتتى!
تەبرىكلەش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دې پاۋلو ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئارگېنتىناغا بېرىپ قىز دوستى سىتوسېل بىلەن كۆرۈشتى. ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئاندىن ئىككى بالىنى كۆرگىلى باردى. بۇ سابىق ئايالى كامىلانى ئىنتايىن نارازى قىلدى: «قانداقلا بولمىسۇن سىز بالىنىڭ بىردىنبىر دادىسى.»
ھازىر، ھېچكىم دې پاۋلونىڭ شەرمەندىلەرچە ئاسىيلىق قىلىش قىلمىشىنى تىلغا ئالمايدۇ، تاراتقۇلار 36 يىلدىن كېيىن يەنە ھىراكلىس لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقا كۆرۈنۈشىدە دې پاۋلونى ئەيىبلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.
بىردىنلا، خۇددى ھەممە ئادەم دې پاۋلونى كەچۈرگەندەك، ئۇ سىتوسېل بىلەن ئارگېنتىنا نۇسخىسىدىكى «بېكھام بىلەن ۋىكتورىيە» بولۇپ قالدى.
قىز دوستىنىڭ دوستى بىلەن تېپىشىۋالغان مايك ئاللېستېر
ئۇ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ ئالتە كۈندىن كېيىن توردىكى داڭلىق قىز دوستى كامىلا مايا بىلەن ئايرىلىپ كەتتى، ھەمدە مايانىڭ يېقىن دوستى ئالەن كوۋا بىلەن تېزلا ئارىلاشتى.
ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى قىز دوستى مايا: «مانا بۇ ئاسىيلىق! بۇ مەن ئەڭ ناچار قاباھەتلىك چۈشتىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئىش، مەن ئەزەلدىن ئەڭ يېقىن ئادەمنىڭ بۇنداق ئىپلاس ئىشنى قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان.» دېگەن.
جاپادا بىللە بولغان ئايالىدىن، ھالاۋەتتە ئايرىلىپ كەتكەن ئېنزو
ئېنزو قىز دوستى ۋالېنتىنا بىلەن 2018-يىلىدىكى بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىلىشىدا تونۇشقان، ئەينى چاغدا ئېنزو 17 ياشتا، ۋالېنتىنا 18 ياشتا ئىدى. ئىككىيلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئېنزو پەقەت بىر نامسىز ئادەم بولۇپ، 2020-يىلى 5-ئايدا، ئۇلارنىڭ تۇنجى قىزى ئولىۋىيا تۇغۇلغان. ئەينى چاغدا، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئېنزونىڭ ۋاستىچىسى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان بىر ئېغىز ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئېنزو دەريا قىنى 2-ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ۋالېنتىنانىڭ بىر نەچچە كىشىلىك ئەمگىكىگە تايىنىپ ئائىلىسىنى قامدايتتى، ھەتتا قىزىنىڭ كىيىملىرىنىمۇ پەقەت نىمكەش سېتىۋالاتتى. نامرات مۇھەببەت ناھايىتى ئاددىي، لېكىن ئىككىسى بىللە سىرتقا چىقىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىشقا بارىدۇ. 2022-يىلى يازغىچە، ئېنزونىڭ كەسپىي ھاياتىدا بۇرۇلۇش بولدى، ئۇ پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كۇلۇب بېنفىكاغا قوشۇلدى، ۋالنتىنامۇ شۇ سەۋەبتىن ئارگېنتىنادىكى ئىنگلىز تىلى مائارىپى كەسپىدىن ۋاز كەېچىپ، ئېنزوغا ئەگىشىپ ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بارغان.
2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئېنزونىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە، ئۇ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر بولۇپ باھالاندى، قىشلىق كۆزنەكتە يەنە 121 مىليون ياۋرولۇق يۇقىرى باھا بىلەن چېلسى كوماندىسىغا يۆتكەلدى. 2023-يىلى 10-ئايدا، ئېنزو بىلەن ۋالېنتىنانىڭ ئىككىنچى بالىسى بېنجامىن فېرنەندىس تۇغۇلغان، ئېنزو 22 يېشىدىلا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىك بولۇپ كىشىلىك ھاياتتىكى يەڭگۈچىگە ئايلانغان.
بۇ جەرياندا ۋالنتىنا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ئېنزوغا تەقدىم قىلدى، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى، ھەتتا ئۇنى نامسىزلىقتىن روناق تېپىشقىچە قوللىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئېنزو ئايالىغا ئايرىلىپ تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، چۈنكى ئۇ قولدىن بېرىپ قويغان ياشلىقىنى قايتا باشتىن كەچۈرمەكچى بولغان.
گەرچە ئېنزو فېرنەندىس ھەر كۈنى بالىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋالېنتىنا يەنىلا ئۆز دۆلىتىگە قايتىشنى قارار قىلغان. ئۇ ئارگېنتىناغا قايتىپ مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلغان.
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار