يوشۇرۇن پاراكەندىچىلىك سالغان ئادەم ئۆز دادىسى بولۇپ چىقتى

文摘   2024-11-03 21:49   中国  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

2007-يىلى 18 ياشلىق ئىرېلاندىيەلىك قىز چارلېن ماستېرسون (Charlene Masterson) نامسىز نومۇردىن كەلگەن تەھدىت ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان:

- سىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ باققانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ئەگەر مەخپىيەتلىكىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىنى خالىمىسىڭىز، مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىڭ.

چارلېن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، ئۇ نۇرغۇن ئىشلارنى تەپسىلىي ئويلاپ، چەكتىن ئېشىپ كەتكۈدەك بىرەر ئىش قىلىپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئەمما قارشى تەرەپ تەھدىت سېلىشنى توختاتمىغان:

-مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىڭ، كۆز توسقۇچ تاقىۋېلىڭ، تىڭشىغۇچ تاقاپ مۇزىكا ئاڭلاڭ، ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەڭ.

چارلېن بەك قورقۇپ كەتكەن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن ياردەم سورىماقچى بولغان، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ راستىنلا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرىگەن.

چارلېننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ تېخى ناھايىتى ساددا بولۇپ، ھەقىقەتەن قورقۇپ كەتكەن ئىكەن، ئۇ راستتىنلا ئۆزىگە كۆز توسقۇچ ۋە تىڭشىغۇچ تاقاپ، ئاندىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ جىمجىت ساقلاپ تۇرغان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قۇرامىغا يەتكەن بىر ئەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالغان، ئاندىن ئۇنىڭغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان.

ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، چارلېن ناتونۇش بىر ئەرنىڭ پەسكە چۈشكەنلىكىنى، ئاندىن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، كۆز توسقۇچنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلغان. شۇ تاپتا ئۇ يەنىلا قورقۇشنى توختىتالمىغان.

(چارلېننىڭ دادىسى)

بىر مەزگىلدىن كېيىن چارلېن يەنە بىر قېتىم نامسىز ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان، بۇ قېتىم ناتونۇش كىشى تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەن:

-ئەگەر تەلىپىمنى قاندۇرالمىسىڭىز، دادىڭىزنى ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ئىشتىن بوشىتىمەن.

چارلېن بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ، يۈرەكلىك ھالدا قارشى تەرەپكە قايتۇرما زەربە بەرمەكچى بولغان، ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپ يەنە بىر قېتىم تەھدىت ئۇچۇرى ئەۋەتكەن:

-ئەگەر دادىڭىزنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىدىنمۇ قورقمىسىڭىز، ئۇنداقتا مەن ھازىرلا دادىڭىزغا ئۇچۇر يوللاپ، بۇرۇنقى سەتچىلىكىڭىزنى ئىشتىن بوشىتىش خېتى بىلەن بىللە ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىمەن.

چارلېن يەنە بىر قېتىم قورقۇپ كېتىپ، قايتا-قايتا ئىككىلەنگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم باش ئېگىپ، ناتونۇش كىشىنىڭ تەلىپى بويىچە كۆز توسقۇچ ۋە تىڭشىغۇچ تاقىغان. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىشىكنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، كەلگەن ئادەمنىڭ قەدىمىنىڭ ناتونۇش ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقى قېتىمقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

چارلېن ئىنتايىن قورققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم يەنىلا بۇرۇنقىدەك ناتونۇش ئادەمنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، نامسىز كىشى پات-پات تەھدىت ئۇچۇرى يوللاپ تۇرغان، چارلېن ھەمىشە پىسخىك مۇداپىئە سېپىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپكە بويسۇنغان.

ئۇ ئىلگىرى ئۆيدىكىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولغان. بىر قېتىم ئۇ غەيرەتكە كېلىپ، دەھشەتلىك كەچۈرمىشىنى دادىسىغا ئېيتىپ بەرگەن، ئويلىمىغان يەردىن دادىسى ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇنىڭغا: «بولمىسا، سىز يەنىلا ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭ، بولمىسا خىزمىتىمدىن چاتاق چىقىدۇ» دېگەن.

شۇ تاپتا، چارلېن ھوشىدىن كەتكىلى تاسلا قالغان. ئۇ ناتونۇش كىشىنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان، ئەمما دادىسى ئۇنى قوغدىمايلا قالماستىن، يەنە يامانغا يانتاياق بولغان.

بىراق چارلېن دادىسىنىڭ بىچارە يالۋۇرۇشىنى ئويلىغىنىدا، يەنىلا بەرداشلىق بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاتا-بالا ئىككىسى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، چارلېننى نامسىز تەھدىت سالغۇچىغا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك بىمەنە ھەرىكەتنى باشلىغان. بەزىدە، چارلېنمۇ غەلىتە ئەرنىڭ دادىسى تونۇيدىغان ئادەم ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانغان، دېمىسىمۇ نېمە ئۈچۈن ھەر قېتىم جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، دادىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇ ئادەمنى قوغدايدۇ؟

بىر نەچچە يىلدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى، مومىسى چارلېندىن كومپيۇتېرنى رېمونت قىلىشقا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلغاندا، چارلېن ئېھتىياتسىزلىقتىن دادىسى ساقلاپ قويغان DVDنى ئېچىپ، ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋالنى بايقىغان.

دادىسى ساقلىغان DVD پىلاستىنكىسىدا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆز توسقۇچ ۋە تىڭشىغۇچ تاقىۋالغان ھالىتىنى كۆردى، ئۇزاق ئۆتمەي دادىسى ئۆيگە بۆسۈپ كىرگەن، ئۇ يالغاندىن «ناتونۇش» قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، ئاندىن چارلېنغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشقا باشلىغان. چارلېننىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن ھەمدە ئاخىر ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەن. دېمەك، چارلېن ئىزچىل ناتونۇش كىشىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇنى دادىسى نامسىز نومۇر بىلەن ئەۋەتكەن.

يەتتە يېرىم يىل جەريانىدا، چارلېننىڭ دادىسى ئوخشىمىغان سالاھىيەتنى ئىشلىتىپ، قەستەن ئوخشىمىغان ناتونۇش ئادەمدەك ياسىنىپ، چارلېننى سانسىز قېتىم مەجبۇرلىغان ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان.

چارلېن ئاچچىقىدا دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېلىپ دادىسى بىلەن يۈزلەشكەن، دادىسى نەق مەيداندا ئەيىبسىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، سىن كۆرۈنۈشىدىكى ئادەمنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن چارلېن تەھدىت سالىدىغان قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان، لېكىن دادىسى ئۇنىڭغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق پەسكەشلىك قىلغان ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان.

چارلېن يەنە بىر قېتىم چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالغان، ئۇ بۇ تۈگىمەس قاباھەتلىك چۈشتىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمىگەن، بىر نەچچە قېتىم دادىسى ئۇنىڭ بوينىنى سىقىپ، ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىققا تەھدىت سالغان

چارلېن 25 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭغا سەمىمىي ياردەم قىلىدىغان بىر نەچچە دوستى چىققان، چارلېن بۇ قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشنى تۇنجى قېتىم باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن.

كېيىن، دوستلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، چارلېن غەيرەتكە كېلىپ، بۇ قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشىنى ئاپىسىغا دېگەن، ئانا-بالا ئىككىسى يەنە بىللە ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلغان.

ئاخىرىدا چارلېننىڭ دادىسى قولغا ئېلىنىپ سوتقا تارتىلغان، دۇبلىن يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 17 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. چارلېننى قاتتىق غەزەپلەندۈرگىنى شۇكى، دادىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانغا قەدەر قىلچە پۇشايمان قىلمىغان.

بارلىق چاڭ-توزانلار بېسىققاندىن كېيىن، چارلېن ئاخىرى ئۇنى يەتتە يېرىم يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان قاباھەتلىك چۈشتىن قۇتۇلغان، بىر نەچچە يىللىق پىسخىكىلىق تەڭشەشتىن كېيىن، چارلېن ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە ئاشۇ قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بەرگەن.

«مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىش، ھەقىقىي ئىسمىم بىلەن ئورتاقلىشىمدىكى سەۋەب، باشقىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرمىشلەرنى سۆزلىشىگە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى سۆز قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش!»

چارلېننىڭ باتۇرلۇقى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە بولغان دىققىتىنى قوزغىيالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章