سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئۇنىۋېرىسال سەنئەت پروگراممىسى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك بىرىنچى بولۇپ خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلىۋىزىيەسىنى ئەسلەيدۇ، تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىدە مانگو تېلىۋىزىيەسىمۇ بۇ جەھەتتىكى ئالدىنقى سەپتىكى باشلامچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
2024-يىلى مانگو تېلىۋىزىيەسىمۇ نۇرغۇن ئۇنىۋېرىسال سەنئەت پروگراممىلىرىنى قويدى، بۇ پروگراممىلار قويۇلغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ نۇرغۇن غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئارىسىدا «گۈل ۋە ياشلىق» (花儿与少年) قويۇلغاندىن كېيىن مۇنازىرىسى ئەڭ كۆپ پروگراممىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
چولپانلار ئۇنىۋېرىسال سەنئەت پروگراممىسىغا پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەس، مەستانە توپلاش ئۈچۈنمۇ قاتنىشىدۇ. ئەمما، «گۈل ۋە ياشلىق6» قويۇلغاندىن كېيىن، بەزى چولپانلار مەستانە يىغىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەسلىدىكى مەستانىلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى، نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار تۈپەيلىدىن، پروگراممىغا قويۇلغان نومۇرمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. يېقىندا، پروگراممىدىكى تۆت ئادەمنىڭ توققۇز كىشلىك تاماقنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن ئىشى سەۋەبلىك، پروگرامما توغرىسىدا يەنە تالاش-تارتىش يۈز بەردى.
ئەسلىدە تاماق توققۇز ئادەم ئۈچۈن تەييارلانغان، لېكىن خوۋ مىڭخاۋ (侯明昊) بىلەن سوڭ چيەن (宋茜)نى پروگرامما گۇرۇپپىسى زىيارەتكە چاقىرىپ كەتكەن، چېن خاۋ (陈好) نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى سىرىتقا چىقىپ كەتكەن، ليۇ يې (刘烨) يۇيۇنىۋاتقان. شۇنىڭ بىلەن جىن چېن (金晨)، جوۋ يۈتوڭ (周雨彤)، دېڭ ئېنشى (邓恩熙)، تيەن جيارۈي (田嘉瑞) قاتارلىق تۆت چولپان توققۇز ئادەمنىڭ تامىقىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بەھرىمان بولىۋەرگەن. ئۇلار تاماقنى ئۆز-بېشىمچىلىق بىلەن يەۋېرىپلا قالماي، تاماق قاچىسىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، قالغان بەشەيلەنگە ئاشقان-تاشقان تاماقنى قالدۇرۇپ قويغان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ناھايىتى تېزلا توردا تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان. نەتىجىدە، جىن چېن، جوۋ يۈتوڭ، دېڭ ئېنشى، تيەن جيارۈي قاتارلىق تۆت چولپان كۆپچىلىكنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان، نۇرغۇن تورداشلار ئۇلارنى ئەيىبلىگەن، ئۇلارغا بولغان تەنقىد سۆزلىرى ئۈزۈلمىگەن.
بۇ ئىشنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى پەردە ئارقىسىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ، ۋەقەنىڭ باش-ئايىغى ئايدىڭلاشقان بولدى. ئەسلىدە بۇ توققۇز كىشلىك تاماقنى جىن چېننىڭ دوستى تەييارلىغانىكەن، چېن خاۋ بىلەن سوڭ چيەننىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا كەچلىك تاماق يېيىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان، جوۋ يۈتوڭ بىلەن تيەن جيارۈي ئۇلارغا تاماق ئېلىپ قويغان. خوۋ مىڭخاۋ تاماق يېسىلا ئۇيقۇسى كېلىدىغانلىقىنى، لېكىن سەلتۇرۇپ يەنە زىيارەتكە قاتناشمىسا بولمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تاماق يېمەسلىكنى قارار قىلغان، لېكىن كۆپچىلىك ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تاماققا تۇتۇپ قالغان. ليۇ يې گىرىم قىلىۋالغاچقا بىئارام بولۇپ ئاۋۋال گىرىمىنى يۇيىۋەتمەكچى بولغان، لېكىن جوۋ يۈتوڭ ئۇنىمۇ تاماققا چاقىرىپ قالغان. شۇڭا توققۇز كىشلىك تاماقنى تۆت ئادەم ئەمەس، يەتتە ئادەم بىللە يېگەن.
بۇ تۆت چولپاننى ئەيىبلىگەن نۇرغۇن تورداشلار ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن پۇشايمان قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ پۈتۈنلەي پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغىنىدىن بولغان، ئەگەر دەسلەپتىلا پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان بولسا، تورداشلارمۇ بۇنداق ئۆتكۈر گەپلرنى دېمىگەن بولاتتى.
لېكىن تورداشلارنىڭ بۇنچە غۇلغۇلا قوزغىشىمۇ خوۋ مىڭخاۋ، چېن خاۋ ۋە سوڭ چيەنلەر ئۈچۈن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغانلىقىدا. خوۋ مىڭخاۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغانىكەن، ئۇ چوقۇم گۇرۇپپىدىكى ئەزالار بىلەن بىللە تاماق يېيىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئاخرىدا ئۇنىڭغا قالغىنى باشقىلار يەپ قويغان ئاشقان-تاشقان تاماق بولغاچقا، تورداشلار بۇ ئىشنى يەنىلا نامۇۋاپىق ھېس قىلغان. يەنە كېلىپ سوڭ چيەن بىلەن چېن خاۋ خىزمەت ئالدىراشلىقىدىن تاماق يېيىشكە ۋاقىت چىقىرالماي باشقىلارنىڭ ئاشۇرۇپ قويغان تامىقىنى يېيىشكە مەجبۇر بولسا بۇمۇ ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك.
گەرچە پروگرامما مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك بۇ پروگراممىغا قىزىقمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن تاماشىبىنلارنىڭ پروگراممىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ياخشى تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.
پروگرامما مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك قىزغىنلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، تاماشىبىنلار پروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ قەستەن بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كىسىۋېتىپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغانلىقىدىن نارازى بولغان. بۇ ئىشقا چېتىشلىق چولپانلارنىڭ ئوبرازىمۇ مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان، بولۇپمۇ جوۋ يۈتوڭ مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك بىر قىسىم تورداشلار تەرىپىدىن ساپاسىز، شەخسىيەتچى دەپ ئەيىبلەنگەن. ئەمما ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بەزى تورداشلار ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان. مۇنداق قارىماققا چولپانلار بۇ ئىشنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىدەك تۇرسىمۇ، ئەمما پروگرامما گۇرۇپپىسى چولپانلاردىنمۇ بەكرەك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، چۈنكى مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك تاماشىبىنلار بۇ پروگراممىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، سىز بۇ ئىشقا قانداق كۆز قاراشتا بولدىڭىز؟
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار