«رومانتىكا شاھى» شاھرۇھ خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك!!!

文摘   2024-11-02 21:59   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ




بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
11-ئاينىڭ 2-كۈنى بوللىۋود شاھى شاھرۇھ خاننىڭ 59 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى...
شاھرۇھ خان 1965-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا تۇغۇلغان، ھىندىستانلىق داڭلىق ئارتىس، رىياسەتچى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى.
شاھرۇھ خان كىچىكىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاھرۇھ خاننىڭ تەنتەربىيە تالانتىمۇ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قىلىچۋازلىقنى كۆپ يىل جاپالىق مەشىق قىلىپ، قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. شاھرۇھ خان دەسلەپتە سەنئەت ساھەسىگە باغلانمىغان، بەلكى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئوقۇغان، لېكىن ئۇ باشتىن-ئاخىر سەنئەت ساھەسىگە نىسبەتەن خاس قىزىقىشىنى ساقلاپ كەلگەن، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە ئاممىۋىي تاراتقۇ كەسپىنى قوشۇمچە ئۆگەنگەن. شاھرۇھ خان ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمىنى ھەرقانچە ياخشى ئۆگەنگەن ھالەتتىمۇ تېخىمۇ چوڭ شان-شەرەپكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بوللىۋودقا كىرىشنى تاللىدى.
شاھرۇھ خان بوللىۋودقا كىرىش ئۈچۈن تۇنجى كىنوسىدا رول ئالدى، شۇنداقلا تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ مۇكاپاتلار ئۇنىڭغا زور ئىشەنچ ۋە ئىلھام ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە كۆپلىگەن كىنو، تېلېۋىزىيە-تىياتىرلىرىدا رول ئالدى. لېكىن شاھرۇھ خاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە رول ئالغان تېلېۋىزىيە-تىياتىرلىرى ئانچە ئالقىشقا ئېرىشەلمىدى، ھەتتا بەزى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بېلەت كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئۇنىڭ قالغان قىسىملىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغ جۇغلانمىدى، لېكىن شاھرۇھ خان يەنىلا ۋاز كەچمەسلىكنى تاللىدى، ئۇ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئالغا باستى.
1992-يىلى شاھرۇھ خان باشقىلاردىن «ئېشىپ قالغان» كىنو «سەۋدايى»دا(疯狂) رول ئېلىپ ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى ھەم بوللىۋودقا قەدەم باستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ فىلىمى ئارقىلىق فىلىمفەر مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شاھرۇھ خان گەرچە باشقىلار ياراتمىغان رولغا چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئارمان كوھلى (ئەينى چاغدا <سەۋدايى> فىلىمىدە باش رول ئېلىشنى رەت قىلغان ئارتىس)غا مەنسۇپ قىلدى. كېيىن ئۇ بوللىۋود فىلىملىرىدە سەلبىي رول ئېلىپ، ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولۇشقا باشلىدى.

1994-يىلى شاھرۇھ خان «دار» (爱的恐惧 بەزى تەرجىمىلەردە «سۆيگۈ قەلەندەرى» دەپ ئېلىنىدۇ) ناملىق كىنودا سەلبىي رول ئالدى، بۇ فىلىم ئەينى يىلى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشتى، بېلەت كىرىمى جەھەتتىمۇ رېكورت ياراتتى. بۇ فىلىم ھازىرغىچە شاھرۇھ خاننىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
ئارقىدىن شاھرۇھ خان بىرىنجى سەپتىكى ئەر ئارتىسلار رەت قىلغان، ھەممە بوللىۋود مەستانىلىرىنىڭ ياشلىقىغا، تۇيغۇسىغا قوشۇلۇپ كەتكەن «كېلىن يۆتكەش» (勇夺芳心) فىلىمىدە رول ئېلىپ بىراقلا بوللىۋودقا تونۇلدى، (ئەينى چاغدىكى داڭلىق چولپانلار بۇ فىلىمنى بەك رومانتىك دەپ رەت قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئامىر خانمۇ بار) شاھرۇھ خان بۇ فىلىمى بىلەن شۇ چاغدا فىلىمفەر مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇ بارا-بارا كىنوچىلىقتا پىشىپ يېتىلىپ، 2001-يىلى ھىندىستانلىق دۇنيا خانقىزى ئاشۋارىيا راي باچچان ۋە ئۇسسۇل خانىشى مادۇرى دىكشىت بىلەن ھەمكارلىشىپ، سانجاي لېلا بانسالى رېژىسسورلۇق قىلغان «دېۋداس» يەنى «ھېجران» (宝莱坞生死恋) ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ شۇ يىلى 10-ئايدا، دۇنيا سېھرىي كۈچ ژۇرنىلى تەرىپىدىن «ئاسىيادىكى ئەڭ سۇمباتلىق ئەر» بولۇپ باھالاندى.

2004-يىلى گايتىرى جوشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاشۇتوش گوۋارىكىر رېژىسسورلۇق قىلغان «ئانا تۇپراق» (故土) ناملىق كىنودا، يېزىغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن ھىندىستانلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقنىڭ رولىنى ئېلىپ 49-نۆۋەتلىك ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2010-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور شەخس» تىزىملىكىدە 13-ئورۇنغا تىزىلدى.

شۇنداقلا 2014-يىلى، كومېدىيەلىك فىلىم «يېڭى يىل ھەرىكىتى» (新年行动)دە باش رول ئالدى.
2016-يىلى 11-ئايدا مانىش شارما رېژىسسورلۇق قىلغان «مەستانە» (脑残粉)فىلىمىدە مەستانە بىلەن داڭلىق چولپاننىڭ ئىككى خىل ئوبرازىنى يارىتىپ پۈتۈن بوللىۋود مەستانىلىرىنى ھاياجانغا سالدى.
مۇرەككەپ تىللار، ئوخشىمىغان ئۆرپ-ئادەتلەر توپلاشقان ھىندىستاندا، شاھرۇھ خان ھىندىستاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تونۇلدى، شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ كىنولىرى يەنە جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەنگلىيە، ئامېرىكا دۇنياسىغىچە يېتىپ باردى ھەمدە چەتئەل كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانغا ئايلاندى، ئۇ ئىلگىرى سەككىز قېتىم ھىندىستان ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى تۈرىدە مۇكاپاتلانغان.

شاھرۇھ خان ھازىر دۇنيا قىز كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كېلىشكەن ھەمراھ، ئۇ يەنە خەلق تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان «پادىشاھ خان»!!! شاھرۇھ خاننى ھازىرقى زامان ھىندىستان كىنولىرىنىڭ بەلگىسى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىز، ھەقىقىي ھىندىستان كىنو مەستانىسى ھېسابلانمايسىز.
لېكىن، شاھرۇھ خان كەسپىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاستا-ئاستا كۆتۈرىلىۋاتقاندا، شەخشىي تۇرمۇشىدا بىر قاتار كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان، يەنى ئۇنىڭ دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، ھازىرقى ئايالى بىلەن بولغان تۇرمۇشىمۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر ۋە قارشى تۇرۇشلارغا ئۇچرىغان... شۇنداق بولسىمۇ پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن ئالغا ئىنتىلگەن شاھرۇھ خان ئەڭ ئاخىرىدا كەسىپ ۋە تۇرمۇشتا قوش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، داڭلىق چولپان بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بەختلىك ئائىلىگە ئىگە بولغان.

شاھرۇھ خان ھىندىستاندىكى داڭلىق ئارتىس. كۆپ قىسىم ھىندىستانلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شاھرۇھ خان خۇددىي «ھىندىستان ئارزۇسى»غا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بوللىۋودتا يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شەخسكە ئايلاندى. تىرىشىپ كەسىپنى قەدىرلەش پوزىتسىيەسى، قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن سانسىزلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
شاھرۇھ خاننىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى كۈچى ناھايىتى چوڭ، دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇنىڭ موم ھەيكەللىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، نۇرغۇن ژۇرناللار ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەرگەن. شۇڭا، شاھرۇھ خاننىڭ ھىندىستاندىكى تەسىر كۈچى زور بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردىمۇ خېلى داڭقى بار، بۇ نام-ئاتاق ئۇنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇندىغان ھەر بىر ئەسىرىدىن كەلگەن، بۇ ئەسەرلەر ئۇنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇ كەسپىدە كۆپ تەرەپلىمە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئاز-ئازدىن جۇغلىغان، ئۇنىڭ ھايات بىناسى، ھازىر ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ھەم پارلاق، ھەممىسى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى رەت قىلىنىش، چەتكە قېقىلىشلارغا پىسەنت قىلمىغانلىقىدىن بولغان...
ئاخىرىدا، ھەممەيلەننىڭ ياشلىقى ۋە خۇشاللىقىغا ھەمراھ بولغان «بوللىۋود شاھى» شاھرۇھ خاننىڭ 59 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك!!!










كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章