سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
10-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە مېھمان مەيداندا جېجياڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىنكى يېرىم كېچىدە، نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى شىرئەلىجان تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى، ئەمدى باش تىرېنېرلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى! بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
شىرئەلىجان 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت بىردىن ئاشقاندا، ئالاقە تورى ئارقىلىق مۇنداق دەپ يازغان: «سۆيۈملۈك توپ مەستانىلىرى، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلار، بىر ياش تىرېنېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلىرىمنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرىمەن، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا مەن كوماندىدىن ئايرىلىپ، قەدىمىمنى ئاستىلىتىپ، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ياخشى تىرېنېر بولۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، ئۆزۈم قىزغىن سۆيىدىغان كەسىپ ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولۇقلاشنى قارار قىلدىم. داۋاملىق غەيرەت قىلىڭلار، بۇرادەرلەر!»
بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ھەيران قالدى. نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق، بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە شىرئەلىجاننىڭ يېتەكچىلىكىدە 9 ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ، 4 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 5 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، 10-ئورۇنغا تىزىلدى. بۇنداق نەتىجە ھەقىقەتەن يامان ئەمەس، بىلىشىمىز كېرەككى، شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىر مەيدان يېڭىپ، توققۇز مەيدان ئۇتتۇرۇپ، ئارقىدىن سانىغاندا 2-ئورۇنغا تىزىلدى. نەنجىڭ تۇڭشى كوماندىسىنىڭ بۇنداق نەتىجىسى ئاستىدا، شىرئەلىجان تۇيۇقسىز ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، روشەنكى، بۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر سىر بار.
ئۇنداقتا، شىرئەلىجاننىڭ ئۆزىنى تۇتالماي، تۇيۇقسىز كوماندىدىن ئايرىلىشىغا نېمە سەۋەپ بولدى؟ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئاۋازىدىن بىز ئاستا-ئاستا باش-ئايىغىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. ئەسلىدە نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى مېھمان مەيداندا جېجياڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىنىڭ خوجايىنى بىلەن ئايال خوجايىن بىۋاستە كۆرسىتىش يىغىنى ئېچىپ، تىرېنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ تاللىشىدىن ئاشكارا گۇمانلانغان، بولۇپمۇ چەتئەللىك ماھىرلارنى تاللاش جەھەتتە تىغ ئۇچى شىرئەلىجانغا قارىتىلغان.
روشەنكى، نەنجىڭ تۇڭشى كوماندىسىنىڭ باشقۇرۇش باشقارمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئارىلىشىۋالدى. بىلىشىڭ كىرەككى، بۇ كوماندىغا شىرئەلىجان باش تىرېنېرلىق قىلدى، كوماندىنىڭ مەشىقى ۋە مۇسابىقىسى، شۇنداقلا خادىملارنى سەپلەشتە، تەبىئىي ھالدا تىرېنېرنىڭ تەلىپى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، باشقۇرۇش قاتلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇۋاشلىق بىلەن باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسىلا بولدى، ھەقىقەتەن كوماندىنىڭ ئاساسىي خىزمىتىگە ئارىلىشىشنىڭ راستىنلا ھاجىتى يوق.
ئەمەلىيەتتە شىرئەلىجان نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىدا خېلى يامان ئەمەس. 2022-يىلى 5-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، شىرئەلىجان نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىغا باش تىرېنېر بولۇپلا قالماي، يەنە توپچى بولۇپ، 22-23 مۇسابىقە پەسلىدە 17 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 25 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ 14-ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن 2023-يىلى 8-ئايدا توختام ئۇزارتىپ، داۋاملىق تىرېنېر ۋە توپچى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 23-24 مۇسابىقە پەسلىدە، نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى 23 مەيدان يېڭىپ، 29 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 13-ئورۇنغا تىزىلغان، شۇنداقلا كوماندىنىڭ دائىملىق مۇسابىقە تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى رەت تەرتىپىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئەمما يەنىلا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرگەن. شىرئەلىجان قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن بۇ ئىككى يىلدا، 2022-23-مۇسابىقە پەسىلىدە ئاران 11 مەيدان، 23-24-مۇسابىقە پەسىلىدە 30 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە، ئۇ مەخسۇس باش تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى تىزىملاتمىغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىرئەلىجاننىڭ نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىنى باشلاپ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرگۈسى بار.