شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

文摘   2024-11-12 18:51   新疆  

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ 2024 - يىللىق كۈزلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى



تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئادىلە مەمتىمىن) شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتىدۇ، تەنھەرىكەت قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتىدۇ. 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ 2024 - يىللىق كۈزلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۇرپان قىزىل ئانار تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى چېن جاڭجيې، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جوۋ لياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مۇسابىقە نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسى


جۇشقۇن مېلودىيە ساداسى ئىچىدە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، داۋالاش، مائارىپ سىستېمىسى ھەم تۆت رايون، ناھىيەدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، رېپىرلار تەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىردى، ئۇلار ياڭراق شوئار توۋلاپ، رەتلىك قەدەم تاشلاپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى ۋە جەڭگىۋار قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشتى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. ئارقىدىن، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىلى بىلەن رېپېرلار ۋەكىلى ئايرىم - ئايرىم قەسەم بەردى.
چېن جاڭجيې تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: تەنتەربىيە ھەرىكىتى بەدەننى چېنىقتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى روھنى تاۋلايدۇ. بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدانىنى چىڭىتىپ، تەشكىلنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى پۇختا زىممىسىگە ئېلىپ، خۇددى «قۇملۇقتىكى توغراق»قا ئوخشاش قەتئىي ۋە كەسكىن ئىشەنچ، ئىرادە، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش «يىلتىزى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش «قىياپىتى»نى جەڭگىۋار نامايان قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرى، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشنىڭ قۇرغۇچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان سەلتەنەتلىك ياشلىق باھارىنى پۈتۈپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۇرپان سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇسابىقە نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ لىسەن فوتوسى

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئۇيۇشتۇرغان، ھەرقايسى ۋەكىللەر كوماندىلىرى ئارغامچا تارتىشىش، ۋالىبول، ۋاسكېتبولدىن ئىبارەت ئۈچ كوللېكتىپ تۈر، بىليارت، تىكتاك توپ، پەي توپتىن ئىبارەت ئۈچ شەخسلەر تۈرىنى چۆرىدەپ كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章