توي ۋە سۇيقەست 🧡 57-قىسىم (ئەپچىدە تولۇق)

文摘   2024-07-19 00:02   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
57-قىسىم

بالكوندىن كىرىپ قولىدا ھېلىقى قىزنى يېتىلىۋالغان يولدىشىمنى كۆردۈم.

دادام ۋارقىرىدى.

- بۇ كىم؟ بۇ ئۆيگە نېمە ئۈچۈن ئېلىپ كىردىڭ؟

- دادا. بۇ ياق مېنىڭ قىز دوستۇم، مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى.

جايىمدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ قاراملىقىنىڭ بۇ دەرىجىگە يېتىشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.

- ئاغزىڭنى يۇم، نەدىن ئەكەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە ئېلىپ كەت، سېنىڭ بىرلا ئايالىڭ بار.

- ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا مۇھەببەت يوق، مەن بۇ قىزنى ياخشى كۆرىمەن.

دادام ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇردى.

- نېمە دەۋاتىسەن، داداڭنىڭ ئالدىغا ئايالىڭدىن باشقا بىرسىنى ئەكېلىپ ئۇنى ئالىمەن دەۋاتامسەن؟!

يولدىشىمنىڭ قىز دوستى دادامنىڭ قولىغا ئېسىلدى.

- دادا، ئۇنى ئۇرماڭ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن.

- مېنى دادا دېمەڭ. قانداق دېگەن نومۇس قىلمايدىغان قىز سىز، ئائىلىسى بار ئادەم بىلەن ئارلىشىپ ھەتتا ئۆيىگىمۇ كىردىڭىزما؟

- مېنىڭ بويۇمدا ئۇنىڭ بالىسى بار، سىزنىڭ نەۋرىڭىز.

- نومۇسسىز. چوڭلارغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامدۇ؟!

- دادا. ئۆتۈنۈپ قالاي. ئايالىم ئىككىمىزنىڭ ئاجرىشىغا قوشۇلغىن، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئايالنى ئالاي، ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن ئۆي تۇتاي.

پۇت قولۇم ماغدۇرسىزلىنىپ ياندىكى سافادا ئولتۇرۇپ قالدىم.

-سېنىڭ بىر ئايالىڭ بار، باشقىسىنى مەن ئېتىراپ قىلمايمەن، تېز بۇ قىزنى ئېلىپ چىقىپ كەت.

- دادا. ئايالىم ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقى ساڭا ئايان، ئۇنداق قىلما.

- ئاغزىڭنى يۇم، ئەمدى ماڭا گەپ قىلغۇچى بولما، ماۋۇ بىر نېمەڭنى ئېلىپ چىقىپ كەت.

يولدىشىم بىلىكىمدىن تارتتى.

-گەپ قىلىڭە، بەزدەك تۇرىسىزغۇ.

- نېمە دەيمەن، مېنىڭ ئالدىمغا بىرسىنى ئەكىرىپ ئاجرىشىمەن دېسىڭىز ھە دەپ تۇرامدىم؟!

- مېنىڭ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى بىلىسىز، مۇناسىۋىتىمىزنىڭ قەيەرگە بارغىنىنى بىلىسىز، يەنە نېمىشقا ئاجراشمايسىز.

دادام يولدىشىمنىڭ بىلىكىدىن تارتتى.

- يەنە مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ مەن ساقچى چاقىرىمەن، ئايالىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ يەنە نېمىگە بۇنداق ئۆھتەملىك قىلىسەن.

- ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا مۇھەببەت يوق، ئەسلىمۇ ئاجرىشىمىز دەپ تۇرغان، دەڭە، ھەقىقىي گەپنى دەڭە، تۈنۈگۈن دادىڭىز قوشۇلسىلا مەن ئاجرىشىمەن دېگەنتىڭىزغۇ.

ئۇ بىلىكىمنى چىڭ سىقىمدىدى.يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە قارا يۈرەك ئەسكى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.

- دادا. ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورا، ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇرۇنلا يىرىكلىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگىنىنى بىلىدۇ.

دادامنىڭ كۆزىگە قارىدىم. دادام جاۋابىنى بىلسىمۇ يەنە مەندىن جاۋاب كۈتۈپ تۇراتتى. قائىدە بويىچە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىشىم، ئاجرىشىشقا قائىل بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى. لېكىن بۇ دەقىقىدە ئۇنىڭغا ماسلىشىشىم پەقەتلا ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بېرەتتى. چىرايىمنى بىچارە چىراي قىلىپ ئۆزگەرتتىم.

- ماڭا بەك ئۇۋال بولدى، ئۇنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئۇ ۋاپاسىزلىق قىلدى.

 يالغاندىن يىغلىدىم.

 -مەن ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ خىزمىتىنى قىلىپ كەلدىم، ئاجراشمايلى دەپ يالۋۇردۇم. ئۇ مېنى قىستاپ ئاجرىشىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ مېنى مەن بىلەن توي قىل، ئائىلەمگە سېنى ئېلىپ كىرىمەن. مەلىكىدەك ياشايسەن دېگەن، بالىمىز بولغاندىمۇ مېنى شۇنداق ئاسرىغان لېكىن بالا چۈشۈپ كېتىشى بىلەنلا سىرتتىن ئادەم تېپىپ مېنى تېپىپ چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، دادا، ئوغلىڭىز مېنى خورلاپ ئاجرىشىقا قىستاۋاتىدۇ. مېنىڭ ئاجراشقۇم يوق.

يولدىشىمنىڭ چىرايى ئۆزگەردى.

-ھەي يالغانچى. تۈنۈگۈن تېخى داداڭنى ئۇنىغۇزساڭلا مەن قوشۇلىمەن دەۋاتقانتىڭغۇ.

- ئۇنى سىز مەجبۇر قىلدىڭىز، مەن ئەزەلدىن سىزدىن ئاجرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان، مۇشۇنداق قىلسىڭىز مەن سىزنى توي قىلىپ تۇرۇپ ۋاپاسىزلىق بىلەن سىرتقا قارىدى دەپ تۆلەم تەلەپ قىلىمەن.

- ھۇ يالغانچى، _

 يولدىشىم ياقامنى سىقتى.

- قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتىسەنغۇ.

- مېنىڭ گېپىم يالغان بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ گېپىنىڭ راستىلىقىنى ئىسپاتلىمامسىز؟

 دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە غەرەزلىك قاراپ. ئۇ توختامنىڭ پۈتۈنلەي يىرتىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى بولغاي، ھېچنېمىنى ئىسپاتلىيالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ياقامنى قويىۋەتتى.

- ئەمدى بۇ ئۆيگە ھەرخىل ئادەمنى دەسسەتكۈچى بولما.

-دادا، سىز بۇنداق قىلسىڭىز ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. قورسىقىمدا نەۋرىڭىز بار، سىز چوڭ كارخانىچى تۇرۇپ بىر ئايال كىشىنى بالىسى بىلەن تەڭ ھەيدەپ چىقارسىڭىز قانداق بولىدۇ.

- سىزنى قانداق ئاتا ئانىنىڭ چوڭ قىلغىنىنى بىلمىدىم. مەندەك دادا يوللۇق ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق گەپ قىلىشتىن ئۇيالمىدىڭىزما؟

- مەن راست گەپنى دېدىم، سىزنىڭ ۋارىسىڭىز مەندە مېنى ئېتىراپ قىلمىسىڭىز نامىڭىز ھەم ئىشىڭىزغا دەخلىسى بولىدۇ.

- مېنىڭ ھېچقانداق گەپ ئاڭلىغۇم يوق. يوقىلىش.

دادام ئىككىسىنىڭ دۈمبىسىدىن ئىتتىرگىنىچە پەلەمپەي تەرەپكە ماڭدى. مەن بولسام جايىمدا تۇراتتىم.

- بويىدا بار ئايالغا بۇنداق قىلسىڭىز ئۇۋالىغا قالىسىز،  

يولدىشىمنىڭ قىز دوستى بىرىنچى قەۋەتتە ۋارقىراۋاتاتتى. دادام كېلىپ سافادا ئولتۇدى. مەن بولسام نېمە قىلارىمنى بىلەن مىدىرلىماي تۇراتتىم.

- ھۇ نائەھلى. قاراپ تۇرۇپ باشقا ئايالنى ئەكىرگىنىنى.

- بۇنداق قىلساق توغرا بولامدۇ بىلمەيمەن دادا، ئۇ ناچار قىز بولسىمۇ لېكىن بويىدا باركەن.

- مەن قانداق قىلاي. ئۇلارغا خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشنى مەن دېدىممۇ، يەنە شۇلار تەرەپتە گەپ قىلىۋاتامسىز، ئۇلار سىزنى سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن كەلدى.

-بىلىمەن دادا، لېكىن ئۇ قىزنىڭ ئاخىرقى گېپى.

دادام بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى.

- نېمىشقا بالا تۈپەيلىدىن توختىماي ئەلەم تارتىمەن.

- ئەگەر مەن تەنتەكلىك قىلىپ ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشمىغان بولسام، بەلكى بۇ ئىشلار بۇنچە بولۇپ كەتمەس ئىدى ھە.

- ياق. ئۇ يەرگە بىر نەرسە قويمىغان بولسا سىزمۇ يىقىلمىغان بولاتتىڭىز.

- ئىسپاتنى ئالدىراپ كۆرسەتكىنى مەن. شۇنداق قىلغاچقا ئايالىڭىز تېرىكىپ ئالدىغا كەلدى، ئەگەر مەن بولمىغان بولسام ئىشلار بۇنچە بولۇپ كەتمىگەن بولاتتى.

- ياق، سىز بولغاچقا ئوغلۇم بىلەن ئايالىمنىڭ نىيىتى تېخىمۇ ئاشكارا بولدى.

- قانداقلا ئويلىسام ئۇنىڭ بۇنداق ئەسكىلىشىپ كېتىدىغىنى ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ، دەسلەپتە تونۇشقاندا ھەتتا بۇ ئۆيگە كىرگەندىمۇ ئۇ بۇنداق ئەمەس ئىدى، ئەجەبا ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى سەۋەب يالغۇز بالا چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىنمىدۇ؟!

- مەنمۇ بىلمىدىم. ئۇ بۇرۇن بۇنداق ئەمەستى، ئالدىنقى قىزنى ئالىمەن دېگەندىمۇ بۇنچىلىك دەرىجىدە قاراملىشىپ كەتمىگەن، نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق قارا يۈرەك بولۇپ كېتىدۇ.

-دادا، مەنچە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى دەيلى، ئاندىن.

- ياق دېسەك بولمايدۇ.

- دېمەك مېنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنىمۇ مەڭگۈ ئاشكارلىمايدىكەنسىزدە.

- مەن پەقەت كېلىنىم دەپ تۇرۇپ سىزگە ۋە بالىڭىزغا ياخشىلىق قىلالايمەن، ئۇنى بالام دەپ ئاشكارلاپ بولدۇم. شۇڭا سىزنىڭ قىزىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلسام بولمايدۇ.

يۈرىكىمدىكى ئۈمىدسىزلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

- دېمەك، دېمەك ھازىرمۇ ماڭا بىر سالاھىيەت بەرمەيدىكەنسىزدە، ئۆز قىزىڭىز ئەمەس، پەقەت كېلىنىڭىز ئاتىلىدىكەنمەن، كىچىكىمدىن دادام بولمىغان، ھازىر بولدى دېسەم، بۇمۇ يالغانكەندە.…

- ئۇنداق ئەمەس، ماڭا بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ قىزىم. بۇ ئىشلار بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ بۇنداق ۋاپاسىزلىق قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان.

- دادا. سىز ماڭا مۇھەببەت بەرمەكچىمۇ ياكى مېنى ھاڭغا ئىتتىرمەكچىمۇ؟

- مەن پەقەت سىزگە كىچىكىڭىزدە قىلالمىغاننى تولۇقلاپ بەرمەكچى.

- ھا، ھا، ماڭا يولدىشىمنىڭ نەپرىتى، قىيناشلىرى، مەڭگۈ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيدىغان سالاھىيەت ئارقىلىق تولۇقلاپ بەرمەكچىمۇ؟!

دادام ماڭا كەسكىنلىك بىلەن قارىدى.

- قىزىم ئاپىڭىز ئىككىڭلارغا مەن چوڭ بىر ئۆي ئېلىپ بېرەي. ئاندىن سىزگە ماشىنا ئېلىپ بېرەي.

- ماڭا نېمە كېرەك؟! كىچىك بولسىمۇ ئۆيىمىز بار، ماشىنا بولمىسا ئاپتوبوستا ماڭالايمەن، لېكىن ماڭا دادامنىڭ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

- مەن ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن ۋاقتى بار، ھازىر ئەمەس، ئۆتۈنەي ماڭا بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ.

دادامغا ئۇزۇنغىچە قاراپ كەتتىم. ئۇنىڭغا بىردە ئىچىم ئاغرىسا بىردە نەپرىتىم كېلەتتى.

- ئەگەر ئۇنى بېقىۋالمىغان بولسام، كىچىكىمدىن ئوغلۇم دەپ چوڭ قىلمىغان بولسام، بەلكىم بۇ ئىشلار بۇنچە بولۇپكەتمەس بولغۇيتتى.

-شۇنداق. سىز مەندەك قىزىڭىز تۇرۇپ يەنە بىر ئوغۇل بالا بېقىۋالدىڭىز، ھېلىھەممۇ باشقىلار ئالدىدا ئوغلۇم بار دېيىش ئۈچۈن مەندەك قىزىڭىزنىڭ سالاھىتىنى يوشۇرماقچى بولىۋاتىسىز.

- ئۇنداق ئەمەس. مەن سىزنى تاپالمىغاچقا.

- بولدىلا دادا، ھېچنېمە چۈشەندۈرمەڭ، ھېچقانداق گەپ ئاڭلىغۇم يوق.

ئورنۇمدىن تۇردۇم.

- ئاجرىشىپ كەتمەڭ. ئوغلۇمنى مەن چوقۇم گەپكە كىرگۈزىمەن، ئۇ چوقۇم سىزنى قۇبۇل قىلىدۇ.

- خاتىرجەم بولۇڭ. مەن ئاجراشمايمەن.

دادامغا قارىماستىن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتىم. ھۇجرىغا كىرىپلا كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدىم. ئۆزۈمنىڭ كىچىكىمدىن ھازىرغىچە سالاھىيەت ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىگىنىم ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتاتتىم.

ئىشىك ئېچىلىپ يولدىشىم چېچىمدىن تارتتى.

-ھەي بۇزۇق، سەن ئويۇن ئويناشقا نېمانچە ئۇستا، نېمىشقا دادامنىڭ ئالدىدا بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالىسەن؟!

ئۇنىڭ گېلىنى سىقتىم.

- چېچىمنى قويىۋەت.

- سەن داداڭ ماقۇل بولسىلا ئاجرىشىمەن دېگەن، دادامنىڭ ئالدىدا نېمىشقا يالغان سۆزلەيسەن.

- مەن يالغان سۆزلىمىدىم، مەن ئاجراشمايمەن دېگەن سەن مېنى مەجبۇر قىلدىڭ.

-مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇ قىزنى ئالغىنىم ئالغان، سەن ئەسلىمۇ بۇ ئۆيگە تەۋە ئەمەس ئادەم، ئەسلىمۇ سېنى ياخشى كۆرمەيمەن، سەن بۇ ئۆيدىن كېتىشىڭ كېرەك.

- مەن كەتمەيمەن، مۇشۇنداق دېگىنىڭگە بولسىمۇ كەتمەيمەن. سەندە ھازىر مېنى ھەيدەيدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق، ھاھا، سەن ھېچنېمە قىلالمايسەن.

- ھۇ قارانىيەت، پۇلغا ۋىجدانىنى ساتىدىغان پەس.

- شۇنداق. ئەسلى مېنىڭ نىيىتىم پاك ئىدى. سەن مېنى مەجبۇر قىلدىڭ.

- سەن بىر كۈنى جاجاڭنى يەيسەن.

ئۇ مېنى قويىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى. ئىشىككە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق ئەسكى ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىنىدىن ھەيران ئىدىم.

كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ ئاپامنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كەتتىم. ھازىر ئاپامدىن باشقا پاراڭلىشىدىغان ئادىمىم يوق ئىدى.

ئىشىكتىن كىرىپ يەنە بۇرۇنقىدەك دەرىزىدىن پەسكە قاراپ تۇرغان ئاپامنى كۆردۈم.

- ئاپا، مەن كەلدىم.

ئاپام چۆچۈپ ئارقىغا ئۆرۈلدى.

- قانداقراق تۇرىسەن؟! ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر نەرسە دېيىشىپ قالمىغانسەن؟

- ھېچنېمە دېيىشمىدىم ئاپا، يەنە بۇرۇنقىدەك.

- كۆزلىرىڭ خۈنۈكلىشىپ كېتىپتۇ، ئۇرۇقلاپ كېتىپسەن.

- ياخشى ئۇخلىيالمىغان ئوخشايمەن.

- راست گەپ قىلە. ئۇ يەنە سېنى قىيناۋاتامدۇ؟

- ئۇ بۈگۈن قىز دوستىنى دادامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى.

- ئۇ ساراڭ بولدىمۇ نېمە، قانداق ئىش بۇ.

-ئۇ ھازىر ئۆزىنى يوقىتىپلا قويدى، مەنمۇ بىلمىدىم، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ.

- ئەركىشى ئازدۇرۇشقا ئۇچرىغاندا مۇشۇنداق ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

- قانداقلا بولسۇن بۇنچە چوڭ ئۆزگىرىپ كەتمىسە بولاتتى.

- ئۇ دەسلەپتە ماڭىمۇ شۇنداق ئىشەنچلىك تۇيغۇ بەرگەن.

بېشىمنى سىلكىدىم.

- كاللام قالايمىقانلىشىپلا كەتتى ئاپا، مەن ئۆزۈمنىڭ دادىسى بېقىۋېلىپ ئورنۇمغا دەسسەتكەن بىر ئادەم بىلەن توي قىلدىم. ئۇنىڭغا ئورنۇمنى بېرىپ، ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئاجراشمايۋاتىمەن، بۇ زادى قانداق ئىش، پەقەتلا چۈشىنىپ بولالمىدىم. نېمىشقا بۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ئىچىگە كىرىپ قالىمەن.

- ئەگەر قىينالغان بولساڭ، ئاجرىشىپ كەتكىن، بىز بۇرۇنقىدەك بىرگە ياشايلى.

- ئاپا، ئاجرىشىپ كەتسەم دادامنىڭ بىر ئۆمۈر تىكلىگەن ئىگىلىكى باشقىلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدۇ.

- ئەمىسە قانداق قىلاي دەيسەن. مەنمۇ ھەركۈنى سېنى ئويلاۋاتىمەن، پەقەتلا ئامال تاپالمىدىم، داداڭ ئۇنىڭغا سېنىڭ ئۆز بالىسى، ئۇنىڭ ئۆگەي ئىكەنلىكىڭنى دېسۇن.

- دادامغا شۇنداق دېدىم. ئۇ ئۇنىمىدى. ئۇ ئۇنداق دېسەم بولمايدۇ. باشقىلار ئوغلۇمنى بېقىۋالغىنىمنى بىلمەيدۇ دەيدۇ، ئۇ مېنىڭ سالاھىتىمنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىكەن.

- ئۇنىڭ ئوغۇلنى چوڭ بىلىدىغان مىجەزى يەنە ئۆزگەرمەپتۇ.

- شۇنداق. مەن ھەيران قېلىۋاتىمەن، نېمىشقا پۇلدارلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇلنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ.

- چۈنكى ئۇلار ئوغۇل بولسا بايلىق ئۆزىدە قالىدۇ. قىز بولسا بايلىق باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ.

- لېكىن ئۇمۇ ئۇنىڭ بېقىۋالغان بالىسى تۇرسا.

- ئۇنىڭغا قالدۇرسا سەن بار ئەمەسمۇ، يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا بالىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ نەۋرىسى.

- لېكىن ھازىر بالام يوق، قاچان تۇغۇشۇممۇ ئېنىق ئەمەس، يولدىشىم بىلەن ھازىر دۈشمەنگە ئايلاندۇق. يالغۇز قالساق ئۇ مېنى بىر نېمە قىلىۋېتىدىغاندەكلا.

- بولمىسا مېنىڭ يېنىمدا تۇر، ئۇ ئۆيدە تۇرساڭ خەتەرلىككەن.

- ئاپا، سەن مەن بىلەن كەتكىن، ئۇ ئۆي بەك چوڭ بىزگە ئايرىم تۇرىدىغان جاي چىقىدۇ، سېنى يالغۇز قويساممۇ ئەنسىرەيمەن. دادامنى يالغۇز قويساممۇ شۇنداق.

-ياق. بارسام بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئايالى بار، بىر كۈنى ئۇ مېنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ئىكەنلىكىمنى بىلسەم تېخىمۇ يامانلىق قىلىدۇ، ياق، ھازىر ۋاقتى ئەمەس.

تۇيۇقسىز تېلىفونۇم سايرىدى دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى.

-ئاداش. ھازىر كۆرىشەيلى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章