شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن سۆھبەتلەشتى

文摘   2024-11-10 19:20   新疆  
شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن سۆھبەتلەشتى
   
11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ماتارېللا ۋە قىزى لاۋرا بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، فېڭ شىنرەن) 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە يىپەك يولى روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەممىنى قوبۇل قىلىش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو ـ ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ھۆكۈمەت كومىتېتلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرى سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىنى داۋاملىق چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، بىر ـ بىرىنى قوللايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىجرا قىلىش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ـ سەنئەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراس جايلىرى ھەمكارلىقىنى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى قىلىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تىل ئوقۇتۇشى ۋە ياش ـ ئۆسمۈرلەر جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى دەۋردىكى ماركو پولولارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىپ، پەن ـ تېخنىكا، مۇھىت قوغداش، پاكىز ئېنېرگىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىككى چوڭ تىنچ، ئىجابىي كۈچ بولۇش سۈپىتىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشى ئىككى تەرەپكە پايدىلىق، دۇنياغا پايدىلىق. جۇڭگو ياۋروپانى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك پىشىپ يېتىلىش ۋە مۇقىملىقنى نامايان قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، ئىتالىيە تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ماتارېللا مۇنداق بىلدۈردى: مەن 2017 ـ يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ھەمدە 2019 ـ يىلى رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغاندا كۈتۈۋالغان كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە. بۇ يىل ماركو پولو ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 700 يىللىقى، ماركو پولونىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان رىشتى ئىتالىيە ـ جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ھۆسن قوشقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۈگۈنكى دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىناق بىللە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت، مائارىپ، تىل ئوقۇتۇشى، مىراس جايلارنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشى قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئىتالىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگونى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە، ئىتالىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتالىيە تەرەپنىڭ نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئوخشاشلا قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىجابىي ئالاقە ۋە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتالىيە ـ جۇڭگو ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى بېغىشلاشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مەدەنىيەت، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ، دۇنيا مىراس جايلىرىنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ماتارېللا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە ئىتالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. ماتارېللا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا زۇڭتۇڭ ماتارېللا ۋە قىزى لاۋرا ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە: تىيانشان تورى



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章