«ئىللىق ئېقىم» ھەرىكىتى ئوت يۇرتى زېمىنىنى ئىللىتتى

文摘   2024-11-15 18:30   新疆  
«ئىللىق ئېقىم» ھەرىكىتى ئوت يۇرتى زېمىنىنى ئىللىتتى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى: قىش پەسلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى تۇرپان شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەنت (مەھەللە)لەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىشى بولۇپ قالدى. شەھىرىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەنت (مەھەللە)لەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە تىرەك ئورۇنلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ غەمخورلۇق قىلدى.

يېقىندا، ئىدىقۇت رايونى سىڭگىم يېزىسىنىڭ ئاقتام كەنتىدە، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى تۇرپان تارماق بانكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قۇرۇلۇش بانكىسى تۇرپان تارماق بانكىسى دەپ ئېلىنىدۇ) قانات يايدۇرغان «قەلبنى ئىللىتىش كۆمۈرى» ئىئانە قىلىش پائالىيىتى كەنت ئاھالىلىرىگە قىشتىكى ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى. 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كۆمۈر تارقىتىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىخەتەر كۆمۈر ئىشلىتىش بىلىملىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ئاقتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەنت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. 10 يىلدىن بۇيان، قۇرۇلۇش بانكىسى تۇرپان تارماق بانكىسى ئىئانە قىلغان پۇل 3 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاقتام كەنتىنىڭ يوللىرىنى ئۆزگەرتىش، يول چىرىغى ئورنىتىش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە سۇغىرىش ئېرىقلىرىنى ياساش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدى. بۇ يىل قىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ بانكا يەنە مەبلەغ ماسلاشتۇرۇپ «قەلبنى ئىللىتىش كۆمۈرى» سېتىۋالدى، ھازىرغىچە بۇ كەنتكە 160 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كۆمۈر ئىئانە قىلدى. 

«قەلبنى ئىللىتىش كۆمۈرى»نى ئالغان كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، قۇرۇلۇش بانكىسى تۇرپان تارماق بانكىسىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جىسمىنى ئىللىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبىنى ئىللىتتى.

ئىدىقۇت رايونى بۇيلۇق كوچا باشقارمىسى دەپسەنگە مەھەللىسىدە «قىش ئايلىرىدىكى ئىللىقلىق سوۋغىسى، ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن قەلبنى ئىللىتىش» تېمىسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى قىزغىن داۋاملاشتى. بۇيلۇق كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى خۇڭشەن بوئەي ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئائىلىسى قاتارلىق كۆپ تارماق، ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار مەھەللە ئاھالىسى مەن X كە كۆكتات، قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى، كۆمۈر قاتارلىق بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۆيىنى پاكىز تازىلاپ تۇرمۇشتىكى تەلەپ - ئېھتىياجلىرىنى ئىگىلىدى. مەن X تەسىرلەنگىنىدىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا بولغان سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى.

بۇيلۇق كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازادىگۈل قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، بۇيلۇق كوچا باشقارمىسى ئاممىنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجلىرىنى ئاساس قىلىپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن مېھرىبان كىشىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي بېجىرىش، ياخشى ئىشنى ياخشى بېرىجىرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(ماقالىنى تۇرپان شەھەرلىك كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئىشخانىسى تەمىنلىگەن)




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章