شى جىنپىڭ مۇھەممەد بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

文摘   2024-11-03 16:08   新疆  
شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى  11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان ياخشى ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى قويۇق، زىچ بولدى، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ياخشى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلىدى. بۇ يىل 5 ـ ئايدا زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن مەزگىلدە، مەن سىز بىلەن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق. مەن جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو  ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش بىلەن بىللە، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن رەئىس شى جىنپىڭنى ئەڭ سەمىمىي تەبرىكلەيمەن ۋە ئەڭ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تىلەكداشمەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مۇھەممەد بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.

مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章