توي ۋە سۇيقەست 🧡 64-قىسىم (ئەپچىدە تولۇق)

文摘   2024-07-26 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
64-قىسىم

- بولدى. مەن دەپ بېرەي، بۇ بالا مۇئاۋىن دېرىكتورنىڭ.

ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدىم.

-دېمەك بالىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنسىزدە، ھاھا، بايا تېخى كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن دەۋاتمامتىڭىز.

- مەنمۇ ئۇنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدىم.

-ساختىپەز، تولا يالغان سۆزلىمە، ئۆزۈڭنىڭ كىمنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلمىگۈدەك ھالەتتە ئەمەس، بايىدىن بېرى دېگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى يالغان شۇنداقمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس، دېگەنلىرىم راست، مۇئاۋىن دېرىكتور بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. پەقەت بۇ ئىشنى پۈتتۈرۈپ يولدىشىڭىزنى ئالدىساملا ماڭا پۇل بېرىدىغانلىقىنى، كېيىن بايلىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن مېنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

- بۇ قانداق گەپ؟! ئۇ دوستۇمنىڭ يىگىتىتىغۇ.

-مەن ئۇ چاغدا ئىككىسىنىڭ ئارلاشقىنىنى بىلمەيتىم، ئۇ كېيىن دوستىڭىزنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالغىنىنى دېدى، شۇنىڭ بىلەن دوستىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بۇزۇلدى.

- دوستۇم سېنىڭ يولدىشىمنى ئازدۇرغىنىڭنى بىلگەندىن كېيىن ئۇرۇشتۇم دېگەن.

-ياق. ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭغا مەن دەپ باقمىدىم، ئۇ پەقەت مۇئاۋىن دېرىكتور ئۈچۈن مەن بىلەن ئۇرۇشتى، مەن ئۇنىڭغا مۇئاۋىن دېرىكتورنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالماسلىقنى ئېيتقان.

- ھۇ مەينەتلەر، ھەممىڭگە ئىشەنمەيمەن.

- ماڭا ئىشەنمىسىڭىز مەيلى. دەيدىغاننىڭ ھەممىنى دەپ بولدۇم.

- ئۇ بالاڭنىڭ دادىسى بولسا نېمىشقا ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ماڭا دەپ بېرىسەن، ساڭا ئىشەنمەيمەن.

- چۈنكى مەن ئۇنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن ئارلىشىۋاتقىنىنى بىلدىم.

-بۇنى كىم دېدى؟

- دوستىڭىز، يەنە ئۇنىڭ بالىسى بارلىقىنىمۇ دېدى.

- شۇڭا سەن قانداق قىلماقچى؟

_-ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم.

-شۇڭا يولدىشىمغا زورلاپ چاپلاشماقچىمۇ؟

- ئۇنداق قىلماقچى بولسام سىزگە بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولاتتىم.

- سەن زادى نېمە دېمەكچى؟

- توردا مېنى سەتلەشتۈرمىگەن بولسىڭىز، دادام ئاران ساقايدى، ئۇنىڭ ئازاب تارتىشىنى خالىمايمەن.

-يولدىشىم بىلەن ئايرىلىپ كېتىشكە قوشۇلساڭ مەن توردا بۇ نەرسىلەرنى ئاشكارلىمايمەن.

-قوشۇلاي، ئەسلى بۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى.

_-بۇ سېنىڭ ئىختىيارىڭ ئەمەس.

- بىلىمەن، لېكىن يولدىشىڭىز.

- يولدىشىمنى ماختىما، سەن ئۇنى تىلغا ئېلىشقا مۇناسىپ كەلمەيسەن.

- مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى سىزگە دەپ بەردىم، ماڭا بىر ئاز پۇل بېرىڭ. مەن باشقا شەھەرگە كېتىپ بالامنى تۇغۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاي.

- مەن نېمىشقا ساڭا پۇل بەرگۈدەكمەن، خاتا ئىشنى مەن قىل دېگەنما؟

- ھازىر مۇئاۋىن دېرىكتوردىن ئايرىلىپ كەتتىم. ئۇ توردىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ مەندىن باش تارتتى. سىز ئۈچۈن يولدىشىڭىزدىن ئايرىلىپ كەتسەم مېنىڭ كىرىم مەنبەيىم تولۇق تۈگەيدۇ.

-توردا ئەگەشكۈچىلىرىڭ باركەنغۇ، شۇلارغا تايان.

- توردىن كىرگەن پۇل بۇنىڭغا يەتمەيدۇ.

-مەن نېمىشقا ساڭا پۇل بەرگۈدەكمەن. شۇنچە ۋاقىتتىن مېنى قىيناۋاتقان ئادەمگە نېمىشقا ياردەم قىلغۇدەكمەن.

- مەن سىزگە چوڭ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈم. بۇ ئۇچۇر بىلەن نۇرغۇن سىرلارنى ئاشكارلىيالايسىز.

- بۇ ئەسلىمۇ سەن دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەر، مەن ئاۋازىڭنى ئۈنگە ئالمىغان بولسام سەن بۇ گەپلەرنى ماڭا دېمەيتتىڭ.

- بىر ئايالكىشى بولۇش سالاھىتىڭىز بىلەن ماڭا ياردەم قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. لېكىن بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانا بولۇش سالاھىتىڭىز بىلەن ماڭا ياردەم قىلسىڭىز، دادامنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن بار پۇلنى خەجلەپ تۈگەتتىم.

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ جايىمدا قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. يۈرىكىم ئېرىپ كېتىپ باراتتى.

- مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئۇ يەرگە پەقەت دوستۇمغا ھەمراھ بولغىلى بارغان. ئەگەر مۇئاۋىن دېرىكتور ئۈچۈن بولغان بولسا مەن شۇ دېگەندىلا قوشۇلغان بولاتتىم، بۇ ئىشلار بولغاندىن كېيىن ئەقلىمدىن ئاداشتىم، زادى قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم، بالىنى ئالدۇرىۋېتەي دېسەم ئۇمۇ بىر جان يۈرىكىم ئېچىشتى، مۇئاۋىن دېرىكتورغا ئېسىلاي دېسەم ئۇ يولدىشىڭىزغا ئېسىلسام تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى، بالىمىزنىڭ باي ئائىلىدە تۇغۇلىدىغانلىقىنى، بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بالىنى ئېتىراپ قىلىپ مەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

- بىر ئادەمنىڭ بايلىقىغا ئېرىشىش شۇنچە ئاسان ئىشمۇ؟!

- ئۇنداق ئەمەس، بۇنى بىلىمەن، بىز ئاياللار شۇنداق بولىدىكەنمىز، بەزىدە ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئالدىنىدىكەنمىز.

- سىز بۇرۇن مۇئاۋىن دېرىكتورنى ياخشى كۆرەمتىڭىز.

- شۇنداق، مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندا ئۇ مېنى رەت قىلغان.

- شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا يەنە.

-بېشىم قايغاندا ئۇ ئېلىپ ماڭدى، ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنگىنىدىن ھاياجانلىنىپ خۇدۇمنى يوقىتىپتىمەن.

-ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم نېمىشقا يولدىشىمغا چاپلىشىسىز.

-يولدىشىڭىزنىڭ بايلىقىغا ئېرىشسەملا ئۇ مېنى ئالىدىغانلىقىنى دېگەن.

- بىز ئاياللار نېمانچە دۆت.

- شۇنداق. راستىنلا دۆتكەنمىز، ئۇنىڭ مەندىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئىشىنىشنى تاللىغىنىم قىزىق، ئاۋۇ نەرسە تورغا چىقىشى بىلەنلا ئۇ مېنى تىللاشقا باشلىدى، قانداق ئۇسۇل بىلەن بولسۇن سىزنى كونترول قىلىشنى ئېيتتى، لېكىن مەن سىزنىڭ بۇنچە ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىمەن.

-ئۇ راستىنلا بەك ئىپلاسكەن. مەن شىركەتكە كەلگەندە ئۇنىڭ تۇرقى ۋە گەپ سۆزىگە قاراپ ياخشى ئادەممكىن دەپتىكەنمەن.

- شۇنداق. ئۇنىڭ تۇرقى ئادەمگە ئىشەنچلىك ۋە تەمكىن تەسىر بېرىدۇ، مەنمۇ دەل مۇشۇ تەرىپىنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇنىڭغا ئالداندىم.

- بالىنى يەنىلا تۇغۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟

-شۇنداق. تۇغىمەن. باشقا شەھەرگە كېتىپ يالغۇز باقىمەن. دادىسى ئۇنى ئېتىراپ قىلغۇچە باقىمەن.

-ئۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ باشقا بالىسى بار.

- بىلىمەن. مەنمۇ ئاڭلىدىم.

-ئەسلى باشقا بىرمۇنچە گەپ قىلاي دېگەن. ئەڭ ياخشىسى دېمەي.

ئۈندىداردىمدىن بىر ئاز پۇلنى ئۇنىڭغا يوللىدىم.

-بۇ سىز ئۈچۈن ئەمەس. پەقەت بالىڭىز ئۈچۈن، مەندە بارى مۇشۇ، باشقىنى مەن بېرەلمەيمەن.

- كۆپ رەھمەت. سىزنى شۇنچە قىينىساممۇ ماڭا يەنە ياردەم قىلسىڭىز.

-ئەمدى يولدىشىمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغۇچى بولماڭ.سىزنى قايتا كۆرۈپلا قالسا ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن.

ئۇ تېلىفوننى چىقىرىپ يولدىشىمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

- مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنى ئىزدىمەيمەن. ۋەدە بېرەي.

ئۇ ماڭا قولىنى تەڭلىدى.

- بىز دوست بولالماسلىقىمىز مۇمكىن. لېكىن سىز راستىنلا ياخشى ئادەمكەنسىز، ئەگەر باشتىلا مېنى قەستلەش نىيىتىڭىز بولسا بۇ ئسىپاتنى ئۇدۇل يوللىغان بولاتتىڭىز.

ئۇنىڭ قولىغا ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن قولۇمنى تەڭلىدىم.

-زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن، لېكىن سىزنى يەنىلا كەچۈرەلمەيمەن.

ئۇ قولۇمنى قويىۋەتكەندىن كېيىن چاپىنىنىڭ دوپپىسىنى يۈزىگىچە كىيىپ قەھۋەخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ قالدىم.

 قوي تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان مال دۇنيا ئۈچۈن ھەممىدىن يانمايدىغان مۇئاۋىن دېرىكتوردىن نەپرەتلىنىۋاتاتتىم.

« قاراپ تۇر، سېنىڭ ئاشكارلىنىشىڭغا ئاز قالدى» دېدىم قولۇمدىكى قۇتىنى سىقىمداپ.

بىردەمدىن كېيىن تېلىفونۇم سايرىدى، دادامنىڭ نومۇرى ئىدى. ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم قالغان بولسىمۇ يەنىلا تېلىفوننى ئېلىشقا مەجبۇر ئىدىم.

-نېمىش بولدى، تۇيۇقسىز تېلىفون ئۇرۇپسىزغۇ.

- بۇ يەرگە جىددىي كېلىڭ، مۇھىم ئىش بار.

ئۇ يوللىغان ئادرىسقا قاراپ ماڭدىم. بۇ بىر تەجرىبە ئىشخانىسى بولۇپ، ئىچىدە دادام بىلەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ خالتىدىكى قەھۋەنى ئالدىغا قويىۋالغان بولۇپ دادامغا بىر نەرسىلەرنى سۆزلەۋاتاتتى.

- قىزىم كەلدىڭىزمۇ؟ بۇ تاغىڭىز قەھۋەنى تەكشۈرۈپ چىقىپتۇ.

ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردىم.

- ئەقىللىقكەنسىز، گۇمانلانغىنىڭىز توغرا. بۇ قەھۋەگە ئاز مىقداردا قوغۇشۇن ئارلاشتۇرۇلغانكەن.

- قوغۇشۇن؟

- شۇنداق. تالقان قىلىپ ئارلاشتۇرىۋېتىپتۇ.

- قوغۇشۇننى ئىستىمال قىلسا قانداق ئاقىۋەت كۆرۈلىدۇ.

- ئادەم ئەقلىنى يوقىتىپ نېرۋىسى قالايمىقانلىشىدۇ، گەپ سۆز ھەركىتىنى كونترول قىلالمايدۇ.

يولدىشىمنىڭ نېمىشقا شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغىنىنى، نېمىشقا شۇنچە ئېغىر بېسىق ھالەتتىن مېنى ئۇرۇپ قىينايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغىنىنى بىلىۋاتقاندەك قىلاتتىم.

-ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك.

- مەن پەقەت تەركىپ تەكشۈرىمەن، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى خاتا دەپ قويسام ئاقىۋىتىگە ئىگە بولالمايمەن. مېنىڭچە دوختۇردىن مەسلىھەت سوراڭلار.

دادام ئىككىمىز تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قولىمىزغا ئالغاندىن كېيىن ماشىنىغا چىقتۇق. دادامنىڭ قولى رولغا بارمايۋاتاتتى. مېنىڭمۇ تىلىم گەپكە كەلمەيۋاتاتتى.

- بۇ زادى كىمنىڭ قىلغان ئىشىدۇ، مەن چوقۇم بوش قويىۋەتمەيمەن.

- كاتىپتىن سورىساق دەپ بېرىدۇ، مەن بىرسىدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن.

-ئايالىمنىڭ نەۋرە ئىنىسى، شۇنداقمۇ؟!

- شۇنداق، بۈگۈن مەن يېڭى بىر خەۋەرگە ئېرىشتىم.

- قانداق خەۋەر؟

- ئاۋۇ قىز بالىنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

- نېمە؟! قا، قانداق بولۇپ؟

- تورغا ئاۋۇ نەرسىنى چىقارسام بەك رەنجىپ كەتكەنتىڭىز، لېكىن ئۇ دەل شۇ نەرسىدىن قورقۇپ ھەممىنى دېدى.

- مېنى كەچۈرۈڭ قىزىم. مەن پەقەت.

-بولدى چۈشەندۈرمەڭ دادا، مەن سىزگە ھەممىنى ئاڭلىتىپ قوياي.

 قىزنىڭ بايا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دادامغا ئاڭلىتىپ قويدۇم.

-ھۇ ئىپلاسلار، مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئوغلۇمنى ئالداپ بايلىققا ئېرىشمەكچىكەندە.

- دادا، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنە ئۇلارنى يېنىڭىزدا قالدۇرماقچىمۇسىز.

- ئۇنداق ئەمەس، مەن ئۇلارنى چوقۇم كەتكۈزىۋېتىمەن، لېكىن.

-لېكىن نامىڭىز بۇلغۇنىدۇ شۇنداقمۇ؟! نام راستىنلا ئىككى بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىدىنمۇ مۇھىممۇ، بىرسى ساراڭ بولۇپ قېلىشقا ئاز قالدى، يەنە بىرسى بولسا ساراڭ بولغان بالىڭىزنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، راستىنلا بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوقمۇ؟

- ئۇنداق ئەمەس، مەن چوقۇم ئامال قىلىمەن.

- دادا. بايلىق بىلەن نام ئابروي راستىنلا ئادەمنىڭ جېنىدىنمۇ مۇھىممۇ.

-بولدى، بۇ ئىشنى ئۆزۈم ھەل قىلاي، ئەمدى دوختۇرخانىغا بارايلى.

دائىم يولدىشىمنى تەكشۈرىدىغان دوختۇرنىڭ ئالدىغا كىرىپ قەھۋەنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرسەتتىم. ئۇ ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ماڭا قارىدى.

-يولدىشىڭىزنى ئاخىرقى قېتىم ئەكەلگىنىڭىزدە زەھەرلەنگەن تەركىبدە مۇشۇ تەركىبمۇ باركەن.

-قانداق داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ دوختۇر.

-دوختۇرخانىدا داۋالايمىز، بەدەندىكى قوغۇشۇننى چىقىرىمىز، بەلكىم ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

- چۈشەندىم دوختۇر. رەھمەت.

دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ زالدا ئولتۇرغان دادامنىڭ يېنىغا كەلدىم.

- دوختۇر نېمە دەيدۇ؟

- ئۇ ئالدىنقى قېتىم زەھەرلەنگەندىمۇ مۇشۇ تەركىپ باركەنتۇق دەيدۇ، دېمەك بۇ نەرسە ئۆيدىمۇ باركەن، ئايالىڭىزنىڭ قولىدىمۇ باركەن.

- ھۇ ئىپلاسلار، مەن ئۇلارنى بوش قويىۋەتمەيمەن.

-ئوغلىڭىزغا ئىچىم ئاغرىپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇ راستىنلا بەك بىچارىكەن.

- ئۇنداق ئەمەس.

- ئۇنى بېقىۋېلىپ باشقىلارنىڭ قەستلىشىگە تاشلاپ بېرىپسىز، ئەمدى ئۇنىڭ نېمىشقا مېنى ئەكەلگەنلىكىنى بىلدىم.

_-مەن چوقۇم بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىمەن.

_-قانداق ھەل قىلىسىز دادا؟ دۈشمەننى يېنىڭىزدا داۋاملىق تۇرغۇزماقچىمۇ؟

- ئۇلارنى كەتكۈزىۋېتىمەن، بىر ۋاقتى بار.

-قانداق ۋاقتى؟! ئۇ زادى قاچان؟ مەن ئۆلگەن كۈنمۇ ياكى ئوغلىڭىز ئۆلگەن كۈنمۇ؟

- ئۇنداق دېمەڭ، مەن بۇ ئىشنى ھەل قىلاي.

دادام بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھۇجرا تەرەپكە ماڭغان پۇتۇم توختاپ قالدى.

-سىزگە ئۆينى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، ماۋۇ ئۆي شۇ، مۇشۇ يەردە ياتسىڭىز بولىدۇ.

- چۈشەندىم، ھېلى كۆچۈپ چىقىمەن.

كىتاب ئۆيىدىكى نەرسىلىرىمنى كۆتۈرگىنىمچە يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىچىك ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. يولدىشىم يېنىمدىن يانداپ ئۆتۈپ كەتتى. باشقا ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن قورققان بولسام شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى.

ئۇ ئىشىكنى يېپىپ كىرىپ كەتكەندە ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ قالدىم. ئارىمىزدىكى ئارلىق يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئاستا كىرىپ ئورنۇمدا يېتىۋالدىم.

ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا دېگەنلىرىنى، قىلغانلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدىم. ئۇ راستىنلا بىچارە ئىدى. كىچىكىدىن ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ قولىغا بېقىلماي باشقىلارنى ئاپام دەپ مېھرىگە تولۇق قانمايلا ئاپىسى كېتىپ قالغانىدى. بۇ ئائىلىدە مۇھەببەتتىن بەكرەك يەكلەشكە ئۇچرىغانىدى. چوڭ بولۇپ دادامنىڭ يۈز ئابرويى ۋە بايلىقىنىڭ قۇلى بولۇپ، شۇ نەرسىلەرنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتاتتى. دادامنىڭ بايلىقى ۋە يۈز ئابرويى ئۈچۈن بىرىمىز ئۆزىمىزنى ئاشكارلىيالمايتتۇق، يەنە بىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي سالاھىتىنى بىلمەيتتۇق. ھەر ئىككىلىمىز ئامالسىز ھەم بىچارە ئىدۇق.

 سەھەردە ۋاراڭ-چۇرۇڭدا كۆزۈمنى ئېچىپ زالغا چىقتىم.

ئىككى خىزمەتچى قېيىن ئاپامنى يۆلىۋالغان بولۇپ، ئىككىسى پەلەمپەيدىن چىقىۋاتاتتى. ئارقىدىن بالىنى قۇچاغلاپ چىققان جىيەن قىز ماڭا قاراپ قويدى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章