قۇمتاغ بوران ـ چاپقۇن ھەرىكىتى مەيدان دالا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

文摘   2024-11-04 17:42   新疆  

تۇنجى نۆۋەتلىك قۇمتاغ بوران ـ چاپقۇن ھەرىكىتى مەيدان دالا مۇسابىقىسى باشلاندى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى تيەن جىبىن، ليۇ جيەن، شيې دۇڭفېي خەۋىرى، فوتوسى: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك قۇمتاغ بوران - چاپقۇن ھەرىكىتى «شاخەي گۇداۋ لوڭقىسى» باجى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى مەيدان دالا رىقابەت مۇسابىقىسى پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدا باشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 21 كەسپىي مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرى مۇسابىقىگە قاتناشتى. 


ئاپتوموبىللار يولغا چىقىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى


مۇسابىقە نەق مەيداندا، مۇخبىر كەسپىي مۇسابىقە ئاپتوموبىلى كىيىمى كىيگەن ماھىرلارنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ئەڭ ياخشى ھالىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باجى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەڭشەۋاتقانلىقىنى كۆردى. گەنسۇدىن كەلگەن ماھىر ليۇ ياجۈن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە بەكمۇ تەقەززا بولۇۋاتىمەن، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى قۇمتاغ مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، تۇرپان شاخەي گۇداۋ ساياھەت تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. ئىككى كۈن داۋاملاشقان مۇسابىقىدە، رەسمىي مۇسابىقىدىن باشقا، يەنە باجى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. كېيىن يەنە قۇمتاغ مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى ۋە خوگو يېيىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرگە قۇملۇق دالا ھەرىكىتىنىڭ قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنى «قۇملۇقتا خوگو يېيىش»نىڭ ئۆزگىچە خۇشاللىقىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

 

ماھىرلار مەيدان مۇسابىقىسىدە كەسكىن تىركەشمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى


تۇرپان شاخەي گۇداۋ ساياھەت تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ باڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز ھەر يىلى چوڭ مۇسابىقە بولۇش، ھەر پەسىلدە كىچىك مۇسابىقە بولۇش، ھەر ئايدا مۇسابىقە بولۇش، ھەر ھەپتىدە ھېس قىلىش مۇسابىقىسى بولۇش، ھەر كۈنى مەشىق مۇسابىقىسى بولۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، تىرىشىپ بۇ مۇسابىقىلەرنى تەنتەربىيە روھىنى تارقىتىدىغان، پىچاننىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل نام كارتىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پىچان ناھىيەسى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدا كۆپ قېتىم WKG ئۇنىۋېرسال ئېلىشىش مۇسابىقىسى، قۇمتاغ قۇملۇق دالا T2 رىقابەت مۇسابىقىسى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.


كەسكىن مۇسابىقە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى


قۇمتاغ مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋېن جىڭ مۇنداق دېدى: بىز «ساياھەت + تەنتەربىيە» ئەندىزىسى ئارقىلىق، قىشلىق ساياھەت بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرىمىز ۋە ئاۋاتلاشتۇرىمىز.

 

مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章