تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى شې دۇڭفېي خەۋىرى، فوتوسى: 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گۆش مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم گۆش سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
شۇ كۈنى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار شەھىرىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، گۆش دۇكىنى ھەمدە تاللا بازىرى قاتارلىق سېتىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى ھەمدە گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈش تالونى، كارانتىن قىلىش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ھەربىر ھالقىنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
تىجارەتچى جاڭ شۇجۈن مۇنداق دېدى: دۇكىنىمىزدىكى ئۆردەك كاۋاپلىرى مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن لاياقەتلىك مەھسۇلات، ھەربىر ئۆردەك كاۋىپىنىڭ سۈپەت كاپالىتى بار، بىز چوقۇم سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، لاياقەتسىز مەھسۇلات ساتماسلىقىمىز كېرەك.
سىچۇەنلىك ساياھەتچى يەن لىن مۇنداق دېدى: قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى ساغلاملىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ دائىم قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار گۆش دۇكىنىدا گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەكتە.
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىدە ئىككى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، سەككىز گۆش مەھسۇلاتلىرى تىجارەت ئورنى، ئىككى چوڭ تاللا بازىرى تەكشۈرۈلدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان بىر قىسىم گۆش مەھسۇلاتلىرى تىجارەت ئورۇنلىرىدا مال كىرگۈزۈش ئىسپاتى تولۇق بولماسلىق ياكى خاتىرە قالدۇرۇش ئۆلچەملىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرىدى.
10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار تاللا بازىرىدا گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەكتە.
شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىمى دۇڭ يالۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى پۇرسەت قىلىپ، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، قەرەلسىز ھالدا بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەر گۆش ئىستېمال قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىمىز.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔